يەكشەنبە , 2 ئىيۇن 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئىقتسادى ساھەدىكى دۇنياۋى ئۇرۇش ــــ خەلقىئارا سودا

ئىقتسادى ساھەدىكى دۇنياۋى ئۇرۇش ــــ خەلقىئارا سودا

       دۆلىتىمىز ۋە بېرما بولسا خوشنا دۆلەت، ھەم ئىزچىل ھالدا سودا ھەمراھلىرىدۇر. 2008-يىلى، دۆلىتىمىز ۋە بېرمىنىڭ ئېلىپ بارغان سودا سوممىسى 2مىلىيارت 600مىلىيۇن دوللار بولۇپ، ئالدىنقى بىر يىلدىكىدىن %26.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ بېرمىغا چىقارغان ئىكىسپورت سوممىسى 1مىلىيارت 900مىلىيۇن دوللار بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16.4 ئاشقان، بېرمىدىن ئىمپورت قىلغان سوممىسى 600مىلىيۇن دوللار بولۇپ، ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.2 ئاشقان بولۇپ دۆلىتىمىزدە 13 مىلىيارد دوللارلىق ئاكتىپ بالانىس يۈز بەرگەن.  مەبلەغ سېلىش جەھەتتە، بىر يىل ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ بېرمىغا سالغان مەبلەغ يىغىندىسى 13مىلىيارت دوللار، بۇنىڭ ئىچىدە قېزىلما بايلىق، ئىلىكتىر كۈچى، ماي-تەبىئ گاز دائىرىسى قاتارلىقلارغا سالغان مەبلىغى ئايرىم ئايرىم ھالدا 800مىلىيۇن دوللار، 200مىلىيۇن دوللار ۋە يۈز مىلىيۇن دوللار. ئەمما بېرمىنىڭ دۆلىتىمىزگە سالغان مەبلەغ تۈرى 221 خىل، تاشقى مەبلەغكە تۈزگەن توختامى جەمئى 300مىلىيۇن دوللار، ئەمىلىيەتتە ئىشلەتكەن سوممىسى 82 مىلىيۇن 810 مىڭ دوللار.

     يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى خەلقىئارا سودىنىڭ بىر دۆلەت ئىقتىسادىغا ۋە تەرققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايتتى زور.

     خەلقىئارا سودىنىڭ مەلۇم دۆلەت ئىقتىساد تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان رولى

1)     ھەر قايسى دۆلەت بازارلىرىنىڭ تەمىنلەش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.   

         ھەرقايسى دۆلەت بازارلىرىنىڭ تەمىنلەش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، باشتىن ئاخىرى ئالاقە باغلاش خەلقىئارا سودىنىڭ مۇھىم رولى. دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىگە ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن، پەن-تېخنىكا ۋە ئىشلەپچىقرىش ئامىللىرىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللار تەسىر كۆرسىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە بازار تەمىنلەش ئەھۋاللىرىدا مۇئەييەن دەرىجىدە پەرىقلەر ساقلانغان بولىدۇ. ھەر قايسى دۆلەتلەر دۆلەت ئىچىدە تاۋارلارنى تەمىنلەپ بولالمايدىغان ئەھۋاللار ساقلانغان، ھەم ھەر خىل شەكىلدىكى تاۋار ئىشىنچا ئەھۋاللىرىمۇ شەكىللەنگەن بولىدۇ. خەلقىئارا سودا ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى يىتىشمەيۋاتقان تاۋارلارنىڭ بازار ئىھتىياجىنى تەمىنلەشنى، ئىستىمالچىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەر دۆلەت ئىچىدىكى ئېشىنچا تاۋارلار يېڭى چىقىش يولىنى تەمىنلەپ، مۇئەييەن دەرىجىدە بازار تەلىپىنىڭ زىددىيتىنى پەسەيتىپ، بۇ ئارقىلىق ھەر قايسى دۆلەت بازارلىرىنىڭ تەمىنلەش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەيدۇ.

2)      جەمىيەتنىڭ قايتا ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

         تاشقى سودا جەمىيەتنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ‹‹ مەركىزى ھالقا›› ۋە ‹‹ۋاستىچى ئامىل››لىق ئورۇندا تۇرىدۇ. تاشقى سودا ئوبروت ۋە ئالماشتۇرۇش دائىرىسىگە تەۋە، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىملەش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئىستىمال قىلىش بولسا ئوبروت ۋە ئالماشتۇرۇشنىڭ مەركىزى ھالقىسى ھىساپلىنىدۇ.  ئىشلەپچىقىرىش ئالماشتۇرۇشنى بەلگىلەيدۇ، لىكىن مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا ئالماشتۇرۇش ئىشلەپچىقىرىشقىمۇ بەلگىلەش رولىنى ئوينايدۇ.

       ئېنگىلىس تاۋار ئالماشتۇرۇشنىڭ  تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

       ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئالماشتۇرۇش بىر-بىرىنى ئۆز ئارا شەرىت قىلىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ، تاشقى سودا بولسا ئالماشتۇرۇش دائىرىسىگە تەۋە بولىدۇ.

3)    ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ تولۇق ئىشلىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4)     ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ.   

        20-ئەسىردىكى ئامىرىكا دەل ئەۋزەللىكتىن پايدىلانغان ۋە ئەۋزەللىكنى خەلقىئارالىق تەقسىملەش ۋە خەلقىئارا سودىغا ئىشلىتىپ، ئەۋزەللىكى يۇقىرى تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى كىڭەيتىپ، ئەۋزەللىكى كىچىك بولغان تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ، ھەم ئىكىسپورت ئەۋزەللىكىگە ئىگە تاۋارلارنى چەتئەللەرگە چىقارغان، بۇ ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى بولغان ئىقتىسادى كىرىمنى قولغا كەلتۈرگەن.

5)    ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ.

6)     مالىيە كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

7)       ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىنى كۇچايتىپ، ئىقتىسادى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئۈستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top