چارشەنبە , 3 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئىنىگىلىز تىلىدىن توفىل (TOEFL)ئمتىھانىغا تەييارلىق

ئىنىگىلىز تىلىدىن توفىل (TOEFL)ئمتىھانىغا تەييارلىق

 

   مىنىڭ ئىنىگىلىز تىلىدىن توفىل (TOEFL)ئمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىم
   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ھۆرمەتلىك تورداش دوستلار! كۆپىنچىمىزگە مەلۇملۇق بولغىنىدەك، توفىل (TOEFL)ئمتىھانى مەيلى چەتئەللەرگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش ئارزۇسىدا يۈرگەن ئوت يۈرەك ياشلىرىمىز بولسۇن ۋە ياكى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەسىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە ئۆزلۈگىدىن ئۆگۈنۈۋاتقان شىجائەتلىك ياشلىرىمىز بولسۇن، تونۇشلۇق بولغان بەلگىلىك نوپوزغا ئىگە تىل سىناق ئسپاتى ئىمتىھانى .مەن ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىدىكى چېغىمدىلا كۆڭلۈمگە پۈككەن ئارزۇلىرىم بويىچە بۇ ئمتىھانغا قاتنىشىشنى نىيەت قىلغان بولساممۇ ،دەرىسلىرىم بىر قەدەر كۆپ ،ۋاقىت نىسبەتەن زىچ بولغاچقا مەخسۇس ئولتۇرۇپ تەييارلىق قىلىشقا ۋاقىت ئاجىرتالمىغان ئىدىم ، بۇ يىل قەتىئي غەيرەتكە كىلىپ قىشلىق تەتىل ۋاقتىدا مەكتەپتە قېلىپ ئمتىھانغا تەييارلىق قىلىشنى سۆزلۈك ئۆگۆنۈشتىن باشلىدىم .تەتىل ۋاقتى بولغاچ، دەمئېلىش بىلەن ئۆگۆنۈشنى بىرلەشتۈرۈپ جاڭ خوڭ يەن (张宏岩)تۈزگەن قىزىل تاشلىق سۆزلۈك كىتابنى ئوموميۈزلۈك بىر قىتىم تۈگەتتىم .كۆرگەن ماتىرياللىرىمنىڭ كەملىكى ،ئمتىھانغا تەييارلىق قىلىشتىكى تەجىربىلىرىمنىڭ يوق دىيەرلىك تۈپەيلى ئۈچىنچى ئاينى يەنە سۆزلۈك پىششىقلاش بىلەن بىرگە بۇ ئىمتىھانغا ئومومىي جەھەتتىن چۈشەنچە ھازىرلاش ۋە تەييارلىق قەدەم باسقۇچلىرىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى ،4-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ ئمتىھانغا ھەق تاپشۇرۇپ تىزىملاتقاندىن باشلاپ رەسمي يوسۇندا تەييارلىق قىلىشنى باشلىدىم دىسەممۇ بولىدۇ ،ئىككى ئايدىن ئارتۇق تەييارلىق بىلەن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئمتىھانغا قاتناشتىم .
   ئمتىھانغا تەييارلىق قىلىش جەريانى ۋە ئمتىھاندىن كىيىنكى ھىس قىلغانلىرىمنى ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزغا سۇنۇش مەقسىتىدە بېشىمدىن ئۆتكەن تەجىربە –ساۋاق ،كۆرگەن بىلگەنلىرىمنى ئارىمىزدىكى بۇ تىل ئمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋە بۇ ئمتىھاننى بىرىپ سىناپ بېقىش كويىدا يۈرىۋاتقان تورداش ياشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشنى ئۆزۈمنىڭ بىر كىشىلىك بۇرچى ھىساپلاپ ئاجىز قەلىممىگە ئىلتىجا قىلدىم ،سىلەرگە ئاز-تولا پايدىسى تېگىپ قالسا مەنمۇ ئۆز مەقسىتىمگە يەتكەن بولىمەن .
ئۇنداقتا ئاۋۋال بۇ ئمتىھان توغۇرسىدا ئازراق چۈشەنچىدىن خەۋەردار بولۇشتىن باشلايلى .

