چىلان ۋە ئۇنىڭ رولى

سەھپە: تىبابەت باھا:0

   ئىلاۋە؛تور دۇنياسىدا بىز ئىھتىياجلىق بولغان نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك بىلىملەر بار بولۇپ كىشىلەرنىڭ ھەر تەرەپتىكى مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ،بۇنىڭ جەميەت تەرەققىياتىدىكى ئوينىغان رولى مىسلىسىز.ماددى تۇرمۇشنىڭ ياخشىلنىشىغا ئەگىشىپ توردىن پايدىلنىدىغان كىشىلەر كۈندىن كۈنگە كۆپۈيۈشتەك ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ،بۇنىڭدىن ئۇيغۇر جەميىتىمۇ ئوبدان نەپ ئېلىۋاتىدۇ،مەنمۇ شۇ تور دۇنياسىدىكى بىر سەيياھ بولۇپ دايىم مۇشۇ باغدا چۆرگىلەپ يۈرۈيمەن ،تۇيۇقسىز ئۇيغۇرچە يازمىلار ئىچىدە يىزا پەن تېخنىكىسىغا ئايىت بىلىملەرنىڭ كەملىكىنى بايقاپ قالدىم،مۇتلەق كۆپ قىسمىمىز دىھقان بولغان ئۇيغۇر جەميىتى ئۈچۈن بۇنداق بىلىملەرنىڭ كەم بولىشى بىر بوشلۇق دەپ قارىدىم.شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمدە بار بولغان چىلانچىلىق توغرىسىدىكى خەنزۇچە كىتاپتىن بىر قىسىم مەزمۇنلارنى تەرجىمە قىلىپ يوللۇدۇم،ئاز تولا پايدىسى بولۇپ قالسا بۇ مىنىڭ كىچىككىنە تۆھپەم بولۇپ قالا دىگەن ئۈمۈتتە مەن .
چىلان – دۆلتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەلا سۈپەتلىك ئىسىل مىۋىسى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە دۆلىىتمىزنىڭ بىرىنچى ئورۇندىكى ئالاھىدە قۇرۇق مىۋىسى بولۇپ قالدى. دۇنيادىكى %98 دىن يۇقۇرى نەسىل ماددا ( گىرىمىپلازما) مەنبەسى ۋە %100 گە يىقىن چىلان مەھسۇلاتى دۆلتىمىزگە مەركەزلەشكەن. چىلان دەرىخى تاغلىق قۇمساز شور، قورغاق نامرات رايۇنلارنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باپ كىلىدۇ. چىلان ۋە ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار خەلىقئارادا رىقابەت كۈچى ئەڭ زور بولغان دېھقانچىلىق قۇشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىندۇ. شۇڭا چىلانچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاشقى سودا ئىكىسپورىتىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيدۇ.
