يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا

سەھپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر باھا:0

يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر

ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان «پايناپ» يېزا تەۋەسىدىكى «ئالتۇنبېلىق»تا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان. بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى كىشىلەر: «بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەمەس، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمنىڭ ئىدى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلادساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن، قەبرىگاھىمۇ بىلاد ساغۇندا بۆلىشى كېرەك» دېگەن دەۋالاردا بولۇپ، جامائەتچىلىك ئارىسىدا بەزى مۈجىمەل قاراشلارنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ كىشىلەر يۇقىرىقىدەك ئاساسسىز دەۋالاردا بولۇشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنى توغرىسىدا ھېچقانداق بىر پاكىت ئاساسنى ئوتتۇرىغا قويالمىدى. مانا بۇ يۇقىرىدىكى دەۋانىڭ يالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قايتا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىغا ھۈل قويۇشتىن ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئاجرىتىپ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەبرىگاھىنىڭ ئورنىغا دائىر بىرمۇنچە پاكىتلارنى توپلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئالىم، مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتىپ، پاكىتلارنى دەلىللەش خىزمىتىنى ئېلىپ باردى. ئالىم ۋە مۇتەخەسسىسلەر پاكىتنى تەكشۈرۈش، سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ ھەقىقىيلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
ھازىر قولىمىزدا يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھىجرىيە 410-يىلى بىلادساغۇندا تۇغۇلۇپ، ھىجرىيە 478-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغانلىقى، جەسىتىنىڭ دەسلەپ قەشقەر شەھىرىنى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا كېسىپ ئۆتىدىغان تۈمەن دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتباغ يېزىسىغا قاراشلىق «بارىگاھ» دېگەن جايغا دەپنە قىلىنغانلىقى، ھىجرىيە 514-يىلى ئۇ جايدىن ھازىرقى «ئالتۇنبېلىق»قا يۆتكەپ دەپنە قىلىنغانلىقى توغرىسىدا خېلى كۆپ پاكىتلار ساقلانماقتا. مەن ھازىرغىچە بۇ پاكىتلاردىن 19-ئەسىرگە تەئەللۇق بولغان ئىككى پارچە ھۆججەتنى جامائەتچىلىككە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
بىرىنچى ھۆججەت «بەھرۇل-ئەنساب»(نەسەب دەرياسى) ناملىق ئەسەر بولۇپ، بۇنى 19-ئەسىردە قەشقەردە ياشىغان ئۇيغۇر شائىرى ئەمىر ھۈسەيىن سەبۇرى تۈزگەن. بىراق، سەبۇرىنىڭ ئۆمرى «بەھرۇل-ئەنساب»نى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يار بەرمىگەنلىكتىن، شاگىرتى قازى مۇھەممەد سايىم سۇفىئاللايارىغا ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاپشۇرغان ھەمدە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان يىلنامىسىنى، قەبرىگاھ ئورنىنى شۇ ئەسەرگە كىرگۈزۈپ قويۇشنى ۋەسىيەت قىلغان. قازى مۇھەممەد سايىم سوفىئاللايارى ئۇستازى سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن «بەھرۇل-ئەنساب»نىڭ ئەڭ ئاخىرىسىنىڭ سول بۇرجىكىگە: «ئەز ھەزرىتى يۈسۈف خاس ھاجىپ دەرسىنە چەھارسەد ھەجتاد ھەشت ھىجرىيە ۋەفات شۈدە. قەبرى شىمالىي كۇھنە ھىسار زېمىنى فابى ئاب مەدفۇن