يەكشەنبە , 2 ئىيۇن 2013
تەلەيلىك يازمىلار

Category Archives: ئەدەبىي ئەسەرلەر

ئەدەپ ئەخلاققا ئىرىشىش ۋە ئۇنى تاۋلاش

images

ئەدەپ ئەخلاققا ئىرىشىش ۋە ئۇنى تاۋلاش بارلىق كىشىلەر تۇغۇلغان چاغدىلا ئاق كۆڭۈللۈككە ئىگە بولۇشتەك ماھيەتكە ئىگە، ئەمما ھەممىلا ئادەم چوڭ بولغاندىن كىيىنمۇ يەنىلا ئاق كۆڭۈل بولىۋەرمەيدۇ. ئەدەپ ئەخلاق، بىر كۈنجۈت چوڭلىقىدىكى قابىليەت بولۇپ، ئەگەر بىز ئۇنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆستۈرمىسەك، ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، بىزدە ئەسلىدىن ئەخلاق پەزىلەت بولغان تەقدىردىمۇ، ئەمما ئەگەر ئۇنى پەرۋىش قىلمىساق، ئوخشاشلا ئۇنى تەرەققى قىلدۇرغىلى ... Read More »

ئانا ، بولدىلا سېنىلا يازاي

دا

     ئانا بولدىلا سىنىلا يازاي، مەن كۈيلىگەن يارلار، ماڭا چىن ئەقىدە بەردىم دەپ خۇشھاللىقىمغا ھەمشىرىك بولغان يارلار مەن يالغۇزلۇققا مەھكۈم بولۇپ قالغاندا مىنى ئىزدەپمۇ قويۇشمىدى. سەنچۇ ئانا، ياراتقۇچى مىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئاپىرىدە قىلغان ئەشۇ كۈندىن تارتىپ سەن ماڭا يولداش، سەن ماڭا مۇڭداش بولۇپ كەلدىڭ ! ئەمما مەن بىلىمەن ، مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگىچە ساڭا ئاتاپ بىرەر قەسىدە يىزىپ باقماپتىمەن. ... Read More »

ئانا ‹داستان›

images

ئانا (داستان) داستان ئابدۇلباسىت ئابدۇراھمان 1 ئانا جەنۇبتىكى يىراق يېزىغا بويۇن قىسىپ بارغاندا خېتىم, پىشىۋاتقان يوبداننى قويۇپ ئالغانسە ھە! توپا چىراي پوچتالىيوندىن. ئانا, ھېلىھەم ئىسىمدە، مېنى يۈدۈپ جىگدىلىكلەردە، ئوتۇن تېرەتتىڭ. يۈرەككە ئوخشاش قىزىل چوغ ئىچىدە، ماڭا كۆمەچ كۆمۈپ بېرەتتىڭ. قەدىرلىك ئانا، سېغىنسام سېنى، خەت يازىمەن يىرتىق قەلبىمگە. ياشىنىپ قالدىڭ، ئۆيدە دەم ئالغىن، كۆپ ئويلىما شائىر ئوغلۇڭنى، گەرچە شېئىرغا نان كەلمىسىمۇ، ... Read More »

ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە

سدا

ئىلىم تەھسىل قىلىش ھەققىدە نەزىرە مۇھەممەد سالىھ    كۆكتە نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياش، ھەممىگە شاھىد ئاسمان – زېمىن ئۆزگەرگىنى يوق، ئەمما تەرەققىيات چۆچەكلەردىكى «جاھاننەما ئەينەك»، «ئۇچار گىلەم» دەك نۇرغۇن ئاجايىباتنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. توپىدىن ئۈنۈپ چىققان ئىنسان ئۆز قىياسىدىكى سائادەتنىڭ زېمىندا چاقنىغان شولىلىرىغا قاراپ يول ئالدى. بۇ شولىلار بەزىلەر ئۈچۈن ئالغاندا ئېتىقاد ۋە مەرىپەت ئىدى؛ بەزىلەر ئۈچۈن مال – دۇنيا ۋە ... Read More »

ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ

20120225031025204

ئۆزىڭىزدىكى بارلىق تالانتلارنى بايقىۋېلىڭ ئەركىن سىدىق   مەن مەزكۇر ماقالىنى يېزىشنى 2011-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنىلا باشلىغان بولۇپ، ئۇنى خېلە بۇرۇنلا تورغا چىقىرىپ بولۇشنى ئۈمىد قىلغانىدىم. ئەپسۇسكى، يېقىنقى ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەن ئىدارىدە قاتنىشىۋاتقان بىر چوڭ پروجېكت (تەتقىقات تۈرى) بىر جىددىي باسقۇچقا كىرىپ قېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ئاخشاملىرى ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىمۇ ئىشلىمىسەم بولمايدىغان بىر ئەھۋالنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالدىم. شۇ سەۋەبتىن ... Read More »

تەغدىر يولىدا تەدبىر

تەغدىر يولىدا تەدبىر نەزىرە مۇھەممەد سالىھ تەغدىر مەسىلىسىنى چۈشىنىشتە نۇرغۇن كۆزقاراش ۋە خاھىشلەر ئوتتۇرغا چىققان. تەغدىر ئەقىدىسىدە قەدەرىيلەر ۋە جەبەرىيلەرنىڭ خاتا كۆزقارىشىنى ئەمەس، بەلكى يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئەھلى سۈننە ۋە جامائە ئەقىدىسىدىكى ئىككى دائىرە ئاساسىدا چۈشىنىشنى تەغدىر ئەقىدىمىزنىڭ مىزانى قىلىشىمىز كېرەك.ھەممە ئىشنى تەغدىردىن كۆرۈش، ھورۇنلۇق، ئىرادىسىزلىكتەك ئۆزىدىكى ئۆزىدىكى كەمچىللىكلەرنى مەسئولىيەتتىن قېچىپ تەغدىرگە ئارتىش، ياخشىلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، يامانلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ... Read More »

ئۈچىنچى خىل ئەدەبىيات

       ئومۇملاشتۇرۇپراق ئېيتقاندا، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىنى ئەدەبىيات كۆزقارىشىدىكى پەرق جەھەتتىن ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەر بىر مەزگىلدىكى ئەدەبىيات كۆزقارىشى ئەدەبىيات تۈزۈمىگە، ئەدەبىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا، جۈملىدىن ئاساسىي تېما، ژانىر، سىيۇژىت، ئۇسلۇب ۋە ئىجادىيەت ۋاسىتىسىگە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى. بىرىنچى مەزگىلنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھېسابلىساق، بۇ مەزگىلدە ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ئەدەبىيات ھەمىشە ... Read More »

بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغات

بۈگۈننىڭ ئۆزى بىر سوۋغات  ۋەن ۋېن  ھەر كۈنى ئەتىگەن مەلۇم بىر بانكا سىزنىڭ ئامانەت كارتىڭىزغا 86400ئامىرىكا دوللېرى سېلىپ قويىدۇ ،دەپ پەرەز قىلايلى. شۇغىنىسى،بۇ بانكا ھەرگىزمۇ قالدۇق سوممىنى ئەتىكى كۈندىكى ھېساباتىڭىزغا سېلىپ بەرمەيدۇ.ئىشلىتىپ بولالمىغان پۇللېرىڭىز ھەر كۈنى كەچتە ئۆزلىكىدىن يوقاپ كەتسە،سىز قانداق قىلىسىز؟ئەلۋەتتە،ئامالنىڭ بارىچە ھەر بىر سېنتنى خەجلەپ تۈگىتىمەن! ھەر بىر ئادەمدە ئەنە شۇنداق بانكا بولىدۇ،ئۇنىڭ ئىسمى ۋاقىت.  ئەگەر سىز ئۇنىڭغا ... Read More »

رادىل ئابلانىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

رادىل ئابلانىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى     ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار، ساۋاقداشلار !     ھەممىڭلارنىڭ چۈشتىن كېيىنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! بۈگۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن . ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. مەن شىنجاڭ ئارمان كەسپي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى رادىل ئابلا بولىمەن .    مەن 1990-ﻳﯩﻠﻰ 7 ئايدا ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ... Read More »

باي بولۇش پىرىنسىپى

ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﯩﺮﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ 7 ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ”ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻼﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 5 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ 80 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﯞﻻﺕ ﺑﯧﻴﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ“ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﻫﺎﻟﯩﻖ ﭘﯩﻜﺎﭘﻰ، ﺩﺍﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺷﯘ ﺳﻪﯞﻩﭘﻠﯩﻚ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ”ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ... Read More »