چىلاننىڭ تارىخى
چىلان دۆلىتمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ، ئۆستۈرلۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان يۇپۇرماقلىق مىۋىلىك دەرەخلىرىنىڭ بىرى. دۆلىتىمىزنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش تارىخىنى 7000 يىل ئىلگىرىگە سۈرۈش مۈمكىن. يېزىق بىلەن خاتىرلەنگەن تارىخمۇ 3000 يىلدىن كۆپرەك. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 10- ئەسىردە يېزىلغان «نەزمنامە» دە، « ئاۋغۇسىتتا قاقىمىز چىلان، ئالىسىز كۈزدە شالدىن ھوسۇل» دېگەن خاتىرلەر بار. يەنە چىلان ۋە ئاچچىق چىلان تۈرلىرى دېگەن قىسىمدا، چىلان شۇ چاغلاردا ئاساسلىقى شىمالدا ئۆستۈرلەتتى دەپ يېزىلغان، ئەمىنيە ۋە يىغلىق دەۋرلىرىدە چىلان ئۆستۈردىغان دائىرە ۋە كۆلەملەر پەيدىن پەي كىڭەيگەن. « يىغىلىق دەۋىردىكى تەدبىرلەر» دە سوچىن، يەن ۋىن خۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئىيتىدۇ. « شىمالدا چىلان، كاشتاننىڭ ياخشىسى بار، پۇخرالار گەرچە ئىجارىكەشلىك قىلىشقا مەجبۇر بولسىمۇ ئەمما چىلان بىلەن كاشتان ئۇلارنىڭ يىمەكلىكىگە يىتەرلىك ئىدى>>. چىلان ئەينى دەۋىردىلا ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتىگە ئايلانغان. خەن سۇلالىسىدىن كېيىن چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئۆزلۈكسىز زورايتىلىپ، 4 ئەتراپقا كىڭەيدى. « تارىخى خاتىرلەر (تارىخنامە) تىجارەت تەزكىرىسى » ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-1 ئەسىردە ) ”ئەن يىدە نۇرغۇنلىغان چىلانلىق بار…..“ دېگەندەك خاتىرىلەر بار. ئەن يى دەل ھازىرىقى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ يۈن چىڭ شەرى تۇز كۆل رايۇنى ئەن يى بازىرى بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى، بۇنىڭدىن 2000 يىل ئىلگىرىلا، خۇاڭخى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئىقىمىدىكى سەنشىنىڭ جەنۇبىدىكى يۈنچىڭ ئەتراپىدا، چىلان مەركەزلەشتۈرۈپ كۆلەملەشتۈرلۈپ ئۆستۈرۈلگەن. بەلكى شۇ چاغدىلا بىر قەدەر يۇقۇرى ئىقتىسادى قىممەتكە ئىگە دەرەخكە ۋە موھىم ئىقتىسادى مەنبەگە ئايلانغان. دۆلىتىمىزنىڭ ئارخىئۇلۇگلىرى ئىلگىرى كېيىن شەندۇڭنىڭ لىن يى، گۇئاڭدۇڭنىڭ گۇئاڭجۇ، خۇبىينىڭ سۇيجۇ، شىنجاڭنىڭ تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدىكى قەدىمى قەبىرلەدىن چىلان ئۇرۇقى ۋە قۇرۇق چىلان يادىكارلىقلىرىنى قىزىپ تاپتى،بۇ ھال خەن سۇلالىسى دەۋىردىلا دۆلىتىمىزدە چىلان ئۆستۈرۈش جەنۇپ شىمالىنىڭ ھەممىلا يېردە ئوموملاشلىقانلىغىنى چۆشەندۈرىدۇ.
چىلان- دۆلىتىمىزنىڭ ئالاھىدە ( ئۆزىگە خاس) ئىقتىسادى ئورمىنى، قەدىمىقى دەۋىرلەردە چىلان بىلەن شاپتۇل، ئۆرۈك، نەشپۇت، كاشتان بىرلەشتۈرلۈپ، «بەش مىۋە» دەپ ئاتىلىپ، كەڭ تۈردە ئۆستۈرۈلگەن.تارىخى ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا چىلاننىڭ سورتى ئاچچىق چىلاندىن ئۇزاق مۇددەت ئەلالىرىنى تاللاشتىن بارلىققا كەلگەن. شەندۇڭنىڭ لىن چۇدىن قىزىپ تاپقان ئاچچىق چىلاننىڭ تاشقا ئايلانغان يۇپۇرمىقىدىن ئۇنىڭ تارىخىغا 12 – 14 مىليۇن يىللار بولغانلىقى مەلۇم. ئۇزاق قەدىمقى زامانلاردا دۆلىتىمىز ناھايىتى نۇرغۇن ئەلا سورۇتلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىقارغان.«پاساھەتلىك سۆزلەر» دە 11 خىل سورۇتنىڭ بارلىقى خاتىرلەنگەن. جا سىشىنىڭ«پۇخرالار ئۈچۈن تىرىقچىلىق دەستۇرى» دا 42 خىل سورۇت خاتىرلەنگەن. يۈەن سولالىسىدىكى لىيۇگۈئەننىڭ «چىلان شەجەرىسى» دە 72 خىل سورۇت خاتىرلەنگەن. چىڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە ۋۇچىشۈن يازغان « ئۆسۈملۈكلەر تەزكىرىسى» دە 87 خىل سورتى خاتىرلەنگەن.ياپۇنيە، كۇرىيە، چاۋشيەن، ئافغانىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، ئامىرىكا، ئاۋىستىرالىيە، ئىتالىيە ۋە ئوتتۇرا دىڭىز بويلىرى قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەت ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ھالدا دۆلىتىمىزدىن چىلان دەرىخىنى ئاپىرىپ ئۆستۈرگەن. كۇرىيەدە بەلگىلىك كۆلەملەشكەن ۋە مەھسۇلات ئالغاندىن باشقا قالغان دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك ئۆستۈرۈلمىگەن ياكى تاۋارلاشمىغان. شۇڭا، دۆلىتىمىز خەلىقئارادىكى بىردىن بىر چىلان سودىسى قىلىدىغان دۆلەت.
چىلاننىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى
چىلاننىڭ ئۇزۇقلۇق ۋە ساغلاملىقىنى ساقلاش قىممىتى يۇقىرى، ئەزەلدىن «ياغاچ غۇللۇق يىمەكلىك، قۇۋۋەت تولۇقلىغۇچى ئىسىل مەھسۇلات» دېگەن نامى بار. «پۇخرالار ئۈچۈن تىرىقچىلىق دەستۇرى» دېگەن كىتاپتا قەيىت قىلىنغان 42 خىل مىۋە سورتى ئىچىدە چىلان بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلغان. «دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دا خاتىرلىنىشىچە چىلان «پىشقاندا يىمەكلىك قىلغىلى، قۇرتۇلسا قۇۋۋەت تولۇقلىغىلى، قەھەتچىلىك يىللىرىدا ئاچلىقتىن قوتقازغىلى، ئاغرىپ قالغاندا دورا تەييارلىغىلى، ئاشلىق ئورنىدا خەلق تۇرمۇشىنى قامدىغىلى بولىدۇ». قۇرتۇلغان چىلان ئۆپكىنى سىلىقلاپ، يۆتەل توختۇتىدۇ. بەش ئەزانى قۇۋەتلەپ، زەئىپلىكنى داۋالايدۇ، خەلق ئارسىدا يەنە« كۈندە يىسەڭ ئۈچ تال چىلان، رەڭگىڭ مەڭگۈ بولماس سامان» دېگەن تەمسىل بار. سوقا چىلاننىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىۋىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭدا ئادەم بەدىنىگە كىرەكلىك ئاقسىل، ياغ، كاربۇن ، سۇ بىرىكمىسى، يىرىك تالا، ھەر خىل مىنىرال جىسىملار ھەم كۆپ خىل ۋىتامىنلارنىڭ بارلىقى بايقالدى. 100 گىرام ساپ يۆل چىلاننىڭ تەركىۋىدە 73،4 گىرام سۇ، 1.2 گىرام ئاقسىل، 0.2 گىرام ياغ، 1.6 گىرام يىرىك تالا، 23.2 گىرام كاربۇن سۇ بىرىكمىسى، 14 مىللىيگىرام كالتىسىي، 23 مىللى گىرام فۇسفۇر، 0.5 مىللى گىرام تۆمۈر، 0.01 مىللى گىرام كارۇتىن، 0.06 گىرام تىئامىن، 0.15 مىللى گىرام ۋىتامىن ، 1.2 مىللى گىرام نىكوتىنىك كىسلاتا، 12 مىللىي گىرام ۋىتامىنc بار بولۇپ، چىقىرىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى 308 كىلوكالورىيە، سوقا چىلاننىڭ تەبئى مۇھىتقا بولغان ماسلىشىشچانلىقى ۋە ناچار موھىتقا تاقابىل تۇرۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر خىل كىشلەر ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەم ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. چىلاندىكى ئاقسىل تەركىۋىدە 17 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بار بولۇپ، جۇڭگۇ يېزا ئىگىلىك ئاكادىمىيىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئومومى مىقدارى %2.99 لىك 100 گىرام قۇرۇتۇلغان چىلاندا 111 مىللى گىرام ۋالىن، 53 مىللى گىرام لىيشىسىن، 71 مىللى گىرام تىرىئونىن، 71 گىرام فىنىل ئالانىن، 20 مىللىي گىرام تىرپتۇخان، 23 مىللى گىرام مىتىئونىت، 38 مىللى گىرام لىزىن بار ئىكەن. بۇنىڭىدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدىكى ئامىنۇ كىسلاتاسىنىڭ تەركىۋىدىكى