   توفىل(TOEFL) دىگەن بۇ سۆز ئىنگىلىزچەTest of English as foreign language دىگەن سۆز بىرىكمىسىنىڭ قىسىقارتىلمىسى بولۇپ ،ئمتىھان قۇرۇلمىسى ۋە شەكلى جەھەتتىن 2006-يىلى ئوموميۈزلۈك ئسلاھات قىلىنىپ، ئلگىركى قەغەزچە ئمتىھان (paper basic test) دىن ھازىرقى ئنتىرنىت تورى شەكىلدىكى ئمتىھان(internet basic test) غا ئۆزگەرتىلدى ؛ئمتىھان قۇرۇلمىسى جەھەتتىن ئىلگىركى ئۈچ قىسىمدىن سۆزلەش(ئېغىز تىلى) قىسمىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ھازىرقى ئاڭلاش ،ئوقۇش، سۆزلەش(ئېغىز تىلى) ۋە يىزىقچىلىقتىن ئىبارەت تۆت بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ (ئمتىھان مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بىرىلىدۇ )، تولۇق نۇمۇر 120(ھەر بىر بۆلەك 30 نۇمۇرلۇق ئۆلچەم بويىچە ھىساپلىنىدۇ) ،پۈتكۈل ئمتىھان ۋاقتى 3 يىرىم سائەتتىن 4سائەتكىچە داۋاملىشىدۇ ،ئاڭلاش ۋە ئوقۇش قىسمىنى ئشلەپ بولغاندىن كىيىن سۆزلەش(ئېغىز تىلى) قىسمىنى باشلاشتىن بۇرۇن 10 مىنۇت ئوزۇقلىنىش ۋە دەمئېلىش ۋاقتى بىرىلىدۇ .پۈتكۈل ئىمتىھان جەريانى كومپىيوتوردا ئىنتىرنىت تورىغا ئۇلاقلىق ھالەتتە ئېلىپ بىرىلىدۇ ،ئمتىھانغا تىزىملىتىش ھەققى 1415.00يۈئەن جوڭگو پۇلى. بۇ ئمتىھان پەۋقۇلاددە ئەھۋال كۆرۈلمىسىلا ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بەلگىلەنگەن ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدۇ ،ئمتىھانغا تىزىملاتقۇچى ئىمتىھان بىرىش ۋاقتى ۋە ئمتىھان مەيدانى قاتارلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئەمىلي ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتسە بولىدۇ ؛ ئە سكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، دۆلىتىمىزدە بۇ ئمتىھاننى بىرىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئمتىھاندىن ئىككى ئۈچ ئاي بۇرۇنلا تىزىملاتقان ئاقىلانىلىك بولىدۇ . 
   تۆۋەندە مەن ئۆزۈمنىڭ ھەر بىر بۆلەككە تەييارلىق قىلىش جەريانى ۋە مۇھىم دەپ قارىغان تەييارلىق ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن . 
   1- ئاڭلاش قىسمى .ئومومەنكى ئىنگىلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئمتىھانىدا ئاڭلاش قىسمى پۈتۈن ئمتىھانغا نىسبەتەن ناھايتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، بولۇپمۇ توفىل(TOEFL) ئمتىھانىغا قارىتا ئىيتقاندا ، ئاڭلاش قىسمى تەييارلىق قىلىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن ،سۇئال مەزمۇنى خىلمۇ-خىل ۋە نىسبەتەن كۆپ ،توغرا ۋە خاتا جاۋاب ئاسانلا ئالمىشىپ كېتىدىغان ،لىكىن پۇختا تەييارلىق قىلىنسىلا نۇمۇر ئېلىش بىر قەدەر ئوڭاي بولغان بىر قىسىم بولۇپ ،پۈتكۈل ئمتىھان جەريانىدا يادرولۇق رول ئوينايدىغان مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولغان قىسىم ،شۇڭلاشقا ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تولۇق تەييارلىق قىلىش كىرەك .دەسلەپكى تەييارلىق قىلىش باسقۇچىدا كۈندە چۈشتە 2سائەت ئىختىيارىي ئاڭلاش مەشىقى ،كەچتە2سائەت ۋاقىت چىقىرىپ ئاڭلاپ تۇرۇپ خاتىرە قالدۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بىرىش كىرەك .ئىختىيارىي ئاڭلاش مەشىقى دىگەنلىك قۇلىقىدا ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىغاننى ئېغىزدا قايتىلاپ ئۆلچەملىك تەلەپپۇز بويىچە ئوقۇش، يەنى ئاۋازىڭىزنى ئەركىن قويىۋىتىپ ئەگىشىپ ئوقۇش،بۇنداق قىلغاندا بىرىنچىدىن، پۈتكۈل زېھنىڭىز بىلەن نىمىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىڭىزغا كىرىشەلەيسىز،ئىككىنچىدىن سۆزلىگۈچىنى دوراپ سۆزلەش ئارقىلىق ئىنگىلىزچە سۆزلەش تەلەپپۇزىڭىزنى ئۆلچەمگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشقا پايدىسى بار .ئىختىيارىي ئاڭلاش مەشىقى ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن توردىن www .VOA special English .com ۋە www. NPR news .com تور بەت ئادىرىسلىرىدىنMP3 ياكى WMA شەكىلدىكى ئاڭلاش ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۋىلىپ ئاڭلىسىڭىز ئۈنۈمى بەكمۇ ياخشى بولىدۇ .يۇقۇردا ئىيتىلغان ئىككى تور بەتنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى توفىل(TOEFL) ئىمتىھانىدا كۆپ ئۇچرايدىغان يىزا- ئىگىلىك ،مائارىپ ،مۇزىكا ،ساغلاملىق ،ھاۋا رايى ،پەن-تېخنىكا ،ئالەم جىسىملىرى قاتارلىقلار بولۇپ ‘ ئامرىكا ئاۋازى ‘ تور بىكىتىدىكى خەۋار ھۆججەتلىرىنى ئۆلچەملىك ئوقۇيدىغان بولۇپ ،ئەڭ ياخشى تاللاشتۇر، خالىغانچە ھەقسىز چۈشۈرۋىلىپ پايدىلانسىڭىز تامامەن بولىدۇ . بۇ تور بەتلەردىكى ئاڭلاش ھۆججەتلىرىنىڭ ئوقۇلىشى ئۆلچەملىك ،رىتىمى ۋە تىز-ئاستىلىقى دەسلەپكى ئاڭلاش مەشىقى ئېلىپ بارىدىغانلار ئۈچۈن بەكمۇ ماس كېلىدۇ .دەسلەپتە ئاڭلىغاندا بىرەر ئېغىز سۆز ياكى بىرەر جۈملىنى چۈشىنەلمىسىڭىز ھىچقىسى يوق ،توختىتىپ ياندۇرۇپ ئاڭلىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق ،لىكىن پۈتۈن بىر ھۆججەتنى %100 تولۇق ئاڭلاپ چۈشىنىپ بولغىچە باشتىن –ئاخىر قايتا-قايتا پىششىق ئاڭلاپ ،ئاڭلاپ چۈشەنگەننى دەممۇ-دەم دوراپ ئوقۇش كىرەك ،10 قېتىم ،100 قېتىم ھەتتا 1000قېتىم قايتىلاپ ئاڭلىسىڭىزمۇ مەيلى تاكى سىز ئاڭلاپ %100چۈشىنىپ مەنىسىگە يەتكىچە . بۇ جەرياندا بەلكىم زىرىكىشلىك ۋە بەزەن بېزارلىق ھىس قىلىشىڭىز مۇمكىن ،لىكىن ئېسىڭىزدە بولسۇنكى غەلبە مىۋىسىنىڭ شىرىن تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن يىتەرلىك قان –تەر تۆكۈش كىرەك . 
   كەچتىكى 2 سائەتلىك ئاڭلاش مەشىقى ئىشلىگەندە چوقۇم ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىزچىل كەم دىگەندە 2 ئاي داۋاملاشتۇرۇپ مەشىق قىلىش كىرەك .بۇخىل ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەشىقى ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمىنى بىر ئاي ئىچىدىلا كۆرەلەيسىز .ئىمتىھان گەرچە پۈتۈنلەي كومپىيوتورلاشقان شەكىلدە بولسىمۇ ،لىكىن ئمتىھان جەريانىدا چورنىۋاي قەغەزگە ئاڭلىغاننى خاتىرلەپ جاۋاپ ئورنىدا پايدىلىنىشقا يول قويۇلىدۇ ،شۇڭا سېستىمىلىق مەشىق ئېلىپ بىرىش كىرەك .بۇ مەشىقنى ئېلىپ بارغاندا ئاڭلىغان مەزمۇننىڭ مۇھىم دەپ قارىغان قىسمىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ خاتىرە قالدۇرۇشنى ئاساس قىلىش ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپرەك مەزمۇننى خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلىنىش كىرەك ،قالدۇرغان خاتىرىڭىزنىڭ ئاز-كۆپلۈكى سۆزلەش(ئېغىز تىلى ) بۆلىكىدىكى 3- سۇئالدىن 6-سۇئالغىچە بولغان جاۋاپنىڭ توغرا ۋە تولۇق چىقىش –چىقماسلىقى،يىزىقچىلىق بۆلىكىدىكى ئۇنۋىرسال ماقالىنىڭ ئەتراپلىق يىزىلىش-يىزىلماسلىقى ۋە ئاڭلاش قىسمىدىكى توغرا جاۋابنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاللاپ چىقىش قاتارلىق جايلارغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

