يولۋاس بىلەن چاشقان
كۈچ ھەممىگە قادىر ئەمەس
بۇرۇن بىر ئورمانلىقتا كۈچلۈك ۋە زومىرگەر بىر يولۋاس ئۆتكەنىكەن. ئۇ باشقا ھايۋانلارغا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدىكەن، ئەكسىنچە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرىدىكەن.
ئۇ دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا: « ئاجىزلار ، كىچىك مەخلۇقلار ياشاشقا لايىق ئەمەس، ياشاش ھوقۇقى پەقەت كۈچلۈكلەرگىلا مەنسۇپ. كۈچلۈكلەر ھەممە ئىشنى قىلالايدۇ، ئاجىزلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا ، ئۇلار يوقىلىشى كېرەك !» دەيدىكەن.
بىر كۈنى، بىر چاشقانچاق يولۋاسنىڭ ئوۋىسىغا كىرىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا قىزغىن سالام بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىپتۇ.
يولۋاس ئاچچىقىدىن ھۆركىرگىنىچە ئۇنى بىر تېپىپلا ئوۋىسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا :« سېنىڭ سەت چىرايىڭنى كۆرەر كۆزۈم يوق. ئىككىنچى ئوۋامغا قەدەم باسقۇچى بولما. ئۇنداق بولمايدىكەن، پۇت-قوللىرىڭنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن» دەپتۇ.
چاشقان تەمكىنلىك بىلەن :« يولۋاس ئالىيلىرى، سىز ھەقىقەتەن كۈچلۈك. لېكىن بىر كۈنلەردە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن» دەپتۇ.
يولۋاس قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە كۆرەڭلىگىنىچە :« مەن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىمەنمۇ؟ مەن سېنىڭ ياردىمىڭگە مۇھتاج بولىمەنمۇ؟ كۆزۈمدىن يوقال! ھېلى بىكار سېنى دەسسەپ يەنجۋەتمەي يەنە» دەپتۇ.
چاشقان گەپ قىلماي قايتىپ كېتىپتۇ.
بىر كۈنى يولۋاس ئادىتى بويىچە ئورمانلىقتا غادايغىنىچە ئايلىنىپ كېتىۋېتىپ ، ئوۋچىلارنىڭ تورىغا چۈشۈپ قاپتۇ. ئەگەر ئۇ ئوۋچىلار كەلگۈچە قېچىپ قۇتۇلالمىسا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئاپىرىپ قويىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئۆمۈر قەپەس ئىچىدە خار ياشايدىكەن.
يولۋاس شۇنچە كۈچەپمۇ توردىن چىقالماپتۇ. شۇ ئەسنادا يولۋاسنىڭ يېنىدىن، ھېلىقى چاشقان ئۆتۈپ قاپتۇ. ئۇ يولۋاسنىڭ تور ئىچىدە نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، غەمكىن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قېشىغا كەپتۇ. يولۋاس بولسا خىجىل بولۇپ يەرگە قارىۋاپتۇ.
چاشقان ئۇنىڭغا:« سېنىڭ خىجىل بولۇۋاتقانلىقىڭنى بىلىمەن. لېكىن مەن سېنىڭ دېگەنلىرىڭنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتىم. مەن ھازىر ئۆز مەجبۇىيىتىمىنى ئادا قىلاي» دەپتۇ-دە، ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن تورنىڭ يىپلىرىنى بىر-بىرلەپ قىرقىشقا باشلاپتۇ.
شۇنداق قىلىپ، يولۋاس چاشقاننىڭ ياردىمىدە توردىن ئاران چىقىۋاپتۇ. ئۇ چاشقانغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ:« دوستۇم، سەن ھەقىقەتەن ئاق كۆڭۈل ئىكەنسەن، ھېچكىمگە ئادالەت تۇتمايدىكەنسەن. مەن بۈگۈن بارلىق ھايۋانلارنىڭ، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن، مەيلى ئاجىز، مەيلى كۈچلۈك بولسۇن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. كۈچ ھەممە نەرسىگە قادىر ئەمەسكەن. بىر ئادەمنىڭ كۈچى ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدىكەن. ئۇ ھەرقاچان باشقىلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىگە ۋە ياردىمىگە مۇھتاج بولىدىكەن.»