دۇنيادىن يىراق

سەھپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر باھا:0

دۇنيادىن يىراق
يازغۇچىسى : ئابدۇقادىر جالالىدىن

پەسىللەرنىڭ پەزىلەتلىرىدە ياراتقۇچىنىڭ ھىممىتى بىلىنىپ تۇرىدۇ . مەن ھاياتلىق دۇنياسىدىكى ھەربىر ھادىسىدىن بۈيۈك روھىي ئارقا كۆرۈنۈشنى كۆرگەندەك بولىمەن . بۇ ئارقا كۆرۈنۈش قانداقتۇر بىر روھىي مەركەزنى يوشۇرغان ھالدا گويا ئاللىبۇرۇن ۋايىغا يەتكەن پرىنسىپنىڭ تەنتەنىسىگە ئۇلۇغۋار نەزەر بىلەن قاراپ تۇراتتى . بۇ دۇنيادىكى بارلىق پەسكەشلىكلەر ، ھىيلىگەرلىكلەر ، ياۋۇزلۇقلار ، تەڭسىزلىكلەر كەبىي جەمىيەت ئىللەتلىرى بىپايان كائىناتنىڭ ھەرىكىتى داۋامىدا بەربات بولۇپ ، ئاشۇ ھەرىكەت پرىنسىپىنى مەنبە قىلغان دۇنيا قاراش ۋە ئېتىقاد غەلىبە كاپالىتىگە ئېرىشىپ كەلمەكتە ئىدى . دەرھەقىقەت ، بىز كۆرۈۋاتقان تەبىئەتتىكى پەسىللەر ۋاقىت ئۆزگىرىشلىرىدىكى قانۇنلارنى چۈشىنىشلىك تىل بىلەن ئاشكارا قىلىدۇ . بىز بىلىدىغان قايسىدۇر قۇرۇلۇشلار ئۆرۈلۈپ ، يېڭى بىنالار قەد كۆتۈرىدۇ ؛ قايسىدۇر بىر كۆۋرۈكنىڭ ياغىچىنى قۇرت يەپ بۇزۇلىدۇ ؛ بىز تونۇيدىغان مويسىپىتلەر ۋاقتى كەلگەندە كېتىپ قالىدۇ ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى بوۋاق ، يېڭى سىمالار مەيدانغا كېلىدۇ . روشەنكى ، تەبىئەتكە قارىساڭ ئىجتىمائىيەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ ئەپچىل بېشارەتلىرىنى كۆرەلەيسەن ، ئويلانساڭ ، ئۇ ھايات ھەقىقەتلىرىگە دائىر ئىخچام تەمسىلگە ئايلىنىدۇ .
شۇ تاپتا مەن پەرىشان كۈزنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپتىمەن . بۇنداق چاغلاردا شەھىرىمىزدە كۆيدۈرۈلگەن غازاڭلارنىڭ ئىس – تۈتەكلىرى ھاۋانى قاپلايدۇ . باھار ، ياز پەسىللىرىدە مۇھىتىمىزغا زىننەت بولمىش ياپراقلار سارغىيىپ تۆكۈلگەن ھامان ”“ ئەخلەت ”“ قاتارىغا ئۆتۈپ قالىدۇ . ئاشۇ زەپىران غازاڭلار نېمىشقىدۇر ماڭا دەۋرىمىزدە پېنسىيىگە چىققان كادىرلاردەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ . شۇڭا سۈپۈرۈلۈۋاتقان ۋە كۆيدۈرۈلۈۋاتقان غازاڭلارنى كۆرسەم بەربات بولغان ئەقىدىلەر ئۈچۈن نادامەت چېكىمەن . پەسىللەردە قانۇنىيەت بار ، ھېسسىيات يوق ، سىياسەتتە تەرغىبات بار ، يۈز – خاتىر يوق . سىياسەت قۇربان قىلىش ئارقىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ . تەختى ئادالەت خۇرۇچلىرىدىن پۈتمىگەن سىياسەت بەئەينى ئەقىل خارابىلىرىدە ئۈنگەن ئوغرى تىكەن .
غازاڭلار سۈپۈرۈلمەكتە . سۈپۈرۈپ تازىلانغان كوچىلاردا قۇۋۋەت دورىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئېلان ۋەرەقىلىرى ئۇچۇپ يۈرەتتى . قايسىدۇر بىر رومانتىك كىنودىن ئالتۇندەك غازاڭغا كۆمۈلگەن ۋىنا كوچىلىرىدا سەيلە قىلىپ كېتىۋاتقان بىر جۈپ ئاشىق – مەشۇقنى كۆرگەنىدىم . مۇزارتنىڭ ھەيكىلى كۈز ياپراقلىرى ئارىسىدىكى نازۇك تىۋىشلارغا ھۇزۇر بىلەن قۇلاق سېلىۋاتقاندەك قىلاتتى . مۇزىكا مۇڭ ئارىلاش كۈز مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزەتتى .
ۋادەرىخ ، بىزدە كۈز باشقىچە . . . مېنىڭ ئۆيۈم بىرىنچى قەۋەتتە بولۇپ ، ئۆيۈمنىڭ كەينىدە بىرقانچە تۈپ تاش ئالما دەرىخى بار . باھار ئايلىرىدا ئۇنىڭ چېچەكلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ . بىراق ئۇنىڭ مېۋىلىرى چېچىكىدىن ئايرىلىپ نۇقۇتتەك بولغاندا ، باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى ئالما شاخلىرىنى يىرىپ يېيىشكە باشلايدۇ ، شۇڭا ئۇ مېۋىلەرنىڭ كۈزدىكى ھالىتىنى بىلگىلى بولمايلا كەلدى . راستىنى ئېيتقاندا ، ئۇنىڭ تاش ئالما ئىكەنلىكىنى قورۇدىكى پېشقەدەملەردىن ئاڭلاپ جەزم قىلغانىدىم . بىزدىكى مائارىپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە شەيدا ئەۋلادلارنى قاچان تەربىيىلەيدىكىنتاڭ . بىز ھازىرچە بۇ گەپنى قويۇپ تۇرايلى . . . قانداقلا بولمىسۇن شاخ ۋە يوپۇرماقلىرى شالاڭ ئاشۇ بىرقانچە تۈپ تاش ئالما دەرىخى خىيال سۈرگەن چاغلىرىمدا قارايدىغان ئەمەكلىرىم . ئەپسۇسكى ، خىيالىمغا بوشلۇق ئاتا قىلغان ئاشۇ كىچىككىنە ھۇزۇرى جەننەت يەنىلا دەخلىسىز ئەمەس . ئەگەر مەن بالكوندا تۇرۇپ يىراققا ئەمەس ، ئالدىمغىلا قارايدىغان بولسام ، قەغەز پورۇپكىلار ، سۇلياۋ ( يالتىراق ) خالتىلار ، سېرىق چۈمۈلە ئولاشقان شاپاقلار كۆرۈنىدۇ . تېخى يېقىندىلا تاۋۇز چاغىنى بولىۋىدى ، ئايتوقاچنىڭ قەغەز قۇتىلىرى تاشلىنىپ ، يۇقىرىقىلارغا تېخىمۇ ”“ ھۆسن ”“ قوشتى . ئۈستىدە ئولتۇرىدىغان بەزى قوشنىلارنىڭ ۋاننىسى بار ، ئۇلار يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن شىلانكىلىرىنى بالكونۇمنىڭ تۈۋىگە ساڭگىلىتىپ ، يۇندىلىرىنى بىر ئەپلىك قۇيىۋېتىدۇ . يالقۇن روزى ”“ كامالتۈرۈك ۋە ئۈرۈمچى ”“ دېگەن ماقالىسىدە ( ”“ شىنجاڭ مەدەنىيىتى ”“نىڭ 1998 – يىل 2 – ، 3 – ( قوشما ) سانىدا ئېلان قىلىنغان ) ئۆينى ”“ ئالىي ئاپتونومىيە ”“ دېگەنىكەن . بىراق مېنىڭ ”“ ئالىي ئاپتونومىيەم ”“ بالكوندىن سىرتقا قارىغىلى بولمايدىغان ئاپتونومىيە ئىدى ، چۈنكى سىرتقا قارىساملا يېقىمسىز كۆرۈنۈش ۋە بەتبۇي پۇراقلار تۈپەيلىدىن ئىچىم ئېلىشىدۇ . ئامال يوق ، دېرىزىلەرنى ھىم ياپىمەن – دە ، يېزىق شىرەيىمنىڭ ئالدىغا كېلىپ قايسىدۇر بىر كىتابنى قولۇمغا ئالىمەن . كاللامدا كىتاب بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى زىت دۇنيا تىكەنلىك قاناتلىرىنى ئاستا – ئاستا يېيىشقا باشلايدۇ .