ۋالىننىڭ مىقدارى ئەڭ يۇقىرى. باشقا زۆرۈر ئامىنۇ كىسلاتاسى تاركىۋىدىكى لىيتىسىن تىرىئونىت، فىنىل ئالانىن، لىزىن، مىتئونىن ۋە تىرپتۇفان قاتارلىقلارنىڭ مىقدارىمۇ بىر قەدەر يۇقۇرى. سوقا چىلان تەركىۋىدە مول ئامىنۇ كىسلاتاسى تەركىپلىرى بار بولۇپ، زۆرۈر ئامىنۇ كىسلاتاسىنى تولۇقلايدىغان ئەڭ ياخشى يىمەكلىك مەنبەسى بولۇپ ھىساپلىندۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سوقا چىقان تەركىۋىدە كالتسىي ماگىنىي، مولپىدىن، مانگان، بور، فۇسفۇر، كالىي، سىنىك ۋە تۆمۈر قاتارلىق كۆپ خىل مىنىرالنى ئىلمىنىتلار بار. ئومومى مىقدارى %1.82- %2.25 گىچە بولۇپ، يۈرەكنى قوغداش رولىغا ئىگە.
يۆل چىلاننىڭ ھەر يۈز گىرام يۆل ئىتىدىكى ۋىتامىنC نىڭ تەركىۋى 380- 600 مىللىي گىرام، بىراق ھەر 100 گىرام شاپتۇلدا پەقەت 6 مىللىي گىرام، ھەر 100 گىرام نەشپۈتتە پەقەت 4 مىللى گىراملار بار . تەتقىقاتلار ئىسپاتلىدىكى : ۋىتامىنC نىڭ بەدەن ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىشى – ئوكسىدسىزلىنىشى رىئاكسىيەسى زەھەر تازىلاش رولىغا ، ھەم يۈرەك مۇسكۇل ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئىممۇنىت سېستىمىسىدىكى ئانتىتلار (قارشى تۇرغۇچىلار)نىىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇملۇنۇشىقا قارشى تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ھەم ئۈچەيدە تۆمۈرنىڭ سۈمۈرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇزۇقلۇق خاراكتىرلىك كەم قانلىق بىلەن قىزىل قان ھۆجەيرىسى كەملىك قان ئازلىق كىسلىگە تاقابىل تۇرىدۇ. شۇنداقلا نىترۇئامىن تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشىنى چەكلەپ، راكنىڭ ئالدىنى ئىلىش رولىنى ئوينايدۇ. كۆپ مىقداردىكى ۋىتامىن C يەنە جىددى خاراكتىرىلىك شىئوك كىسلىنى قوتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
مىۋە تەركىۋىدىكى روتىن پەقەت چىلان، تىكەنلىك نەشپۈت، ئاق ئۈزۈم، ئۆرۈك، مىركا دەرخى، ماندارىن ۋە چوڭ ئاپلىسىن قاتارلىقلاردا بار بولۇپ، چىلاندىكى مىقدارى ئەڭ مول، روتىن قىلدان قان تومۇرلارنىڭ نۇرمال قارشىلىق كۈچىنى قوغداش، ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىش، چۆرۈكلىكىنى كىمەيتىش رولىغا ئىگە. روتىن كەم بولغاندا قىلدان قان تومۇرلارنىڭ چۆرۈكلىكى ئىشىپ كىتىپ ئاسان قانايدۇ، روتىننىڭ ياللۇققا قارشى تۇرۇش رولى بار. روتىن ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرالايدۇ. روتىننىىڭ يەنە ئالدىگىد شىكىرىنى تىزگىنلەپ فىرمىنىتلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش رولى بار بولۇپ، دىئابىت خاراكتىرلىك كۆزگە ئاق چۆشۈش كىسلىنى داۋالايدۇ.
