پەيشەنبە , 4 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئىلىم-پەن دەرىسلىكىنى ئوقۇتۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش

ئىلىم – پەن دەرسلىكىنى ئۆقۇتۇشتا ئەھمىيەت بىرىش زۆرۈر بولغان موھىم نوختىلار            ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش 

 مەنىساگۇل ئىمىن

ئىلىم-پەن– تەبىيەت،جەمىيەت ۋە تەپەككۇر قاتارلىق ئوبىكتىپ قانۇنىيەتلەرنى ئەكىس ئەتتۈردىغان ئەمىلىي بىلىم سىستىمىسى بولۇپ،ئۇ بىلىم دائىرىسى كەڭرى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى چوڭقۇر، قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقۇرى ، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر خىل ئونۋىرسال پەن.باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۆتۈلىدىغان ئىلىم-پەن دەرسى بىلىم مەزمۇنلىرى جەھەتتىن ئاساسەن ھاياتلىق ئىلمى،ماددا پېنى،يەرشارى ۋە ئالەم ئىلمىدىن ئىبارەت چوڭ ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.ئەمما بۇ ساھەلەرنى سىستىمىلىق چۈشەندۈرمەيدۇ.بەلكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنىڭ ئىلىم-پەن تەكشۈرۈش پائالىيتىگە بىرلەشتۈرۈپ،پەقەت ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئالاقىدار،ئەتراپىدا ھەمىشە ئۇچۇرتۇپ تۇردىغان،ئەڭ ئاساسى بىلىملەر ھەمدە بەزى پەننى ھادىسلەر ئەمەلىيتى ۋە جەريانىلار تونۇشتۇرلىدۇ.شۇڭا،ئىلىم-پەن بىلىملىرنىڭ سىستىمىلىقى،مۇكەممەللىكى ئوقۇتۇشتىكى ئاساسى مەخسەت ئەمەس.كونكىرىت ئېيىتقاندا،ھاياتلىق دۇنياسى ساھەسىدە،ئاساسەن جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى،ھاياتلىقنىڭ ئورتاق ئالامىتى،جانلىقلار ۋە موھىت،ساغلاملىق ۋە تۇرمۇشتىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن تونۇشتۇرلىدۇ.مەكتەپلەردە بۇ دەرىسنى ئۆتۈش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پەن- تىخنىكىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ھەسىۋىنى يىتىلدۈرۈش،پەننى ئۈگۈنۈش، پەننى ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،ياخشى ئىلمى پوزۇتسىيە يىتىلدۈرۈش، شۇنىڭدەك ئەخلاق تەربىيەسى ئىلىپ بىرىش قاتارلىق مەقسەتكە يەتكىنى بولىدۇ. دەرسلىكتە تەبىئەت دۇنياسىدىكى خىلمۇ- خىل شەيئىلەرنى كۆزىتىش، تەجرىبە ئىشلەش، مۇلاھىزە قىلىش، بايقىغان يىڭىلىقلارنى خاتىرلەش قاتارلىق مەزمۇنلار، قىزىقارلىق رەسىم ۋە كۆرسەتمىلەر ئارقىلىق بىرىلگەن بولۇپ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇتۇش جەريانىدا پىلانلىق ھالدا ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ، قوزغۇتۇش،ئەمەلىيى مەشخۇلات قىلىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم ئىگەللەش، ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى ئىشلىتىش ۋە ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلىدۇرۇش بىلەن بىرگە ئاستا- ئاستا تەسىر كۆرسۈتۈش ئاساسىدا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ كەڭلىكى، سىرلىقلىقى، سىرلىق دۇنيانى چۈشۈنۈش تەتقىق قىلىشنىڭ زۈرۈرلىكىنى تونۇتۇپ، ئوقوغۇچىلارنى كۈزۈتۈش، تەتقىق قىلىش قاتارلىق پائاليەتلەرگە تەشكىللەپ ئىچكىرلەپ تەبىئى موھىت بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ھەر بىر شەيئى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە يىتەكلەش ئارقىلىق ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە قىلىپ ، نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىپ، يۇرتىنى سۈيۈش، ۋەتەننى سۈيۈش، تەبىئەتنى سۈيۈش ھىسسياتىنى يىتىلدۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.ئەمما مەزمۇنى چوڭقۇر،موھىملىقى يۇقىرى بولغان بۇ دەرىسكە قارىتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزقىشى،ئەھمىيەت بىرىشى،بىرلىپ ئۈگنىشى كۆپۈنچى ھاللاردا تەتۈر تانىسىپ بولىدۇ.شۇڭا بۇ دەرىسنى ئوقۇتۇشتا ئوقۇتقۇچىدا يۇقىرى ساپا،كۈشلىك مەسئۇلىيەت،ياخشى ئوقۇتۇش مىتوتى ھازىرلانغان بولۇش كىرەك.
