يەكشەنبە , 2 ئىيۇن 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئىناۋەت كارتىسى

  

    ‹ئېلىكتىرونلۇق پۇل› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تاۋار ئىگىلىكىنڭ تەرەققىياتىغا ۋە پەن-تېخنىكىنىڭ يۇقىرى كۈتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن بىر خىل زامانىۋى تۆلەم قورالى بۇلۇپ، سودا-سانائەت بانكىسى ۋە ئىناۋەت كارتىسى شىركىتىنىڭ شەخسى ۋە ئىدارىلەرگە تارقىتىدىغان ھەم شۇنىڭغا تاينىپ ئەھدىلەشكەن ئورۇنلاردىن ھەرخىل بويۇملارنى سىتىۋالىدىغان، ئىستىمال قىلىدىغان، شۇنداقلا بانكىلارغا پۇل ئامانەت قويىدىغان، قەرىز ئالىدىغان ئىناۋەتلىك ھۆجىتتى بۇلۇپ، ھىساۋات قىلىش ۋە ئامانەت قەرىزدىن ئىبارەت قوش ئىقتىدارغا ئىگە ھەمدە بانكىلارنىڭ ئامانەت قوبۇل قىلىش، ئامانەتنىڭ ئۆسىمىنى تۆلەش قاتارلىق خاراكتىرىگە ئىگە.

    ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەنىسى ‹ئىناۋەت› يەنى بۇ كارتىغا ئىگە بولغانكى ئادەم كارتىنى ئىسپات قىلىپ، ۋاقتىنچە نەق پۇل تۆلىيەلمەيدىغان ئەھۋالدىمۇ ئالدىن مەلۇم تاۋارغا ياكى مەلۇم مولازىمەتكە ئىرىشىپ، ئىستىمال قىلالايدۇ. كىين مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن قەرىز بولغان پۇللرىنى تولۇقلاپ تۆلەيدۇ. يەنى ئالدىن ئىلىپ كىيىن قايتۇرىدۇ. ئىناۋەت كارتىسى ئەڭ بۇرۇن ئامرىكىدا بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ، ئۆزىنىڭ جانلىقلىقى، بىخەتەرلىكى، تىزلىكى، قولايلىقلىقى بىلەن خەلقئارادا يۈرۈشىۋاتقان تۆلەم شەكللىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.

    1987-يىلى دۆلىتىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ئىناۋەت كارتىسى شىركىتى–ماستىر (Mastexdhed) ۋە ۋىسا (visa) غا قاتناشتى. دۆلىتىمىزدىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىىشنىڭ چوڭقۇرلىششغا ۋە سوتسىيالستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلۇپ مۇكەممەللىشىگە ئەگىشىپ، بانكا كەسپى كۈندىن-كۈنىگە ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى. 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە دۆلىتىمىز تارقاتقان بانكا كارتسى 2مىليارد 420 مىلىيون بولۇپ، 2009-يىلىغا قارىغاندا 350 مىليون ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىناۋەت كارتىسى 230 مىليونغا يەتتى. بازار ئىگىلىكىنىڭ ئىھتىياجىغا ماسلىشش ئۈچۈن تۈرلۈك ئىناۋەتلىك كارتىلار، ئامانەت-قەرىز، ئاكسىيە ئورگانلىرى، ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كىلىپ، ئىلگىركى خەلىق ئىگىلىكىگە قارىتا ئومۇملاشتۇرۇپ تەڭشەش ئىلىپ بىرىشنى ئاساسەن ھۈكۈمەت زىممىسىگە ئالىدىغان ئىشلارنى پەيدىنپەي پۇل –مۇئامىلە ئورگانلىرى بىجىرىدىغان بۇلۇپ پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇليىتى كۆپەيدى.

    پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تۇرمۇشى ئۈچۈن تەڭشىگۈچى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچى بۇلۇشى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يەنە پۇل-مۇئامىلە پائالىيەتلەرگە ئائىت ھەرخىل ئىقتىسادىي جىنايەتلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. ئىناۋەتلىك كارتىدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك جىنايەتنىڭ بىرسى بۇلۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئىناۋەتلىك كارتىنىڭ بىخەتەرلىككىگە ،ئۆز تەرتىۋى بويىچە ئىشلىتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايى ھەركەتلىرىگە زەربە بىرىش ئۈچۈن دۆلىتىمىز 1995-يىلدىن باشلاپ بىر قاتار قانۇن-قائدىلەرنى چىقىرىپ بۇ خىل جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. مەملىكەتلىك خەلىق قۇرۇلتىي 1997-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغان يىڭى جىنايى ئىشلار قانۇنى ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتىنى جىنايى ئىشلار قانۇنىغا كىرگۈزدى. ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى ئەنئەنىۋى ئالدامچىلىق جىنايتى ئىچىدىن ئايرىلىپ چىقىرىلىپ مۇستەقىل يىڭى بىر جىنايەت نامى قىلىنىدى. 2005-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ماقۇللىغان ‹جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈش لاھيىسى (بەشىنجى)›دە بۇ خىل جىنايەتنىڭ نامىغا قارىتا بىر قىتىم تۈزۈتۈش كىرگۈزۈپ جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتى توغرىسىدىكى بەلگىلمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مۇكەممەلەشتۈردى. شۇنىڭدىن كىيىن دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ئالدامچىلىقى جىنايىتىگە زەربە بىرىش ئەمەلىيتى داۋامىدا ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ مىڭىۋاتىدۇ.

مەنبە: جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئۈستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top