   يۇقۇردا قەيىت قىلىپ ئۆتۈلگەن ئىككى خىل ئۇسۇلدىن باشقا يەنە يول يۈرگەندە ،كەچلىك ئارام ئېلىشتىن بۇرۇن ،بوش ۋاقىتلىكى بولسا ئۆزلۈكسىز ئاڭلاپ چۈشنىش مەشىقى ئېلىپ بىرىش كىرەك .بۇ مەشىقنى ئىزچىل بىر مەزگىل ئېلىپ بارغاندىن كىيىن ئەگەردە ئۆزىڭىزنىڭ ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىڭىزدىن رازى بولغاندەك ھىس قىلسىڭىز، توردىن IBT TOEFL نىڭ تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئاللىرىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلەپ سىناپ كۆرۈڭ .تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئالى ئىشلىگەندە ئىمكانقەدەر نوپوزلۇق ئورۇنلار تۈزگەن يېقىنقى يىللاردا نەشىردىن چىققان سۇئال يۇمشاق دىتالىنى ۋاقىتقا رىئايە قىلغان ئاساستا كۆپرەك ئىشلەپ بىرىش كىرەك .بۇ تۈردىكى ماتىرياللار توردا نۇرغۇن ،چۈشۈرۋىلىشمۇ پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ،تۈزگەن ئورۇن ۋە ۋاقتىغا ئاساسەن تاللاپ تۇرۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ ،ئىمتىھان جەريانىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى تەييارلىق باسقۇچىدا تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئاللىرىنى قانچىكى كۆپ ئىشلەپ بەرسىڭىز رەسمىي ئىمتىھان مەيدانىدا جىددىيلەشمەي ئەركىن –ئازادە بىرىشكە پايدىسى تېگىدىكەن .