ئىلىم- پەن دەرسىنى ئۆتۈشتە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى خىلمۇ خىل. دەرىسخانا كەيپىياتى جانلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى يۇقۇرى بولۇش موھىم ئورۇندا تورىدۇ. چۈنكى بۇ دەرىسلىكتىكى ھەر بىر مەزمۇن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يىڭى ئۇقۇم بولۇپ، نەزىريەۋى بىلىمنى ئەمەلىي بىلىمگە ئايلاندۇرۇش ئىنتايىن زۆرۈر.شۇنداقكەن بۇ دەرىسنى ئوقۇتۇشتا بۇ كەسىپنى چۈشنەلەيدىغان پەن ئوقۇتقۇچىللىرى ياكى لابرانت كەسپى خادىملىرى ئۆتسە بىر قەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئىگە بولغۇلى بولىدۇ. لىكىن ھازىر مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كەسىپلىشىش تىخى ئوموملاشقىنى يوق.ھەتتا بەزى مەكتەپلەردە كىمنىڭ قولى بىر قەدە بوش بولسا شۇنىڭغا تەخسىم قىلىپ قويىدىغان،قايسى ئوقۇتقۇچىغا تەقسىم قىلىنسا ئۆتىۋىرىدىغان،ئۇنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنىمى سۈرۈشتە قىلىنمايدىغان پەنگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ دەرىسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈشتە ئوقۇتقۇچىلار نۇرغۇن مەسىللەرگە يولۇقىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا ئۆتۈپ قويسا بولىدىغان دەرىسلىك ئەمەس. ئىلىم- پەن دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى بىر تەرەپتىن ئۈگۈنۈپ، بىر تەرەپتىن ئۈگۈتىدىغان، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ھەمكارلىشىپ مەشخۇلات قىلىدىغان، پائالىيەت دەرسى. ئوقۇتقۇچى دەرىس ئۆتۈشتە كىتاپتىكى رەسىملەردىن، كۆرسەتمىلەردىن، مەشخۇلات باسقۇچىدىن پايدىلىنش جەھەتتە تۆۋەندىكىدەك قىيىنچىلىققا يولىقىدۇ 1. تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى ئالدىن تەييارلاش ؛ 2. تەجرىبىنى ئالدىن ئىشلەپ تەجرىبە ئىشلەشكە كىتىدىغان ۋاقىتنى مۆلچەرلەش ؛ 3. ئوقۇغۇچىلار ھەل قىلىپ كىتەلمەيدىغان مەسىللىلەرگە ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش؛ 4. شۇ دەرس مەزمۇنىغا بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىددىۋى تەربىيە مەزمۇنى ئۈستىدە ئويلۇنۇش ؛ 5. بۇ دەرسنى ئۆتۈش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇش ؛ 6. دەرس مەزمۇنى شۇ جاينىڭ مۇھىت ئالاھىدىلىكىگە، تەبئيى شارائىتقا ماس كەلگەن بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى موھىم ۋە قىيىن مەسىللەرگە يولۇقىدۇ ؛ ئۇندىن باشقا ھازىر بىزدە يەنە يىڭى دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئوقۇتقۇچى سۆزلەپ مەشغۇلات قىلىشقا يىتەكلەش ئارقىلىق خۇلاسە قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئوقۇپ چۈشۈنۈپ مەشغۇلات ئىلىپ بىرىش ۋە دەرسخانا سىرتىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۈگۈنۈدىغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى كەمچىل بولماقتا.مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللۇنۇپ ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسخانىنىڭ خوجايىنىلىرىغا ئايلاندۇرىشىمىز،ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا شارائىت يارىتىپ بىرىشىمىز زۆرۈر.