ئۆيمۇ ئادەمگە ئوخشاپ كېتىدىغان نەرسە ، ئۇ ئۆزىدىن تاشقىرى دۇنياغا دېرىزە ئارقىلىق قارايدۇ . ئۇنىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش تىنىپ كەتكەن مەڭگۈلۈك دۇنيالىرى بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئولتۇرىدىغان ئادەم بولسا ، ئۆينىڭ سوقۇپ تۇرىدىغان يۈرىكى . مېنىڭ ئۆيۈمچۇ ؟ مېنىڭ ئۆيۈم جەمىيەت ۋە ئادەملەرگە نىسبەتەن سوۋۇپ كەتكەن بىر يۈرەكنىڭ ئىگىسى ئىدى .
مەن ئۈچۈن ئۆي ”“ ئالىي ئاپتونومىيە ”“ ئەمەس ، بەلكى غىلاب . كىشىلەر بېلىكوفنى بېكىنمىچى ، شۇڭا ئۇ غىلابنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغان ، دېيىشىدۇ . بۇنداق كىشىلەر ”“ غىلاب بەندىسى ”“ دېگەن ھېكايىدىن باشقا يەنە چېخوف دەۋرىدىكى روسىيىنى ئوقۇپ باقسۇن .
مەن ئۆيگە كىرسەملا تۇرمۇشنىڭ بېسىملىرىنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇغاندەك بولىمەن . ئىككى ياشلىق ئوغلۇمنىڭ سەبىي قىلىقلىرى قاراڭغۇ ئۆيگە چۈشكەن نۇر سىزىقلىرىدەك ماڭا قۇياش ۋە تەبىئەتنىڭ ئىللىق مېھرىنى ھېس قىلدۇرىدۇ . بۇ چاغدا ، كۆز ئالدىمدا تاگورنىڭ شېئىرىي دۇنيالىرى يېيىلىپ ، كېپىنەكلەرنىڭ قاناتلىرىغا ، ئورمىچىلارنىڭ جۇشقۇن ناخشىلىرىغا ، كەپسىز بالىلار پۈۋلىگەندىكى سوپۇن كۆپۈكچىلىرىگە سىڭىپ كېتىمەن .
شەھەردىكى كۈز بىلەن سەھرادىكى كۈز زادىلا ئوخشىمايدۇ . سەھرادا كۈز ئەلۋەك كېلىش بىلەن بىرگە مەنە ۋە ھېسسىياتقا باي بولىدۇ . ئۇ ، زەپىران چىرايى بىلەن ئۆزىدىكى ئىچكى تىنىقلارنى تىڭشاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ . ئۇ ۋايىغا يېتىپ پىشقان رەڭگارەڭ مېۋىلىرى ۋە ھوسۇللىرى بىلەن كىشىلەرگە ئەڭ سەمىمىي ۋەسىيەتلىرىنى ئېيتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ . خۇددى بويىغا يەتكەن قىز ئىچ – ئىچىدىن كېلىۋاتقان تەبىي پۇراقلىرى بىلەن يىگىتلىك ھېسلىرىمىزغا مەدەتكار بولغاندەك ، كۈزمۇ جىمجىت تارتىنچاقلىقى ۋە خۇش پۇراقلىرى بىلەن تەڭرى ئاتا قىلغان ھاياتلىقنىڭ نۇسرىتىنى تونۇتۇپ ، دىللارنى سۆيۈندۈرىدۇ . خىسلەتلىك ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرلەر خۇدادىن قوبۇل قىلىدۇ ، شائىر تەبىئەتتىن قوبۇل قىلىدۇ ، سىياسىيونلار جەمىيەتتىن قوبۇل قىلىدۇ ، خۇدا دەل ئاشۇ تەبىئەت ، جەمىيەت ۋەھىيلىرىنىڭ بۈيۈك تاكامۇلى .
سەھرادىكى ئاشۇ چىرايىق كۈز بالىلىقىمغا كاتتا مەنىلەرنى قوشقانىدى . زەڭگەر ئاسمان تېخىمۇ سۈزۈلۈپ ، ئادەتتىكىدىن ئېگىزلىشىپ كېتەتتى . سەھرادىكى كۈز ئاسمىنىغا قارىساڭ ، لۇغەتلەردىكى ”“ ئەھەد ”“ ، ”“ يۈكسەك ”“ دېگەن ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى جالالىدىن رۇمى كەبىي سىرلىق رەۋىشتە مۇتالىئە قىلالايسەن .
ئىسسىق ئىقلىملارغا كۆچۈۋاتقان تۇرنىلار سېپى سېنىڭ نەزەرىڭنى ئەگەشتۈرۈپ ، يىراق – يىراقلارغا ئېلىپ كېتىدۇ ، ئاسماننىڭ كەينىدە يەنە بىر ئاسماننىڭ بارلىقىنى شۇ چاغدا غۇۋا كۆرۈپ قالىسەن . گەرچە سېنى تاغلار ۋە ئورمانلار ، كۆزۈڭ تېلىپ ئاران يېتىدىغان ئۇپۇق سىزىقلىرى ئوراپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەنە شۇنداق دەقىقىلەردە دۇنيانىڭ ئىنتايىن كەڭلىكىنى سېزىسەن – دە ، قەلبىڭ ئارمانلارغا لىق تولىدۇ . جەسۇر ئاتلىرى بىلەن تاغ – داۋانلار ئېشىپ ئولۇسلارنى تۇتاشتۇرغان ، قوۋملىرىمىزغا ئىناقلىق ۋە قۇۋۋەت رىشتىلىرىنى چاتقان ئوغۇزخان ، سەئىدخان ، بابۇرخان كەبىي ئاتىلار قىسسە ۋە تەزكىرىلەرنىڭ ئاراچلىرىدىن چىقىپ سەن تەرەپكە كېلىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ .
بىراق ، تۇرنىلار كېتىپ قالغاندىن كېيىن تولىمۇ كىچىك بىر مۇھىتتىكى ناتىۋان ھالىتىڭ ئەسلىگە قايتىپ ، تەسۋىرلەپ بولغۇسىز مەيۈسلۈك يۈرىكىڭنى قىسىشقا باشلايدۇ .
”“ قىزىل قىيا ”“ رومانىدا تەسۋىرلەنگەن مەھبۇس ليۇسىياڭ جازا لاگېرىدا شامالداشقا چىققاندا ، تۈرمىنىڭ سۈرلۈك سەيناسىدا چۇرۇلداشقان قۇشقاچلارنىڭ تىكەنلىك سىملار تارتىلغان تامنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئەركىن دۇنياغا ئۇچۇپ كېتىشكەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن تاماشا قىلىدۇ – دە ، قەلبىدىكى باھار تەلپۈنۈشلىرىنى باسالمايلا قالىدۇ . مەھبۇسلۇقتا تۇغۇلغان ، مەھبۇسلۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ ھەپسىگە تۇتۇلغان لوبۇ باش بالا تۈرمە قورۇسىغا ئېزىپ – تېزىپ كىرىپ قالغان كېپىنەكنى قوغلىسا ، باشقا مەھبۇسلار پەنجىرىدىن تىكىلىپ تاماشا قىلىشىدۇ . شۇنداق ، ئىنسان ھاياتلا بولىدىكەن ، ئۇ ئۆزى تۇرغان مەھكۇملۇقنىڭ قانچىلىك ۋەھشىي بولۇشىدىن قەتىينەزەر ، ئاددىي ، مەنىۋى جەننىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا قادىر بولالايدۇ .