   2-ئوقۇپ چۈشىنىش 。ئوقۇپ چۈشىنىش ئادەتتە 41 ~ 37 گىچە سۇئال بىرىلىدىغان بولۇپ ئادەتتە 5~3كىچە پارچە تېكىستكە(ئوخشىمىغان مەزمۇندىكى)بۆلىنىدۇ ،بىرىلگەن ۋاقىت 1-سۇئالنى ئىشلەشنى باشلىغاندىن تارتىپ بىر سائەت ۋاقىت تەتۈر ساناق بويىچە ماڭىدۇ .بۇ بۆلەكتە سۆزلۈك مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى ئوقۇش سۈرئىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ ،شۇڭلاشقا سۆزلۈك ئۈگۈنىشىكىمۇ سەل قارىماسلىق كىرەك .ئىنتىرنىت تورىدىن توفىل(TOEFL)ئىمتىھانى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش كىتابلىرى ئىچىدىن ۋە ياكى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن يېڭى شەرىقnew oriental) ( تىل تاربىيلەش مەركىزىدىكى ئوقۇتقۇچىلار تۈزگەن كىتابلاردىن كەم دىگەندە ئىككى خىل كىتابنى تاللاپ سۆزلۈك ئۆگۆنۈشكە قوللانسىڭىز بولىدۇ ،ئۈگەنگەندە باسقۇچلارغا بۆلۈپ، كۆرۈش ۋاقتى قىسقا ،قېتىم سانى كۆپ بولۇش تاكتىكىسى بويىچە مەلۇم بىر سۆزنى ئوقۇغان ياكى ئاڭلىغان ھامان دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ مەنىسىنى ئۇقالايدىغان ھالەتكىچە پىششىقلاش كىرەك . يىنىڭىزدا دائىم كىچىك خاتىرە ساقلاپ ،ئۈگەنگەن يېڭى سۆزلۈكنى سىز بىلىدىغان يېقىن(ئوخشاش)مەنىسى ۋە قارىمۇ –قارشى مەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئىزاھلاپ ،سۆز بىرىكمىسى ۋە جۈملە تۈزۈپ ئۈگەنسىڭىز ،سۆزلۈك مىقدارىنىڭ جۇغلىنىشى ۋە ئوقۇشلۇق ئوقۇش سۈرئىتىڭىز تەبىئي ھالدا ئاشىدۇ .ئەگەرئېسىڭىزدە تۇتۇش بىر ئاز قىيىن بولغان سۆزلۈك بولسا سىز دائىم ئولتۇرىدىغان پارتا-ئورۇندۇق ئۈستى،كارۋات بېشى،تام يۈزى قاتارلىق كۆزىڭىزگە ئاسان چىلىقىدىغان ئورۇنلارغا كىچىك قەغەزچە ئۈستىگە چوڭراق قىلىپ ئىزاھلاپ يىزىپ چاپلاپ قويسىڭىز ھەر قېتىم بۇلارنى كۆرگەندە ئاۋازىڭىزنى سىرىتقا چىقىرىپ 5 قېتىم ،ئىچىڭىزدە 5 قېتىم ئوقۇپ مېڭىڭىزدە ئىنكاسى قالسىلا بۇ ناتونۇش خەتلەرمۇ بارا-بارا ناتونۇش تۇيۇلماس بولىدۇ .يۇقۇردا بايان قىلغان 2 خىل ئۇسۇل مىنىڭ سۈزلۈك ئۆگۆنۈشتە قوللانغان چارەم ،سىزمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوقۇشلۇق ئوقۇش جەريانىدا ئۇچراتقان خام سۆزلەرنى خاتىرە قالدۇرۇپ ئۆگۆنۈش ،ئاڭلىغاندا خاتىرە قالدۇرۇپ ئۆگۆنۈش قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ ياردەمچىلىك رول ئوينايدۇ .ئۆگەنگەندە ھەر كۈنى ئىزچىل مۇۋاپىق ۋاقىت چىقىرىپ تەييارلىق قىلىش ،لىكىن ھەرگىزمۇ ئاۋۋال مەلۇم بىر تۈرگە(مەسىلەن؛سۆزلۈك ئۆگۆنۈش)تەييارلىق قىلىمەن دەپ پۈتۈن بىر كۈن ۋاقىتنى سەرىپ قىلماڭ ، توفىل(TOEFL) ئىمتىھانى ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئاڭلاش،ئوقۇپ چۈشىنىش ،ئېغىز تىلى ۋە يىزىقچىلىقتىن ئىبارەت ئۇنىۋىرسال تىل سەۋىيەسىنى سىنايدىغان سىناق بولغاچقا ،تەييارلىق قىلغاندا باشتىن –ئاخىر بىر كۈنلۈك ئۆگۆنۈش تەرتىپىنى بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈپ، ۋاقىتقا قاتتىق رىئايە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بىرىش كىرەك .بىر كۈندىكى تەييارلىق ۋاقتى 8سائەتتىن(ھەر بىر بۆلەك ئۈچۈن 2 سائەت بويىچە ھىسابلىغاندا)كەم بولماسلىقى كىرەك ،نىمىشقا مۇمكىن بولمىسۇن !؟!؟ بۇ ئىمتىھاننى بىرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئالىي مەكتەپنىڭ 2-3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ،بىر سوتكا ئىچىدىكى 24 سائەت ۋاقىتتىن دەرسكەقاتنىشىش،ئارام ئېلىش ۋە تاماقلىنىش ۋاقتىدىن باشقا 8 سائەت ۋاقىت تامامەن چىقىدۇ .ئوقۇشلۇق ئوقۇش مەشىقى ئېلىپ بارغاندا ئىمكانقەدەر تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئالى يۇمشاق دىتالىنى كومپىيوتور ئېكرانىدا ئوقۇپ ئىشلەپ كۆنگىنىڭىز ياخشى ،ئەگەردە كىتاپتىن ئوقۇپ مەشىق قىلسىڭىز بەلكىم كومپىوتوردا ئوقۇپ چۈشىنىش ئۇسۇلىغا ئاسان ماسلىشالماسلىقىڭىز مۇمكىن .

