پەيشەنبە , 4 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغات

بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغات

 ۋەن ۋېن

 ھەر كۈنى ئەتىگەن مەلۇم بىر بانكا سىزنىڭ ئامانەت كارتىڭىزغا 86400ئامىرىكا دوللېرى سېلىپ قويىدۇ ،دەپ پەرەز قىلايلى. شۇغىنىسى،بۇ بانكا ھەرگىزمۇ قالدۇق سوممىنى ئەتىكى كۈندىكى ھېساباتىڭىزغا سېلىپ بەرمەيدۇ.ئىشلىتىپ بولالمىغان پۇللېرىڭىز ھەر كۈنى كەچتە ئۆزلىكىدىن يوقاپ كەتسە،سىز قانداق قىلىسىز؟ئەلۋەتتە،ئامالنىڭ بارىچە ھەر بىر سېنتنى خەجلەپ تۈگىتىمەن! ھەر بىر ئادەمدە ئەنە شۇنداق بانكا بولىدۇ،ئۇنىڭ ئىسمى ۋاقىت.

 ئەگەر سىز ئۇنىڭغا مەبلەغ سالالمىسىڭىز ،زىيان تارتىسىز.ئۇ ھەرگىزمۇ قالدۇق سوممىنى ئەتىگە قالدۇرۇپ قويمايدۇ،قالدۇق سوممىدىن ئاشۇرۇپ چەك كېسىپ بېرىشكىمۇ رۇخسەت قىلمايدۇ. قايتارغا يول يوق،ئەتىنى زىنھار توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ.سىز پەقەت بۈگۈنكى ئامانەت سوممىڭىز ئارقىلىقلا ياشايسىز.شۇڭا،ھەر كۈنى دىگۈدەك ئاقىلانە مەبلەغ سالسىڭىزلا،شۇ ئاساستا يېتەرلىك ساغلاملىق،بەخت ۋە مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلەيسىز. ‹بىر يىل›نىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىدىن سوراپ كۆرۈڭ. ‹بىر ئاي›نىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،ئاي-كۈنى توشماي تۇغۇپ قويغان ئانىدىن سوراپ كۆرۈڭ. ‹بىر ھەپتە›نىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،ھەپتىلىك ژورنالنىڭ مۇھەررىرىدىن سوراپ كۆرۈڭ. ‹بىر سائەت›نىڭ قىممتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،سۆيگۈنىنى ساقلاۋاتقان كىشىدىن سوراپ كۆرۈڭ. ‹بىر مىنۇت›نىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،پويىزغا ئۈلگۈرەلمەي قالغان كىشىدىن سوراپ كۆرۈڭ. ‹بىر دەقىقە›نىڭ قىممىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز،ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدال ئالغان تەنھەركەتچىدىن سوراپ كۆرۈڭ. ھەر بىر دەقىقىڭىزنى قەدىرلەڭ!ۋاقىتنى بىللە ئۆتكۈزۈشىڭىزگە تولىمۇ ئەرزىيدىغان كىشى بىلەن بىللە بولغىنىڭىزدا ،ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەڭ.شۇنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ،ۋاقىت قايتىپ كەلمەيدۇ. ‹تۈنۆگۈن›ئۆتمۈشكە ئايلاندى‹ئەتە›يەنىلا سىرلىق بىر تېپىشماق.‹بۈگۈن›بولسا بىر سوۋغات.

 مەنبە:تەرمىلەر2011-يىللىق7-سان

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top