شۇدەست، ئامىن. مىن شەيخى دۇئاگۇي مۇھەممەد سائىم سۈفى ئاللايارى سۇبھۇ شام، بەلكى ئەلەددۋام مەرازى مەزكۇر سېھتەن بۇزۇرۇكۋار روھى پۇرفۇتۇھ دۇئاسى قۇرئان مىكۇنەم.» دەپ يېزىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋاپاتىنىڭ ھىجرىيە 478-يىلى ئىكەنلىكىنى، قەبرىگاھنىڭ شىمالىي كوھنە ھىساردىكى «فايى ئاب»تا ئىكەنلىكىنى، بۇ قەبرىگاھتا يەنە يۈسۈپ قىدىرخان غازى پادىشاھنىڭ ۋە يۈسۈپ قىدىرخان ئىسىملىك شاھزادىنىڭ مازىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىزاھلىغان. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، يۈسۈپ قىدىرخان مىلادى 1040-يىلى غەربىي قاراخانىيلار زېمىنىدىن شەرقىي قاراخانىيلار زېمىنىغا قېچىپ كەلگەن يۈسۈپ ئىبنى ئەلى ئىسىملىك شاھزادە ئىكەن. قارى مۇھەممەد سايىم سوفى ئاللايارى «بەھرۇل-ئەنساب»نىڭ ئاخىرقى بېتىنىڭ، تۆۋەنكى ئوڭ بۇرجىكىگە: «ئەر ھەزرىتى ساھىب قەلەم ئۇستادىم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرى بۇ مەزكۇر ‹بەھرۇل-ئەنساب›نىڭ تەمامىغە يۈسۈف خاس ھاجىپنىڭ قەبرى شەرىفىلىرى شىمالىي كۇھنە ھىساردۇر. مەزافىئىي فايى ئابتا مەدفۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىپ، يېزىپ تاماملاشنى پەقىرگە تەماملاشنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇستادىم مەرھۇم موللا مىر ھۈسەيىن سەبۇرىنىڭ ۋەسىيىتىگە بىنائەن يۈسۇف خاس ھاجىپنىڭ دەفىنگاھىنى بۇ ‹بەھرۇل-ئەنساب›قا كىرگۈزۈپ، جامائە مۇسۇلمان، ئەۋلادى تۈرك خەلقلىرىگە يادىكار قىلدىم. قازى مۇھەممەد سايىم سۈفى ئاللايارى» دەپ يېزىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ۋاپات بولغان ۋاقتىنى، قەبرىگاھىنىڭ ئورنىنى، كىمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، نېمە سەۋەبتىن بۇ «بەھرۇل-ئەنساب»قا كىرگۈزۈپ قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە ئۆزىنىڭ قازىلىق مۆھىرىنى باسقان.
ئۇزۇنلۇقى 8.20 مېتىر، كەڭلىكى 26 سانتىمېتىر كېلىدىغان بۇ «بەھرۇل-ئەنساب»نى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيە قوغان يېزىسىنىڭ ئاياقچىلا كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۆلىما شائىر ئابدۇرەھىم ھاجىم ساقلاپ كەلگەن.( 1877-1845). ئابدۇرەھىم ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن بۇ «بەھرۇل-ئەنساب» مەرىپەرسۆيەر ئوغلى مۇھەممەدئەمىن قارىمغا مىراس قالغان. 1965-يىللاردا بۇ «بەھرۇل-ئەنساب» مۇھەممەدئەمىن قارىمنىڭ قولىدىن 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ياشىغان تارىخچى، ئالىم، تالانتلىق شائىر ئەمىر ھۇسەيىن قازى ھاجىم(1900-1985)نىڭ قولىغا ئۆتكەن. مەرھۇم ئەمىر ھۇسەيىن قازى ھاجىم 1984-يىلى بۇ «بەھرۇل-ئەنساب»نى ئاۋۋال قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىغا، كېيىن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىگە تەقدىم قىلغان. بۇ «بەھرۇل-ئەنساب» ھازىر شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمىدە ساقلانماقتا.
ئىككىنچى ھۆججەت: «قەلەمىي قۇرئان»(كىتابنى تىزىمغا ئېلىش جەريانىدا قويۇلغان ئىسىم بولۇپ، ئەسلى قۇرئاندا بۇ ئىسىم مەۋجۇت ئەمەس. قۇرئان قولدا، قومۇش قەلەمدە خوتەننىڭ يىپەك قەغىزىگە خوشخەت قىلىپ يېزىلغانلىقتىن، تىزىمغا ئالغۇچىلار شۇنداق دەپ نام قويغان بولسا كېرەك. ئاپتوردىن) بولۇپ، خوتەندىن تېپىلغان. بۇ قۇرئاننى خوتەنلىك بىر يارى بۇرادەر ئەمىر ھۇسەيىن قازى ھاجىمغا ھەدىيە قىلغان. ئەمىر ھۇسەيىن قازى ھاجىم بۇ قۇرئاننى 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورنىغا تەقدىم قىلغان.
