ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

Post image of ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە
سەھپە: تەتقىقات باھا:2

ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

خەلچىئاي ئىسھاق

   قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاتالغۇلىرىنىڭ ياسىلىشى ۋە تەرەققىيات يۆنىلىشى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.

   ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئاتالغۇ، ئاتالغۇ ياساش، ئاتالغۇشۇناسلىق

   پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلارنىڭ ئۇچۇر-ئالاقىسى يەرشارىنى «يەرشارى كەنتى» گە ئايلاندۇرۇپ قويدى. كۈندىن كۈنگە يېڭى- يېڭى نەزەرىيە، يېڭى- يېڭى مەۋجۇدىيەتلەر دۇنياغا كېلىپ، ھەيرانۇ ھەس قالغۇدەك تۈرلۈك كەشپىياتلار پۈتكۈل ئىقلىمغا تارقىلىپ، پەن-تېخنىكىنىڭ «بۇلۇڭى» دا قالغان بەزىبىر تەرەققىياتسىز رايونلارغىمۇ بېسىپ كىرىپ، يېڭىچە خىرىسلىرى بىلەن گاڭگىرىتىپ، يېڭىدىن ئىزدىنىشكە مەجبۇر قىلدى. تارىخقا نەزەرىمىزنى ئاغدۇرساق، ئوتتۇرا ئاسىيادا قەد كۆتۈرۈپ، ئەتراپىدىكى ھەرقايسى قوۋملارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆز دەۋرىگە خاس بولغان ئىلغار مەدەنىيەتنى، جەڭگىۋار ئۇيغۇر كۈلتۇرىنى ياراتقان خەلقىمىز بارا-بارا تېرىم مەدەنىيىتىگە سىڭىشىپ كىرىپ، ئىلگىرىكى ئوۋچىلىق، چارۋىچىلىقتىن مۇقىم تېرىقچىلىق قىلىش ۋە مۇقىم ئولتۇراقلىشىشقا قەدەم قويۇپ، غەربىي رايونلارنىڭ قۇرغاق، قۇم- بورانلىق ئىقلىمىنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بوستانلىق مەدەنىيىتىنى ياراتتى. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر خانلىقلىرى قۇرۇلۇپ، شۇ دەۋر ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان «تۈركىي تىللار دىۋاانى»، «قۇتادغۇبىلىك»، «خەمسە» قاتارلىق كلاسسىك ئىجادىي ئەسەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىگە شەرت-شارائىتلارنى ھازىرلىغان ئىدى. لېكىن، شۇنى ئەسلەپ ئۆتۈشىمىز كېرەككى، يېقىنقى زامان تارىخىمىزغا قارايدىغان بولساق، تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئېدىئولوگىيە بورانلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان خەلقىمىز ئومۇمىي گەۋدىسىدىن ھورۇنلۇق، قاششاقلىق، نادانلىق پاتقىقىغا بولۇشىچە پېتىپ، روھسىزلىق، چۈشكۈنلۈك ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالماي، جەڭگىۋار، جۇشقۇن مىللىي روھىنى زەئىپلىككە ئالماشتۇرىۋەتكەنىدى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى مەمتېلى توختاجى تەۋپىق باشچىلىقىدىكى ئىزچىلار ئاقارتىش ھەرىكىتى، ئابدۇقادىر داموللام ۋەكىللىكىدىكى جەدىتىزمچىلىك… قاتارلىق مائارىپ، پەن-تېخنىكا يامغۇرلىرىنىڭ جارچىسى بولغان بۇخىل گۈلدۈرمامىدەك ھەرىكەتلەرمۇ ، مەرىپەتچى ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزنىڭ ھالقىلىق پەيتتە چالغان كولدۇرمىلىرىمۇ مۈگدەپ قالغان خەلقىمىزنى ئويغىتىشقا قادىر بولالمىغانىدى. يېڭى زاماننىڭ ھۆرىيەت تېڭى ئېتىشى بىلەن تەڭ، سىياسىي تىنچلىق كاپالىتىگە مۇيەسسەر بولغان خەلقىمىزدە باشقىدىن سىلكىنىش پەيدا بولدى. ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى چۈشىنىشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۆزلۈكى ۋە كىملىكى ئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئىزدىنىشكە باشلىدى. مىللىي مەۋجۇتلىقىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.

