تۈلكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەقسىماتى

سەھپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر باھا:0

تۈلكىنىڭ ئەڭ يېڭى تەقسىماتى
(شۇ ناملىق مەسەلدىن ئۆزگەرتىلگەن)

ئولجىنى ئادىللىق جېڭىدا بۆلەي،
بۆلۈشتىن ئىلگىرى لىللا گەپنى دەي.
بۇ كىيىك يەپ ساپتۇ زەھەرلىك گىياھ،
گۆشىنى يىسە كىم سۆزسىز قىلار قەي.
توشقانغا تەگكەندەك تۇرىدۇ ۋابا،
تەمىنى تېتىسا تارتىشىدۇ پەي.
قىرغاۋۇل بەك ئورۇق، سېسسىق، ئەرزىمەس،
لەشكە چىش ئۇپرىتىپ يۈرۈشكە ئەتەي.
يولۋاس شاھ بولمىسا خاراپتۇر ئورمان،
بولمايدۇ زەھەردىن ھەزەر ئەيلىمەي.
بۆرە بەگ شۇ شاھنىڭ پۇت-قولى دىمەك،
يۇقمىسۇن شۇم ۋابا، ئوت قويۇپ ئۆرتەي.
مەن تىلغا ئالغۇسىز چۈپرەندە، شۇڭا
ئاخىرقى قۇللۇقنى بەجا كەلتۈرەي،
ساقلاشقا سىلەرنى بالا-قازادىن
قان قۇسۇپ ئۆلسەممۇ ھەممىنى مەن يەي.

ئاپتۇرى: مۇھەممەت ئىمىن

2011.11.27 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se