قۇرئان 726 بەت بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 34 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 22 سانتىمېتىر، قېلىنلىقى 6 سانتىمېتىر، ھەر بىرىدە 13 قۇردىن خەت بار. قۇرئاننىڭ تاش مۇقاۋىسى بىلەن باشتىكى ئىككى بېتى يوقالغان. قۇرئاننى ساقلىغۇچى تاش مۇقاۋىسىنى ھازىرقى زامان رەختىنى ئىشلىتىپ قاتتىق قەغەز بىلەن مۇقاۋىلىپ قويغاندىن باشقا، ئىچ بېتىگە: «قۇرئاننى بىتەرەت قولغا ئالساق گۇناھكار بولىمىز» دېگەن خەتنى ۋە يوقالغان ئىككى بەت ئورنىغا: «سۈرە فاتىھە» بىلەن «سۈرە ئەلىف، لام، مىم»نى خۇش خەت قىلىپ يېزىپ، تولۇقلاپ قويغان. قۇرئاننىڭ ئاخىرىدا يەنە ئەسلى كۆچۈرگۈچى كاتىپ تەرىپىدىن يېزىپ قويۇلغان «ئەللاھۇممە ئەنفەئىنا» دېگەن دۇئا بار.
بۇ قۇرئاننى قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى سېپىلىنى سوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مىلادى 1835-يىلىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندىمۇ، ئەڭ كەم دېگەندە 155 يىللىق تارىخقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ.
بۇ قۇرئان ئەسلىدە 1830-يىلىدىن 1848-يىلىغىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ھېكىمبەگلىكىككە ئەۋەتىلگەن زوھۇرىدىن ھېكىمنىڭ دىۋانىدىكى كىتاب بولۇپ، بۇ كىتابنى زۇھورىدىن ھېكىمبەگ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا چىقىپ، ئون بىر كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ، ئىستىخارە قىلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ تاشقىرىقى شەھەر سېپىلىنى سوقسا خەيرلىك بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى خۇش-خەۋەر بېشارىتىنى ئېلىپ كەلگەن شۇ زاماننىڭ مەشھۇر مۆتىۋەر ئۆلىمالىرىدىن نېئىمەتۇللا كاشىغەرىغە تەقدىم قىلغان. زۇھورىدىن ھېكىمبەگ نېئىمەتۇللا كاشىغەرىنى بۇ ئىشقا ئۆزى بۇيرۇغان. بۇ ھەدىيىدىن ئىنتايىن سۆيۈنۈپ كەتكەن نېئىمەتۇللا كاشىغەرى بۇ ئىشنىڭ خاتىرىسى سۈپىتىدە قۇرئاننىڭ 723-بېتىنىڭ ھاشىيەسىگە(چەت چۆرىسىدىكى بىكار جايغا) تۆۋەندىكىلەرنى يېزىپ قويغان: «بۇ سۈرەتنى ۋاقىمىئە تەھرىر ئولدىكىم، ھەزرەتى ۋاڭ زۇھورىدىن ھاكىم ئالىيلىرى فەقىر دەرۋىش كەمتەرنى كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتى ئۈچۈن نەھىس-سەئىدلىككە بىر ئىستخارە قىلدىم. كاشىغەر قەلئەسىنىڭ تەئىمىراتىنىڭ ياخشى ئاقىبىتىگە رۇخسەت بولدى. بۇ رۇئىيانى ھەزرەتى ھاكىم ئالىيلىرىغە بەيان قىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەزرەتى ھاكىم دىۋانە شاھانەدىن بۇ كەلام شەرىفنى فەقىرغە ھەدىيە ئىنئام قىلدى. رەھمەت، فەقىر ساھىب دۇئا نېئىمەتۇللا كاشغەرى مۇھۇرۇمنى باستىم. 1253-ھىجىرى».
تامغا(مۆھۇر) ھىجرىيە 1238-يىلى ئويۇلغان.
تامغىدىكى خەت «نېئىمەتۇللا بىن سەدرىددىن»دۇر.
مانا بۇ ئىككى پارچە ھۆججەت يالغۇز يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىنىڭ ئورنىنى، ۋاپات بولغان ۋاقتىنى ئىسپاتلايدىغان قىممەتلىك ماتېرىيال بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا ئۇ، كىشىلەرنىڭ يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرىغا بولغان ئېتىقادىنى ۋە 19-ئەسىردە ئۆتكەن ئەمىر ھۈسەيىن سەبۇرى، قازى مۇھەممەد سايىم سوفى ئاللايارى، زۇھۇرىدىن ھېكىمبەگ، نېئىمەتۇللا كاشىغەرىدەك بەزى تارىخىي شەخسلەرنىڭ پائالىيىتىنىمۇ يورۇتۇشتا بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولغان مۇھىم ھۆججەت ھېسابلىنىدۇ.

2011.12.13 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se