   3-سۆزلەش(ئېغىز تىلى) .ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھەتلىكلىكى ،يۇمشاقلىقى بىزنى ھەر قانداق بىر تىلنىڭ سۆزلەش(ئېغىز تىلى) نى ئۆگۆنىشىمىزدە نۇرغۇنلىغان ئەۋزەللىكلەرگە قىلدى.بۇ بۆلەكتىن ئىمتىھان سۇئال ئىستىراتىگىيىسىنى پۇختا ئىگەللەپ، مۇۋاپىق تەييارلىق قىلىنسىلا كۆڭۈلدىكىدەك نۇمۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . سۆزلەش(ئېغىز تىلى) بۆلىكى ئادەتتە جەمئىي 6 سۇئالدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، چوڭ جەھەتتىن ئىختىيارىي سۆزلەش سىنىقى(Independent speaking) ۋە ئۇنىۋىرسال سىناق(Integrated speaking) تىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن ،بىرىلگەن ئىمتىھان ۋاقتى يېرىم سائەت ئەتراپىدا . ئىختىيارىي سۆزلەش سىنىقى قىسمىدا 2 سۇئال بولۇپ ،بىرىنچى سۇئال ئادەتتە بىۋاستە سىزنىڭ بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىڭىزنى ئاساس قىلىپ سورالغان بىرەر شەخىس ۋە ياكى ئىش –پائالىيەتنى 15 سىكونىت ئىچىدە تەييارلىق قىلىپ 45 سىكۇنىت ئىچىدە راۋان ،رىتىمى مۇۋاپىق ،تىل لوگىكىسىغا ئۇيغۇن ،ئىكانقەدەر كۆپرەك مەزمۇن بىلەن تاماملاش تەلەپ قىلىنىدۇ ؛ ئىككىنچى سۇئالدا ئاۋۋال سىزدىن مەلۇم بىر ھادىسىگە بولغان ئىككى خىل تاللاش ئىچىدىن سىزنىڭ بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش ئىچىدىن مەلۇم بىرىگە بولغان مايىللىقىڭىزنى سورايدۇ، ھەمدە نىمە ئۈچۈن بۇ خىل كۆز قاراشنى تاللايدىغانلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى،قوللايدىغان ۋە رەدىيە بىرىدىغان ئۆز كۆز قارىشىڭىزنى 15 سىكونىتلىق تەييارلىقتىن كىيىنكى 45سىكونت ئىچىدە جاۋاب بىرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ .ئادەتتە سۆزلەش(ئېغىز تىلى) قىسمىدىكى ھەر بىر سۇئالغا جاۋاب بىرىشنىڭ مەلۇم قىلىپى بار بولۇپ ،جاۋاب بىرىش ئىستىراتىگىيسىنى تولۇق ئىگەللىگەندىن كىيىن ، سۆزلەش(ئېغىز تىلى) تەييارلىق مەشىقى ئېلىپ بارغاندا مۇشۇ قىلىپقا سېلىپ جاۋاپ بىرىشنى مەشىق قىلسا بولىدۇ .

