پەيشەنبە , 4 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

مىنىڭ كۈرەشلىرىم

كىرىش سۆز

1924-يىلىنىڭ 1-ئافرىلدا ميۇنخىن سوت مەھكىمىسى مېنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ تۈرمىگە قامىدى.
تىنىم تاپماي كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتكەن بۇنچە ئۇزۇن يىلدىن كېيىن، چۈشەنچىلىرىمنى بىر كىتاپ ھالىتىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتىگە ئەنە شۇ شەكىلدە تۇنجى قېتىم ئېرىشكەن بولدۇم. ئەسلىدىنلا يېقىن سەبداشلىرىم بۇ تۈردە بىر ئەسەر يېزىشىم ئۈچۈن مېنى قىستاپ كەلمەكتە ئىدى. مەنمۇ تۈرمىدە ياتقان بۇ ۋاقتىمنى ئەنە شۇنداق بىر ئەسەر يېزىپ چىقىش ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت دەپ ھىس قىلماقتا ئىدىم. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسەرنى يېزىشقا كىرىشتىم. تۈرمىدە يېزىلغان بۇ ئىككى توملۇق ئەسىرىمدە ھەرىكىتىمىزنىڭ غايىسىنىلا ئەمەس، بۇ ھەرىكەتنى تەقەززار قىلىۋاتقان تۈپكى سەۋەپلەرنىمۇ تولۇق كۆرسىتىپ بېرىشكە، بۇ سەۋەپلەرنى خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاشىكارلاشقا بەل باغلىدىم. بۇ تۈردىكى بىر ئەسەر، ساپ نەزەرىيىۋىي كىتاپقا قارىغاندا كىشىلەرگە تېخىمۇ كۆپ مەنپەت بېرىدۇ دەپ قارايمەن.
بۇ كىتاۋىم ۋاستىسى ئارقىلىق مەن ئۆز قابىلىيىتىمنى كىشىلەرگە تونۇتۇش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلەيدىكەنمەن. ئۆز قابىلىيىتىمنى ئىپادىلەش ئىشى كىتاپنىڭ چۈشۈنۈشلۈك بولىشى ئۈچۈنلا زۆرۈر بولۇپ قالماي، بەلكى يەھۇدىي مەتبۇئاتلىرىنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدە توقۇپ چىقىرىۋاتقان بوھتانلىرىغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىدى.
شۇنى ئوچۇق ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى زۆرۈر دەپ قارايمەنكى، مەن بۇ كىتاۋىمدا ھەرگىزمۇ ھەرىكىتىمىزگە يات بولغان كىشىلەرگە مۇراجەت قىلىشنى مەقسەت قىلمىدىم. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىزنىڭ بۇ ھەرىكىتىمىزگە چىن قەلبىدىن ئەقىدە قىلىپ سېپىمىزگە قوشۇلغان، ئەمما ئىدىيىۋىي چۈشەنچىلىرىمىز ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئالالماي يۈرگەن سەبداشلىرىمىزغا خىتاپ قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ئەسەرنى يازدىم.
ئادەتتە خلق ئاممىسىنى يېزىق شەكلىدىكى تەشۋىقاتلارغا قارىغاندا بىۋاستە سۆز بىلەن تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ ئاسان قايىل قىلىشقا بولىدىغانلىغىنىمۇ ھەرگىز ئۇنۇتمىدىم. يەنى، تارىختىكى ھەر قانداق بىر داغدۇغىلىق ھەرىكەتنى يازغۇچىلار ئەمەس بەلكى ناتىقلار ياراتقان ئەسەر ئىكەنلىگى ئېنىق.
شۇنىڭدەك يەنە، بىرەر تەلىماتنىڭ مەزمونى بىلەن ئۇنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى پەقەت يېزىق شەكلىدە ئىپادىلەش ئارقىلىقلا ساقلاپ قېلىشقا بولىدىغانلىغىمۇ بىر ئەمەلىيەت. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق بىر تەلىمات، بىر قېتىملا يېزىلسا كۇپايە. مانا بۇلار، مېنى بۇ ئىككى توملۇق ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىمغا تۈرتكە بولغان ئىككى نوقتا ئىدى.

                                   ئادولف ھىتلېر
                                       — لاندسبېرگ- ئام- لېيچ تۈرمىسى

تەغدىم

تۈۋەندە ئىسمى يېزىلغان كىشىلەر 1923-يىلى 9-دىكابىر كۈنى سائەت 12 دىن 30 مىنوت ئۆتكەندە فېلدھېرنھاللې ئالدىدا ۋە بۇرۇنقى دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىگىنىڭ قوروسىدا، مىللىتىگە شان-شۆھرەت كەلتۈرۈش ھەرىكىتىگە چىن قەلبىدىن سادىق بولۇپ ئەگەشكىنى ئۈچۈنلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى:
ئالفارد فېلىكس، تىجارەتچى، 1901-يىلى 5-ئىيوندا تۇغۇلغان؛
باۋريېدل ئاندرېئاس، شەپكىچى، 1879-يىلى 4-مايدا تۇغۇلغان؛
كاسېللا تېئودور، بانكا خىزمەتچىسى، 1894-يىلى 8-ئاۋغۇستتا تۇغۇلغان؛
فائوۋست مارتىن، بانكا خىزمەتچىسى، 1901-يىلى 27-يانىۋاردا تۇغۇلغان؛
ئېخرلىچ ۋىلھېلم، بانكا خىزمەتچىسى، 1894-يىلى 10-ئاۋغوستتا تۇغۇلغان؛
ھېچېنبېرگېر ئانت، سېلىسار، 1902-يىلى 28-سىنتەبىردە تۇغۇلغان؛
كۆرنېر ئوسكار، تىجارەتچى، 1875-يىلى 4-يانىۋاردا تۇغۇلغان؛
قۇن كارل، مەدىكار، 1897-يىلى 26-ئىيوندا تۇغۇلغان؛
لافورې كارل، ئوقۇغۇچى، 1904-يىلى 28-نويابىردا تۇغۇلغان؛
نېئۇباۋېر كۇرت، خىزمەتچى، 1899-يىلى 27-مارتتا تۇغۇلغان؛
پاپې كلائۇس (فون)، تىجارەتچى، 1904-يىلى 16-ئاۋغۇستتا تۇغۇلغان؛
پفوردتېن تېئودور (فون دېر)، يەرلىك ئالىي سوت مەھكىمە ئەزاسى، 1873-يىلى 14-مايدا تۇغۇلغان؛
رىكمېرس جوھ، كاپىتان كاۋاللىر (ئاتلىق ئەسكەر كاپىتانى،شاڭشياۋ، يۈزبېشى)، 1881-يىلى 7-مايدا تۇغۇلغان؛
شېئۇبنېر- رىچتېر ماكس- ئېرۋىن (فون)، دوكتور ئېنجىنېر، 1884- يىلى 9-يانىۋاردا تۇغۇلغان؛
سترانسكىي لورېنز- رىتتېر (فون)، ئېنجىنېر، 1899-يىلى 14-مارتتا تۇغۇلغان؛
ۋولف ۋىلھېلم، تىجارەتچى، 1898-يىلى 19-نويابىردا تۇغۇلغان.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇ قەھرىمانلىرىمىز ئۈچۈن بىرەر خاتىرە مۇنارىسى تىكلەش تەلىۋىمىزنىمۇ قوبۇل قىلمىدى.
مەن بۇ ئەسىرىمنى ئەنە شۇ قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئورتاق خاتىرىسى ئۈچۈن تەغدىم قىلىمەن: شىھىتلىرىمىزنىڭ نۇرى سەبداشلىرىمىزنىڭ يولىنى مەڭگۈ يورۇتسۇن!
                                       لاندسبېرگ − ئام − لېيچ تۈرمىسى  
     — ئادولف ھىتلېر

مېنىڭ كۈرەشلىرىم(ئادلوف گىتلىر)