   «بىر مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقى شۇ مىللەت كىشىلىرىنىڭ نادانلىقىدىندۇر.» دېگەنىدى 19-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇلۇغ مەرىپەتچى ئابدۇقادىر داموللام. بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇش- بولماسلىقى شۇ مىللەت پەن- تېخنىكىسى ۋە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىش- قىلماسلىقىغا باغلىق. بولۇپمۇ، ھازىرقىدەك رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان دەۋردە، تەرەققىيات روھى كەمچىل بولغان، بىر نۇقتىدا توختاپ قالغان مىللەتلەرنى كۈتىدىغان بىردىنبىر مەنزىل پەقەتلا ھالاكەتتۇر. شۇڭلاشقا، پەن- تېخنىكىمىزنى، ئىقتىسادىمىزنى راۋاجلاندۇرىمىز دەيدىكەنمىز، تەرەققىي قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقىنى، مەسىلىنىڭ نېگىزلىك نۇقتىسىنى تۇتۇپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئاتالغۇشۇناسلىقى. بۇ مەسىلە تېخىچە سېستىمىلىق تەتقىق قىلىنمىغان بولۇپ، ھەتتاكى نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن تونۇپ يېتىلمىگەن. دېمەك، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقىمىزنى سېستىمىلىق تەتقىق قىلىپ ھەم بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ، پەن-تېخنىكىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئومۇملاشتۇرىشىمىز كېرەك.

   ئۇنداقتا، ئاتالغۇ دېگەن نېمە؟

   ئاتالغۇ[Term] دېگىنىمىز، ئىلىم-پەن، تېخنىكا ساھەسىدە ئالاھىدە ئۇقۇملارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاتالغۇشۇناس تىلشۇناسلىقنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمىدۇر، ئاساسلىقى ئىسىم ۋە ئىسىم خاراكتېرىدىكى سۆزلەردىن تۈزۈلىدىغان بولۇپ، تىلشۇناسلىقنىڭ لېكسىكولوگىيە قىسمىغا تەۋە. ئاتالغۇشۇناسلىقنىڭ [Terminology] تەرەققىي قىلىش- قىلماسلىقى شۇ دۆلەت ياكى مىللەتنىڭ پەن- تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شەخسنىڭ ئاتالغۇ ھەققىدىكى بىلىمى قانچە كۆپ بولسا، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ شۇنچە يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى، ئاتالغۇ بولسا ئىلىم- پەن تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى.

   ئاتالغۇشۇناسلىق يېقىنقى زاماندىلا پەيدا بولۇپ قالغان ھادىسە ئەمەس، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش تارىخى بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ماڭغان، يەنى، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى ھېسابلىنىدىغان تىلنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، مەخسۇس قوللىنىلىدىغان سۆزلەر بارلىققا كەلگەن. دەۋر رېتىمى، ئەمگەك تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى، يېڭى شەيئىلەرنىڭ ئاستا-ئاستا كونا شەيئىلەر ئورنىنى ئېلىشى، جۈملىدىن، ئىنسانلارنىڭ پىسخىكا ھەرىكىتى، ئېدىئولوگىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماس ھالدا، قوللانغان سۆزلىرىدىمۇ ئالاھىدە ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغان بىر تۈركۈم سۆزلەر ئايرىلىپ چىققان. مانا، بۇ ئاتالغۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى ئىدى. پەن-تېخنىكىنىڭ مىسىلسىز تەرەققىياتى نەتىجىسىدە، ئاتالغۇلار گرامماتىكىلىق شەكلى ۋە مەزمۇنى جەھەتتىن بىردەك قېلىپلىشىپ، ئۆزى قوللىنىلغان دائىرىنى بەلگىلەپ، تەتقىق قىلىنىشقا تېگىشلىك ئالاھىدە گەۋدە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەنە شۇ ئاتالغۇلارنى تەتقىق قىلىدىغان ساھە ئاتالغۇشۇناسلىق، دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنداقتا، ئاتالغۇشۇناسلىق قاچان مەيدانغا كەلگەن؟
بىز ئالدى بىلەن يېقىنقى بەش ئەسىردىن بۇيان ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ پاراۋوزى بولۇپ كەلگەن، كۆك مەدەنىيەتنىڭ سىمۋولى بولغان ياۋروپانىڭ ئاتالغۇشۇناسلىق تارىخىغا قارايلى:

   «ئاتالغۇشۇناسلىقتىن ئومۇمىي بايان» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى گاي روندو (كانادالىق، تىلى فرانسۇزچە ) نىڭ بايان قىلىشىچە، ئاتالغۇشۇناسلىق ئىلمى تەخمىنەن 1906- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىغان. شۇ يىلى «خەلقئارالىق ئېلىكترونىك جەمئىيىتى» قۇرۇلغان. بۇ جەمئىيەت قۇرۇلۇشى بىلەن خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بەزى ئاتالغۇلار مۇزاكىرە قىلىنغان. دېمەك، بۇنىڭدىن ئاتالغۇشۇناسلىقنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى بايقىيالايمىز. 1938- يىلىغا كەلگەندە، كانادادا «خەلقئارالىق ئېلىكتر سانائىتى لۇغىتى» نەشر قىلىنغان. بۇ لۇغەتنىڭ نەشىر قىلىنىشى ئاتالغۇشۇناسلىقنىڭ رەسمىي بىر پەن بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. 19- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا غەربىي ياۋروپادا ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەسىدە خېلى كۆپ خىزمەتلەر ئىشلەنگەن. بۇ چاغدا روسىيەدە ئاتالغۇشۇناسلىق ئىلىم- پەننىڭ كۈندىلىك خىزمىتىگە ئايلانغان. مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىۋاتقاندا، دۇنيا ئۇرۇشلىرى باشلىنىپ ئاتالغۇشۇناسلىق خىزمىتى توختاپ قالغان.
   2-دۇنيائۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئېدىئولوگىيەسى ۋە مەھسۇلاتلىرى ياۋروپاغا كىردى. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئامېرىكا بىلەن ياۋروپانىڭ مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى، مەھسۇلات نامىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئېھتىياجى كېلىپ چىققان. بۇ زىددىيەت كېلىپ چىققاندىن كېيىن، مەيلى ئامېرىكا بولسۇن مەيلى ياۋروپادىكى ئىلىم-پەن ئالىملىرى بولسۇن مەھسۇلات نامىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئاتالغۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل تەشكىلات ۋە بىرلەشمىلەر قۇرۇلغان. 1949- يىلىغا كەلگەندە، ئاتالغۇشۇناسلىق خىزمىتى قايتىدىن جانلىنىپ «خەلقئارا ئېلىكتر ئېنىرگىيەسى سۆزلۈكى» نەشىر قىلىنغان. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتالغۇشۇناسلىقنىڭ تىلشۇناسلىق خىزمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. ئاتالغۇشۇناسلىق يەنە باشقا ساھەلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش ئاساسىدا مۇھىم رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىپ، ئاخىرىدا، بىرمىللەت تىلىنىڭ، بولۇپمۇ شۇ مىللەت پەن- تېخنىكا سەۋىيىسىنىڭ نامايەندىسى بولغان ئاتالغۇ ئامبىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ياۋروپا ئاتالغۇشۇناسلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ، ياۋروپادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغان ئاتالغۇ ئامبارلىرى مەيدانغا كېلىپ، ياۋروپا پەن- تېخنىكىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن. ئورتاق بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى تۈرتكىسىدە بارغانسېرى راۋاجلىنىپ، مۇكەممەللىشىۋاتقان ياۋروپا ئاتالغۇشۇناسلىقى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە، ھەرقايسى رايونلارنىڭ بىرلىككە كېلىشى، ئىتتىپاقلىشىپ، تەڭ ھەمكارلىشىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن، خەلقئارالىشىشقا يۈزلىنىپ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە پەن تېخنىكا ئالاقىسىدە نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.