   سۆزلەش(ئېغىز تىلى)نىڭ ئىككىنچى قىسمى يەنى ئۇنىۋىرسال قىسمى 4 سۇئالدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ،ئۇلار؛ ئاۋۋال بىرەر مەكتەپنىڭ ئوقوغۇچىلارغا چىقارغان ئۇقتۇرۇشى ياكى بىرەر ئورۇننىڭ ئىشچى خىزمەتچىلەرگە قارىتا چىقارغان ئۇقتۇرۇش خاراكتىردىكى 100خەت ئەتراپىدىكى تېكىست ھۆججىتىنى 45سىكونىت ئىچىدە ئوقۇپ چۈشەنگەندىن كىيىن ،200خەت ئەتراپىدىكى ئاڭلاش ماتىرىيالىدا بىر قىز ۋە بىر ئوغۇل دەسلەپتە بىرىلگەن تېكىست ھۆججىتىگە قارىتا كۆز قارىشىنى دىئالوگ شەكىلدە سۆزلەيدۇ ،ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ تېكىست ھۆججىتى ۋە ئاڭلاش ھۆججىتىنى بىرلەشتۈرۈپ 30سىكونتلۇق تەييارلىقتىن كىيىن 60 سىكونىت ئىچىدە سورالغان سۇئالغا جاۋاپ بىرىش (3-سۇئال ،يەنى ئۇنىۋىرسال سىناق قىسمىنىڭ 1- سۇئالى)؛ مەلۇم بىر دەرىسلىككە بولغان چۈشەنچىسىنى 45سىكونت ئىچىدە ئوقۇپ چۈشىنىش ،ئارقىدىنلا تىڭشىغۇچتا مۇشۇ دەرىسلىككە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى پىروففىسور سۆزلەپ چۈشەندۈرىدۇ ،ئاڭلاش ماتىريالى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك سورالغان سۇئالغا 30سىكونت تەييارلىقتىن كىيىن 60 سىكونت ئىچىدە جاۋاپ بىرىش (4-سۇئال ،يەنى ئۇنىۋىرسال سىناق قىسمىنىڭ 2-سۇئالى ) ؛ مەلۇم بىر ھادىسىگە بولغان، ئىككى ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بىرىلغان دىئالوگنى ئاڭلاپ چۈشىنىش ،سۇئال تەلىپى دىئالوگ جەريانىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەسىلە ۋە ھەل قىلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى سوراش بىلەن بىرگە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ بۇ ئىككى خىل ئۇسۇل ئىچىدىكى خالىغان بىرىگە بولغان مايىللىق تاللىشى ۋە تاللاش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىقلارنى 20سىكونتلۇقتەييارلىقتىن كىيىن 60سىكونىت ئىچىدە جاۋاپ بىرىش (5-سۇئال ،يەنى ئۇنىۋىرسال سىناق قىسمىنىڭ 3-سۇئالى ) ؛ مەلۇم بىر دەرىسلىككە ئائىت سۆزلەنگەن لىكسىيەنىڭ 5~3 مىنۇتقۇچە بۆلىكىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى ئاڭلاپ چۈشىنىش ۋە سورالغان سۇئالغا ئاساسەن ئاڭلىغاننى ئېغىز تىلىغا ئايلاندۇرۇپ قايتا بايان قىلىش (6-سۇئال ،يەنى ئۇنىرىرسال سىناقنىڭ ئاخىرقى سۇئالى ) دىن ئىبارەت .

   كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ، سۆزلەش(ئېغىز تىلى) قىسمىغا تەييارلىق قىلغاندا ،سۇئالغا جاۋاپ بىرىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان جۈملە قۇرۇلمىسى ،ھەر قايسى ئابزاسلارنى قانداق باشلاپ قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش،ئۆتكۈنچى سۆزلەرنى قانداق تاللاپ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىمتىھان تاكتىكىلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بەكمۇ مۇھىم .بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالدىنقى مەزمۇندا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ،ئاڭلاش جەريانىدا قالدۇرغان خاتىرىڭىزنىڭ ئاز-كۆپلىكى سۆزلەش(ئېغىز تىلى) قىسمىدىكى ئۇنىۋىرسال سىناق بۆلىكىدىكى 4سۇئال جاۋابىنىڭ تولۇق چىقىش –چىقماسلىقىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.مەن سۆزلەش(ئېغىز تىلى) قىسمىغا ئاخىرقى بىر ئاي قالغاندا رەسمىي يوسۇندا تەييارلىق قىلىشنى باشلىغان ،لىكىن ئىمكانقەدەر بالدۇرراق باشلىغان ياخشى .تەييارلىق قىلغاندا ئاۋۋال ئىمتىھان ئىستىراتىگىيسى ۋە بۇ بۆلەكنىڭ ھەر بىر سۇئالغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىنىقلىۋىلىش ،ئاندىن مەيلى كىتاپتىن ياكى ئىنتىرنىت تورىدىن چۈشۈرۋالغان تەقلىدىي ئىمتىھان سۇئاللىرىدىن بولسۇن ھەر بىر سۇئالغا جاۋاپ بىرىش ۋاقتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ ،ئۆزىڭىزنىڭ بەرگەن جاۋابىڭىزنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋىلىپ، بوش ۋاقتىڭىزدا ئاڭلاپ خاتا سۆزلىگەن ،بەك تىز ياكى ئاستا كەتكەن يەرلىرىدىكى ئىنتىنوتسىيە رىتىمىنى تۈزىتىپ، كىيىنىكى قېتىم مەشىق قىلىش ئۇسۇلى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى .

   4- يىزىقچىلىق. يىزىقچىلىق قىسمى ئادەتتە ئۇنىۋىرسال يىزىقچىلق (Integrated writing)ۋە يەككە يىزىقچىلىق (独立性写作)تىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ .بۇ ئىككى ماقالىنى يىزىپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن بىرىلگەن ۋاقىت بىر سائەت بولۇپ ،ئۆلچەم بويىچە كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كومپىيوتورغا خەت بېسىش تەلەپ قىلىنىدۇ .

