چارشەنبە , 3 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئاددى رىتسىپلار

تىرە بۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك ئەل ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن قەدىمىي رىتسىپ ۋە تىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك ۋەقەلەر

تىرە بولسا ئادەم بەدىنىنىڭ ئالدىنقى مۇداپىيە سېپى بولۇپ، ئۇنى چوقۇم قاتتىق ئاسراش كىرەك.
كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا، تىرە بۆلۈمى – چاچ، پۇت – قول تىرناقلىرىدىكى كىساللىكلەرنى داۋالايدۇ. بۇ يەردە مىسال ئالغانلىرىمىز كۈندۈلۈك تۇرمۇشتا دايىم كۆرۈلۈدىغان تىرە كىسەللىكلىرى بولۇپ ، كىچىك رىتسىپلار بىلەن داۋالاش، ھەم ئاسان ھەم ئۈنۈملۈك.

1.چاچ يۇيۇش سۇيۇقلىقىنى تاشلاپ، پىياز، زەنجىۋىل بىلەن كىپەكنى داۋالاش
كىسەللىك ئالامىتى: باش كىپەكلىشىش
ئۆتمۈشتىكى خەلق ئارسىدا تەرقىلىپ يۈرگەن رىتىسىپ:
(1) بىر باش پىيازنى سوقۇپ يۇمشۇتۇپ ئاندىن داكىغا ئوراپ،ئۇنى باش تىرىسىگە مۇجۇپ سۈركەپ، 24 سائەتتىن كىيىن ئىسسىق سۇ بىلەن باشنى يۇيۋەتسە ھەم قىچىشىش توختايدۇ ھەم كىپەك يوقايدۇ.
(2) ئاۋال زەنجىۋىلنى يالپاقلاپ، قازانغا سېلىپ قاينىتىپ، سۈيى بەك قايناپ كىتىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق ئاچچىقسۇ قۇيۇپ، سۇ بىلەن ئارلاشتۇرۇپ باش يۇيۇلىدۇ.
باش كىپىكى ھىچكىمگە ناتونۇش ئەمەس. باش كىپىكى بىر قەدەر كۆپ بەزى كىشىلەر، بېشى قىچىشىپ بولالمايۋاتقان تۇرۇپمۇ خالىغانچە تۇتۇشقا جۈرەت قىلالمايدۇ. تېخى يېقىندىلا ۋۇ فامىلىلىك بىر خانىم كىسەل كۆرسەتكىنى كىلىپ ، مەندىن باش كىپىكىگە قانداق تاقابىل تۇرۇش كىرەكلىگىنى شۇنداقلا سوراپ قالدى. ئۇ يېقىندىلا بىر ئوغۇل دوست تۇتقان بولۇپ، يىگىتىنىڭ ئۇنىڭ باش كىپىكىگە قارىتا بەكمۇ نارازىلىقى بار ئىكەن. بازاردا گەرچە كىپەك يوقۇتۇدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ناھايتى كۆپ خىمىيەلىك تەركىپلەر بار بولغاچقا، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە چاچ قۇرغاقلىشىپ، باش تىرىسى قۇرۇپ كىتىدىغان بولغاچقا، ئۇ تەبئىي كىپەك يوقۇتۇش چارىسىنى تېپىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
خەلىق ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىرىنجى رىتسىپ: بىر باش پىيازنى سوقۇپ يۇمشۇتۇپ ئۇنى دىزىنپىكسىيەلەنگەن پاكىز داكىغا ئوراپ، ئاندىن ئۇنى باش تىرىسىگە قايتا– قايتا يېنىك سۈركەپ، پىياز سۈيۈنى ئۇنىڭ ئارسىغا تولۇق سىڭدۈرۈپ، يىگىرمە تۆت سائەتتىن كىيىن ئاندىن ئسسىق سۇ بىلەن باشنى پاكىز يۇيۋەتكەندە، باش قىچىشىش توختاپ كىپەك يوقايدۇ. ئادەتتە بىر قېتىمدىلا، بىر ھەپتىلىك داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈلۈدۇ.

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

2 comments

  1. راستمۇ ؟ مېنىڭ چېچىمدىن كىپەك ئاجرىمايدۇ، 2كۈن يۇمىسام قىچىشىدۇ، كىپەكلەرنىڭ سانى كۆپ ، ۋە چوڭ ، قاسراقتەك ئاجراپ -ئاجراپ چۈشىدۇ ، 10 نەچچە يىل بولدى . ھەرخىل كىپەك يوقىتىش سوپۇنلىرىنى ئىشلىتىپ باقتىم ، ئاڭلىغانلىكى ئۇسسۇللارنىڭ ھەممىسىنى سىناپ باقتىم زادىلا ساقايمىدى ، بەكمۇ ئىچىم پۇشىدۇ. بۇنىمۇ سىناپ باقاي . ئۈنىمى بولۇپ قالار.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top