بىرىنچى توم

بىرىنچى باب

تۇغۇلغان يۇرتۇم

مەن ئىككى نېمىس دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئىن دەرياسى بويىغا جايلاشقان براۋناۋ دېگەن ئىنتايىن چىرايلىق كىچىك بىر شەھەردە بەخىتلىك ھالدا دۇنياغا كەلدىم. بۇنداق مەنىلىك بىر يەردە تۇغۇلغانلىقىمنى، كۈرەش قىلىشىم ئۈچۈن تەغدىرنىڭ ماڭا بەرگەن بىر لۇتۇپى دەپ قارايمەن.
بۇ كىچىك شەھەر، بۇ ئىككى نېمىس دۆلىتىنى قايتىدىن بىرلەشتۈرۈش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن چارىلارنى ئىشقا سېلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە دەپ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك، دېگەن مەنانىمۇ ئىپادىلەپ تۇراتتى.
نېمىس يۇرتلىرىدىن بىرى بولغان ئاۋۇسترىيە، ئاللىبۇرۇن گېرمانىيە دېگەن بۇ ئۇلۇغ نېمىس ۋەتىنىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشى كىرەك ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئەمەس بەلكى قانداشلىق مۇناسىۋەت ئىدى. شۇنداق! بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىرلىشىپ كېتىشىنى تەقەززار قىلىۋاتقان بۇ مۇناسىۋەت ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەت بولماي پەقەتلا قانداشلىق ئاساسىدىكى مۇناسىۋەت ئىدى! بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىرلەشتۈرۈلىشى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قىلچە پايدىسىز، ھەتتا زىيانلىق بولغان تەغدىردىمۇ مۇتلەق تۈردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىشى شەرت بولغان بىرلىشىش ئىدى. چۇنكى، بۇ ئىككى ئەل خەلقى بىر قانغا مەنسۈپ ۋە بىرلا ئىمپىرىيىگە تەۋە خەلقلەردۇر. ئەگەر، بۇ ئىككىگە پارچىلانغان نېمىس خەلقى بالدۇرىراق بىرلا دۆلەت بولۇپ بىرلىشىۋالمايدىكەن، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمۇ بۆلۈنۈشتىن كېلىپ چىققان بۇ باش ئاغرىقىدىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايدىغانلىقى شۆبھىسىز. نېمىس دۆلىتى گېرمانلار ياشايدىغان بارلىق تۇپراقلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر پۈتۈن ھالغا كەلتۈرگەن كۈنلىرىدە، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە نېمىسلارنىڭ نوپۇسى ئارتىپ بۇ تۇپراقلار نېمىس خەلقىنى بېقىشقا ئازلىق قىلغىدەك قىلسا، بۇ مىللەت ھاياتلىق ئېھتىياجى ئۈچۈن ياتلارنىڭ قولىدىكى تۇپراقلارنى تارتىپ ئېلىشقىمۇ كۈچى يېتىدىغان بولىدۇ. ئۇ كۈنلەر كەلگەندە، قوش-ساپانلار ئورنىنى قېلىچقا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇرۇش يېغىلىغىنىڭ كۆز ياشلىرى كەلگۈسى دۇنيامىزنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
مېنىڭ تۇغۇلغان يۇرتۇم، ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ بىر غايىنىڭ سىموۋۇلى بولۇپ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولاتتى. شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتىشىم كېرەككى، مېنىڭ بۇ يۇرتۇمنىڭ ئۆزگىچىلىگى ھەرگىز بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايتتى. ۋەتىنىمىزنىڭ بۇ پارچىسى، بىر ئەسىردىن بېرى نېمىس مىللىتىنىڭ تارىخىدا مەڭگۈ ئەستىن چىقىرىشقا بولمايدىغان مۇنداق بىر تراگىدىيىگە سەھنە بولغانىكەن: ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىنىپ ئەڭ ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرىتىلغان ئۇ يىللاردا، جوھاننېس پالم ئىسىملىك نۇرېمبېرگلىك بىر كىتاپپۇرش، پۈتۈن قەلبى بىلەن سۆيگەن نېمىس مىللىتى ئۈچۈن بۇ شەھەردە قىلچە ئىككىلەنمەي جېنىنى پىدا قىلغان ئىكەن. پالم، فرانسۇز تاجاۋۇزچىلىرىغا ئىنتايىن ئۆچ تىپىك نېمىس مىللەتچىسى ئىكەندۇق. ئۇ، دۈشمەنگە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقان دوستلىرى بىلەن پارتىزان يىتەكچىلىرىنى تاجاۋۇزچىلارغا پاش قىلماي چىڭ تۇرۇپ خەلقىگە ئۈلگە بولۇپ بەرگىنى ئۈچۈن تاجاۋۇزچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. لېو شلاگېتېر دەيدىغان يەنە بىر ئەزىمەتمۇ پالمغا ئوخشاش ئوت يۈرەكلەردىن بىرى ئىكەندۇق. ئۇمۇ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن. كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان بۇ ۋىژدانسىزلىقنى ئاۋگسبۇرگلۇق بىر قورچاق ساقچى باشلىغى قىلغان ئىكەن. بۇ ساقچى ئەمەلدارىنى ئەسلىدە قاتتىق جازالاشقا تىگىشلىك بولغان بۇ خائىنلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن قورچاق سەۋەرىڭ دۆلىتىنىڭ يېڭى نېمىس دائىرىلىرى تاجاۋۇزچىلارغا غالچىلىق قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردىڭ دەپ ئەمىلىنى ئۆستۈرۈپ مۇكاپاتلاشقان ئىكەن.
مېنىڭ ئائىلەم، 1890-يىللار ئەتىراپىدا بۇ ئىككى نېمىس قەھرىمانىنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن تونۇلغان ئەنە شۇ ئىنن دېگەن كىچىك شەھەردە تۇراتتىكەن. مېنىڭ بۇ يۇرتۇم، قانداشلىق جەھەتتىن باۋارىيەگە مەنسۈپ بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي تەۋەلىك جەھەتتىن ئالغاندا ئاۋۇسترىيىگە قارايتتى. دادام ئۆز كەسىپىنى سۆيىدىغان ۋەزىپىسىگە سادىق بىر دۆلەت تاموژنا كادىرى ئىدى. ئاپام بولسا بالىلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن كۆيۈنىدىغان بىر ئائىلە ئايالى ئىدى.
مەن، بالىلىق ۋاقىتلىرىم بىلەن تۇغۇلغان يۇرتۇم ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە ئەسلىيەلمەيمەن. چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ بىر قانچە يىل ئۆتمەيلا دادام يېڭى بىر ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ ئىنن دەرياسىنىڭ تېخىمۇ تۈۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان پاسساۋ دىگەن يەرگە، يەنى ئەسلىدە گېرمانىيىگە تەۋە بىر يەرگە يۆتكىلىدۇ. ئۇ يىللىرى ئاۋۇستىريىلىك بىر تاموژنا كادىرى تىنماي ئورن يۆتكەپ تۇرۇشقا مەجبور دەۋىرلەر ئىكەندۇق. شۇنداق بولغاچقا، دادام كېيىنچە يەنە ئۇ يەردىنمۇ ئالماشتۇرۇلۇپ لېنزگە ئىۋەرتىلىدىكەن. دادام ئاخىرى شۇ يەردە پىنسىيىگە چىقىدۇ. ياشىنىپ قالغان بۇ ئادەم، پىنسىيىگە چىققان بولىشىغا قارىماي كۈنلىرىنى ئارام ئېلىپ بىكارچىلىقتا ئۆتكىزىشنى ھەرگىز خالىمايدىغان بىرسى ئىدى. ئۇ، بىر يېزائىگىلىك ئىشچىسىنىڭ پەرزەنتى بولغىنى ئۈچۈن، ئىش ئىستەپ ئۆسمۈر ۋاقىتىدىلا ئۆيدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان ئىكەن. ئون ئۈچ ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا، چامىدانىنى كۆتۈرۈپ، تۇغۇلغان ئورمانلىق يېزىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبور بولغان ئىكەن. ياشانغان مەھەلىداشلىرى ئۇنى ھەرقانچە سۇۋۇتۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرىگە پەرۋا قىلماي بىرەر ھۈنەر ئۆگۈنۈپ ھۆرمەتكە لايىق بىر ئادەم بولۇپ كېلىش خىيالىدا ۋىېناغا قاراپ سەپەر قىلغان ئىكەن. بۇ دېگەنلىرىم، 1850-يىللىرى بولغان ئىشلار ئىدى. يېنىدا ئارانلا ئۈچ ‘ئېكۇس’ پۇلى تۇرۇغلۇق كەلگۈسىدە ئۆزىنى نېمە ئىشلار كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن بىر سەپەرگە ئاتلىنىش، دادام ئۈچۈن بەكلا زۆرۈر ۋە كۆڭۈلسىز بىر قارار بولسا كېرەك. دادام، ئىشلەپ يۈرۈپ تۆت يىلدىن كېيىن ‘كومپاينان’ لىق دەرىجىسىدىكى ئۇستا ئىشچى بولالىغان بولسىمۇ، ئادەتتىكى ئىشچىلار دەرىجىسىدىكى بۇ ھالىدىن پەقەتلا رازى بولمىغان ئىكەن. ئۇ يىللاردىكى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن نامىراتلىق، دادامنى قىلىۋاتقان ئىشىنى تاشلاپ تېخىمۇ يوقۇرى مەرتىۋىگە ئىگە بىرەر ئادەم بولۇش خىيالىغا كەلتۈرگەن بولىشى مۇمكىن.