   ئۇنىۋىرسال يىزىقچىلق (Integrated writing) قىسمىدا ئادەتتە 300خەت ئەتراپىدىكى چۈشەندۈرۈش ماقالىسى، ياكى بىرەر ئورۇننىڭ مەلۇم بىر ھادىسىگە بولغان قوللاش ياكى رەددىيە بىرىشنى مەزمۇن قىلىپ ئىسپات شەكلىدىكى ماقالە بىرىلىدۇ(ئادەتتە قوللاش خاراكتىردىكى ماقالە كۆپرەك ئۇچرايدۇ) .3مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە بىرىلگەن ماقالىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چۈشىنىش ،ئارقىدىنلا بىر پىروفسورنىڭ ياكى تەتقىقاتچى خادىمنىڭ بۇ ئوقۇشلۇقتىكى چۈشەندۈرۈش ئىسپاتىغا قارىتا قوللاش ياكى رەددىيە بىرىش ئاساس قىلىنىپ ،سۆزلىگۈچى ئۆز پىكىرى ۋە نەزەرىيسىنى پاكىت ئىسپاتلىرى بىلەن سۆزلەپ چۈشەندۈرۈلگەن ئاڭلاش ،ۋە بۇ ئاڭلاش ماتىريالىنى ئوقۇشلۇقتىكى مەزمۇن بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،سېلىشتۇرما ئۇسۇلى ئارقىلىق سورالغان سۇئالغا 20مىنۇت ئىچىدە كەم دىگەندە150خەتلىك ماقالىنى كونۇپكا تاختىسى ئارقىلىق كومپىيوتورغا ئۇرۇپ پۈتتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ .جاۋاپ يىزىش جەريانىدا ئوقۇشلۇق تېكىستى ماقالە يىزىش ئۈچۈن قويۇلغان بوشلۇقنىڭ سول تەرىپدە باشتىن-ئاخىر كۆرىلىدۇ .ئىمتىسان بەرگۈچى مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى يازماقچى بولغان ماقالىسىدا قوللانسا بولىدۇ .شۇڭا ئوقۇغلۇق قىسمىدىن خاتىرە قالدۇرۇشنىڭ بەك زۆرۈرىيتى يوق ،ئوقۇش جەريانىدا ماقالە يىزىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مۇھىم نۇقتىلارنى ئېسىدە ساقلىۋالسىلا بولىدۇ ،لىكىن سۆزلىگۈچى سۆزلىگەن لىكسىيەنىڭ ھەر بىر مەزمۇنىنى (ھەر بىر بۆلەككە نىسبەتەن قوللانغان نەزەرىيسى ،ئىسپاتى ۋە كەلتۈرگەن مىساللىرى) ئىمكانقەدەر تولۇق خاتىرلەپ ،بىر قەدەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن بىر مەزمۇن جەھەتتىن ئومومىي چۈشەنچىگە كېلىش ۋە ئىلگىرى مەشىق ئورنىدا ئۈگەنگەن ماقالە يىزىشتىكى قىلىپ بويىچە ھەر قايسى بۆلەكلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ ،ئوقۇپ چۈشىنىش ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش بىرلەشتۈرۈلگەن ماقالىنى پۈتتۈرۈش كىرەك .بۇ قىسىمدىكى ماقالە يىزىقچىلىقىغا تەييارلىق قىلغاندا يەنىلا تەكىتكەيدىغان بىر نۇقتا _ماقالە ئىستىراتىگىيسى ،جۈملە قۇرۇلمىسى ۋە ئۆتكۈنچى سۆز،سۆز بىرىكمىسى ،جۈملىلەرنىڭ مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرلىشى قارارلىقلارنى پۇختا ئىگەللىسىلا ،ماقالىنىڭ مەزمۇنى ئوقۇشلۇق ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىش ھۆججىتىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنى سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەبىئي ھالدا ئۆلچەملىك يىزىپ پۈتتۈرۈشكە بولىدۇ .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى ،ئاڭلىغاننى تولۇقى بىكەن خاتىرە قالدۇرۇش _بۇقىسىمدىكى ئۇنىۋىرسال يىزىقچىلىق ماقالە مەزمۇنىنىڭ تولۇق ،مۇكەممەل بولۇش-بولماسلىقىنى بەلگىلەيدىغان نۇقتىلىق ئامىل ،شۇ سەۋەپتىن .ئاڭلىغاندا .ئىمكانقەدەر تولۇقى بىلەن كۆپرەك ختىرە قالدۇرۇش كىرەك .بۇ يەردە يەنە بىر تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى ،ئىمتىھان بەرگۈچى چوقۇم كونۇپكا تاختىسىدا خەت بېسىش سۈرئىتىنىڭ تىز بولىشىغا جەزىم قىلالىشى كىرەك . ئەگەردە خەت بېسىش سۈرئىتىڭىز ئادەتتىكىچە بولسا金山打字通 يۇمشاق دىتالىدىكى ئىنگلىزچە ماقالە شەكىللىك خەت ئۇرۇش مەشىقىنى ھەر كۈنى يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە بىر ئاي ئۆزلۈكسىز مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە ،ماقالە يىزىقچىلىق مەشىقىنىمۇ ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆلچەم بويىچە كومپىيوتورغا كونۇپكا تاختىسى بىلەن يىزىپ كىرگۈزۈشنىمۇ قوشۇپ بىرگە ئېلىپ بىرىش كىرەك .

