چارشەنبە , 3 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

پەلسەپە ئۆگۈنۈش ھەققىدە

پەلسەپە كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئەقىل پاراسىتىمىزنى قوزغۇتىدىغان پەن.

ئادەمنىڭ ئۆمرىدە، پەلسەپە تەربىيسىنى ئالغان  ئالمىغانلىقى، ئەقىل پاراسىتىنىڭ ئېچىلغان ئېچىلمىغانلىقى، نەتىجىدە ناھايتتى چوڭ پەرق بولىدۇ. پەلسەپەنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رولىنى كۆرگىلى ، تۇتقىلى بولمىغاندەك تۇرغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ رولى مۆلچەرلىگۈسىز دەرىجىدە ناھايتتى چوڭ. ئەقىل-پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ كۆڭلى ئوچۇق، شاد-خۇرام، ئېغىر بېسىق بولىدۇ. ئەقىل-پاراسىتى يوق ئادەملەرنىڭ كۆڭلى تۇتۇق، پەرىشان، ئالدىراڭغۇ كىلىدۇ. كىشىلىك تۇرمۇشتا ئىنتىلىشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان نەرسىلەر، بىرسى ئىلغارلىق يەنە بىرسى بەخىت-ساھادەت بولۇپ، بۇنىڭ ئىككىلىسى ئەقىل پاراسەتتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەقىل پاراسەت دىگەنلىك- كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ تۈپ قائىدىسىنى بىلىش دىگەنلىكتۇر. پەقەت مۇشۇنداق بولسىلا، ئاندىن قانداق ئادەم بولۇشنى بىلگىلى بولىدۇ. نەتىجىدە ئادىمىلىك مەنىسىدىكى ھەقىقى مۇنەۋۋەر ئادەم بولغىلى بولىدۇ. ھەم يەنە مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھەرخىل قىممەتكە ئىگە مۇھىم ۋە ئىككىنجى دەرىجىلىك نەرسىلەرنى پەرق قىلىپ، ئۆزىگە زادى نىمىنىڭ لازىملىقىنى چۈشۈنۈپ، نەتىجىدە ھەقىقى مەنىدىكى بەخىتكە ئىرىشكىلى ۋە ئۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

پەلسەپىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئەھمىيتى شۇنچە چوڭكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قانداق قىلساق يېقىنلىشالايمىز ۋە ئۇنىڭغا قانداق قىلساق ئىگە بولالايمىز؟ مىنىڭ باشتىن-ئاخىرى قارىشىم شۇكى، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل دەل ئاتاقلىق پەيلاسوپلارنىڭ ئەسلى ئەسەرلىرنى بىۋاستە ئوقۇش، ئەڭ ياخشى پەلسەپە پىر- ئۇستازلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇجەسسەملەنگەن. دۇرۇس، پىر ئۇستازلارنىڭ كۆز قاراشلىرىدا پەرقلەر بار، شۇڭا بىز ئۇنىڭدىن ئۆلچەملىك جاۋاپقا ئىرىشەلشىمىز مۇمكىن ئەمەس. ھالبۇكى بۇ ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇغۇچىنىڭ قىزقىشى ۋە ھاسىلاتىغا باغلىق. ئادەم قانداق قىلغاندا ئاندىن پەلسەپىنىڭ دەرۋازىسدىن كىرگەن ھىساپلىنىدۇ؟ دەرسلىك كىتاپلاردىن بىر قسىم نەرسىلەرنى دوگمىلا ئوقۇساق ۋە يەكۈن چىقارساقلا بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. بىردىن بىر ئۆلچەم بولسا سىزنىڭ ئۆزىڭىز كاللا ئىشلىتىپ كىشىلك تۇرمۇشتىكى تۈپكى مەسىللەرنى تەھلىل قىلغان قىلمىغانلىقىڭىزغا، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنىڭ كىشىلىك ئىتىقاد تۇرغۇزغان تۇرغۇزمىغانلقىڭىزغا قاراشتۇر. ئۇنداقتا، پەلسەپە تارىخىدا نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغلارنىڭ قانداق چوڭ مەسىللەر ئۈستىدە ئويلانغانلىقىغا، قانداق مۇستەقىل پىكىر قىلغانلىقىغا قاراپ باقساق، سىزگە ئەڭ ياخشى ئۈلگە ۋە باشلامچى بولالايدۇ.

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

2 comments

  1. رازىيە تورىغا مۇبارەك بولسۇن. يېڭى يازمىلار ئۈزۈلمىگەي.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top