يەكشەنبە , 2 ئىيۇن 2013
تەلەيلىك يازمىلار

كەلگۈسىدە مەبلەغ سېلىشتىكى تۆت يۆنىلىش

 

   2011-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، مەملىكىتىمىز شۇنداقلا دۇنيادىكى نۇرغۇن بانكا تۇرغۇن ھالەتكە كىردى. كاپىتال نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ تۇرغۇن ھالەت، كەسىپ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتىنمۇ تۇرغۇن بولۇپ، بۇ مەبلەغ سېلىشقا تولىمۇ ماس كېلىدىغان پۇرسەتتۇر.    كەسىپلەر كاساتلاشقاندىن كېيىن، كارخانىلار كاپىتال بازىرىدا ئەرزانلىشىپ كېتىدۇ. قۇياش نۇرى ئېنېرگىيەسى كەسپى، شامال ئېنېرگىيەسى كەسپى، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش تور بېتى قاتارلىقلارنى كىشىلەر ماختىغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ كاپىتال بازىرىدىكى باھاسى يۇقىرى بولىدۇ. كىشىلەر ياقتۇرمىغاندا باھاسى مۇۋاپىق بولىدۇ. كەسىپتە چوڭ مەسىلە كۆرۈلگەندە، قايسى كارخانىنىڭ ياخشىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر راستىنلا قۇياش ئېنېرگىيەسى، كوللېكتىپ سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالماقچى بولسىڭىز، شۇ كەسىپ كاساتلاشقان ۋاقىتتا ياخشى تەھلىل قىلىشىڭىز، كەسىپ گۈللەنگەندە يىراق تۇرۇشىڭىز كېرەك.   شۇڭا، 2011-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا، كاپىتال بازىرى بىلەن كارخانىلارنىڭ كاساتلىشىشى، دۇنيادىكى يۇقىرى مەبلەغ سالغۇچىلارغا پۇرسەت ياراتتى. بۇ پۇرسەت 2012-يىلىغىچە، ھەتتا 2013-يىلىغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن.   مەملىكىتىمىزدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار دائىم پىشىپ يېتىلگەن كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلايدۇ. پىشىپ يېتىلگەن كەسىپ دېگەن نېمە؟ ئۆتكەن 11 يىلدا ياۋروپادا بىيولوگىيە تېخنىكىسى، يېڭى ماتېرىيال، ئېنېرگىيە تېجەپ بولغىمىنى ئازايتىش، مۇھىت ئاسراش، ئىنتېر تورى قاتارلىقلار پىشىپ يېتىلگەن كەسىپلەر دەپ قارىلىپ كەلدى. مەملىكىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ياسىغانغا ئوخشايدۇ. ئەسلىدە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول يوق بولۇپ، بىر كېچىدىلا پەيدا بولغان. ياۋروپا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ دەۋر ئالماشتۇرۇپ، شەكىل ئۆزگەرتىشىگە 30 ~ 40 يىل ۋاقىت كېتىدۇ. بىر كارخانىچى ئۆمرىدە ئىككى قېتىم شەكىل ئۆزگەرتەلىسە، ياخشى بولغىنى. لېكىن مەملىكىتىمىزدە ھەر 8 ~ 10 يىلدا بىر قېتىمدىن، بىر كارخانىچى ئۆمرىدە تۆت قېتىم شەكىل ئۆزگەرتەلەيدۇ.   شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىنكى مەبلەغ سېلىش يۆنىلىشىگە قارىتا تۆۋەندىكى تۆت كەسىپ راۋاجلىنىش يۈزلىنىشىدە بولىدۇ، دەپ قارايمەن:   بىرىنچى، يۇقىرى ئىستېمال. ئىستېمال دەرىجىسىنىڭ يۈكسىلىپ دەۋر ئالماشتۇرۇشى كۇرسلۇق مەھسۇلات، يۇقىرى باھا قىممىتى ۋە قوشۇمچە باھا قىممىتى ياخشى بولغان سىناپ بېقىش شەكلىدىكى نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قىسقىسى، دۇنيا خەلقى ياقتۇرىدىغان كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى، مەملىكىتىمىز خەلقىمۇ ياقتۇرىدۇ.ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى. گەرچە ھازىر پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى تازا يۈرۈشمەيۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن كەلگۈسىدە زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ دەپ قارايمەن. مەملىكىتىمىز بازىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى شەخسلەر. مەيلى مەھسۇلات، مۇلازىمەت ياكى مەبلەغ بولسۇن، شەخس ئۆزى ئىشقا سالغان بولسىلا ياخشى. سۇغۇرتا، بانكا بولۇپمۇ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قەرز ئالىدىغان بانكىلار، شەخسىي ئىستېمال بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرى ياخشى.