ي   ەككە يىزىقچىلىق(独立性写作)قىسمىدا ئادەتتە ئالدىن بىرىلگەن بىر تېمىنى چۆرىدەپ 30مىنۇت ئىچىدە كەم دىگەندە 300خەتلىك چۈشەندۈرۈش ماقالىسىنى كومپىيوتورغا كونوپكا تاختىسىدا ئۇرۇپ پۈتتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا ،بۇ تەلەپكە يىتىش ئۈچۈن توفىل(TOEFL) يىزىقچىلىقىنىڭ يەككە يىزىقچىلىقىغا دائىر ماقالىدىن كۈندە ئىككىنى پىششىق يادقا ئېلىش ۋە كەچتە ياكى چۈشتە بولامدۇ بىر سائەت ئىچىدە ئوخشاش بولمىغان تېمىلاردىكى ماقالىدىن ئىككىنى يىزىپ پۈتتۈرۈش مەشىقىنى قەتئىي ئىزچىل ئېلىپ بىرىش كىرەك .يادقا ئالماقچى بولغان ماتىريالنى توردىن تېپىپ سېتۋالسىڭىزمۇ ياكى كونا توفىل ماقالىلەر توپلانمىسىدىن(جەمئىي 180ئوخشىمىغان تېمىلىك ماقالە) تېپپ ،ئىچىدىكى ماقالىلەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تولۇق ئەسكە ئېلىۋىلىشىڭىز كىرەك .ماقالە يىزىقچىلىقى ئېلىپ بارغاندا 2009-يىلى ۋۇخەن ئۇنىۋىرىستىتى نەشىردىن چىقارغان ”يېڭى توفىل(TOEFL) ماقالە يىزىقچىلىقى “ دىگەن كىتاپ تەمىنلىگەن 180 خىل ئوخشىمىغان تېمىلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ .

   بۇ كىتاپتا توفىل(TOEFL) ئىمتىھانىسىنىڭ يىزىقچىلىق قىسمى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ بىرىلگەن بولۇپ ،ماقالە يىزىش مەشىقى ئېلىپ بىرىشتا ياخشى ياردەمچە بولالايدۇ .بۇنىڭدىن باشقا كۈندە يازغان ماقالىڭىزنى يەنە ۋاقىت چىقىرىپ كونۇپكا تاختىسىدا مەشىقى ئورنىدا wordھۆججىتى شەكىلىدە ساقلاپ قايتا كۆزدىن كەچۈرۈش ئېلىپ بىرىپ ،سۆز –جۈملىلىرى خاتا كەتكەن ،لوگىكا جەھەتتىن خاتالىق كۆرۈلگەن جايلىرىنى ئۆزگەرتىش؛ئىپادىلەش جەھەتتە ئوخشاش بىر مەنىلىك سۆزنى قايتا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە مەنىداش سۆزلەرنى قوللىنىپ ئىشلىتىش قاتارلىق تەرەپلەرگە ئالاھىدە دېققەت قىلىپ ،400خەتتىن ئارتۇق قىلىپ پۈتكۈزۈشكە تىرىشىڭ .دەسلەپكى تەييارلىق ۋاقتىدا ئۆزىڭىزگە بېسىم قىلىۋالماستىن ۋاقىت چەكلىمىسى جەھەتتىن  سەل ئەركىنرەك(مەسىلەن ،30مىنۇتلۇق ماقالە يىزىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ 40مىنۇت ئىچىدە يىزىپ تەييارلاش دىگەندەك ) قويۇپ بىرىڭ .ئېلىپ بارغان مەشىقىڭىز ،كۆرگەن ماتىرياللىرىڭىزنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ ۋاقىت چەكلىمىسىگە بولغان تەلەپنى تەدرىجىي كۈچەيتسىڭىز بولىدۇ . 
   يۇقىرقى ئۇسۇللارنىڭ بەزىلىرى مەن بۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش جەريانىدا قوللانغانلىرىم ،يەنە بەزىلىرى ئىمتىھان مەيدانىدا ۋە ئىمتىھاندىن كىيىن بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن بىۋاستە ھاسىلاتلىرىم . ئەلۋەتتە ،ئۈگىنىش قىلىش دىگەننىڭ ھەممىگە ماس كىلىسىغان ،ئاممىباپ قىلىپى بولمىغاندىكىن ،بۇ ئۇسۇللارنىڭ بەزىلىرى سىزگە ماس كەلسە ،يەنە بەزەنلىرى تازا ماس كەلمەي قىلىشى دىگەن تۇرغانلا گەپ ،لىكىن ئىشلىتىپ سىناپ كۆرسىڭىز بولىدۇ . پېقىرنىڭ قەلەم كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ،ئىپادىلەش جەھەتتىكى تىلغا ناقىسلىقى تۈپەيلى ئۆز ئانا تىلىمىزنى ئىشلىتىش جەھەتلەردىمۇ بەزى جايلاردا خاتالىقلاردىن سادىر بولالمىغان بولىشىم مۇمكىن ،تۈزىتىپ ئوقۇپ چۈشنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .ئاخىردا ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش جەريانىڭىزنىڭ كۆڭۈللۈك بولىشى ۋە ئىمتىھانىڭىزنىڭ خەيىرلىك بولىشىغا چىن دىلىمدىن تىلەكداشمەن. 
    2010-يىل 4-ئاۋغۇسىت .(شەھىرى يەركەن )

مەنبە: مىسرانىم مۇنبىرى ئاپتۇرى: مىسرانىم مۇنبىرى ئەزاسى Oyghur

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

One comment

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top