پەيشەنبە , 4 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالايدىغان رېتسىپلار

پالەكنى سىقىپ سۈيىگە قارا گۆش توغراپ تاماق ئورنىدا ئىستېمال قىلسا، نامازشام قارىغۇسىغا ياخشى شىپا بولىدۇ.

تۇخۇمنىڭ سېرىقىنى چالا پىشۇرۇپ ھەر كۈنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، نامازشام قارىغۇسىغا ياخشى شىپا بولىدۇ.

ئەنجۈر سۈيىنى ھەسەل سۈيىگە قوشۇپ كۆزگە سۈرسە، كۆز ياشاڭغۇراشقا، قاپاق قېتىنىڭ قاتلىنىشىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

سىقىپ چىقىرىلغان تۇرۇپ سۈيىگە ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرسە، كۆز قىزىرىپ قېلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئەمەننى سوقۇپ سۈيىنى سۈرسە، كۆز ئاستى ۋە باشقا ئەزالاردا بولىدىغان كۆكۈش داغلارنى يوقىتىدۇ.

قۇرۇغان قىزىلگۈلنىڭ قايناتمىسىنى كۆزگە چاپسا، قاپاقنىڭ ئىشىپ قېلىشىغا داۋا بولىدۇ.

لالە گۈلنىڭ شىرنىسىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىشلەتسە، كۆزنىڭ خىرەلىشىشىگە، كۆزگە ئاق چۈشكەنگە ۋە كۆزدىكى يارىلاردىن قالغان ئىزلارنى تازىلاپ چىقىرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

ئاق لەيلى سۈيىنى ھەسەل بىلەن كۆزگە سۈرسە، كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ئالىدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top