يەكشەنبە , 2 ئىيۇن 2013
تەلەيلىك يازمىلار

كىرىم پەرقىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

  كىرىم پەرقىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

 ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مەملىكىتىمىزدە كىرىم پەرقى زورايدى. خۇسۇسىي كارخانىچىلار، تۈزۈلمىسى ئۆزگەرتىلگەن كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى، چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى، كىنو، ناخشا چولپانلىرى ھەم بىر قىسىم تىجارەتچىلەرنىڭ كىرىمى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە كۆپەيدى. بولۇپمۇ پېيى بازارغا سېلىنغان كارخانىلارنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنىڭ يىللىق ئىش ھەققى كىرىمى نەچچە ئون مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ باي 320 مىڭ ئائىلىنىڭ بايلىقىنىڭ يىغىندىسى 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسنىڭ بايلىقىدىن ئېشىپ كەتكەن. مەملىكىتىمىزدىكى خەلق پۇلى ئامانىتى ئىچىدە بايلارنىڭ ئامانەت پۇلى % 80نى ئىگىلەيدىكەن. بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئەڭ باي % 20 نوپۇسنىڭ ئىلكىدىكى بايلىق قالغان % 80 نوپۇسنىڭ ئىلكىدىكى بايلىقنىڭ 11 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئەمما بۇ پەرق تەرەققىي قىلغان ئەللەردە تۆت – بەش ھەسسە ئىكەن.

   ئامېرىكىدىن باشلانغان ئىككىلەمچى رەنىلىك قەرز پۇل كىرىزىسىنىڭ تەسىرىدە دۇنيا ئىقتىسادى چېكىندى. دۆلىتىمىز كىرىزىسنىڭ تەسىرىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ساقلاپ قېلىشقا مەجبۇرى بولدى. ئېلىمىزدىكى تېز ئېشىۋاتقان مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىدىكى مۇۋاپىقسىزلىق ۋە تەكرارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىللە، سەرپىياتتىكى ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا دۆلىتىمىز سېلىنمىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، مەمۇرىي ئورگانلارنى سەرخىللاشتۇرۇپ، مالىيە چىقىمىنى ئازايتىپ ، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ھەم جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ باج يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ سەرپ قىلدى.

  ئېلىمىزنىڭ باج كىرىمى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان يىلمۇ يىل ئېشىۋاتقان، مىللىي دارامەتنىڭ ئېشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئاساسەن سېلىنمىغا تايىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيىتىمىزدىكى چىرىكلىك ئازايماي، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ كۈلرەڭ كىرىمىنى مۆلچەرلەش تەسلىشىپ كەتتى. دۆلىتىمىز سېلىنمىغا تايىنىپ ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاۋاتقان بولسىمۇ، شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ھەم زور كۆپ ساندىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى يەنىلا ئاستا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەت ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشتا نوقۇل سېلىنمىغا تاينىشقا خاتىمە بېرىپ، جۇغلانما بىلەن مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ،خەلقنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ ئىستېمالنى قوزغاتمىغاندا، خەلق ئىگىلىكى قۇرۇلمىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق كېلىپ چىقىپ، تەكرار قۇرۇلۇش قىلىشتىن، يۇقىرى سەرپىيات، تۆۋەن ئۈنۈملۈك ئايلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.

    كىرىم پەرقى زورىيىپ كەتسە مەدەنىيەت سەۋىيەسى تۆۋەن، مۇئەييەن تېخنىكىلىق ئەمگەكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ئىشچىلار، بىۋاسىتە ئىقتىسادى كىرىم يارىتالمايدىغان ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ ئىش ھەققى مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش قەدىمىگە يېتىشەلمەي، ئۇلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى چەكلىمىگە ئۇچراپ، كىرىم پەرقى جەھەتتە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەملىكىتىمىزدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈلمىسى مۇكەممەل بولمىغاچقا، زور كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئىستېمالىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ناھايىتى ئاستا بولۇۋاتىدۇ.

   تەقسىمات تۈزۈلمىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا قاتلام شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىش ھەققى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، زەيتۇنسىمان جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى بارلىققا كەلتۈرگەندە، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر قاتلىمىغا تەۋە مائاشلىقلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى ئېشىپ، مۇلازىمەت ساھەسىنىڭ تەرەققىياتى تېزلىشىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى يېنىكلەيدۇ، ئىچكى ئېھتىياج ئاشىدۇ، شەھەرلىشىش جەريانىدا يېزىلاردىن شەھەرلەرگە كىرگەن تىجارەتچىلەر ھەم ئىشلەمچىلەرنىڭ كىرىمى كۆپىيىدۇ.

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئۈستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top