دەۋرىمىز ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە جەمىيتىمىز بىر تۈركۈم ئىقتىساس ئىگىللىرىگە مۇھتاج. ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشنىڭ ئاساسى يەنىلا باشلانغۇچ مائارىپىدا.جۈملىدىن بىز ئوقۇتقۇچىلاردا.چۈنكى،باشلانغۇچ مائارىپىدا ئىگىلىگەن بىلىم يۇقۇرى دەرجىلىك مائارىپ بىلىمىنىڭ ئاساسى .بۇ دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئارقىلىق بىلىم قابىلىيەت يىتىلدۈرۈپ باشقا پەنلەرنى ئۈگۈنىشكە ئاساس سالغىلى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىپ، كۈندىلىك تۇرمۇش، ئۈگۈنۈش جەريانىدا يولۇققان مەسىللەرگە قارىتا دەل ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگىنى بولىدۇ.نەزىرىيە بىلەن ئەمەلىيەت بىرلەشتۈرۈلگەن ئىلىم- پەن دەرسىنى ياخشى ئۆتۈش ، ئوقۇتۇش جەريانىدا دۈچ كەلگەن مەسىللەرنى ھەل قىلىشتا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك دەپ قارايمەن:
1.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم- پەن دەرسىنى ئۈگۈنۈشتىكى مۇددىئاسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇ دەرىسكە بولغان قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش
ئوقۇغۇچىلار قەلبى خۇددى ئاق قەغەزگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا نىمىنى يىزىش، نىمىنى سىزىشنى ئوقۇتقۇچى ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن موھىم. ئىلىم- پەن دىگەن بۇ ئۇقۇم ئيتىلىشتا ئاددى تۇرغىنى بىلەن ئۇنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭرى، كەڭ دائىرىىلىك بىلىمىنى ئىخچاملاپ سەبى قەلىبلەرگە سىڭدۈرۈشتە ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن موھىم. بىز ياشاۋاتقان دۇنيا ھەقىقەتەنمۇ سىرلىق، ئەتراپتىكى شەيئىلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ، ئۇلارنىڭ بەزىللرى بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان دائىملىق ھەمرايىمىزبولسىمۇ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئوقوغۇچىلار تولۇق چۈشۈنۈپ يىتەلمەيدۇ. مەسىلەن: ھاۋا، سۇ، تۇپراق، ئۆسۈملۈك، ھايۋانات، ھەر خىل يىمەكلىك، تەبىئەت ھادىسىللىرى، ئاسمان جىسىملىرى قاتارلىقلار. ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىيى مىسال ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىشتە كۈزۈتۈپ تەتقىق قىلىشتا ئىلىم – پەن دەرسىگە تايىنىشنىڭ، بۇ دەرىسنى ئۈگۈنۈشنىڭ موھىملىقىنى تونۇتۇش، ئاددى تەجرىبىنى ئىشلەپ كۆرسىتىش، تەجرىبە ئىشلەشكە ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
ياخشى ئىلمىي ساپا ھەممە ئادەمدە كەم بولسا بولمايدىغان ئىھتىياجغا ئايلانماقتا، ھەر بىر ئادەم ھەر كۈنى ئاز بولمىغان ئىشلارنى ئىلىم پەن بىلىملىرى ئارقىلىق ھەل قىلماقتا، ھەر بىر ئادەم پەن- تىخنىكا مەسىللىرىگە ئائىت ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇلاھىزە- مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ياش ئۆسمۈرلەر تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋاللارنى چۈشۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىلىم- پەن بىلىملىرىىنى ئۈگۈنۈشنىڭ مۇھىلىقىنى تونۇتۇپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر.ئەمما ئۇلارنىڭ ئۈگنۈش مۇدداسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،قىزقىشىنى قوزغاش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇدداسى ئېنىق بولىشى،بۇ پەنگە ئائىت بىلىمى مول بولىشى،ئەتراپلىق ساپا ھازىرلىغان بولىشى، شۇنداقلا يۇقىرى ئوقۇتۇش مىتوتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايىللىقىنى قوزغىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولىشى كىرەك.