دادام، بالىلىق ۋاقىتلىرىدا مەھەلىسىدىكى پوپنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىگە ھەۋەسلىنىپ ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۈلگە قىلىشقا بولىدىغان ئەڭ يوقۇرى سەۋىيە دەپ تونىغان بولسا، چوڭ شەھەرلەردە ياشاش جەريانىدا تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىدىكى خىزمەتلەرنى خىيال قىلىدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ، مەمورى كادىر بولۇشنى ھەممىدىن ئېسىل ئىش دەپ تاللىۋالغان ئىكەن. كەمبەغەلچىلىكتە تارتقان جاپالىرى دادامنى بالدۇرلا قۇرامىغا يەتكۈزگەن بولسا كېرەك، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە ئىرادە باغلىغان بۇ ئون يەتتى ياشلىق بالا، ئاخىرى غايىسىگە ئېرىشىپ، رەسمى بىر دۆلەت كادىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. دادام بۇ غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغان كۈنلىرىدە يېشىمۇ 23 كە كىرىپ قالغان ئىكەن. پەرىزىمچە كۆزگە چېلىققان بىر ئادەم بولماي تۇرۇپ ئۇ سۆيۈملۈك يېزىسىغا قايتماسلىق ھەققىدە ۋەدە قىلغان بولىشى مۇمكىن.
ئۇ ئەندى مەخسىدىگە يەتكەن بىرسى ئىدى. ئەمما دادام يېزىسىغا قايتىپ بارغىنىدا، مەھەلىسىدە ئۇنى تونۇيدىغان بىرەرمۇ كىشى تېپىلماپتۇ. مەھەلىسىدىكىلەر ئۇنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ دادام ئۆز يېزىسىدىن ياتسىراشقا باشلاپتۇ. …
ئاخىرى دادام ئەللىك ئالتى يېشىغىچە مەمورى كادىرلىق بىلەن شوغۇللىنىپ پىنسىيىگە چىقىپ ئاددى ئائىلە قوينىغا قايتىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمما ئۇ، بىردەممۇ جىم تۇرالمايدىغان بىرسى ئىدى. يۇقۇرقى ئاۋۇسترىيىنىڭ لامباچ دەيدىغان كىچىك بىر شەھەر ئەتىراپىدىن بىر پارچە يەر سېتىۋېلىپ شۇ يەرگە ئىشلەشكە كىرىشىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇزۇن يىللىق تىنىم تاپماي يۆتكۈلۈپ يۈرۈپ ئىشلەشتىن كېيىن قايتىدىن ئاتا كەسىپىنى تېپىۋالغان ئىدى.
مېنىڭ دەسلەپكى كۆزقاراشلىرىم ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. تىنىم تاپماي شوخلۇق قىلىشلار، تالاش-تارتىشلار، مەكتەپتىن قېچىشلار، ئۆزەمدىن چوڭ بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈش، … دېگەندەك شوخ ئۆسمۈرلۈك ھاياتىم باشلانغان ئىدى. بۇ قىلىقلىرىمغا قاراپ ئانام مەندىن بەكلا ئەنسىرەيتتى. ئەمما مەنمۇ مۆڭدەك ئۆيدىن تالاغا چىقماي جىم ئولتۇرۇشقا چىدىيالايدىغان بىرسى ئەمەس ئىدىم. بەزىدە قايسى خىل ئىشلارغا قابىلىيىتىم باردۇ دەپ ئۆزەمدىن سوراپمۇ قوياتتىم. ھەر نېمە دېگەن بىلەن مېنىڭ قىزىقىشلىرىم، مېنى دادام ياشىغاندەك بىر تۇرمۇشقا يېتەكلىمىگەن ئىدى، ئەلىۋەتتە. ئۇ ياشلىرىمدىلا دوستلىرىم ئارىسىدا سۆزلەپ قويىدىغان ئاز-تۇلا قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە نۇتۇقلىرىم شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، ناتىقلىق قابىلىيىتىم يېتىلىشكە باشلىغان ئىدى. شۇ ياشلىرىمدىلا بالىلار يىتەكچىسى − لىدېر بولۇپ قارالماقتا ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ئۆز-ئۆزەمنى تۇتۇپ ئالالمىغىدەك شوخلۇق قىلىدىغان بىرسى ئىدىم. شۇنىڭغا قارىماي يەنىلا تىرىشچان ئوقۇغۇچى ھېساپلىناتتىم. مەن ئۈچۈن ئۆگۈنۈش ئىشى ئويۇندەك ئاسان ئىش بولۇپ بىلىنەتتى.
بوش ۋاقىتلىرىمدا لامباچ ماناستىرىغا بېرىپ مۇزىكا تىڭشاپ كېلەتتىم، دىنىي كۈنلەردىكى داغ-دۇغىلىق چىركاۋ مۇراسىملىرىدا خۇدۇمنى يوقاتقىدەك ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. ئۆز ۋاقتىدا دادام ئۆز يېزىسىدا ھۆرمەتلىنىپ قەدىرلىنىدىغان پوپىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئېرىشىشكە تىگىشلىك بىر ئۈلگە قىلىپ تاللىۋالغىنىغا ئوخشاش، مەنمۇ بۇ يەردىكى ھۆرمەتلىك پوپىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشكە ئەرزىيدىغان بىر غايە دەپ تاللىۋالغىنىمدىن باشقا يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن؟
دەرۋەقە، مەنمۇ شۇنداق قىلدىم. ئەمما دادامنىڭ ياشلىق دەۋرىلىرىدە كۆرگەن ئېغىر جاپالىق كۈنلىرى ئۇنىڭغا ناتىقلىق قابىلىيىتىنى، ئۆز قېرىنداشلىرىنى تەسىرلەندۈرەلىگىدەك ۋە ئەھمىيەتكە ئىگە نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرەلىگىدەك سۆزلەش پۇرسىتىنى پەقەتلا بەرمىگەن ئىكەن. شۇنداق بولغاچقا، دادام، بۈگۈنكى ياشلار ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرالىغىدەك كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ ھىساپلاپ، مېنىڭ كۆزقاراشلىرىمنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيتتى. شۇ سەۋەپتىن مېنىڭ پىكىرلىرىمنى غەلىتىلىك دەپ قاراپ مەندىن رەنجىپ يۈرەتتى، بۇنداق غەيرى قاراشلارنىڭ سەۋەبىنى تۇغما نوقسانلىق بولسا كېرەك دەپمۇ ئويلاپ قالسا كېرەك؟
كېيىنچە مېنڭدىكى ناتىقلىق ھەۋىسىمنىڭ ئورنىنى ئۆز خاراكتىرىمگە تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان يېڭىچە ھەۋەسلەر ئېلىشقا باشلىدى. دادامنىڭ قىرائەتخانىسىنى چۇخچىلاپ يۈرگىنىمدە، ئەسكەرلىككە مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل كونا كىتاپلار قولۇمغا ئېلىشتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1870~1871-يىللارردىكى فرانسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇشىنى تونۇشتۇرغان چاتما ماقالىلارمۇ بار ئىدى. كىتاپلارنىڭ ئارىسىدا يەنە ئۇ يىللاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر رەسىم شەكلىدە سىزىپ تونۇشتۇرۇلغان قايسى بىر گېزىتكە تەۋە ئىككى قىسىملىق بروشورمۇ بار ئىدى. بۇ كىتاپلار ئۇ كۈنلەردە مېنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتاپلىرىم ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن قەھرىمانلىق تەسۋىرلەنگەن چوڭ ئۇرۇشلار قەلبىمدە ئالدىنقى قاتاردىكى نەرسىلەرگە ئايلىنىشقا باشلايدۇ. شۇندىن ئېتىۋارەن ئۇرۇش ۋە ھەربىلىككە مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى زادىلا قولدىن بەرمەي ئوقۇيدىغان بولدۇم.
بۇ قىزىقىشىم مەن ئۈچۈن يېپ-يېڭى ۋە ئىنتايىن مۇھىم بىر كەشىپ، بىر ئۇيغۇنۇش نوقتىسى بولۇپ قالدى. چۇنكى تۇنجى قېتىم كاللامدىن ئۆتمەيدىغان سۇئاللار بىلەن قىينالماقتا ئىدىم. شۇنىڭغا ئىشىنەتتىمكى، بۇ خىل سۇئاللار ئۇ كۈنگىچە تېخى جاۋاپقا ئېرىشەلمەي كەلگەن مۇجمەل سۇئاللاردىن ئىدى: بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان نېمىسلار بىلەن ئۇرۇشقا قاتناشمىغان باشقا نېمىسلار نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلىپ كەتتۇق؟ بىزنىڭ گېرمانىيىدىكى نېمىسلار بىلەن نەرىمىز ئوخشىمايدۇ؟ ئەگەر بىرەر پەرق بار دېيىلسە، زادى قانداق پەرقى بار؟ دادام ۋە باشقا ئاۋۇسترىيىلىكلەر بۇ ئۇرۇشقا نېمە ئۈچۈن قاتناشمىدى؟ بىز ئاۋۇسترىيىلىكلەر ئۇ گېرمانىيىلىك گېرمانلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر كىشىلەرمىدۇق؟ بىز ئۇلار بىلەن بىر يولدا كىتىۋاتقان كىشىلەر ئەمەسمۇ؟
مېنىڭ بالىلىق كاللام بۇ مەسىلىلەرگە مۇۋاپىق جاۋاپ تاپالماي قىينىلاتتى، بەزىدە ئۆزەم سورىغان سۇئالغا ئېھتىياتلىق بىلەن ئۆزەم جاۋاپ بېرىشكە تىرىشاتتىم. ئاخىرىدا، يوشۇرۇن بىر ھەسەتلىنىش ھىسىياتى ئىچىدە غەزەپلەنگەن ھالدا ئۆزەمدىن مۇنداق بىر سۇئالنى سورىدىم: نېمە ئۈچۈن بىز نېمىسلارنىڭ ھەممىسى بىردەك بىسمارك ئىمپىرىيىسىگە مەنسۈپ بولۇش بەختىيارلىقىغا ئېرىشەلمىدۇق؟! ئىشنىڭ بۇ تەرىپىگە زادىلا ئەقلىم يەتمەي ئۇلاردىن قىزغىنىپ كەتكەن ئىدىم.
بۇنچە چوڭ بىر مەسىلىگە ئۇ ياشتا قانداقمۇ توغرا جاۋاب بىرەلەيتتىم؟
دەسلەپكى كۈزىتىشلىرىم

بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئوقۇشۇم كىرەكلىگىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنە كېلىپ سىستېمىلىق بىلىم ئېلىشىم كىرەكلىگىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
مېنىڭ مىجەز-خاراكتىرىمنى كۈزىتىپ يۈرگەن دادام، بۇ ئوغلۇمدا كلاسسىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشقا پەقەتلا ئىقتىدارى يوق ئىكەن، دېگەن خۇلاسىغا كېلىدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، ماڭا مۇۋاپىق كېلىدىغان مەكتەپ، ئەسلىدە كەسىپى مەكتەپ ئىدى. دادام مېنىڭ رەسىملەرنى بەكلا ئاسان ۋە چىرايلىق سىزالىشىمغا دىققەت قىلغان بولسا كېرەك، شۇنىڭغا قاراپ بۇ قاراشقا كەلگەن بولىشى مۇمكىن. ئاۋۇسترىيىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە رەسىم دېگەن بۇ ئىشلارغا بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، ھەتتا كۆپۈنچە ۋاقىتلاردا قەتئى كۆزگە ئىلمايدۇ دەپمۇ قوياتتى. بەلكى ئۇنىڭ جەمىيەت تەجرىبىسى ئەمىلىي قىممىتى يوق بۇنداق ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغان، “ئىنسانىيەتلىك” تىن ئۇنى بەكلا ياتلاشتۇرىۋەتكەنلىگىدىن بولسا كىرەك، مېنىڭ بۇ تۈردىكى قىزىقىشلىرىم ئۇنى پەقەتلا قىزىقتۇرمايتتى. ئەسلىدە ئۇ مېنىڭ ھەققىمدە ئاللىمۇ قاچان بىر قارارغا كېلىپ بولغان ئىدى: ئۇنىڭ ئوغلىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش بىر مەمورى كادىر بولۇشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ جاپا ئىچىدە ئۆتكەن ياشلىق دەۋىرلىرى، تەبىئى ھالدا ئۇنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ قولغا كەلتۈرگەن كادىرلىق كەسىپىنى ئەتىۋارلايدىغان مىجەزنى يېتىشتۈرگەن بولىشى مۇمكىن. راس دېمىسىمۇ مەمورى كادىر بولىمەن دەپ ئاز جاپا تارتمىغان ئىدى. دادام، شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئۆزىنى مەمورى كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقالىغانلىقىدىن بەكلا ماختىناتتى. شۇڭا، مېنىمۇ شۇنداق كادىر قىلىپ يېتىشتۈرۈشنى، ئەگەر مۇمكىن بولسا تېخىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك كادىر بولۇشقا تەييارلىق قىلىشىمنى ئويلايتتى. ئۇ مېنىڭ ئۈچۈن تۈزگەن بۇ غايىسى ئۈچۈن بەكلا ئەستايىدىل كىرىشىپ كەتكەن ئىدى. ئوغلىنىڭ يوقۇرى مەۋقەلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئالاھىدە زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە ئىدى.
دادام، مېنى پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلىغان كادىرلىق ئىشىغا ئوخشاش بىر كادىر قىلىپ يېتىشتۈرىمەن دەيدىغان ئارزۇسىغا ماقۇل بولمايدىغانلىقىمنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايتتى. ئۇنىڭ قارارى بەكلا ئېنىق، كەسكىن ۋە ئۇنىڭچە بولغاندا بۇنداق قارار قىلىشى بەكلا نورىمال بىر ئىش ئىدى. جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش جەريانىدا بۇيرۇقۋاز مىجەزنى سىڭدۇرىۋلغان دادام، بۇنداق قارار ئېلىش ئىشنى ھېچقانداق تەجرىبىسى بولمىغان، مەسئولىيەت دېگەننىڭ نېمىلىگىنىمۇ بىلمەيدىغان مېنىڭدەك بىر بالىسىنىڭ ئىختىيارىغا تاشلاپ قويالمايتتى، ئەلىۋەتتە. بۇ ئىش ئوغلىنىڭ ئىستىقبالىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مۇھىم بىر ئىش بولغاچقا، قىلچە بوشاشماي نەق بىر ئاتا مەسئولىيىتى بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇشقان ئىدى. بۇ ئىشتا كۆرۈلۈشى ئېھتىمالى بولىدىغان ھەرقانچە ئاددى سەل قاراش ئۇنىڭ ئەستايىدىل ۋەزىپە ئۆتەش مىجەزى بىلەن زادىلا سىغىشالمايتتى.
دادام مېنىڭ ئىستىقبالىم ھەققىدە شۇنچە باش قاتۇرغىنىغا قارىماي، بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈلگىرەلمەي بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىنى نەدىنمۇ بىلەي؟
ئۆمرۈمدە تۇنجى قېتىم − ئەندىلا ئون بىر ياشقا قەدەم بېسىۋاتقان بىر بالا بولۇشۇمغا قارىماي دادامنىڭ پىكىرىنى رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلماقتا ئىدىم. داداممۇ مېنىڭ ئىستىقبالىمغا مۇناسىۋەتلىك بۇ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قانچىكى چىڭ تۇرسا، ئۇنىڭ پۇشتىدىن بولغان مەنمۇ ياخشى كۆرمەيدىغان بىر پىكىرنى رەت قىلىشتا ئەڭ كامىدا دادامدەك جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ تىركەشمەكتە ئىدىم:
«مەمورى كادىر بولۇشنى خالىمايمەن!»
نەسىھەت، قاتتىق گەپلەرنىڭ ھېچقايسىسى مېنىڭ قارشى چىقىشىمغا توسالغۇ بولالمىدى. ياق! مەمورى كادىر بولۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن، ھەرگىز كادىر بولمايمەن! دەپ تۇرىۋالاتتىم.
داداممۇ مېنىڭدە كادىرلىققا بولغان قىزىقىشنى قوزغايمەن دەپ ئۆزىنىڭ كادىرلىق ھاياتىدىن مىساللار كەلتۈرۈپ بىكاردىن-بىكارغا ئاۋارە بولاتتى. مەن بولسام كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزەمنى غۇۋا يۇرۇپ تۇرىدىغان بىر ئىشخانىدا قامىلىپ ھېچيەگە مىدىرلىيالماي ئەتىدىن كەچكىچە ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرۇشۇمنى، پۈتۈن ئۆمۈرۈمنى بىر مۇنچە دەپتەر-جەدۋەللەرنى تولدۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزىشىمنى كۆزئالدىمغا كەلتۈرگىدەك قىلساملا بۇ كادىرلىق دېگەندىن پۈتۈنلەي يىرگىنىپ كىتەتتىم.
راستىنى دېسەم، كۈچلۈك، بەستلىك بولمىغان مېنىڭدەك بىرسى كىلەچىگىدە نىمە ئىشلارنى قىلالىشى مۇمكىن دېگەننى ئويلىسام ھەقىقەتەنمۇ غەم قىلماي بولمايتتى. مەكتەپتىكى دەرىسلىرىم ئۈچۈن بەك كۆپ ۋاقتىم كەتمەيتتى. شۇنداق بولغاچقا، ئۆيدە قامىلىپ جىم ئولتۇرۇش ئورنىغا سىرتلاردا، ساپ ھاۋالىق يەرلەردە ئايلىنىپ يۈرۈپ ۋاقتىمنى ئۆتكۈزۈشنى ياخشى كۆرەتتىم. بۈگۈنكى كۈندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلىرىم «بۇ ھىتلېر دىگەن كىشى ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە نېمە ئىشلار بىلەن ۋاقتىنى ئۆتكەزگەن بولغىيدى؟» دېيىشىپ، يىپىدىن يىڭنىسىغىچە بالىلىق كەچۈرمىشلىرىمنى چۇخچىلاپ يۈرۈپ، ماڭا ئۇ بالىلىق ۋاقتىمدىكى بەخىتلىك كۈنلەرنى ئېسىمگە سالغىنى ئۈچۈن تەڭرىگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇ دەۋىرلەردە ئىچىم پۈشقان ھامان چاتقاللىقلار بىلەن ئورمانلىقلارنى ئايلىنىپ سەيلە قىلىپ كېلىپ پۈتۈن خاپىلىقلىرىمنى پاك-پاكىزە ئۇنتۇپ كىتەتتىم.
كەسىپىي ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇشۇم مېنىڭ كۈندىلىك قىزىقىشلىرىمنى ئانچە بەك ئۆزگەرتىۋىتەلمىگەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ كۈنلەردە يەنە بىر ئىشقا كىرىشىپ قالغان ئىدىم. دادامنىڭ مېنى كادىرلىققا تەييارلايمەن دىگەن ئارزۇسىغا قارشى چىقىشىم ئۆيدىكىلەرنى رەنجىتىپ قويغاندەك قىلسىمۇ، بۇنى چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتىم. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۆز پىكىرىمنى يوشۇرۇپ، دادامنى رەنجىتىپ يۈرۈشتىن ساقلىنىشقا تىرىشاتتىم. چوڭ بولغىنىمدا كادىر بولمايمەن دېگەن ئىرادەم كۈچلۈك بولۇپ، بۇنداق كەسكىن بىر ئىرادىگە كىلەلىگەنلىكىم ئۈچۈن يەنىلا خوشال ئىدىم. ئەمما كۈنلەرنىڭ بىرىدە دادام ئۆز پىلانى بويىچە ئىش قىلماقچى بولىۋىدى، ئارىمىزدا كۆڭۈلسىزلىكلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ ئويغا قانداق كەلگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمىسەممۇ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ بولسام رەسسام بولىمەن دېگەن خىيالغا كەلگەن ئىدىم. دېمىسىمۇ رەسىم سىزىش قابىلىيىتىمگە گەپ كەتمەيتتى. دادامنىڭ مېنى كەسىپى ئورتا مەكتەپكە بېرىش ئويىغا كېلىشىگە رەسىم سىزىشقا بولغان قىزىقىشىم سەۋەپ بولغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ رەسمى بىر رەسسام بولۇپ يېتىلىش ئۈچۈن تەربىيىلىنىشىمنى ھەرگىز خالىمايتتى. ھەتتا كەلگۈسىدە بىرەر رەسسام بولۇپ چىقىشىمغا قەتئىي قارشى ئىدى. دادامنىڭ ئارزۇسىنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، دادام مەندىن چوڭ بولغىنىڭدا زادى نىمە ئىش بىلەن شوغۇللىنىشنى ئويلاۋاتىسەن دەپ سوراپ قالدى. بۇ ھەقتە ئاللىقاچان ئېنىق قارارغا كېلىپ بولغىنىم ئۈچۈن، ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا دەرھال جاۋاپ بەردىم:
− رەسسام بولماقچىمەن!
دادام، ھەيران بولغانلىغىدىن ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى.
− رەسسام بولماقچى دېدىڭمۇ؟ يەنى بىر سەنئەتكار بولىمەن دىمەكچىمۇسەن؟
دادام مېنىڭ جاۋاب بېرىشتە ئويلىنىپ-ئويلانمىغانلىقىمنى بىلەلمەي چىرايىمغا سەپ سېلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاندىن خاتا ئاڭلىۋالدىممۇ قانداق دەپ ماڭا قايتا تىكىلدى. ئەمما مېنىڭ راستىنلا رەسسام بولماقچى ئىكەنلىكىمنى قايتا بىر قېتىم ئاڭلىغاندىن كېيىن راس شۇنداق جاۋاپ بەرگەنلىكىمنى بىلدى-دە، دەرھال قارشى تۇردى. ئۇنىڭ قارارى بەكلا ئېنىق ئىدى، مېنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەرقانداق بىر قىزىقىشىمغا كۆڭۈل بۆلۈش نىيىتى يوق ئىدى:
− رەسسام بولىمەن دېدىڭ-ھە؟ ياق، ياق، ھەرگىز بولالمايسەن!
ئەمما ئوغلىنىڭ دادىدىن يۇقتۇرۇپ ئالغان مىجەزلىرىنىڭ ئارىسىدا ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىۋالىدىغان جاھىللىق مىجەزىمۇ بار ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بەرگەن جاۋابىممۇ ئۇنىڭكىدەك ئېنىق ۋە كەسكىن ئىدى.
دادام ئىككىمىز تالىشىپ يۈرۈپ دەيدىغان گېپىمىزمۇ تۈگىگەن ئىدى. دادام ياق دېدىمۇ بولدى، ئۇ ھەرگىز گېپىدىن يانمايتتى. ئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزگېپىمدە چىڭ تۇرىۋېلىشتا ئۇنىڭدىن قالمايتتىم. بۇ تالاش تارتىشنىڭ ئاقىۋىتى خاپىلىق بىلەن پۈتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى. ئۆزىگە تەمەننا قويىدىغان دادام مەندىن بەكلا رەنجىگەن ئىدى. مەنمۇ بۇ ئىشنى دەپ دادامنى رەنجىتكىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى. ئەسلىدە مەن دادامنى بەكلا ھۆرمەتلەيتتىم. شۇ كۈندىن باشلاپ دادام مېنىڭ رەسىم سىزىشىمنى چەكلىۋەتتى. مەنمۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلەپ، ئۇنداق قىلساڭ مەكتەپكە بارمايمەن دەپ تەھدىت قىلدىم. تەبىئىيكى بۇنداق ۋاقىتلاردا يېڭىلىدىغان تەرەپ يەنىلا مەن ئىدىم. شۇنداق قىلىپ بۇ مەغرۇر كىشى باشقا ئېغىز ئېچىشىمغا رۇخسەت قىلمىدى. ئاتا بولغانلىقىنى تونۇتۇپ قويماقچى بولدى. ئىش بۇ ھالغا كەلگىنىدىن كېيىن، مەنمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۈن چىقارماي جىم تۇرۇشقا مەجبور بولدۇم. شۇنداقتىمۇ مەكتەپتىن قاچىمەن دەپ تەھدىد سېلىشتىن چېكىنمىدىم. كەسىپى ئورتا مەكتەپە مەيلى خالاپ ياكى خالىماي ياخشى ئوقىمايدىغانلا بولسام، دادام مېنى چوقۇم ئۆز ئىختىيارىمغا قويىۋېتىدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.
بۇ پىلانىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ-ئاشماسلىقىنى بىلمەيتتىم. ئەمما مەكتەپتە ئالغان نەتىجىلىرىم كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ناچارلىشىشقا باشلىغان ئىدى. ئۆزەم قىزىقىدىغان ياكى كەلگۈسىدە رەسسام بولغىنىمدا ئەسقاتىدۇ دەپ قارىغان دەرسلىرىمگە بەكىرەك كۈچ چىقىراتتىم. مېنى قىزىقتۇرمايدىغان، كېرىكى يوق دەپ قارىغان دەرسلىرىمگە بىلىپ تۇرۇپ تىرىشمايتتىم. ئۇ ۋاقىتلاردا ئالغان دەرىس نەتىجىلىرىمدە قىزىقىدىغان دەرسلىرىمدىن پەۋقۇلئاددە يوقۇرى، قىزىقمايدىغانلاردىن بولسا بەكلا ناچار نومۇرلارنى ئېلىشقا باشلىغان ئىدىم. «ياخشى» ۋە «ئالاھىدە ياخشى» دىگەن نومۇرلار بىلەن بىرلىكتە «ئورتا» ھەتتا «ناچار» دىگەن نومۇرلارنىمۇ ئېلىپ قالاتتىم. ئەڭ نەتىجىلىك بولغان دەرسلىرىمدىن تارىخ ۋە جوغراپىيە دەرسلىرى بار ئىدى. بەكلا قىزىقىدىغان بۇ دەرسلىرىمدە سىنىپنىڭ ئەڭ ئەلاچىلىرىدىن بىرى ئىدىم.
ئارىدىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپ بۈگۈن ئۇ يىللارنىڭ ھىساپ-كىتاۋىنى قىلىپ كۆرگىنىمدە، مۇنداق ئىككى مۇھىم خۇلاسىنى چىقىرىمەن:
1. شۇ يىللاردىن باشلاپ مىللەتچى بولۇپ يېتىشمەكتە ئىدىم؛
2. تارىخنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگۈنىۋالغان ئىدىم.
كونا ئاۋۇسترىيە كۆپ مىللەتلىك بىر دۆلەت ئىدى. بۇنداق بىر دۆلەتتە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىدىن تەپسىلى خەۋەردار بولىمەن دېېيىش بەكلا تەس ئىدى. فرانسىيە-گېرمانىيە ئۇرۇشىدا داڭلىق گېرمانىيە ئارمىيىسى غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيىلىكلەر چېگراسىنىڭ يېنىدىكى نېمىسلارنى كۈندىن كۈنگە ئۇنتۇشقا باشلىدى. گېرمانىيىدىكى نېمىسلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاۋسترىيىدە نېمىس بولۇشنىڭ قانچىلىك تەس ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى ياكى بىلىشنىمۇ دېگەندەك خالاپ كەتمەيتتى. ھېچكىم ئاۋۇسترىيىدىكى نېمىسچە مەكتەپلەردە نېمىس تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىشقا مەجبور بولىۋاتقانلىقىنى پەقەت خىيالىغا كەلتۈرۈشمەيتتى.
بولۇپمۇ ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرى ئۈستىدە گەپ بولغىنىدا ئۇلارنى ھەر دائىم ۋەيران بولىۋاتقان بىر خاندانلىق بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ قارىشاتتى.
راس دېگەندەك ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرى ئۆتمۈشىدە 52 مىليون نوپۇسلۇق بىر دۆلەتنى قۇرۇپ چىقالىغان ئەڭ ئېسىل ئىرق ئىدى. بەلكىم شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، گېرمانىيىلىكلەر ئاۋۇسترىيىنى پۈتۈنلەي نېمىسلارنىڭ قولىدىكى بىر دۆلەت دەپ قارىشاتتى. بۇنداق قاراش، رۇشەنكى بەكلا چوڭ خاتا قاراش ئىدى! ئەمما ئاۋۇسترىيىنىڭ بۇ شەكىلدە كۆرۈنۈشى، شەرقتىكى ئون مىليون نېمىس ئىرقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغ ئىرق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەتتى. ئاۋۇسترىيىدە نېمىس مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتۇش تىلىنى نېمىسچىدە ساقلاپ تۇتۇش، شۇ ئاساستا ئاۋۇسترىيىنى نېمىس دۆلىتى ھالىتىدە ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇ يەردىكى نېمىسلار جاپالىق كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى گېرمانىيىدە بىلىدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە رېيچ (گېرمانىيە پارلامېنت ھۆكۈمىتىنى دېمەكچى − ت) گېرمانىيىسىنىڭ سىرتىدا قالغان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز نېمىسلىكنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىپ، ئانا ۋەتەن سېغىنىشى ئىچىدە پۈتۈن قەلبى بىلەن گېرمانىيىگە تەلپۈنۈپ ياشىماقتا. ئۇلار بۇ غايىسىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىشىپ ھېچ بولمىغاندا ئۆز ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ جاپالىق كۈرەش قىلماقتا. ئەسلىدە ئۇلار «نېمىس ئىرقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش» نىڭ ئەھمىيىتىنى بەك ياخشى بىلىدۇ.
بۇ ئىش شۇنداق بىر تەتۇر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالغانكى، رېيچ گېرمانىيىسى مۇستەملىكىلەر بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، چېگرىسىنىڭ يىنىدىكى قان قېرىنداشلىرىغا پەقەتلا كۆڭۈل بۆلمەي، ئۇ يەردە نېمىسچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يوقۇلۇشقا يۈز تۇتقانلىقىغا پەرۋا قىلماي كەلمەكتە ئىدى.