   يۇقىرىقى نەتىجىلەرنى كۆرگەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇر تىلشۇناس، ئالىملىرى ئاتالغۇشۇناسلىقنىڭ مۇھىملىقى ۋە رولىنى ھېس قىلىپ يېتىپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن «باشپاناھسىز» قالغان ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى. تاھىر ئابدۇۋەلى، ئابدۇسالام ئابباس… قاتارلىق ئاتالغۇشۇناس،تىلشۇناس، ئەدىبلىرىمىز ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى، كۆز- قاراشلىرىنى ئىلمىي ئەسەر سۈپىتىدە «تىل ۋە تەرجىمە»، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» قاتارلىق ھەرقايسى ئىلمىي ژۇرنالاردا ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىقىدا ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بولغان يەنە بىر كىشى تىلشۇناس، ئاتالغۇشۇناس پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى مۇھەممەترېھىم سايىت ئەپەندى بولۇپ، ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئاتالغۇشۇناسلىق دەرسىنى ئېچىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقى يۆنىلىشىدە بىرتۈركۈم ئۈمىدلىك تىلشۇناسلارنى يېتىشتۈرۈۋاتىدۇ ھەم ئاتالغۇشۇناسلىقتىكى ئىلمىي تەتقىقاتلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەسىدىكى يېڭى بىر ئەۋلاد قوشۇنغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتىدۇ.

   دېمەك، ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىق تەرەققىياتى دەسلەپكى باسقۇچقا كىردى، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاتالغۇشۇناسلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تەھلىل قىلىپ تۆۋەندىكىدەك يەكۈنگە يىغىنچاقلىدىم:
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا، ئاتالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، ياساش، قېزىش (يەنى بايقاش)، قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئاساسىي مەنبە بار. بۇ ئۈچ ئاساسىي مەنبەدىن پايدىلىنىپ ياسالغان ئاتالغۇلارنىڭ كونكرېت تەبىرى تۆۋەندىكىچە:

   بىرىنچىسى، ياساش ئۇسۇلىدىن كەلگەن ئاتالغۇلار. بۇ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولۇپ، ئانا تىل قائىدىلىرى بويىچە بارلىققا كەلگەن ئاتالغۇلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسلىقى، سۆزلەرنى
بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياسالغان ئاتالغۇلار (كىرئالغۇ، ئەتىرگۈل، تاشپاختا، ئاشقازان…قاتارلىقلار) ۋە قوشۇمچە قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان ئاتالغۇلار (سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق، ساقلىقىنى ساقلاش، سۆز تۈركۈمى…قاتارلىقلار) دۇر.

   ئىككىنچىسى، قېزىش (يەنى بايقاش) ئارقىلىق قوللىنىشقا بولىدىغان ئاتالغۇلار. بۇ ئۇسۇلدا ئاتالغۇنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە، ھازىرقى يېڭى بەزى ئادەتتىكى سۆزلەرنىمۇ ئاتالغۇ ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدۇ ياكى پەن- تېخنىكىدا ئۇچرىغان يېڭى ئۇقۇملارنىڭ نامىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئومۇمەن ساقلىنىپ قالغان ھەرقايسى دىئالېكت-شېۋىلەردىن ياكى قەدىمكى يازما ئەسەرلەردىن ئىزدەپ، شۇ ئۇقۇمنىڭ تەڭدىشىنى تېپىپ چىقىشتۇر. مەسىلەن، تۈركىي تىللار دىۋانىدا، «ئىم» دېگەن بىر سۆز خاتىرىلەنگەن ھەم «پارول» مەنىسىدە ئىزاھلانغان. بۇ سۆزدىن پايدىلىنىپ «ئاچ» پېئىلى ۋە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «-قۇ» نى قوشۇپ ئاتالغۇ ياسىساق، «ئىمئاچقۇ» بولىدۇ. بۇ ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان «شېفىر يەشكۈچى ‹解码器›» ئاتالغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇنداق سۆزلەرنى قوللىنىشقا تامامەن بولىدۇ.

   ئۈچىنچىسى، باشقا تىللاردىن قوبۇل قىلىش. قوبۇل قىلىش دېگەندە، ئاساسەن ئۈچ خىل ئۇسۇلدا قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. تۇغقان تىلدىن قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلار (كىملىك ‹تۈركچىدىن قوبۇل قىلىنغان› … دېگەندەك)، ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلار ( كومپيۇتېر، جۇڭيى، زۇڭتۇڭ…دېگەندەك)، مەنە تەرجىمىسى بويىچە كىرگەن سۆزلەر (ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش، ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش…دېگەندەك) قاتارلىقلاردۇر.

   ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئاتالغۇلىرى شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتىن بارغانسېرى ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە رايون خاراكتېرلىكلىكىدىن خەلقئارالىشىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، ئاتالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ قېلىپلىشىپ، ئومۇمىيلىشىشىغىچە بولغان جەرياننى تەھلىل قىلساق، مۇنداق ئەھۋاللارنى بايقايمىز.

   يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە، ئۆز ئانا تىلىمىزدىن پايدىلىنىپ يېڭى ئاتالغۇ ياساش ياكى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ساقلىنىپ قالغان، ئۆز ئانا تىلىمىزغا خاس بولغان سۆزلەرنى تاللاپ، يېڭى ئاتالغۇ ئورنىدا قوللىنىشقا قارىغاندا، قوبۇل قىلىش بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا. گەرچە نۇرغۇنلىغان ئاتالغۇلار بىز دىققەت قىلىشتىن بۇرۇن تىلىمىزدا ئۆزلىشىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما، نۆۋەتتىكى يېڭى-يېڭى، كۆپلىگەن ئاتالغۇلارنىڭ شۇ پېتى قوبۇل قىلىنىشىغا سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك ئىدى.

   قېلىپلىشىشى ۋە ئومۇمىيلىشىشىدە، ئۆز ئانا تىلىمىزدىن پايدىلىنىپ ياسىغان ئاتالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تېخىچە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ بولالمايۋاتىدۇ ياكى تاپقان تەقدىردىمۇ كېلەڭسىز، ئېيتماققا بىئەپ بولۇپ قالماقتا. شۇ سەۋەبتىن بەزى ئاتالغۇلارنىڭ قىسقارتىلمىلىرى كۆپەيمەكتە. مەسىلەن، ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغانلىرىدىن ش ئا ئە ت (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى)، ش ج ئا د ئى (شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى)، ش ئۇ ئا ر ، ب د ت … قاتارلىقلار، يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغانلىرىدىن ئوبكوم (ئوبلاستلىق كوممۇتېت)، پارتىكوم ياكى كومپارتىيە… دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار، نۇقتىلىق سۆزلىرى ئېلىنىپ قىسقارتىلغانلىرىدىن ئا.ئۆتكۈر، ج خ ئىدارىسى…قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. پۈتۈنلەي لاتىنچە ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان ياكى لاتىنچە ھەرپلەر ئارىلاش ئىپادىلىنىدىغان ئاتالغۇلارمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كەلمەكتە. مىسال: PH قىممىتى، GDP، VCD پلاستىنكىسى، HSK …قاتارلىقلاردۇر.

   يېڭى ئاتالغۇلارنىڭ تۈركۈملەپ تىلىمىزغا بۆسۈپ كىرىشى، ئاتالغۇلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ تەخىرسىز تەقەززالىقى بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن ئاتالغۇشۇناسلىقىمىزغا بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ۋە ئېغىر ئەمما شەرەپلىك بۇرچىمىزنى چوڭقۇر تونۇتماقتا.

   ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، پەن-تېخنىكىمىزنى كۈچەيتىشىمىز ۋە راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى، پەن- تېخنىكا ۋە تەرەققىياتىمىزنىڭ نەزەرىيىۋى ئۇلى بولغان ئاتالغۇشۇناسلىق ساھەيىمىزنىڭ تېخىمۇ ئالغا بېسىشى ۋە يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن ئاتالغۇشۇناسلىقىمىزنىڭ بېيىتىلىشى، گۈللىنىشىنىڭ بولۇشىمۇ مۇقەررەر.

2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

پايدىلىنىش قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ كۆچۈرۈپ ئىلان قىلىندى.

 

 

2011.08.27 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.10.1
15:23
1-قەۋەت: «خەلچىئاي ئىسھاق» مۇنداق دېدى:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
سىز مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى رازىيە خانىم بولامسىز؟

يازما ئاپتورى 2011.10.3
06:30
2-قەۋەت: «باشقۇرغۇچى» مۇنداق دېدى:

ياق ، كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا.

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se