يەھۇدىلارنىڭ بېيىشتىكى سىرى

ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻻﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﺪﺍ، ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﺪﺍ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪﯞﻩﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ %3ﮔﯩﻤﯘ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ” ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ“ ﮊﻭﺭﻧﯩﻠﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﯓ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ 20ﺩﯨﻦ 25 ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻲ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪﯓ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﻰ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭﺩﯗﺭ. ﺋﯩﺴﺮﺍﺋﯩﻠﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﺪﻻﺭﺩﺍ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ”ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ“ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻼﺭ ... Read More »

يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدا

يۈسۈپ خاس ھاجىپ توغرىسىدىكى تارىخىي ھۆججەتلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11-ئەسىردىكى بۈيۈك، مۇتەپەككۇر شائىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ قەبرىگاھى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەسكىھىسار قەدىمكى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان «پايناپ» يېزا تەۋەسىدىكى «ئالتۇنبېلىق»تا ئىكەنلىكى تارىختىن بۇيان ھەممىگە ئايان. بۇ قىل سىغمايدىغان ئەمەلىي پاكىت. ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى كىشىلەر: «بۇ قەبرىگاھ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئەمەس، يۈسۈپ قادىرخان غازى پادىشاھىمنىڭ ئىدى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلادساغۇنلۇق بولغاندىن كېيىن، ... Read More »

ھىدايەتنامە

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر(ھىدايەتنامە) ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزدىدىم مەن ھەقىقەتنى، تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى، تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى، دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارگە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى، كېلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى سۆزۇمنىڭ بېشى بسمىللاھ، بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر، سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر ، قۇرۇق ،تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ،ئەقىدەمدۇر بۇ دەۋايىمغا بورھانىم ... Read More »

ئاھ، بىز ئېشەكلەر

ئاھ، بىز ئېشەكلەر ھېكايە ئەزىز نەسىن    بىز ئېشەك مىللىتى بۇرۇن سىلەر ئىنسانلارغا ئوخشاش سۆزلىيەلەيدىكەنمىز. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس بىر تىلىم باركەن. تىلىمىز مۇزىكىدەك گۈزەل، يېقىملىق، تاتلىق تىلكەن. شۇنچىلىك گۈزەل ناخشىلارنى ئېيتقانىكەنمىزكى… ئەلۋەتتە، بىز ئېشەك بولغىنىمىز ئۈچۈن سىلەر ئىنسانلاردەك ئەمەس، ئېشەكچە سۆزلەيدىكەنمىز. ئېشەكچە يۇمشاق، يەڭگىل، تاتلىق، باي بىر تىلكەن.    بىز ئېشەك مىللىتى بۇرۇن ھازىرقىدەك ھاڭرىمايدىكەنمىز، ھاڭراش كېيىنكى مەزگىللەردە پەيدا بولغانىكەن. ... Read More »

ئانا تىلنىڭ كارامىتى

ئانا تىلنىڭ كارامىتى چىڭغىز ئايتماتوۋ (سوۋېت ئىتتىپاقى) ماخمۇتجان ئىسلام تـﻪرجىمىسى    شائىر رەسۇل ھـﻪمزاتوۋ داغستان تاغلىق رايونىدىكى كۆپ خىل توغرىسىدا ئۆزىگـﻪ خاس يۇمۇرلۇق تىل بىلـﻪن مۇنداق ئىزاھات بـﻪرگـﻪنىدى: ئـﻪينى چاغدا،خۇدا بۇ يـﻪردىكى مىللـﻪتلـﻪرگـﻪ تىل تـﻪقسىم قىلىۋاتقاندا، شىددەتلىك شىۋىرغان چىقىپ كـﻪتكـﻪنىكـﻪن. شۇڭا خۇدا ئالدىراپ ـ تېنـﻪپلا بۇ يـﻪرگـﻪ ئـﻪرشتىن ھـﻪر خىل تىللار قاچىلانغان بىر تاغارنى تاشلىغانىكـﻪن. داغستاندىكى تىلنىڭ بىر ـ بىرىدىن ... Read More »

Scroll To Top