ئاتلاننىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرھىم بىلەن سۆھبەت

سەھپە: ئۈن-سىن باھا:1

   ئاتلاننىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرھىم بىلەن سۆھبەت

 

    دىيارىمىزدىكى ئاتلان تىل تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى قاسىمجان ئابدۇرىھېمنى تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ ،سىردىشىش پۇرسىتىنى ياراتتۇق. تورداشلارنىڭ ياقتۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمز.

 

مەنبەسى: مىسرانىم تور بىكىتى

2011.09.1 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
يازما ئاپتورى 2011.09.1
16:43
1-قەۋەت: «باشقۇرغۇچى» مۇنداق دېدى:

ئەڭ زور نەتىجە قازانغۇچىلار(مەيلى ئۇ ئالىملار بولسۇن ياكى تەتقىقاتچى،كەشپىياتچى،زەردەر باي سودىگەر،…بولسۇن)نىڭ ھەممىسى ئەڭ زور جاپا چەككۈچىلەردۇر.مەشھۇر مائارىپچى سۇخۇملىنىسكىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا دۇنيادا شاكىلاتچە كومىنىزىم يوق،كومىنىزىمغا بارغاندىمۇ قول قاپىردىغان ئەمگەك،ئۇيقۇسۇز تۈنلەر،جاپا چىكىدىغان كۈنلەر بولىدۇ.مانا بىزنىڭ قسىمجان مۇئەللىم دەل ئاشۇنداق جاپالىق ئىزدىنىش،تەر تۆكۈپ ئۈگنىش ئارقىلىق مۇۋاپىقيەت قازانغانلارنىڭ بىرى،مەن ئۇنىڭ يات تىلدا سوزلىگەن چاغدىكى يېقىشلىق زۇۋانىدىن بەك ھاياجانلاندىم.تورداش قېرىنداشلىرىمنى قاسىمجان رويىدىن ئوزۇق ئېلىپ ھەرقايسى ساھەلەردە يۈكسەك غايە بىلەن ئىلگىرلەشكە دەۋەت قىلىمەن.ھورۇنلۇق،پاسسىپلىق،ئۈگەنمەسلىك،تىرىشماسلىقتىن ئىبارەت چىرىك ئىدىيدىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرمەن.بولۇپمۇ ياش سىتيودىنتلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىم باغچىسىدىكى ھاياتىنى قەدىرلەپ،ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوقۇش، كىم ئۈچۈن ئوقۇشتىن ئىبارەت تۈپ مەخسىدىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويسا بەك چوڭ ئىسراپچىلىق بولىدۇ.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئاللىقاچان بىر يۈكسەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان جەميەت ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلىشى كىرەك.
ياشاش ئۇ بىر ئاللا تەرپىدىن يۈكلەنگەن مەجبۇرىيەت،ھەر بىر جان ئىگىسى بۇ مەجبۇرىيەتتىن قېچىپ قۇتلالمايدۇ،بۇ مەجبۇرىيەتنى بەزىلەر ئەڭ تۈز يول بىلەن زور تۆھپە قوشۇپ ئادا قىلسا،يەنە بەزىلەر ئەگرى يولدا ئەپلەپ سەپلەپ ئۆتۈپ كىتىدۇ،ھەتتا بەزىلارياشاش مەجبۇرىيتىنى بەك پاسكىنىلىق بىلەن ئادا قىلىدۇ،شۇبھىسىزكى توھپىكار بەك سۆيۈملىكتۇر.قاسىمجانغا ئوخشاشلار مانا شۇنداق سۆيۈملۈك ئىنسانلاردۇر،بىز ئۇنىڭ ئىش پالىيەتلىرى بىلەن تونۇشقۇنىمىزدا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە ،ئۇنىڭدىن ئىلخام ئېلىپ،ئۇنىڭدىن ئۈگنىشىمىز ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن بەيگىگە چۈششىمىز كىرەك.

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

CommentLuv badge
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se