2.ئىلىم- پەن دەرسىنىڭ موھىملىقى ۋە جەمئىيەتتىكى رولىنى ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم- پەن دەرسى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتىدىغان فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە دەرىسلىرىنىڭ دەسلەپكى ئۇقۇمى بولۇپ بۇ دەرىسنى ياخشى ئۆتۈپ شەيئىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بىرىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، شەيئىلەرگە بولغان تونۇشىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش كىرەك. مەسلەن: ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسى بولمىسا زاۋۇت كارخانىلار مەشخۇلات ئىلىپ بارالمايدۇ. توك بولمىسا ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرىدىن پايدىلانغىلى يۇرۇقلۇققا ئىرىشكىلى بولمايدۇ. قۇياش بولمىسا يەر شارىدا يۇرۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق بولمايدۇ. ئوزۇقلۇق، ھاۋا، سۇ، تۇپراق بولمىسا جانلىقلار ياشيالمايدۇ، ھەر خىل مىخانىزىملار بولمىسا قاتناش قۇراللىرى يول يۈرەلمەيدۇ.مانا مۇشۇنداق مىساللار ئارقىلىق ئەمەلىي تۇرمۇشتىكى شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بىلىش،ئۇنى ئىشلىتىش، ئۇلار ئۈستىدە ئىزدىنىش،ئۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۇسۇللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىگەللىتىش جەھەتتە موھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇش، ئىلىم- پەن دەرسنىڭ تەبىەت دۇنياسىدىكى بارلىق شەيئىلەر ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىجات قىلىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئەمىلى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بۇ دەرسنىڭ ئوقۇتۇشتىكى رولىنى تونۇتۇش لازىم .
3. تەجرىبە مەشغۇلاتىدىن بۇرۇن بىخەتەرلىك تەربىيەسى بىرىش.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم- پەن دەرسى كۆرسەتمىلىك، تەجرىبىلىك، پائالىيەتچانلىقى كۈچلۈك دەرس بولۇپ ئوقۇتقۇچى كونكىرىتنى ئەھۋالغا ئاساسەن تەتقىقات شەكلىنى بىكىتىش، تاسادىپى يۈز بىرىش ئىھتىمالى بولغان مەسىللەرگە قارىتا ئالدىن تەييارلىق كۆرۈش، تەجرىبە سايمانلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈش، سايمانلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك، دەرىسخانا ئىنتىزامىغا بوي سۇنۇش توغرىسىدا تەربىيە بىرىش ناھايتى زۆرۈر بولغان باسقۇچ.
ئىلمىي كۆزۈتۈش ئۈسكىنىللىرىنى ئىشلىتىپ تەتقىقات ئىلىپ بىرىش باسقۇچى تۆت خىل بولۇپ تەجرىبە جەريانىدا باسقۇچلار بويىچە مەشخۇلات قىلىشقا يىتەكلەشتە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بىرىش كىرەك؛‹1›ئوقۇغۇچىلارنى ۋاكالەتلىك بويۇملارنى ئىشلىتىشكە يىتەكلەش‹2› ئوقۇغۇچىلارنى بەزى ئەسۋاپ ئۈسكىنىلەرنى ياساش پائالىيىتىگە تەشكىللەش‹3›مەكتەپنىڭ بەزى تەجرىبە سايمانلىرىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىسقا مۇددەت ئىشلىتىپ تۇرىشىغا ئارىيەت بىرىش‹4›ئوقۇتقۇچى بىۋاستە سىتىۋىلىپ ئەكىلىش ياكى ئارىيەت ئىلىپ ئوقۇغۇچىلارغا تارقىتىپ بىرىش. يۇقۇرىدىكى باسقۇچىلارنى ئورۇنلاشتا ئۈسكىنە سايمانلارنىڭ تولۇق رەتلىك بولۇشى، شۇ بىر سائەتلىك دەرسنى بىخەتەرلىكتە مەسىلە كۆرۈلمىگەن ئاساستا مۇئاپىقىيەتلىك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك. .
4.دەرس بايلىقلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كىرەك.
