چارشەنبە , 3 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

Category Archives: تەتقىقات

ئىقتسادى ساھەدىكى دۇنياۋى ئۇرۇش ــــ خەلقىئارا سودا

imagesCA3N7NRS

ئىقتسادى ساھەدىكى دۇنياۋى ئۇرۇش ــــ خەلقىئارا سودا          دۆلىتىمىز ۋە بېرما بولسا خوشنا دۆلەت، ھەم ئىزچىل ھالدا سودا ھەمراھلىرىدۇر. 2008-يىلى، دۆلىتىمىز ۋە بېرمىنىڭ ئېلىپ بارغان سودا سوممىسى 2مىلىيارت 600مىلىيۇن دوللار بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىلدىكىدىن %26.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ بېرمىغا چىقارغان ئىكىسپورت سوممىسى 1مىلىيارت 900مىلىيۇن دوللار بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16.4 ئاشقان، بېرمىدىن ئىمپورت قىلغان سوممىسى 600مىلىيۇن دوللار ... Read More »

پەلسەپە ئۆگۈنۈش ھەققىدە

6420850161_2c91b632fc_m

پەلسەپە كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئەقىل پاراسىتىمىزنى قوزغۇتىدىغان پەن. ئادەمنىڭ ئۆمرىدە، پەلسەپە تەربىيسىنى ئالغان  ئالمىغانلىقى، ئەقىل پاراسىتىنىڭ ئېچىلغان ئېچىلمىغانلىقى، نەتىجىدە ناھايتتى چوڭ پەرق بولىدۇ. پەلسەپەنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رولىنى كۆرگىلى ، تۇتقىلى بولمىغاندەك تۇرغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ رولى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ناھايتتى چوڭ. ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئوچۇق، شاد-خۇرام، ئېغىر بېسىق بولىدۇ. ئەقىل-پاراسىتى يوق ئادەملەرنىڭ كۆڭلى تۇتۇق، پەرىشان، ئالدىراڭغۇ كىلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىنتىلىشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ... Read More »

ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ

20120225031025204

ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ ئەركىن سىدىق   مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشنى 2011-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى خېلە بۇرۇنلا تورغا چىقىرىپ بولۇشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەن ئىدارىدە قاتنىشىۋاتقان بىر چوڭ پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) بىر جىددىي باسقۇچقا كىرىپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاخشاملىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىمىسەم بولمايدىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىم. شۇ سەۋەبتىن ... Read More »

ئىلىم-پەن دەرىسلىكىنى ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئىلىم – پەن دەرسلىكىنى ئۆقۇتۇشتا ئەھمىيەت بىرىش زۆرۈر بولغان موھىم نوختىلار            ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش   مەنىساگۇل ئىمىن   ئىلىم-پەن– تەبىيەت،جەمىيەت ۋە تەپەككۇر قاتارلىق ئوبىكتىپ قانۇنىيەتلەرنى ئەكىس ئەتتۈردىغان ئەمىلىي بىلىم سىستىمىسى بولۇپ،ئۇ بىلىم دائىرىسى كەڭرى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى چوڭقۇر، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى ، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئونۋىرسال پەن.باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان ئىلىم-پەن دەرسى بىلىم مەزمۇنلىرى جەھەتتىن ئاساسەن ... Read More »

گابائىن خانىم ۋە گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقى

گابائىن خانىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئىمىنتاجى تۈرگۈن           شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى نىسبەتەن بالدۇر باشلانغان ۋە تەتقىقات نەتىجىسى مولراق دۆلەت. گېرمانىيە ئۇيغۇرشۇناسلىرى ئارىسىدا ئاننا مارىيا فون گابائىن خانىمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتى دۇنيا ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .         گابائىن خانىم دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان ئاتاقلىق تۈركولوگ، ئۇيغۇرشۇناس، شۇنداقلا تۈركىي ... Read More »

شىنجاڭدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى

شىنجاڭدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى   بۇنىڭدىن تەخمىنەن 6-7مىڭ يىللار ئىلگىرى : شىنجاڭ رايۇنىدا ئىنسانلار ياشىغان . 2.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 209-يىلى : ھونلار تەڭرىقۇتى مۆتې تەخىتكە چىققان . 3.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 176-يىلى : توخرىلار دۇنخۇاڭ . چىليەنشەن تېغى ئەتراپىدىكى غەربكە كۆچۈپ ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن . 4.مىلادىدىن ئىلگىرىكى161-يىلى : ئۈسۇنلار چوڭ توخرىلارنى مەغلۇپ قىلىپ ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى ئىگىلىگەن . 5.مىلادىدىن ئىلگىرىكى 138-يىلى ... Read More »

ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە خەلچىئاي ئىسھاق    قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاتالغۇلىرىنىڭ ياسىلىشى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئاتالغۇ، ئاتالغۇ ياساش، ئاتالغۇشۇناسلىق    پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر-ئالاقىسى يەرشارىنى «يەرشارى كەنتى» گە ئايلاندۇرۇپ قويدى. كۈندىن كۈنگە يېڭى- يېڭى نەزەرىيە، يېڭى- يېڭى مەۋجۇدىيەتلەر دۇنياغا كېلىپ، ھەيرانۇ ھەس قالغۇدەك تۈرلۈك ... Read More »

Scroll To Top