تارغىنا ياتاق ئۆيۈم مەن ھەم ئايالىم ئۈچۈن ئېيتقاندا ياتاقلا بولۇپ قالماي ، يەنە كۇتۇپخانا . بەزىدە چېچىلىپ ياتقان كىتابلارنى كۆرۈپ ئايالىممۇ چېچىلىپ قالىدۇ ، ئەمما ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئاشۇ كىتابلارنى رەتلەيدىغان ، توپا بېسىپ كەتسە سۈرتىدىغان چىن پەرۋىشكار . شۇ تاپتا ئالدىمدىكى ئۈستەل سائىتى بىر خىل رىتىمدا چىكىلداپ ماڭماقتا . ئۇنىڭ دەقىقىلەرنى كۆرسىتىدىغان ئىسترېلكىسى پۈتكۈل سائەت يۈزىنى بىر ئايلىنىپ چىققۇچە قاراپ باقتىم ، گويا يۈرىكىمنى ئاشۇ ئىسترېلكىنىڭ ئۇچىغا قاداپ قويۇپ بەردىم . يۈرىكىم چەكسىز ۋاقىت دېڭىزىغا غەرق بولۇپ كەتتى . بۇ دېڭىز ماڭا سىياسەت ، تۈزۈم ، مىللەت ، ئىرقتىن ھالقىغان بىر ئومۇمىيلىقنى ھەدىيە قىلاتتى . بۇ ئومۇمىيلىقتا سائەتلەر دۇنيانىڭ كۆرۈنمەس ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىپ كەتتى . مەن ئىككىگە بۆلۈندۈم . مەنىۋى ئۆزۈم خۇدانىڭ ھىماتى ئاستىدىكى 18 مىڭ ئالەمگە قاپلاندى ، جىسمانىي ئۆزۈم يېزىق شىرەسىنىڭ ئالدىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇراتتى . مەنىۋى ئۆزۈم بىلەن جىسمانىي ئۆزۈمنىڭ بىرلىشىپ قالىدىغان چاغلىرى بەكمۇ ئاز ئىدى . مەن مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ پۇشكىننىڭ دېڭىز ۋە ئەركىنلىك ھەققىدىكى شېئىرلىرىنى ئوقۇغانمەن ، ناۋائىينىڭ مۇھەببەت شاماللىرىنى پۇرىغانمەن ، پەرىدىدىن ئەتتارىنىڭ كامالەت ئىزدىگەن قۇشلىرىنى تەقلىدىي سىزىپ چىققانمەن . قارىسام ، قۇش ھەققىدە شېئىر يازمىغان شائىر يوقتەك تۇرىدۇ ، مېنىڭ شېئىرىمدىمۇ ”“ قۇش ”“ دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ .
يەنىلا ئىقلىملار كېزىپ باھار ئىزدىگەن قۇشلار ئېسىمگە كەلدى . قۇشلارنىڭمۇ سىنىپىي كۈرەشكە تارتىلىشىدەك غەلىتە تارىخى تېخى يېقىندىلا بولدى . ئەمما قۇش بەرىبىر قۇش بولغاچقا ، ئىنسانىيەت تاڭغان تۈزۈمنى ئېتىراپ قىلىشمىدى . ئۇلار پەسىل ئاتلاپ ئۇچۇۋېرىشتى .
جىبران خەلىل جىبران ئېيتقاندەك ، قۇشلار ئىنسانلا مۇيەسسەر بولالمىغان بەختتىن بەھرىمەن بولالايدۇ . ئۇلاردا پاسپورت دېگەن نەرسە بولمايدۇ ، ئۇلاردا پاسپورت ئۈچۈنلا يول ماڭىدىغان ياكى پارا بېرىدىغان ئىشلار بولمايدۇ . ئۇلاردا ئىنسانلارغا ئوخشاش ئۆزى قانۇن تۈزۈپ ئۆزى خىلاپلىق قىلىدىغان ، ئۆزى پاسىل بەلگىلەپ ئۆزى سىقىلىدىغان ئادەت يوق . ئۇلاردا تەڭرى بەلگىلەپ بەرگەن بىرلا قانۇن بار .
مەن سىزگە مۈجىمەل كەيپىياتتا دەپ بېرىۋاتقان ئاشۇ تارغىنا ئۆينى مەنىلەر بۇرجلىرىنى كۆرسىتىدىغان رەسەتخانام دېسەممۇ بولىدۇ . پىكىر يۇلتۇزلىرىم كۆپ ھاللاردا غەم تۇمانلىرى تۈپەيلىدىن خىرەلىشىپ قالىدۇ ، ھەتتا بەزىدە چورت كۆرۈنمەيلا قالىدۇ . ئۆي سېتىۋېلىش ۋە قەرز قايتۇرۇش غوۋغالىرى ئويلىنىش ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان خۇسۇسىي قورغىنىمنى پات – پات ئىگىلىۋالىدۇ . باشقىلارغا ئىزاھلاپ بەرگۈسىز تەڭقىسلىق لېۋىمنى چىشلەپ تۇرۇپ سېتىۋالغان كىتابلىرىمنىڭ تاشلىنىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولدى .
دېئېل كارنىگ ، نامراتلىقتىن مۇزىكا چىقىدۇ ، دېگەنىكەن . مۇزارت نامراتلىقى تۈپەيلى ئىنسانىيەتنىڭ چەتكە قېقىلغان ۋىجدانىنى كۆرەلىگەنىكەن . مېنىڭچە ، نامراتلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ سەۋرى چېكىدىن بەك ئېشىپ كەتسە ، نامراتلىقتىن مۇزىكا ئەمەس ، بەلكى يۆتەل ئاۋازى چىقىدۇ .
تاشقى دۇنياغا قارىتا ھەۋىسى ۋە قىزغىنلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلار ئۆيىگە بەنت بولۇپ تۇرۇشنى خالىمايدۇ . ئۇلاردا كولومبودىكى تەۋەككۈلچىلىك قۇتراپ تۇرىدۇ . ئۇلار ماڭسام ، چاپسام ، ئۇچسام ، يېڭى قۇرۇقلۇقلارنى تاپسام ، دەيدۇ . نوقۇل بىر ئورۇنغا باغلىنىپ قېلىش ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا ساقايماس جاراھەت ئېلىپ كېلىدۇ . ئۇلار جۇشقۇن ھېسسىياتنى خىلمۇخىل دۇنياغا سىممېتىرىك ھالدا قويۇپ بېرىشنى ياخشى كۆرىدۇ . دېمەك ، مەنمۇ ئاشۇنداق ياشلارنىڭ بىرى . لېكىن مەن تولىمۇ خىيالچان . بىر تەرەپتىكى تامغا دۇنيا خەرىتىسى چاپلانغان ، بىر تەرەپتىكى تامغا كىتاب ئىشكاپى ، بىر تەرەپكە كارىۋات ، بىر تەرەپكە ئاددىي كىيىم ئىشكاپى ، ئوتتۇرىغا يېزىق شىرەسى قويۇلغان ئۆي بارلىق شوخلۇقلىرىنى شائىرانە تەسەۋۋۇرلىرى بىلەن قىلىدىغان ماڭا ئوخشاش مۈلۈكسىز ياشنىڭ دۇنياسى .
مەن بۇ ئۆيدە كۆپ ئولتۇرىمەن ، شۇڭلاشقا ، بۇ ئۆينى كىيىمىمگە ئايلىنىپ قالغاندەكمۇ ھېس قىلىمەن . مەن ئاساسەن دېگۈدەك بۇ كىيىمنى سېلىۋېتەلمەيمەن ، سالسام يالىڭاچلىقىمنى ھېس قىلىشتىن قورقىمەن . فرانس كافكانىڭ گېئورگىي سامسا دېگەن قەھرىمانى بىر كېچىدىلا قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قېلىپ ، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قاتتىق يەكلىشىگە ئۇچرايدىكەن . مەلۇمكى ، بىر ئادەم بىر يەرگە باغلىنىپ ياشاۋەرسە قۇرتقا ئايلىنىپ كېتىپ ، پۈتكۈل دۇنيانى قۇرتچە نەزەر بىلەن كۆزىتىدىغان ، ئۆزى قىمىرلاپ ماڭغاچقا ، جاھاندا راكېتا دېگەن نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ .
بىر ئادەمنىڭ ئۆيدىن چىقماي پىكىر قىلىپ يولۋاسقا ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ ؟ نەدىمۇ ئوۋ ئوۋلاشنى بىلمىگەن يولۋاس بولسۇن !
توڭۇپ كەتكەن ئادەمنىڭ كىيىمى يېلىڭ بولسا ، ئاخىر ئۆيگە كىرىۋالىدۇ ، ”“ سىقىلغان يۈرەك كېڭىيىش ئىلاجىنى قىلالمىسا ، ئىچكى دۇنيانى قېزىشقا باشلايدۇ ”“ ( ھيۇگو ) .
پاسپورتى يوق ئادەم دۇنيانى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئارقىلىق چۈشىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ . پاسپورت دۇنيادا تېخى سىياسىي قىمارنىڭ ئاخىرلاشمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگە . دەل پاسپورت دېگەن نەرسە مەۋجۇد بولغاچقا ، كىشىلەرنىڭ مىللەت تۇيغۇسى كۈچەيگەن ، ۋەتەن ئۇقۇمىنىڭ كېڭىيىشى توختاپ قالغان ، دۇنيا چۈشەنچىسى تارايغان ، شۇنداق بولغاچقا ، ئادەم ئاتىنىڭ بالىلىرى بىر – بىرىگە دۈشمەنلىك قىلىدىغان بولغان . كىشىلەر ئارا دوستانە نەزەر بىلەن قاراش گويا زامانىمىز تارىخىغا يىراق مەۋھۇم مەسلەككە ئايلىنىپ قالغان .
مەن ۋەتىنىمدىن ئۆزگە دۇنيانى كۆرۈپ باقمىدىم . گەرچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى بىردەك قۇچاقلىغۇم كەلسىمۇ ، ئۇنداق قىلالمىدىم . بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى بىلەلمىگەن چاغلىرىمدا ئىختىيارسىز ھالدا دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ قالىمەن . مانا ئالدىمدا خەرىتە ، لېكىن ئۇنىڭدىن دۇنيانى ئەمەس ، بەلكى دۇنيا ھەققىدىكى غۇۋا ئۇقۇمنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئەنە ئاۋۇ كۆپكۆك تۇرغىنى دېڭىز ، لېكىن ئۇنىڭدىن چوڭ بېلىقنىڭ كىچىك بېلىقنى يېگەنلىكىنى ، سۇلارنىڭ شىددەتلىك نەرە بىلەن قىيا تاشلارغا ئۇرۇلغانلىقىنى كۆرگىلى بولمايتتى . ئەنە ئاۋۇ توخۇنىڭ كۆزىدەك تۇرغانلىرى شەھەر ، لېكىن ئۇنىڭدىن تۇرمۇش رىقابىتىنىڭ شەپقەتسىز مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى . كۆز ئالدىمدىكى ھەربىر رەڭ بىر دۆلەتكە _ ئورتاق مىللىي ئىرادە ۋە ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلغان خوجايىنلىققا ۋەكىللىك قىلاتتى . بۇ رەڭلەرنىڭ دائىرىسى بىر – بىرى بىلەن تەڭ بولمىسىمۇ ، بەزىسى زىيادە چوڭ ، بەزىسى كىچىك بولسىمۇ ، ئۇلار بىر – بىرىنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىغا ئوچۇق – ئاشكارا زەرەر يەتكۈزەلمەيتتى . خەرىتىگە ئۇزاق قاراپ كۆزۈم تورلاشقاندەك بولدى ، بارلىق رەڭلەر بىر – بىرىگە ئارىلىشىپ ، رەڭ تۈركۈمى ئېنىق بولمىغان بىر دۇنيا مانانلىق كۆزلىرىمدە ئەگىشكە باشلىدى . مەن كۆزۈمنى بىر ئۇۋۇلىۋېتىپ ، خەرىتىگە يەنە قارىدىم . توۋا ، چېگرىلارنى بىلدۈرىدىغان سىزىقلار ئاساسەن تۈز بولمايدىكەن . باراۋەر ئىرادىلەرنىڭ كېلىشىمى ياكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىرادە ئۈستۈنلۈكى بىلەن سىزىلغان پاسىللار تۈزدەك قىلاتتى . بۇنداق تۈز سىزىقلار كانادا ، ئامېرىكا ۋە ئافرىقا زېمىنلىرىدا بار ئىدى . رەڭ رەسساملارنىڭ نەزەرىدە ئېستېتىك مەنىگە ئىگە بولسا ، جۇغراپىيونلارنىڭ نەزەرىدە سىياسىي مەنىگە ئىگە ئىدى . مەن ئېستېتىكا ئەھلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ۋانگوك ، سىزانلارنىڭ رەسىملىرىدىن زوق ئالغاندا ، رەڭ ئىچىدىن رەڭ ئاختۇرۇپ ئادەتلىنىپ كەتكەنىدىم . چۈنكى شۇنداق قىلغاندىلا سەنەتكارلارنىڭ رەڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان ئىندىۋىدۇئال دۇنياسىنى تاپقىلى بولاتتى . شۇ ئادىتىمنى بەزىدە خەرىتە ئالدىدىمۇ جارى قىلىپ تاشلايمەن . تەبىئەتتە يىلپىز جەرەن ئوۋلاپ يېسە ، ئادەملەر يىلپىزنى ئوۋلاپ يېيەلەيدۇ . ئەمدى ئادەملەرنىڭ ئادەم ئوۋلىشىنى ئالساق ، بۇ ، ئىجتىمائىيەت سەھنىسىدىكى ھادىسىلەر قاتارىغا ئۆتۈپ قالىدۇ . ھاياتلىق تۈركۈملىرى بىر – بىرىنى سىڭدۈرىدۇ ، ئاپپاق قىش يېشىل كۆكلەمگە سىڭىپ كەتكەندەك ، رەڭ رەڭگە سىڭىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بولىدۇ .
تەبىئەتنىڭ خاھىشى بويىچە ئالمىشىدىغان پەسىللەر قىر – دالىلارنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەندەك ، تارىخنىڭ خاھىشى خەرىتىدىكى رەڭلەر ۋە سىزىقلارنىڭ ئورامىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ . فرانسىيىلىك شەرقشۇناس گېروسىنىڭ ”“ بوز قىر ئىمپېرىيىسى ”“ ناملىق تارىخ ئەسىرىگە قوشۇمچە قىلىپ بېرىلگەن تارىخىي خەرىتىلەرنى كۆرۈپ ، ھەرقانداق خەرىتىنىڭ ئادەملەر تەرىپىدىن سىزىلىشىدەك ئاددىي ھەقىقەتنى مۇرەككەپ كەيپىيات ئىچىدە يېڭىباشتىن تەستىق ئەتكەنىدىم .
كىشى ئۆز رېئاللىقىدا تۇرۇپ قايمۇققان چاغلىرىدا ئاسانلا ئۆتمۈش تارىخىغا باغلىنىپ قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاللىقاچان مۇئەييەنلىشىپ بولغان تەجرىبىلەرنىڭ دولقۇنىدا ئۈزىدۇ . بىراق نامەلۇم تەجرىبىلەر كىشىگە يۈز – خاتىر قىلمايدىغان تەرىزدە كۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ . ئۆزىنىڭ بۈگۈنىگە خوجايىن بولالمىغانلارنىڭ ئەتىسى تەشۋىشلىك تۈننى ئۆزىگە ھەمراھ قىلماي قالمايدۇ .