ئىلىم- پەن دەرىس ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مائارىپ مەمۇريىتى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بۇ دەرىسكە ئائىت ئەسۋاپ، ئۈسكىنە، ئوقۇتۇش قۇراللىرىنى تولۇقلاپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئەسلىھەلىرى تولۇق يۈرۈشلەشكەن، ئازادە سنىپلاردا ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. دەرىس بايلىقلىرى بىزنىڭ ئىشلىتىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا.دەرس بايلىقى دىگىنىمىز: دەرىس مەزمۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق بايلىق مەنبەلىرىدىن ئىبارەت. پايدىلىنىشقا بولىدىغان بارلىق ئادەم كۈچى، ماددى كۈچ، تەبئى بايلىقلارنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئوقۇتۇش ماتىريالى ھەمدە مەكتەپ ئائىلە جەمئىيەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە يارىدەم بىرىدىغان ھەر خىل بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇ دەرس نىشانىغا يىقىنلىشىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ھىساپلىنىدۇ. ئىچىش پايدىلىنىشقا بولىدىغان بايلىقلار كۆپ خىل بولۇپ تەبىئەت دۇنياسىدىن كەلگەنلىرى ھەم جەمئىيەتتىن كەلگەنلىرى بولىدۇ، ئادەم كۈچىگە ئائىتلىرى ۋە ماددى كۈچكە ئائىتلىرى، ھەركەتچان ئۇچۇرلاشقانلىرى بولىدۇ، پەقەت شۇ دەرسكە كىرگۈزەلگەنلىرىنىڭ شۇ دەرسكە نىسپىتەن ئىشلىتىش ئورنى ۋە قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ. ئىلىم- پەن دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئۆتمەكچى بولغان دەرىسنىڭ پىلاننى ئەترا پلىق تۈزۈش، كىتەرلىك ماتىريال، كۆرسەتمە، تەجرىبە قەدەم باسقۇچىلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، تەجرىبىلەرنى ئالدىن ئىشلەپ كۆرۈش، ئوقۇغۇچىلارغا بىلىم بىرىشتە ئەستايدىل تەلەپچان بولۇش، كىتەرلىك سايمانلارنى تونۇشتۇرۇش، تەجرىبە قەدەم باسقۇچىلىرىنى چۈشەندۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبىخانىدىكى سايمانلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك سايمانلارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كىرەك. بىزدە مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا دىگەن گەپ بار. ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قول سىلىپ ئىشلىگەن تەجرىبىلەرنى، ئىشلەتكەن سايمانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ھەقىقى چۈشەنگەندىلا ئاندىن بۇ ئۇلارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بىلىمىگە ئايلىنىدۇ. مەسىلەن: ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر بايلىقى،تەبىئ مۇھىت بايلىقى قاتارلىقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى ئۈگۈنىدىغان بايلىقىدۇر، پەقەت ئوقۇغۇچىللىرىمىزنىڭ ئىجاتچانلىق روھىنى ئورغۇتقاندىلا دەرس بايلىقلىرىنىڭ كۆپ خىل ئىشلىتىش قىممىتىنى ماھىرلىق بىلەن قېزىپ چىقالايمىز. كىرەكسىز نەرسىلەرنى كىرەكلىك نەرسىلەرگە ئايلاندۇرۇپ دەرس بايلىقىنىڭ قىممىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە نامايەن قىلىش مەقسىتىگە يىتەلەيمىز.تەجىربە سايمانلىرى تۇرۇپ ئىشلىتىلمىسە ئۇ تەبىيكى بىر كىرەكسىز سايمانغا ئايلىنىپ قالىدۇ،تەبىي دەرىس بايلىقىدىن ئۈنۈملىك پايدىلنالماسلىق دەل ئوقۇتقۇچىنىڭ مەغلۇبىيتى شۇنداقلا ئوقۇغۇچىغا كەلتۈرگەن زىياندۇر.بىر مەسئۇليەتچان ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيىتقاندا دەرىس بايلىقىنى تونۇش،ئۇنى بىلىش ھەم ئۇنى ئوقۇغۇچىغا يەتكۈزۇپ بىرىش يۈكسەك بۇرۇچ ھىساپلىنىدۇ.
5. نەزىريە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەش.