    ئۈچىنچى، ئېنېرگىيە مەنبەسىگە مەبلەغ سېلىش ئۇزاققىچە ئەۋزەل ئورۇندا تۇرىدۇ، دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.   تۆتىنچى، سانائەتنىڭ يۈكسىلىپ دەۋر ئۆزگەرتىشى. سانائەتنىڭ يۈكسىلىپ دەۋر ئۆزگەرتىشى تەتقىقاتقا ياكى كۇرسلۇق مەھسۇلاتقا ئوخشىمايدۇ. مەملىكىتىمىز ئەشيا ئوبوروتىدا زور ئىسراپچىلىق مەۋجۇت. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەگەر ئەشيا ئوبوروتىنىڭ تەننەرخىنى ئازايتالىسىڭىز، بۇمۇ يۈكسىلىش ۋە دەۋر ئۆزگەرتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى بولۇپ قالىدۇ. ئىجادىيەت كەسپىگە تەمىنات، ئېھتىياج مۇناسىۋىتى بويىچە قارايدىغان بولساق، ئەشيا ئوبوروتى تېخنىكىسىنىڭ راۋاجلىنىشى، ئامبار تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش، مەبلەغ ئېقىمىنى ئۆزگەرتىش، بارلىق ئەمگەك كۈچىنىڭ ئېقىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھەممىسى يۈكسىلىپ دەۋر ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇلار كۇرسلۇق مەھسۇلاتلىشىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر قانچە تەرەپكە مەبلەغ سېلىشنى چوقۇم خالايمىز.   2010-يىلىدىن 2011-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان مەزگىلدە، مەملىكىتىمىزدە باش كۆتۈرگەن مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى مىڭدىن ئاشتى. زور مىقداردىكى تۇنجى پۇل كاپىتال بازىرىغا ئېقىپ كىردى. تۇنجى پۇل دېگىنىمىز، ئەزەلدىن خۇسۇسىي مەبلەغ سېلىپ باقمىغانلارنىڭ پۇلى. ھەر خىل فوندلار قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاق – قارىسىنى سۈرۈشتۈرمەي مەبلەغ سېلىشلار بولدى.     مېنىڭچە مەبلەغ سېلىش بازىرى كەلگۈسىدە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىدۇ. بىرىنچىدىن، مەبلەغ سالغۇچىلار پۇل تاپماقنىڭ تەسلىكىنى، خەۋپ – خەتەرنىڭ چوڭلۇقىنى تونۇپ يېتىدۇ، كەلگۈسى ئىككى – ئۈچ يىلدا خۇسۇسىي بازارلار زور زەربىگە ئۇچرايدۇ دەپ قارايمەن. ئىككىنچىدىن، نۇرغۇن كىشى پاي چېكى ئوينايدۇ، ھەتتا بەزىلەر پۇل قەرز ئېلىپ مەبلەغ سالىدۇ. بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بەك قىزىپ كەتسە، چەت ئەللەردە پايچېكى بازارغا سېلىنىدىغان شىركەتلەر كاساتلىشىپ كېتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، زايومغا مەبلەغ سېلىش ياخشىلىنىپ كېتىدۇ.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئۈستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top