2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ، مەن كۆرۈۋاتقان ئاشۇ خەرىتىدىكى رەڭلەرنىڭ مۇناسىۋىتىدە كۆپ ئۆزگىرىش بولدى . يالتا يىغىنى ۋە پوتسىدام كېلىشىمى خەرىتىدىكى رەڭلەرنىڭ ئۆزگىچە بىر تەرتىپىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي قۇتۇپلار ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋەتتى . بىراق ئىنسانىيەت ئۆزى تۈزگەن كېلىشىم ۋە قائىدىلەردىن يۈز ئۆرۈمەي قالمايتتى ، چۈنكى كېلىشىم ئۈستۈن كۈچلەرنىڭ بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنىدىن ئىبارەت ئىدى . بىز ئېيتقاندەك ، 1990 – يىلىنىڭ ئالدى – كەينىدە ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈستۈن كۈچلەر باش قاتۇرۇپ سىزىپ چىققان پاسىللار بىكار قىلىندى . ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىمۇ قولىغا قەلەم ئالدى ، ئۇلار بۇ قەلەمنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى سىياھلارغا چىلاپ تۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ پاسىللىرىنى سىزىپ چىقىشتى . تىنىمسىز ئىلگىرىلەۋاتقان ئىنسانىيەت ئۈچۈن بۇرۇنقى تارىخ ھامان خاتا يېزىلغان بولىدۇ ، شۇڭا ئۇ ئۆزگەرتىلىدۇ .
مانا ، ئالدىمدىكى خەرىتە تىپتىنچ تۇرۇپتۇ ، ئۇ شۇ تاپتا پىكىرلەر داۋالغۇپ تۇرغان قەلبىمدىكى دۇنياغا باققاندا ، تولىمۇ ئەرزىمەس كۆرۈندى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاشۇ تىپتىنچ ھالىتى رېئال دۇنيادىكى ئۇرۇش ئوتلىرى ۋە ئۇنىڭدىن قېلىۋاتقان جاراھەتنى مەڭگۈ ئېيتىپ بېرەلمەيتتى . مەن خەرىتىگە قاراپ دۇنيا ئىزدەيمەن ، خەرىتە مېنىڭ پىكىرلىك قەلبىمگە قاراپ مەنە ئىزدىمەكتە . ئېنىقكى ، مەنىلىك بىر دۇنيا ھامان مېنىڭ ئىسسىق قان ئۇرغۇپ تۇرغان ئالمىدەك يۈرىكىم بىلەن بىللە تۇغۇلىدۇ .
خەرىتىدىكى پاسىللار ماڭا قان ئېقىپ تۇرغان جىلغىدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى . ”“ مەن ئافېنا پۇقراسى ئەمەس ، بەلكى دۇنيا پۇقراسىمەن ”“ دەپ توۋلىغان سوقرات ھازىرنىڭ ئۆزىدە ھايات بولسا ، ”“ پاسىل ”“دىن ئىبارەت قانلىق جىلغا ئالدىدا توسۇلۇپ قالار بولغىيمىدى ؟ !
سوقرات ئادالەتسىز قانۇن تەرىپىدىن ئۆلۈمگە بۇيرۇلدى . مانا بۇ قانۇننىڭ قانۇنسىزلىقى . لېكىن سوقرات قېچىپ كېتەلەيدىغان تۇرۇقلۇق ، قانۇن دېگەن ئۇقۇمنىڭ مۇقەددەسلىكى ئۈچۈن ئۆلۈمگە رازى بولدى . بۇنى نېمە دەيمىز ؟ مانا بۇ قانۇننىڭ ۋىجدانى . قانۇن بىلەن ۋىجدان بىر – بىرىنى تولۇق چۈشەنمىدى ، شۇڭلاشقا ئىنسانلار تۈزگەن قانۇنلار ھەقىقەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدى .
ئىنساننىڭ شەخسىيىتى تەنھا بولىدۇ ، لېكىن ئىنسانىيەتچىلىك تەنھا بولمايدۇ ، شۇڭلاشقا ئىنسان ئۆزىدىن ھالقىپ پائالىيەت قىلىشقا موھتاج . بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، بارلىق كىشىلەر بىر – بىرىنىڭ دوستلۇقى ئارقىلىق ئۆزلۈكنى كېڭەيتىدۇ ۋە مۇشۇ كېڭىيىشنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىدە ئورتاقلىقنى يارىتىدۇ . مانا بۇ تەبىي ئىنساننىڭ ئىجتىمائىيلىقى .
مەن بىر ئۇيغۇر يىگىتى ، بىراق مەن بۇ يەردە تولىمۇ يىراق ئامېرىكىدا ياشىغان ۋالت ۋېتمان بىلەن ئورتاقلىق تاپالايمەن . ئۇ كۈيلىگەن تەبىئەتنىڭ ئاۋازىنى كىچىكىمدىن تارتىپ 12 مۇقامدىن ئاڭلاپ چوڭ بولدۇم . ئىنسانىيەتنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە ئەنە شۇنداق چىگىلىدۇ . ئەلىشىر ناۋائىي بىز ”“ ئىنتېرناتسىئونالىزم ”“ ( بەينەلمىنەلچىلىك ) دەپ ئاتايدىغان دۇنياۋى رىشتىنى خوتەن يىگىتى فەرھاد ۋە ئەرمىنىيە گۈزىلى شېرىننىڭ مۇھەببىتى ئارقىلىق يۈكسەك پەللىگە يەتكۈزگەن ئەمەسمىدى ؟ !
ناۋائىي پاسپورت ھەققىدە بىرنەرسە دېمىگەن ، چۈنكى ئۇ زامانلاردا مەنىۋىيەتنى يۈگەنلەيدىغان زامانىۋى چەكلەر كۆپ ئەمەس ئىدى . ناۋائىينىڭ قەلىمى ئاستىدىكى فەرھاد زامانىمىزدا بولىدىغان بولسا ، پاسپورت ئالالمىغان بولاتتى – دە ، بىستون تاغلىرىنى يېرىپ ، سۇغا تەشنا خەلقنى خۇرسەن قىلالمىغان بولاتتى .
مەن بۇ يەردە غايىۋى بىر دۇنيانى چۈشەۋاتقىنىم يوق ، بەلكى ئەمەلگە ئېشىشتا رېئال ئاساسلىرى تولۇق تۇرۇپ ، مەڭگۈلۈك ئارمان سۈپىتىدە ئاداپ كەتكەن كىشىلىك ئىستىكىم دۇنيانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش ھەققىدە سۆز ئېچىۋاتىمەن . بۇ ، نورمال بىر ئىنساندا بولىدىغان ئەڭ ئاددىي تەلەپ بولۇپ ، ئۇ ، قاندۇرۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئىززەت – ھۆرمىتىڭنى قولدىن بېرىپ قويغان بولىسەن .
كىچىكىمدە ئانام ، ئۇ تام بەك خەتەرلىك ، ئۇنىڭغا ياماشمىغىن ، دەيتتى . لېكىن مەن ئۇنىڭغا يامىشىپ ، ئۇنىڭ كەينىدىكى نەرسىلەرنى كۆرەتتىم . ئانام مېنى ، ئۇ تاغلار بەك يىراق ، بارغۇچە ھېرىپ قالىسەن ، دەپ ئاگاھلاندۇراتتى . لېكىن مەن ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي دوستلىرىم بىلەن بىرگە شۇ تاغلارغا بېرىپ ، تاغلارنىڭ كەينىدە تاغ بارلىقىنى بىلگەنىدىم .
[ھېكمەت : ئولتۇرۇپ تۇرۇپ بىلگەن بىلىملەرگە قارىغاندا ، ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇپ ئالغان بىلىملەر جانلىق بولىدۇ
تەلەپچان ئادەملەر رېئاللىقنىڭ چەكلىمىسىگە كۆپرەك ئۇچراپ ، ئاخىر جىمىغۇر بولۇپ قالىدۇ . يىگىتلەردىن زىلۋا بوي ، شوخلۇق كۈتىدىغان قىزلار بۇنداق جىمىغۇرلۇقنى چۈشەنمەيدۇ . پىكرىي شوخلۇقنىڭ سۆرۈن پوستى بولمىش جىمىغۇرلۇق ھازىرقى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان ئامەتتىن قۇرۇق قالىدۇ .