ئىلىم- پەن دەرىس ئوقۇتقۇچىلىرى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يەرلىك ئوقۇتۇش ماتىرياللىرنىڭ مەزمۇنى، شۇ جاينىڭ تەبئى موھىتى، تەبئى بايلىقى، تۇرمۇش ئىشلەپچىقىرىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ كىتاۋى بىلىمگىلا تايىنىۋالماي، ئوقۇغۇچىلارنى تەبىئەت دۇنياسىدىكى شەيئىلەر بىلەن ئۇچرۇشۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، بالىلارنى دالىلارغا، باغچىلارغا، دەريا بويلىرىغا باشلاپ بىرىپ، ئۇلارنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىشقا يىتەكلەپ تەبىئى موھىت بىلەن بىۋاستە ئۇچراشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىش كىرەك، ئوقۇغۇچىلار ئەتراپتىكى شەيئىلەرنىڭ نامىنى بىر قاراپلا بىلسىمۇ ئۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىچكى باغلىنىشى قاتارلىق تەرەپلەرنى تولۇق چۈشۈنۈپ كىتەلمەيدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ھەر بىر شەيئى ئۈستىدە ئىزدىنىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ بىرىش، باشلامچىلىق بىلەن تەتقىق قىلىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىريەۋى بىلىمىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، ئۈگۈنۈشكە يىقىندىن ماسلىشىش. ھەر خىل ماتىرياللارنى يىغىپ ئۆزلىرى قول سىلىپ ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى، ئۈگۈنۈش قۇراللىرىنى ياساپ چىقىش قاتارلىق تەبىئەت تەتقىقات پائالىيىتىگە ئۇيۇشتۇرۇپ ئالارنىڭ بىلىمىنى كىڭەيتىپ، ھەۋىسىنى قوزغاپ، ئىقتىدارىنى چىنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىش لازىم.
6. ئىلگىرى ئۈگەنگەن بىلىم بىلەن يىڭى دەرستىكى بىلملەرنى بىرلەشتۈرۈپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا يىتەكلەش.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم – پەن ئوقۇتقۇچىللىرىنىڭ ئوبىكىتىپ ئادىل پوزۇتسىيەسى ئوقۇغۇچىلارغا باھا بىرىشتە ئىپادىلىنىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرىدىغان باھاسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ، شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ كىچىككىنە ئارتۇقچىلىقىنى سەزگەندە دەرھاللا ئىلھاملاندۇرۇش، سۇئاللارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇلاھىزە قىلىشقا يىتەكلەش، يىڭى بىلم بىلەن باغلىنىشىنى چۈشەندۈرۈش كىرەك، چۈنكى بىزدە سۇ كەلگۈچە توغان سال دىگەن گەپ بار شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئىلگىرى ئۈگەنگەن دەرىس مەزمۇنى بىلەن يىڭى دەرىستىكى بىلىملەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار سوراش ئىھتىمالى بولغان سۇئاللارنى ئويلاپ قويۇشى، ئوقۇغۇچىلارنى قايىل قىلارلىق جاۋاپقا تەييارلىق كۆرۈشى لازىم. بۇ دەرىس مەزمۇنلىرى بىر بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئەھۋالىنى ئىگەللەپ تەجرىبە ساۋاقلارنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ تۇرۇش، ئىرىشكەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلە، كۆرۈرلگەن خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ ھەل قىلىپ مىڭىش كىرەك.
7. كىيىنكى سائەتتە ئۆتمەكچى بولغان دەرىس مەزمۇنىدىن ئالدىن بىشارەت بىرىش.
باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم پەن ئوقۇتۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات پائالىيىتىنى ئاساسى شەكىل قىلىدۇ، شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار كىيىنكى سائەتلىك دەرىسكە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارغا ئائت ماتىرياللارنى ئالدىن تەييارلاش، ئالدىن ئۈگۈنۈپ كىلىشكە تاپشۇرۇق بىرىش كىرەك، چۈنكى تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈگۈنۈش ئىپادىسىنى ئىنكاس قىلىىپ بىرىدىغان كۆزنەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقىنى باھالاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۈگۈنۈش پوزۇتسىيەسىنى بىلگىلى، ئۈگۈنۈش ۋە تەكشۈرۈش پائالىيىتىدىكى سەۋىيەسى بىلەن ساقلانغان مەسىللەرنى ئىگەللەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومومى ئۈگۈنۈش ئەھۋالىغا تىخىمۇ ياخشى باھا بەرگىلى بولىدۇ. يىڭى دەرسكە بولغان تەييارلىق ياخشى بولغاندىلا شۇ سائەتتە يەتمەكچى بولغان ئوقۇتۇش نىشاننى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغلى بولىدۇ ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپتىكى شەيئىلەرنى كۈزۈتۈش پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگىلى، ئىجاتچانلىق روھىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئىلىم- پەن دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى كىيىنكى سائەتلىك دەرىس مەزمۇنىدىن بىشارەت بىرىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك.
