مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى

سەھپە: تىبابەت باھا:0

مىزاج ئالاھىدىلىكلىرى  

   قۇرۇق ئىسسىق مىزاج:قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلەرنىڭ كۆزئېقى سارغۇچراق ،ئېغىزتەمى ئاچچىق كېلىدۇ. گېلى قۇرۇپ،كۆپ ئۇسسايدۇ.بەدىنى دائىم قىززىق تۇرغاچقا ،سۇغۇق ھاۋادا يۇرۇشنى ۋە سۇغۇق يىمەكلىكلەنى ئىستىمال قىلىشنى خالايدۇ .تومۇرى كۇچلۇك ۋە تىز سوقىدۇ،كىچىك تەرىتى قىزىلغا مايىل سارغۇچ كېلىدۇ.بۇخىل مىزاجلىق كىشىلەرنىڭ ئاچچىقى يامان ،ھەركىتى تىز ،سەزگۇر ،ئالدىراڭغۇ ،ھېسياتى كۇچلۇك ،ئوزىنى تۇتىىۋىلىش ئىقتىدارى ئاجىز،ئۇيقۇسى ئازبۇلىدۇ ،كۆپرەك نېرۋا ،جىگەر ۋە ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كىسىلى بىلەن ئاغرىيدۇ،بۇنداق كىشىلەرگە تەبى قۇرۇق ئىسسىق يېمەك -ئىچمەك ۋە دۇرىلار ماس كەلمەيدۇ.

   ھۆل ئىسسىق مىزاج:بۇ ئىنسانلار مىزاج ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى بۇ لوپ ،بۇنداق مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ بەدەن ھارارىتى ئۇستۇنرەك ،تىرىسى سىلىق ،چىرايى نۇرلۇق ،قىزىل كېلىدۇ،تۇلا ئەسنەيدۇ،ئۇيقۇسى كۆپرەك بولىدۇ،بۇنداق مىزاجدىكى كىشىلەر كۆپرەك تىرە كېسىلى ،يۇرەك قان تومۇر كېسەللىكرىرىگە گىرىپتار بولىدۇ.بۇخىل مىزاجدىكى كىشىلەر خۇش پېئىل ،ئوچۇق ئەقىل -پاراسىتى ۋە پىكىر قىلىش قابىلىيتى ئوتتۇراھال بۇلۇپ ،سىرتقى تەسىراتقا بۇلغان ئىنكاسى كۇچلۇك بولىدۇ ھەم ئۇزىنى تۇتۇۋىلىش نى بىلىدۇ.بۇخىلدىكى كىشىلەر ئادەتتە تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق غىزالار بىلەن ئوزۇقلانسا مۇۋاپىق . بۇخىل مىزاجدىكى كىشىلەر يەنە بەدىنى چىڭ ،ئورۇقراق كېلىدۇ ،تىرە ئاستى ماي قاتلاملىرى بەكمۇ تەرەققى قىلمىغان بۇلۇپ ،ئۇيقۇسى ئاز بولىدۇ ،بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئاسان تەسىرلىنىدىغان ،خىيالپەرەس ،ھىسياتى كۇچلۇكرەك بۇلغاچقا ،ئەمىلىيەتتىن يىراق پىكىرلەنى قىلىدۇ،سەلبىي پىكىر قىلىشقا ۋە روھى ئازاپ چىكىشكە مايىل كېلىدۇ .بۇ خىلدىكى كىشىلەر روھىي كىسەل ۋە نىر ۋا خاراكتىرلىك يۇرەك كىسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ .

   ھۆل سۇغاق مىزاج:بۇ خىل مىزاجدىكى كىشىلەرنىڭ رەڭگى ئاق ،لەۋلىرى تومراق ،تېرە ئاستى ماي قاتلىمى كۆپ ،بەدىنى يۇمشاق ھەم سۇغۇقراق كېلىدۇ،بۇ خىلدىكى كىشىلەر ئېغىر- بىسىق بىغەم كېلىدۇ ،ئاسان ھاياجانلانمايدۇ ،جىسمانىي ھەم ئەقىل -پاراسەت جەھەتتە قۇرۇق ئىسسىق مىزاج كىشىلاردىن ئاجىزراق بولىدۇ .بۇنداق كىشىلەر سۇغۇقتىن بۇلىدىغان كىسەللىكلەر ،يەنى بۇغۇم ئاغرىقلىرى ،پالەچ كىسەللىكلىرىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ،

 

2011.10.5 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

CommentLuv badge
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se