ھەر ۋاقىت، ھەر يەردە ۋە ھەر قانداق بىر ئىشتا كۆرۈلگىنىدەك، كونا ئاۋۇسترىيە ئىمپىرىيىسى ئىچىدىكى ھەر قايسى تىللارنىڭ ئۆزئارا رىقابىتىدىمۇ مۇنداق ئۈچ خىل ئادەملەر مەيدانغا چىقماقتا ئىدى: چىڭ تۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغانلار، نېمىلا دېسە ماقۇل دەيدىغان يۇمشاقباشلار ۋە مۇناپىقلار.
مەن ئوقۇۋاتقان مەكتەپتىكى ئەھۋالمۇ خۇددى شۇنداق ئىدى. شۇنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئىنسانلار ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ كەسكىن رىقابەت، ئەۋلات يېتىشتۈرىدىغان يەرلەردە روي بېرىدۇ. بۇنداق رىقابەتلەر ئىزباسار تالىشىشنى تۈپكى مۇددا قىلغاچقا، ھەرقاندان بىر چاقىرىقنى ئاۋال ئەنە شۇ ئىز باسارلارغا قارىتىش كېرەك:
− ھەي نېمىس ئوغلانى، بىر نېمىس پەرزەنتى ئىكەنلىكىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما!
− ھەي نېمىس قىزى، يېقىندا بىر نېمىس ئانىسى بولىدىغانلىغىڭنى ھەرگىز ئۇنۇتما!
ياشلارنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان كىشىلەر، بۇنداق بىر چاقىرىقنى ئەڭ قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلارنىڭ ئەنە شۇ ياشلار ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىدۇ. ياشلار بۇنداق ھەرىكەتلەرنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ۋە ئۆز قۇراللىرى بىلەن مىڭ بىر خىل تۈسكە كەلتۈرۈپ داۋاملاشتۇرالايدۇ: ئۇلار چەتئەل ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ؛ نېمىس شۆھرىتىنى ئۇنۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرقانچە ھەپىلەشسىمۇ، ياشلىرىمىز بۇ مىللىي شۆھرىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىزغىنلىق ۋە جوشقۇ بىلەن قوغداشقا تىرىشىدۇ؛ چوڭلار قاتناشقان ئۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يانچۇقىدىكى تەڭگىلىرىنى تىجەيدۇ؛ دىن تارقىتىش نىقاۋى ئاستىدىكى چەئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يوشۇرۇن غەرەزلىرىگە قارىتا ھەر دائىم ھۇشيار تۇرالايدۇ. تاقاش چەكلەنگەن ئۆز مىللىتىگە خاس ئىزنەك-بەلگىلەرنى قورقماي تاقاپ يۈرەلەيدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن جازالىنىش، ھەتتا تاياق يېيىشكىمۇ پىسنت قىلماي غورۇرلىنىپ يۈرەلەيدۇ. ياشلار چوڭلاردىن ئۈلگە ئېلىش بىلەنلا قالماي، كۆپۈنچە ھاللاردا چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھېسىياتلىنالايدۇ. ياشلارنى قوزغاش، ئۇلارنى يىتەكلەش چوڭلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان.
كونا ئاۋۇسترىيە مىللەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى بۇنداق كۈرەشلەرگە قاتنىشىش پۇرسىتى ماڭىمۇ نېسىپ بولغان ئىدى. مەكتەپتە جەنوبىي مانشى جەمىيىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۈچۈن ئىئانە يىغاتتۇق، قارا، قىزىل، سېرىق، رەڭلىك بايراقلار بىلەن بىزەلگەن گۈل دەستىلىرىنى سوغات قىلىشاتتۇق؛ “خېىل − ياشىسۇن!” دەپ توۋلىشىپ تەنتەنە قىلىشاتتۇق؛ پاش قىلىنىش ۋە جازالىنىشلاردىن قورقماي ئىمپىرىيە مارشى كايزەرلايدنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ «دوتچلاند ئاللېس − گېرمانىيە مارشى» نى ئېيتىشاتتۇق. ئاتالمىش مىللىي دۆلەتنىڭ تەركىۋىدىكى ئىرقلار ھەققىدە گەپ بولغىنىدا، چۈشىنىكسىز مىللىي تىللىرىدىن باشقا مىللىي غورۇرىمىزنى كۈچەيتىدىغان ھېچ نېمىدىن خەۋىرىمىز بولمىسىمۇ، ياشلار سىياسىي جەھەتتە ئەنە شۇنداق جەڭگىۋار روھ بىلەن يېتىشتۈرۈلگەن ئىدۇق. شۇنىسى ئېنىقكى، بالىلىق ۋاقىتلىرىمدا مەنمۇ يۇۋاش-يۇمشاق يېتىشكەن بولماي، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئوت يۈرەك ‘نېمىس مىللەتچىسى’ بولۇپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدىم. بۇ يەردە مىللەتچى دېگىنىم، بۇگۈنكى كۈندە مىللەتچى ئىسىمنى قويىۋالغان پارتىيىنىڭ چۈشەنچىلىرىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدىغان بىر مىللەتچىلىك ئىدى.
شۇنداق قىلىپ، مەنمۇ ئىدىيە جەھەتتە تىزلىك بىلەن يىتىلمەكتە ئىدىم. ئون بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدىلا خاندانلىق پۇخرالىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى دېگەن بىلەن ئىرق مىللەتچىلىگى دېگەن ئۇقۇمنىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىيالايدىغان ھالغا كېلىپ، رەسمى مىللەتچى بولۇپ يېتىلىشكە باشلىغان ئىدىم.
ھابسبوۋرگ خاندانلىق تۈزۈمىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش ئاۋارىچىلىقىغا چىدىمايدىغانلار، مېنىڭ نېمىشكە بۇنداق بىر يول تاللىغانلىقىمنى مەڭگۈ چۈشىنەلمەيدۇ. ئادەتتە بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ مەكتەپلىرىدە پەقەت ئومۇمىي دۇنيا تارىخىلا ئوقۇتىلاتتى. راس دېگەندەك، ئاۋۇسترىيىنىڭ ئۆزىگە خاس بىرەر تارىخى بارمىدۇ؟ بۇ دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرەققىياتى نېمىسلىككە شۇنچىلىك زىچ باغلانغانكى، نېمىس تارىخىدىن مۇستەسنا ھەرگىزمۇ بىرەر ئاۋۇسترىيە تارىخىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. شۇڭا، نېمىسلارنىڭ ئىككى دۆلەتكە پارچىلىنىپ كېتىشىنى، نېمىس تارىخىنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشى دەپ قاراشقا بولىدۇ.
ۋىېنادا زاۋاللىققا يۇز تۇتقان بۇ كونا پادىشالىقتىكى بارلىق دەبدەبىلىك مەنزىرىلەر گويا ئىمپىرىيە تەركىۋىدىكى بارلىق مىللەتلەر بىر پۈتۈنلۈكنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدۇ دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەسلىدە بۇ تاشقى كۆرۈنۈشتىن باشقا مەنىگە ئىگە ئەمەس ئىدى.
ھابسبوۋرگ خاندانلىقى يىمىرىلىشقا يېقىنلاپ قالغان كۈنلەردە، ئاۋۇسترىيە نېمىسلىرى ئانا ۋەتەن توپراقلىرىغا قوشۇلۇپ كېتىش تەلىۋى بىلەن قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئورتاق گېرمانىيە قۇرۇش تەلىۋىنى يالغۇز تارىخ تەربىيىسى ئارقىلىقلا قوزغىتىش مۇمكىن. تارىخ، مەڭگۈ قۇرىماس بىر بۇلاق بولۇپ، شارائىت يار بەرمىگەن بەزى دەۋرلەردە ئۇنتۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، يېڭى بىر ئىستىقبالنى نېمىسلارنىڭ قۇلىقىغا تىنماي پىچىرلاپ تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندىمۇ مەكتەپلەردە ئوقۇتىلىدىغان دۇنيا تارىخ دەرسلىرىنى يەنىلا ياخشى تۈزۈلگەن دېيىشكە بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار تارىخ دەرسىنىڭ مەقسىدى تارىخىي ۋەقەلىكلەر يۈز بەرگەن ئاي-كۈنلەر بىلەن جەريانلارنىلا ئوقۇتۇش دەپ قاراشماقتا. بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بىرەر ئۇرۇشنىڭ قايسى يىلى، قايسى ئايلاردا باشلىنىپ قايسى كۈنلەردە ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىۋېلىشى ياكى قايسى بىر مارشالنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، قايسى بىر پادىشاھنىڭ تەختكە ئولتۇرغان ۋاقتىنى ئاي-كۈنلىرى بويىچە ئېنىق يادلىۋېلىشىنىڭ قىلچە پايدىسى يوق. تارىخ دەرسى، تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى پەيدا قىلىدىغان ئەسلى سەۋەپلەر بىلەن ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگەن ئامىللارنى ئۆگۈنۈش بىلەن ئۇلارنى تەتقىق قىلىش مەقسەت قىلىنىشى كېرەك ئىدى.
مېنىڭچە بولغاندا، ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش ماھارىتى دېگىنىمىزدە شۇنى كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك: ئاساسىي مەزمونلارنى ساقلاپ قېلىپ، جەريانلارنى ئۇنتۇپ كېتىش.