8.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشقا پۇرسەت بىرىش.
ئوقۇغۇچىلار ھەركەتلىك ئادەملەر توپى بولۇپ،ئوقۇتۇش بولسا بىر ھەركەت جەريانىدۇر.ئوقۇتقۇچى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇپ ئوقۇتۇش جەريانىدىكى مەسەىللەرنى جانلىق بىر تەرەپ قىلىش،ئوقۇغۇچىلار تەجىربە مەشخۇلاتى ئېلىپ بارغاندا قوماندان بولىۋالماستىن ئشتىراك قىلغۇچى ۋە قوللۇغۇچى بولۇش،ئوقوغۇچىلارنىڭ پالىيەت جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىللىرى،دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرى ۋە كۆرۈلگەن مەسىللەرنى بىلىپ تۇرۇشى،كۆڭلىدە سان بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرشى ۋە يىتەكلىشى كىرەك.زۆرۈر بولغاندا ھەرقايسى گورۇپىلار ئارسىدا كۈزەتچىلىك قىلىپ پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات پالىيتىنى بىلىپ تۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتقىقات پالىيتى ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقاندا،ئوقۇتقۇچى كۈتىپ تۇرۇشى،ھەل قىلىپ كىتەلمەيدىغان قىيىنچىلىققا يولۇققاندا ئوقۇتقۇچى يارىدەم بىرىشى ۋە يىتەكلىشى، ئۆزئارا مۇلايىزە قىلىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلارنى يىتەرلىك بولغان تەتقىقات ۋاختى ۋە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلشقا كاپالەتلىك قىلىش،تەجىربە تەتقىقات ئوبىكتى بولغان بىر قەدەر ئاددى مەسىللەرنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئورۇنداپ كىتەلەيدىغان بولسا ئەڭ ياخشىسى ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل تەەتقىق قىلىشى،ئاندىن ئوقۇتقۇچى ئاستا-ئاستا يىتەكچىلىك قىلىشى، ھەرگۈزمۇ ئالدىراپ خۇلاسىلىۋەتمەسلىك كىرەك.
9.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزئارا ھەمكارلىششىنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك
بۇرۇنقى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچى مۇناسىۋتى بولسا خۇددى بىر خىل ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچى مۇناسىۋتىدەك مۇناسىۋەت بولۇپ ئوقۇغۇچىلار پەقەت پاسسىپ قۇبۇل قىلىش،ئوقۇتقۇچىغا مۇتلەق بۇي سۇنۇش ۋە ئىدارە قىلىنىش ئاساسىدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرلاتتى.ئىلىمىز مائارىپ ئىسلاتىنىڭ چوڭقۇرلىششىغا ئەگىشىپ ساپا مائارىپى ئومۇمى يۈزلىك يولغا قويۇلۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇش قارىشىدا زور ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. ئوقۇتقۇچىلار بىلىم يەتكۈزۈشكە ئەھمىيەت بىرىشتىن ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان مەسلىھەتچىسىگە،پىكىرلەشكۈچىسىگە،زىددىيەت نوختىسىنى بايقاشتىكى ھەمكارلاشقۇچىسىغا ئايلاندى.ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى بۇرۇنقى چۈشەندۈرگۈچى ۋە بىلىم يەتكۈزگۈچىدىن ئوقۇغۇچىنى ئۈگنۈشكە يىتەكلىگۈچى،تەشكۈللىگۈچى ۋە ئۈگنۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلغۇچىغا ئۆزگەردى.شۇڭا ئىلىم- پەن دەرىس ئوقۇتقۇچىللىرى ئاڭلىق ھالدا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا دىمۇكىراتتىيە باراۋەرلىك ئىناق كەيپىيات بەرپا قىلىشقا ئەھمىيەت بىرىشى، تەجىربە مەشغۇلاتى ۋە پائالىيتىگە بىرلىكتە قاتنىشىشى، يېڭى بىلىم، يېڭى بايقاشلار ئۈستىدە ئورتاق پىكىرلىشىش لازىم .