بىراۋ دېڭىزدىن شۇنداق سوراپتۇ :
_ ئەي دېڭىز ، سېنىڭدە زادى ئوت يوق تۇرۇقلۇق نېمىشقا قاينايسەن ؟ قايناپ تۇرۇقلۇق سۈيۈڭ نېمىشقا سوغۇق ؟
_ ئەي دەردلىك ئىنسان ، شۇنىمۇ بىلمىدىڭمۇ ؟ سەن قورقىدىغان دوزاخ ئوتى دەل مېنىڭ ئاستىمدا كۆيىدۇ ، شۇڭا قايناپ – تېشىپ تۇرىمەن ، ئوت بەك ئازابلىق بولغاچقا سۈيۈم سوغۇق
مەن مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ساياھەت خاتىرىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىمەن . مۇستەقىل خاراكتېر ۋە دۇنيا قاراش يېتىلدۈرگەن كىشىلەر كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى خاس مەنىۋى دۇنياسى بىلەن يۇغۇرۇپ ، ئۆزىگە لايىق قىممەتنى ھېس قىلالايدۇ . سەمىمىي يازغۇچىلار ئۆزلىرى ئۇچراتقان يېڭى نەرسىلەر بىلەن قەلبى ئوتتۇرىسىدا روي بېرىۋاتقان زىددىيەتلەرنى ئەينەن خاتىرىلەپ ئوقۇرمەنلەرگە تاپشۇرىدۇ ، بۇ جەرياندا ئۇلار ساددا كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان تەئەججۈپلىرىنى يوشۇرمىغان بولىدۇ . بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە گيوتىنىڭ ”“ ئىتالىيە مەكتۇپلىرى ”“ مەندە ئالاھىدە تەسىر قالدۇردى . ئەدەبىي گۈللىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئوچىقى ھېسابلىنىدىغان ئىتالىيە گيوتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ، گويا پايانسىز كەتكەن سەنەت مۇزېيىدەك كۆرۈنگەنىدى ، بۇ يەرنىڭ كەچكى شەپىقى ، بولزانۇ كوچىلىرىدىكى قايناق بازارلار ، چېركاۋ تاملىرىدىكى ھەيۋەتلىك دىنىي رەسىملەر گيوتىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى يېڭىۋاشتىن بايقىشىدىكى ئوبيېكتلاردىن بولغانىدى . ئىتالىيىدىكى ئىككى يىللىق زىيارەت گيوتىنىڭ ئىجادىيىتىدە كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغانىدى .
كىتاب ئوقۇش ياخشى ئادەت ، بىراق ئەمەلىيەتچىل پىكىرلەر نوقۇل كىتاب ئوقۇشتىن كەلمەيدۇ ، كىتاب دۇنيانى ھەرىكەت جەريانىدا كۆزىتىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ياخشى دوست ، ئۆزىمۇ توختاپ قېلىش بىلەن بىرگە دۇنيانى تۇرغۇن ھالەتتە چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئۇيقۇ دورىسى . قەدىمكى رىمنىڭ مۇتەپەككۇرى سېنىكا ساياھەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئىنكار قىلغاندەك تۇرسىمۇ ، لېكىن ئۇ ياشلىق چاغلىرىدا كۆپ جايلارنى كەزگەن . ھىندىستاندا موغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان كاتتا ئەربابىمىز زوھۇرىددىن مۇھەممەد بابۇر ”“ بابۇرنامە ”“ دېگەن ئەسىرىدە ئىقلىملار ۋە تەبىئەتكە بولغان شەيدا قەلبىنىڭ دۇردانە ھېكمەتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەنىدى . بىز قەيت قىلىۋاتقان بۇ شەخسلەر ئاخىرلىشىپ قېلىۋاتقان مۇشۇ ئەسىرىمىز ( 20 – ئەسىرنى دېمەكچى )دىن خېلى ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن كىشىلەر . 20 – ئەسىردە ياكى 20 – ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چەت ئەللەرنى زىيارەت قىلىش ئومۇمىي يۈزلىنىشكە ئايلاندى ، ھەتتا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئۆرە تۇرىدىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرمۇ بار بولدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى سۈرەتلىك ئۇچۇر لىنىيىلىرىنىڭ دۆلەتلەرنى تۇتاشتۇرۇشى يەر شارىنى كىچىكلىتىۋەتتى . دەرۋەقە ، بۈگۈنكى شارائىتتا بىر رايوننىڭ تىنچلىق ، تەرەققىيات مەسىلىسى پۈتكۈل دۇنيا بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇپ قالدى . بىر رايوننىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ، سىياسىي مۇھىتى ، تەبىئىي مۇھىتى ، دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش – قويماسلىقى پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مەسىلىسىگە ئايلاندى . بۇنىڭغا قاراپ دۇنيانى كىچىك دېمەي ئامال يوق .
ئەمما ، دۇنيا بىز ئۈچۈن يەنىلا بەك چوڭ ، چۈنكى تەرەققىي قىلغان دۇنيانىڭ ھەقىقىي رۇخسارى بىزدىن بەك يىراقتا ، بىز ئۇنى پەقەت رەڭ ۋە ئىش قوشۇلغان تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن ، تەشۋىقات ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان ئاخباراتلاردىنلا كۆرەلەيمىز . بىز ئۆزىمىزدىن تاشقىرى دۇنيانى ئۇقۇم ، غايە ، مەسلەكتىن ئىبارەت يات كۆزەينەك ئارقىلىق كۆرۈپ كەلدۇق . شۇڭا ، دۇنيانى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ دىتلاپ بېقىشتىن تولىمۇ يىراقتىمىز . بىز ئۈچۈن نيۇ – يورك ، توكيو دېگەنلەر ئاي شارىدىنمۇ يىراق . بىزنىڭ بۇ يەر گارسىيە ماركوسنىڭ .“" يۈز يىل غېرىبلىق ”“ ئەسىرىدىكى ماكاندو كەنتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ . جاھان كۆرمىگەن ئادەملەرگە چەت ئەلنىڭ نەرسىلىرى سىرلىق ھەم ئەتىۋار نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . خۇددى دىيارىمىزدىن ئاپىرىپ سېتىلغان تۈرك ئاتلىرى تاڭ پادىشاھىنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرغاندەك ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پەلتولىرى ، ھەرەمنىڭ خورمىلىرى ، گېرمانىيىنىڭ شىلەپىلىرى بىزنىڭ ئەڭ مەلۇماتلىق كىشىلىرىمىزنىڭ روھىنى زىلزىلىگە سالدى . ”“ يۈز يىل غېرىبلىق ”“ رومانىدىكى سىگان كىشىسى مېرگادىس ئېلىپ كەلگەن ماگنىت ماكاندو كەنتىدىكى لاخشىگىر ، مەش قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوڭدا – دۈمدە قىلىۋېتىپ ، خالايىقنى ھەيرانۇھەس قىلىۋېتىدۇ . ”“ ئىلىم – پەن ئارىلىقنى قىسقارتتى ، _ دەيدۇ مېرگادىس ، _ پات ئارىدا كىشىلەر بوسۇغىدىن چىقمايلا دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە بولۇۋاتقان ئىشنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ ”“ . مېرگادىس بۇ گەپنى دەۋاتقاندا ، ئېزىلىش ، تالان – تاراج ۋە كەمسىتىش ئىچىدىكى لاتىن ئامېرىكىسى ئۆزىنىڭ بىچارە ھاياتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتاتتى .
بۈگۈنكى لاتىن ئامېرىكىسى غېرىب ئەمەس ، ئۇ ئەمدى ھەرگىزمۇ ماگنىتقا ھەيران قالمايدۇ ، ئەكسىچە ئۇلار يېڭى – پارلاق ئىستىقبالى ئارقىلىق باشقىلارنى ھەيران قالدۇرماقتا . بۈگۈن ئۇلاردا دۇنياۋى ئەدەبىياتنىڭ ياراتقۇچىلىرى ئەڭ كۆپ ، ئۇلارنىڭ پۇتبول تارىخىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرى ”“ ئىللىئادا ”“ ، ”“ ئودېسسا ”“ جەڭنامىلىرىدەك قوزغىتىش كۈچىگە ئىگە .
بىزدە بىرەر يازغۇچىنىڭ بىرەر پارچە ئەسىرى چەت ئەلدە ئېلان قىلىنىپ قالسا ھاياجانلىنىپ كېتىمىز . بىز ئۆزىمىزنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشىمىزنى بەك ئارزۇ قىلىمىز ، ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە جۈرەت قىلالمايمىز . كونسېرتلىرىمىزدا بىر – ئىككى نەپەر چەت ئەللىك ئولتۇرۇپ بەرسە ، ئۇلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ سۈرەتكە ئالىمىز . بىزگە چەت ئەل مەدەنىيىتىنىڭ شەكلەن قىسمىلا كىرىدۇ ، ئىجادچان روھى كىرمەيدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نېمە ئۈچۈن ؟
بىر ئېغىز گەپ بىلەن جاۋاب بەرگەندە ، بېكىنمە رايون كىشىلىرىگە نىسبەتەن چەتتىن كەلگەن بۇيۇملار سېھرىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ .
بېكىنمىچىلىك باشقىلار ئېيتقاندەك ، تارىخنىڭ مەھسۇلىمۇ ؟ بىز بۇنداق دېگۈچىلەردىن : ”“ سىز دەۋاتقان تارىخ قانداق تارىخ ”“ دەپ سوراشقا مەجبۇرمىز . بىز ياشاۋاتقان بۇ رايوننىڭ تارىختا مەدەنىيەت دوقمۇشى بولۇپ كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت پاكىتنى ھېچكىم رەت قىلمايدىغۇ ؟ جۇڭگودا تارىخ دېگەن ئۇقۇم ئۆزىنى ئاقلاش ۋە تەسەللى بېرىشنىڭ گۇماشتىسى بولۇپ قېلىشتىن خالىي بولالماي كەلدى .
بىر قېتىم كىتابخانىغا بارغاندا جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ چەت ئەل زىيارىتى ھەققىدە يازغان ئەسەرلىرى مەجمۇئەسىنى كۆرۈپ قالدىم . بۇ يازغۇچىلار ۋاڭ مېڭ ، ليۇ شىنۋۇ ، جاڭ جېي ، جاڭ كاڭكاڭ قاتارلىقلار ئىدى . مەن ۋاڭ مېڭنىڭ شىنجاڭ تېمىسىدىكى ئەسەرلىرىنى ياقتۇراتتىم ، شۇڭلاشقىمىكىن ، ۋاڭ مېڭنىڭ كىتابىنى قولۇمغا ئالدىم . كىرىش سۆزىنى ئوقۇپلا ياقتۇرۇپ قالغاندەك بولدۇم – دە ، سېتىۋالدىم . كىرىش سۆز 1959 – يىلى يانۋاردا يېزىلغان بولۇپ ، ئاپتور شۇ چاغقىچە جەمىي 40 قېتىم چەت ئەلگە چىققانلىقىنى قەيت قىلىپ ئۆتكەنىدى . ئۇنىڭدىن باشقا ، دەي خۇييىڭنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇپ يازغان مەكتۇپلار توپلىمىنى كۆرگەنىدىم . جاڭ شيەنلياڭ قاتارلىق نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە لېكسىيە ئوقۇغىلى چىققانلىقىنى ماتېرىياللاردىن كۆرگەنمەن . دېمەك ، ئۇلار ئۈچۈن چەت ئەل قوغۇنلۇقنىڭ يولى ئىدى .
بىزدە ئۇنداق ئىشلار يوق دېسەك ، ”“ مېتافىزىك ”“ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىمىز . بىز چەت ئەللەرگە زىيارەتكە چىققان يازغۇچىلارنى بارماق بىلەن ساناپ بېرەلەيمىز . ئىلىم تەھسىل قىلىش ئارزۇسىدىكىلەر چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقماقچى بولغانلارغا مۆجىزىگە قارىغاندەك قارايدۇ ، ئۇلارنى ئالاھىدە ماتېرىيالدىن ياسالغاندەك ھېس قىلىدۇ .
يازغۇچى زوردۇن سابىر 1997 – يىلى كۈزدە ئىچكىرىگە قىلغان سەپىرىمىزدە ماڭا چەت ئەلگە چىقىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ، ئەمما پاسپورتى بولمىغاچقا بارالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ ھەسرەتلەنگەنىدى . ئىزدىنىش روھىغا باي بۇ ئۇستاز يازغۇچىمىزمۇ بىز بىلەن خۇددى قېيىدىغاندەكلا ئۇشتۇمتۇت خوشلىشىپ ، پاسپورت تەلەپ قىلمايدىغان يەرگە كەلمەسكە كەتتى .
زوردۇن ئاكىنىڭ ۋاڭ مېڭ بىلەن يېقىن ئاغىنە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىمەن . ئۆتكەن يىلى كۈزدە بېيجىڭدا زوردۇن ئاكا بىلەن مەھمۇت مۇھەممەت ئىككىسى ۋاڭ مېڭنى ئالاھىدە يوقلاپ كېلىشكەنىدى ، ۋاڭ مېڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش باشقارمىسىغا كېلىپ بىز بىلەن چۈشلۈك تاماق يېگەندە ، زوردۇن ئاكا بىلەن ۋاڭ مېڭ ئىككىسى چاقچاقلىشىپ يانمۇيان ئولتۇرۇشقانىدى . مانا بۇ ئىشلارغىمۇ ھەش – پەش دېگۈچە بىر يىل بولۇپ قاپتۇ . ۋاڭ مېڭ ئەپەندى زوردۇن ئاكىنىڭ ۋاپاتىنى بەلكىم ئاڭلىغاندۇ ، بىراق چەت ئەلگە 40 قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەتكە چىققان بۇ مەشھۇر زات زوردۇن ئاكىنىڭ ماڭا ئېيتقان ھەسرىتىنى بىلەمدىغاندۇ ؟ بەلكىم ئۇ بۇنى بىلسە ھېسداشلىق قىلار ئىدى ، چۈنكى ۋاڭ مېڭ جاپا تارتقان ئىسيانكار زىيالىي .
زوردۇن ئاكا ، بىز ئاۋۋال ماۋدۇن مۇكاپاتىنى ئېلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك ، نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىش كېيىنكى ئەسىردىكىلەرنىڭ ئىشى ، دەيتتى . بىراق ماۋدۇن مۇكاپاتىنى باھالىغۇچىلار بىزدىكى ئەدىبلەرنى ئويلاشتىمۇ – يوق ، بۇنى تېخى بىلمىدۇق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە خەنزۇ تىلىدا بىۋاسىتە ئەسەر يازىدىغان غوللۇق يازغۇچىلارنىڭ تايىنى يوق .
قارىغاندا ، ئالدىمىزدىكى مەسىلە مۇكاپاتقا ئېرىشىش مەسىلىسى بولماستىن ، بەلكى تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بولسا كېرەك . شۇ چاغدىلا ئىقتىسادىي بېكىنمىچىلىكتىن تارتىپ روھىي بېكىنمىچىلىككە قەدەر ئىجتىمائىي ئىللەتلەرگە خاتىمە بېرەلەيمىز . بەزىدە بېكىنمىچىلىك تەبىي بولمايدۇ ، ئەكسىچە سۈنىي ھالدا كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان بولىدۇ . بىز بۇنى چۈشىنىشىمىز ۋە چۈشەندۈرۈشىمىز كېرەك .
”“ ئاساسىي قانۇن ”“ ھەربىر پۇقراغا باراۋەر ھوقۇق بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغانىدى . ئاشۇ ھوقۇقنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پۇرسەتنىڭ باراۋەرلىكىمۇ بولىدۇ ، ئەلۋەتتە . ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇننى قانۇن تارماقلىرىلا ئىجرا قىلىدۇ ، دېسەك خاتا بولىدۇ ، چۈنكى قانۇن تارماقلىرىدا ئىشلەيدىغان كىشىلەرمۇ نان يەيدىغان كونكرېت ئادەملەردىن ئىبارەت . دۇنيا تارىخىدا قانۇننىڭ مۇكەممەللىشىشى ئىككى باسقۇچنى بېسىپ ئۆتكەن ، بىرى ، قانۇن ۋە قانۇن مۇئەسسەسىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى ، يەنە بىرى ، قانۇننى ئىجرا قىلدۇرۇش ئۈچۈن خەلق ئاممىسىنىڭ كۈرەش قىلىشى . قانۇن تۈزۈلسىمۇ ئۇنىڭ ھەققانىي يۈرگۈزۈلۈشىنى نازارەت قىلالايدىغان ، قانۇن ئۈچۈن كۈرەش قىلالايدىغان خەلق بولمىسا ، قانۇن مۇئەسسەسىلىرى چىرىپ كېتىدۇ . جۇڭگودا قانۇننىڭ بارلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ ، بىراق قانۇن روھىنىڭ بارلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس . مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھېلىھەم دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تەكىتلەۋاتمامدۇ ؟ !
ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەھەتتە رايونلار ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان زور پەرقنى تەبىي جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك ۋە تارىخىي سەۋەبلەر بىلەن ئىزاھلاشقا بەك كۆنۈپ كەتتۇق . بىراق قانۇننىڭ ئىجرا بولۇشىدىمۇ رايون پەرقى بولۇشى كېرەكمۇ ؟ قانۇن بۇنىڭدا ”“ ھەئە ! ”“ دەپ جاۋاب بەرمەيدۇ ، ئەلۋەتتە .
قانۇن ئابستراكت مەزمۇندىن ئىبارەت . قانۇن روھى ئادەم سۇبيېكتىغا ئايلانغان ھەرىكەتتىن ئىبارەت . قانۇن قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان كىشىلەر تەرىپىدىن كونكرېتلىشىدۇ . شۇنداق ئىكەن ، قانۇن دۆلەتنىڭ باش تېمىسى بولغان خەلقنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇشى ، ئۇ ، خەلقنىڭ روھىي ساپاسى تەرىپىدىن يۈكسەلدۈرۈلۈشى كېرەك . ئەپسۇسكى ، بىزدە خەلق تۈرلۈك ھوقۇقنىڭ جاپاكەش دەۋاگەرلىرى سۈپىتىدە قانۇن دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا تەلمۈرۈپ تۇرماقتا .
ئۈچ يىل ئىلگىرى قۇددۇس ھاپىز جامائەتنىڭ غۇلغۇلا قىلىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن تىلشۇناسلىق ساھەسى بويىچە ستوكھولىمدا چاقىرىلغان خەلقارا مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلدى . شۇ چاغدا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بېرىپ قۇددۇس ھاپىزنى ”“ مەھمۇد قەشقەرىيدىن كېيىن بىزدە مەيدانغا كەلگەن ئىككىنچى بۈيۈك تىلشۇناس ”“ دەپ تەرىپلىدى . شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇددۇس ھاپىزنىڭ ئىلمىي پائالىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ، ئۇنى تەشۋىق قىلىشى خۇشاللىنارلىق ئىش ، قۇددۇس ھاپىزنىڭ جاپالىق شارائىتتا ياراتقان بىر قىسىم ئىلمىي نەتىجىلىرىنى ھەقىقەتەن تەشۋىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ . بىراق ئۇنىڭغا بېرىلگەن باھا ئويلانمايلا قىلىنغان تەۋەككۈلچىلىكنى ئاشكارىلاپ قويدى . ”“ مەھمۇد قەشقەرىي كىم ؟ ئۇ ، تىلشۇناسلىقتا نېمە ئىشلارنى قىلدى ؟ ئۇنىڭ تۈركولوگىيە ئىلمىدىكى ئورنى نەدىن كەلگەن ؟ ”“ ئاۋۋال بىز ئاشۇ مەسىلىلەرگە قانائەتلىنەرلىك ئىلمىي جاۋاب تېپىشىمىز ، ئاندىن قۇددۇس ھاپىزنىڭ شۇ چاغدىكى دېسسىرتاتسىيىسىنىڭ ئىلمىي ۋەزنىنى خەلقارا نۇقتىدا تۇرۇپ باھالىشىمىز ، ئەگەر مۇۋاپىق كەلسە يۇقىرىقى باھانى بېرىشىمىز كېرەك ئىدى . بىز ئەدىبلىرىمىز ۋە ناخشىچى – مۇزىكانتلىرىمىزغا ”“ تالانتلىق ”“ ، ”“ مەشھۇر ”“ دېگەن ناملارنى توپ باھادا باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋېرىدىغان بولۇپ كەتتۇق . ھېلىمۇ بىز ”“ ئۇلۇغ ”“ ، ”“ تالانتلىق ”“ ئادەملىرىمىزنىڭ كۆپلۈكىدىن ئاسمانغا چىقىپ كەتمىدۇق . بەلكىم ھەممىمىز ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئارىمىزدىن كۆپلەپ چىقىشىنى ئارزۇ قىلساق كېرەك . بىراق ئۇنداق گۈزەل رېئاللىقنى ھەقىقىي ئارزۇ قىلىدىغان كىشىلەر تالانت بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرى يارىتىشقا تېگىشلىك شەرتلەرنى ئويلىشى زۆرۈر .
بىز گاھىدا ئۆزىمىزنى زىيادە ماختاپ كېتىمىز . مەھمۇد قەشقەرىيدىن پەخىرلەنگىنىمىزدە : ”“ كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى ؟ ”“ دەپ ناخشا توۋلىدۇق . باشقىلارنىڭ نېمىدەپ جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئويلاشمىدۇق . گاھىدا ئۆزىمىزنى كەمسىتىپ ئادەم قاتارىغا ئالماي كېتىمىز . بۇ ، نېمە ئۈچۈن ؟
ئاناتومىيە ۋە بىئولوگىيە ئالىملىرى روھىي قاتماللىقنىڭ گېنىتىك ئەنەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان كەشپىياتلارنى ئوتتۇرىغا چىقارغىنى يوق . ئۇنداق بولغاندا ، تارىختىكى فېئودال ھۆكۈمرانلارنى ئەيىبلەشنىڭ ھاجىتى بولمايتتى . شۇنداقلا ئاق تەنلىكلەر تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان نېگىرلاردىن سويىنكا ، مىكائىل جېكسون ، ماندېلا قاتارلىقلارنىڭ چىقىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى . روشەنكى ، بىزدىمۇ تۇغما قاششاقلىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . روھىي قاششاقلىق ۋە بېكىنمىچىلىك يەنىلا جەمىيەتنىڭ ئىنسان تەبىتىگە خىلاپ ھالدا ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىدۇر .
قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ، قارىغۇلارچە يەكلەش ، ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى بىلمەي لاپ ئۇرۇش ، ئاسماننى قۇدۇقتىن چىقماي كۆزىتىش ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈش ، دوپپىسىنى ئەكەل دېسە كاللىسىنى كېسىپ كېلىش ، يۇرتۋازلىق ، مەھەللىۋازلىق ، غەيۋەتخورلۇق ، پىتنىخورلۇق ، چېقىمچىلىق ، يالغانچىلىق قاتارلىقلار سىياسىي ، ئىجتىمائىي بېكىنمىچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىللەتلەردۇر .
بېكىنمە رايون خەلقلىرى ئۈچۈن يەر شارى ئىللىق ئائىلە بولماستىن ، بەلكى سىرلىق لاگېر ، بۇنداق يەردىكى خەلقنىڭ تارىخنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچ بولمىقى ئاسانغا توختىمايدۇ ، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ۋەزىيەتنىڭ تەجرىبە ماتېرىيالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ .
ئۆزۈمنى ئالسام ، چەت ئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىشنى ، بىلىم ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدىغان 21 – ئەسىرگە دۇنياۋى ئاڭغا ئىگە زىيالىي سۈپىتىدە كىرىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن .
مەن پۈتكۈل دۇنيانى ، ئىنسانىيەتنى ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى سۆيىمەن . بىراق بۈيۈك مۇتەپەككۇرلارنىڭ كىتابىنى ئوقۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىگە قامىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن . شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانى كۆرۈشۈم ، ئايلىنىشىم ، ھەربىر يېڭى نەرسىنىڭ ئىلھامى ئارقىلىق ئىدىيىمنى تۈزىتىشىم ، ئۆزۈمنىڭ ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان خاس تەپەككۇرۇمنى قۇرۇپ چىقىشىم كېرەك .
”“ سۆي ھەم سۆيۈل ، بەخت دېگەن ئەنە شۇ ”“ دېگەن گەپ بار . مەن ياشلىقنىڭ ھارارىتى تېپىپ تۇرغان ئىسسىق لېۋىمنى كۈزنىڭ سوغۇق ھاۋاسىغا سوزدۇم .

2011.11.21 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se