مەكتەپتىكى تارىخ دەرس ئوقۇشتا، بۇ دەرسنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان، ئاز ئۇچۇرايدىغان تالانتلىق بىرسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سالاھىتىگە ئېرىشەلىگەنلىكىم، كېيىنكى كۆزقاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن دەپ قارايمەن. ھەتتا شۇ سەۋەپتىن پۈتكۈل ھاياتىمدا يول كۆرسەتكۈچ رول ئوينىغان، ياش ۋاقىتلىرىمدىن باشلاپلا بىر ئىنقىلاپچى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ئۈچۈن يىتەكچى رول ئوينىغان دەپ قارايمەن. ماڭا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن بۇ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچۇم لېنزدىكى كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور لىئوپولد دوېتش دېگەن كىشى ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز ھېسىياتچان، كەسكىن ۋە ئاق كۆڭۈل بىر ئادەم ئىدى. ئۇ جوشقۇنلۇق نوتۇقلىرى بىلەن بىزنى سىھىرلەپ، بىزنى بۇ رىئال دۇنيادىن چىقىرىپ ئۆتمۈش ئەسىرلەرنىڭ تۇمانلىق يىللىرى ئىچىگە يىتەكلەپ، ئۇ دەۋىرلەردە كۆمۈلۈپ قالغان بىر مۇنچە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى تەسۋىرلەپ بىزنى ھاياجانلاندۇراتتى. بىزنى تارىخنىڭ ئۇ سىرلىق دۇنياسىغا ئاپىرىپ ساياھەت قىلدۇرغان شۇ ئوقۇتقۇچىمنى تا بۈگۈنگىچە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن. ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنى ئاڭلاۋاتقىنىمىزدا ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى سەزمەيلا قالاتتۇق. ئۇنىڭ لېكسىيىلىرىنىڭ تەسىرىدە ھاياجاندىن كۆزلىرىمىز ياشقا تولۇپ كېتەتتى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىگى شۇكى، ئۇ تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە، تارىخىي ھادىسىلەردىن ساۋاق ئېلىپ بۈگۈنگە تەدبىقلاش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى ئىدى. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز تارىخىي ۋەقەلىكلەرنى ئىنتايىن تەسىرلىك تەسۋىرلەپ بېرەلىگەچكە، بىزمۇ پەۋقۇلئاددە سۈكۈنەت ئىچىدە ئاڭلاپ كىتەتتۇق. بۇ ئوقۇتقۇچىمىز مىللىي ھېسىياتلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئىنتىزامچان بولۇشىمىزغا يىتەكلەيتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۆزىنىڭ دەرس پروگراممىسىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايتتى.
ئەنە شۇ ئوقۇتقۇچىم، ماڭا تارىخ دەرسىنى ھەممىدىن بەك سۆيىدىغان دەرستىن بىرىسىگە ئايلاندۇرغان ئىدى.
بۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنى سۆيگەن، ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن، گېرمانىيە تارىخىنى ئەنە شۇنداق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ قولىدا ئوقۇغان بىرسى، مىللىتىنىڭ تەغدىرىنى ۋەيران قىلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك رەزىللىكلەر بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر خاندانلىقتىن نەپرەتلەنمەي، ئۇنىڭغا قارشى تۇرماي تۇرالارمۇ؟ بۇرۇندىن تارتىپ مىللىتىگە خىيانەت قىلىپ كېلىۋاتقان، ئۆزىنىڭ پەسكەش مەنپەئەتىنى نېمىس مەنپەئەتىنىڭ ئۈستىگە دەسسىتىۋالغان بۇنداق بىر پادىشالىققا كىممۇ سادىق پۇخرا بولغىسى كېلىدۇ؟
بىز مىللەتچى ياشلار، ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنىڭ گېرمانلارغا قىلچىمۇ مۇھەببتى يوقلىغىنى، بولۇشىنىڭمۇ مۇمكىن ئەمەسلىگىنى بىلەلمەسمىدۇق؟
بۈگۈن روي بېرىۋاتقان ۋەقەلەر، تارىخنىڭ بىزگە ئۆگەتكەن تەجرىبىلەر ئاۋۇسترىيە خاندانلىق ئائىلىسى بولغان خابسبوۋرگلارنىڭ مىللىتىگە قىلىۋاتقان رەزىللىكلىرىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى، خالاس. جەنوپ ۋە شىمالدا ياتلارنىڭ زەھىرى مىللىتىمىزنىڭ ئەقلىنى بۇلغىماقتا، ۋىېنانىمۇ ھەر كۈنىسى نېمىسلاردىن تازىلاپ، نېمىسلىكتىن بارغانسىرى ياتلىشىۋاتقان شەھەرگە ئايلاندۇرماقتا. بۇ دەبدەبىلىك ئاۋۇسترىيە خاندانلىق ئائىلىسى ھەر بىر پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي چېخ مەنپەئەتى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشتىن قىلچە نومۇس قىلمايدىغان ھالغا كەلمەكتە. ئاۋۇسترىيىنىڭ ئىسلاۋىيانلاشتۇرۇلۇشىنى نېمىس دۈشمىنى بولغان ئاۋۇسرتىيە شاھزادىسى فرانز فېردىناند قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئىدى. قىزىق، بۇ ئارشىدۇك، سىلاۋيانلارغا ياردەملىشىپ بىرگە قۇيۇپ ياسىغان ئوقتا يەنە شۇ ئىسلاۋىيانلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆتمە تۆشۈك قىلىۋېتىلدى. ئەسلىدە ئاۋۇسترىيىنى يوقۇرىدىن تۈۋەنگىچە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىسلاۋىيانلاشتۇرۇش ئىشىغا بىۋاستە يىتەكچىلىك قىلغان ئادەم دەل بۇ شاھزادە ئەمەسمىدى؟ تەڭرى ئۇنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى بەرگەن ئىدى.
گېرمانىيە خەلقىگە ئارتىلغان تۆلەم پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىدى. ئۇلارنىڭ بىز نېمىسلاردىن بۇنچە كۆپ قان-تەر تەلەپ قىلىشى، دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان زومىلىق ئىدى. ئۇلارنىڭ گېرمانىيىگە قىلغان بۇ ئۆكتەملىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ناھەقچىلىك ئىكەنلىكىنى ھەتتا قارغۇمۇ ئوچۇق كۆرۈپ يېتەلەيتتى. بۇ ئىشتا بىزگە ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان تەرىپى شۇكى، خابسبوۋرگلارنىڭ نېمىسلارغا يوقۇرقىدەك دۈشمەنلىك قىلىشىنى گېرمانىيىنىڭ ئىتتىپاقدىشى دېگەننى باھانە قىلىپ ھېچكىم ئەھمىيەت بەرمەسلىكىدۇر. گېرمانىيىمۇ كونىراپ ئەبجىغى چىقىپ كەتكەن بۇ مۇنارخىيىدە نېمىسلىكنىڭ كۈنسايىن ۋەيران قىلىنىشىغا پىسەنت قىلماي قاراپ تۇرماقتا. ئاۋۇسترىيە خاندانلىقىمۇ تاشقى مۇناسىۋەتلەردە ساتقۇنلۇق قىلىشقا تايىنىپ ئاۋۇسترىيىنى بىر نېمىس دۆلىتى ھالىتىدە ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنسا، ئىمپىرىيە سارىيىدا نېمىسلىققا قارشى ئىسيان، قىساس ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى تېرىماقتا ئىدى.
ئاۋۇسترىيە خاندانلىقى ئىچىدە روي بېرىۋاتقان بۇ ھادىسىلەرنى يالغۇز گېرمانىيە رېيچ دائىرىلا كۆرەلمەيۋاتاتتى. ئۇلار قارغۇ ئادەمدەك ئۆلگەن جەسەتنىڭ ئەتىراپىدىن نېرى كېتەلمەي، چىرىگەن سۈڭەكلەردىن قايتا تىرىلىش شەپىلىرىنى كۆرىۋاتىمىز، ھەتتا بۇ جەسەتكە جان كىرىپ قىمىرلاۋاتىدۇ دېيىشىپ كۆڭلىنى خوش قىلىشماقتا ئىدى.
يېڭى تۇغۇلغان رېيچ بىلەن ئەرۋاھقا ئايلىنىپ بولغان ئاۋۇسترىيە ئوتتۇرسىدا ئىمزالانغان بۇ تەلەيسىز ئىتتىپاقلىق ئىچىدە كەلگۈسىدە دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاشنىڭ تۇنجى توپ ئوقلىرى يوشۇرۇنغان، گېرمانىيىنى مەغلوبىيەتكە سۆرەپ ماڭىدىغان ئامىللار يوشۇرۇنغان دېيىشكە بولاتتى.
بۇ مەسىلىنى كىتاۋىمنىڭ كېيىنكى بۆلۈملىرىدە تېخىمۇ تەپسىلى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. بۇ ھەقتە ھازىرچە شۇنچىلىك توختىلىپ ئۆزەمنىڭ گېپىگە قايتاي. ياشلىق دەۋرىمنىڭ دەسلىۋىدىن باشلاپلا بەزى ئاساسلىق كۆز قاراشلىرىم شەكىللەنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا بۇ تۈردىكى كۆزقاراشلىرىمنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ماڭدىم. شۇ چاغدا تىكلىگەن كۆزقاراشلىىم تۈۋەندىكىلەر ئىدى:
— نېمىس ئىرقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇتلەق تۈردە ئاۋۇسترىيە يىمىرىلىشى كېرەك ئىكەن.
— مىللەتچى ھېسىياتقا ئىگە بولۇش بىلەن بۇ خانىدانلىق پۇخرالىقىدا تۇرۇپ ۋەتەنپەرۋەر بولۇش بىر-بىرسىگە تۈپتىن زىت كېلىدىغان ئىككى خىل ئىش ئىكەن.
— خابسبوۋرگ ئوردىسى نېمىس مىللىتىگە ئاپەت تېرىدىغان ساراي ئىكەن.
شۇ يىللاردىن باشلاپ، بۇ قاراشلىرىمنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولغان مۇنداق بىر تۇيغۇ قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى: ئانا ۋەتىنىم بولغان نېمىس ئاۋۇسترىيە تۇپراقلىرىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن. ئەمما ئاۋۇسترىيە دۆلىتىنى ئىچ-ئىچىمدىن ئۆچ كۆرىمەن.
جەڭگىۋار ھېسىياتلىرىم

شۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپتە ئوقۇغان دۇنيا تارىخ ھەققىدىكى بىلىملىرىم مەسىلىلەرنى كۈزىتىشىمدە، بولۇپمۇ سىياسىي كۆزقاراشلىرىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم بىلىم غەزىنەم ۋە ياردەمچىم بولۇپ كەلدى. مەن بۇ بىلىملەرگە تايىنىپ مەسىلىلەرنى قىلچە قىينالمايلا چۈشىنەلەيدىغان بولدۇم. ئۇ يىللاردا تارىخنى مەن ئۈگەنگەن بولماستىن، بەلكى تارىخ مېنى تەربىيىلەپ چىققان ئىكەن دېسەم تېخىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىكەن.
مەن ئۆسمۈرلۈك ۋاقىتلىرىمدىن تارتىپلا سىياسىي جەھەتتىلا بالا ئىنقىلاپچى بولۇپ يېتىشكەن بولماي، سەنئەت ساھەسىدىمۇ شۇنداق ئىسلاھاتچى روھقا ئىگە بولماقتا ئىدىم.
ئۇ يىللاردا ئاۋۇسترىيىنىڭ يوقۇرقى مەركىزىدە بىر تياتىر ئۆمىگى بولىدىغان. بۇ ئۆمەكنىڭ ئويۇن سەۋىيىسى خېلى يامان ئەمەس ئىدى. بۇ ئۆمەك پات-پاتلا مەن تۇرغان شەھەرگە كېلىپ ئويۇن قويۇپ تۇراتتى. مەن ئون ئىككى ياش ۋاقتىمدا تۇنجى قېتىم گىيوم تېل ئويۇنىنى كۆرگەن ئىدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە شۇ يەردە تۇنجى قېتىم ئوپىرا كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئۇ ئوپىرا لوھېنگرىن ئوپىراسى ئىدى. بۇ ئوپىرا مېنى باشتىن تارتىپلا ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى. باش رولچى بايرېئۇتتىن تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە ھاياجانلىنىپ، ئۇنىڭغا بەكلا ھەۋەس قىلغان ئىدىم. شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مېنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي جەلىپ قىلىۋالدى. كىچىككىنە بىر ۋىلايەت شەھىرىدە بۇنداق سۈپەتلىك ئۇيۇنلارنى كۆرەلىشىم مېنىڭ ئۈچۈن بىر تەلەي ئىدى. بۇ ئوپىرا ماڭا كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ يوقۇرى سەۋىيىلىك ئوپىرالارنى كۆرۈپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى بەرگەن ئىدى.
شۇ ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ئىشلار − شۇ شوخلۇق ئىچىدە نۇرغۇن خاپىلىقلارنىمۇ تارتقان ئۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدە – مېنى، دادامنىڭ مەن ئۈچۈن پىلانلاۋاتقان كەسىپىدىن پۈتۈنلەي سوۋۇتۇپ كادىرلىققا تېخىمۇ ئۆچ قىلىۋەتكەن ئىدى. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى كەلگۈسىدە بىر مەمورىي كادىر بولۇپ بەخىتلىك بولالمايدىغانلىغىمنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلماقتا ئىدىم. رەسىم سىزىش قابىلىيىتىم كەسىپى ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئىسپاتلانغان ئىدى. بۇمۇ تاللىۋالغان يولۇمدىن يانماسلىغىم ئۈچۈن بىر كۈچ قوشماقتا ئىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ يالۋۇرۇش ياكى تەھدىت سېلىشلىرىنىڭ ھېچقايسى ماڭا كار قىلمايتتى. كەلگۈسىدە مەمورىي كادىر بولۇشنى ھەرگىز خالىمايمەن، چوقۇم بىر رەسسام بولۇپ چىقىمەن دەيتتىم. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، مەندە بىناكارلىق كەسىپىگە بولغان قىزىقىشمۇ تەدرىجى شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى.
ئۇ يىللاردا، بىناكارلىق كەسىپىنى رەسىم سەنئىتىنى تەكاممۇللاشتۇرۇشقا ياردەمچى بولىدىغان بىر كەسىپ دەپلا ئويلايتتىم. شۇنداق قىلىپ سەنئەتكارلىققا مۇناسىۋەتلىك قىزىقىشلىرىمنىڭ كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قاراپ بەكلا خوشال بولاتتىم. ئەمما، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەممە ئىش ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ، پۈتۈنلەي باشقا بىر ئەھۋالغا دۈچ كېلىدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن.

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

2 comments

  1. مىنىڭ كۈرەشلىرىم دىگەن كىتاپنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بۇلامۇ؟ مۇنبەردە دەۋاتىمەن-ھە، ماڭا كىتاپخاننى كورسىتىپ قويماڭلار

    • كەچۈرۈڭ، ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى توردىن مەنمۇ ئىزدەپ باقتىم، تېپىلمىدى. مۇنبەرلەردە ئىلان قىلىپ باقساق باشقا تورداشلاردا ئىلىكتاپ نۇسخىسى بار بولسا يوللاپ بىرىشى مۇمكىنتى.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top