10.ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى چۈشۈنۈش ۋە ئۇلارغا كۆيۈنۈش
باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمايدۇ،بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ رىقابەت ئېڭى كۈچلۈك بولۇپ سۇئاللارغا تىزراق جاۋاپ بىرىپ ئۇقۇتقۇچىنىڭ ماختىشىغا ئىرىشىشكە ئالدىرايدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلاردا ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىنى باشقىلاردىن تۆۋەن كۆرۈش ئىدىيسى مەۋجۇت بولۇپ كۆز قارىشىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قويۇشقا جۈرەت قىلالمايدۇ،بەزى ئوقۇغۇچىلار خاتا سۆزلەپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى بايان قىلىشتىن،ئەمىليەتتە كۆرسۈتىتىن تارتىنىدۇ.ئىلىم پەن دەرسىدە ئوقۇغۇچىلار كىرەكلىك تەجىربە سايمانلىرىنى ئۆز قولى بىلەن تۇتۇپ،كۆزى بىلەن كۆرۈپ مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغانلىقى،يۈز بەرگەن ھادىسلەرنى كۈزتىپ مۇلاھىزە قىلدىغانلىقى ئۈچۈن سۇئاللارغا قارىتا ئىنكاسى تىز بولىدۇ ھەمدە ئۆزىدە بىرخىل ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ ئۆز ئىقتىدارى ماھارىتىنىڭ يىتىلىۋاتقانلىغىدىن پەخىرلىنىدۇ.شۇڭا ئوقۇتقۇچى دەل مۇشۇ پەيىتنى توغرا ئىگىلەپ خىلمۇ خىل ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىنى قوللانغاندا ئوقۇغۇچىلار ئىددىيسىدىكى ئىختىلاپنى يوقۇتۇپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يەنىمۇ كۈچەيتكىلى ھەمدە تەبىيەتنى سۆيۈش ۋە ئىلىم پەن ئۈگۈنۈش قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ ساغلام بولغان پىسخىك ھالەتنى يىتىلدۈرگىلى بولىدۇ.ئوقۇتقۇچى بالىلارغا يېقىملىق ئاۋازدا سۆزلەش-ئىللىق مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇلاردىكى قورۇنۇشنى تۈگتىپ ئارىدىكى پەرىقنى ئازايتىپ، ئۇلاردا ئەركىن ئازادە ئۈگنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىش لازىم.
يىغىنچاقلىغاندا،باشلانغۇچ مەكتەپ ئىلىم-پەن دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەبىيەت دۇنياسىغا بولغان دەسلەپكى تونۇشىنى تۇرغۇزۇپ،ئۇلارنىڭ جەميەت ھەققىدىكى ھىسسى بىلىشىنى قوزغاپ،ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان،ئۇلاردا دەسلەپكى قەدەمدىكى دۇنيا قاراش،كىشلىك قاراش ۋە قىممەت قارىشىنى تىكلەيدىغان،ئىلىم-پەن ئۈگنىشنىڭ موھىملىقىنى تونۇتۇش ئارقىلىق ئولاردا يۈكسەك غايە يىتىلدۈردىغان،ئوچۇقىنى ئېيىتقاندا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە يا ئالىم ياكى زالىم بولۇش يۆنىلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئوقۇتۇش جەريانى،بۇ جەرياننى قانداق نەتىجىلەش بىر ئەۋلات پەرزەنىتلەرنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە.شۇڭا بىز ئوقۇتقۇچىلار بۇ يۈكسەك مەسئۇلىيتىمىزنى ئېنىق تونۇپ، ئىلىم پەن دەرىس ئوقۇتۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئالدىمىزدىكى ئاشۇ مەسۇم سەبىي بالىلارنىڭ ئۇستا تۆمۈرچىسى بولۇش ئۈچۈن جاپالىق ئىزدىنىشىمىز،خىزمەتنى ئۇلۇق-ئاددى دىمەي،پەنلەرنى ئاساسلىق-قوشۇمچە دەپ ئايرىماي،بالىلارنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئېچىشىمىز تولىمۇ زۆرۈر ئەلۋەتتە.

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top