چىلان تەركىۋىدىكى كۆپ قەنىتلىك بولسا مۇھىم فىزۇئۇلۇگىيىلىك ئاكتىپ ماددىدىن ئىبارەت. بىرىنچى ئارمىيە مىدىتسىنا ئۇنۋىرستىتىنىڭ دورا تەتقىقات ئىشخانىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق چىلاندىكى كۆپ قەنىتلىكنىڭ ئانتىكومپىلىمىنتلىق ئاكتىپچانلىققا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە لىمپا ھۆجەيرىلىرىنى كۆپەيتىش رولىغا، بەدەننىڭ قارشىلىق ئىممۇنىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە، ئاساسلىقى ئىممۇنىت كۈچىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشتە مويىم رولغا ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ھەر 100 گىرام قۇرۇتۇلغان چىلان تەركىۋىدە 61 مىللى گىرام كالتىسىي بار. دائىم چىلان يەپ بەرگەندە بەدەندىكى كالتىسىينىڭ مىتابۇلىزىملىق تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ، يۈرەك ۋە نىرۋىنىڭ ھەركىتىنى تەڭشەپ تۇرىدۇ. ھەر 100 گىرام قۇرۇتۇلغان چىلاننىڭ تەركىۋىدە 55 مىللى گىرام فۇسفۇر بار بولۇپ، فۇسفۇر بەدەندىكى فۇسفادىتنى بىرلەشتۈرىدىغان خام ئەشيالارنىڭ بىرى بولۇپ، نىرۋە سېستىمىسىمۇ فۇسفۇر ماددىسىغا (فۇسفاتىك) قا ئىھتىياجلىق. چىلان تەركىۋىدە يەنە يىپىشقاق سۇيۇقلۇق بار بولۇپ، ئۇنىڭ خىمىيىلىك قۇرۇلمىسى خۇددى مىۋە يىلىمىگە ئوخشاش بولۇپ، خۇلىتسىرىننى شۈمىرەلەيدۇ. خۇلىتسىرىننىڭ ئۈچەيدە شۈمۈرۈلىشى تەس بولۇپ، قاندىكى خۇلىتسىرىننىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ دە قان تۇمۇرلارنىڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا پايدىلىق. چىلان تەركىۋىدە يەنە مول بولغان لىنول كىسلاتاسى (زىفىر كىسلاتاسى) بار بولۇپ، ئۇ خۇلىتسىرىن بىلەن بىرىكىپ، خۇلىتسىرىن ئىستىر ئاسانلا يۆتكىلىپ، ماددا ئالمىشىپ ۋە بەدەن سىرتىغا چىقرىۋىتىلىپ، قاندىكى ماينى تۆۋەنلىتىدۇ دە ئارىتىرىيەنىڭبوتقىلىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.
چىلان تەركىۋىدە مەلۇم مىقداردا سكلۇ فۇسفۇرىك كىسلاتا ئادىنوزىن ۋە سىكلۇ فۇسفۇرىك كىسلاتا گۇئانۇزىن بار. CAMPبىلەن CGMP بولسا 20 – ئەسىردە بايقالغان 2 خىل مۇھىم بىئۇلۇگىيىلىك ئاكتىپ سىكلۇ (ھالقىسىمان) زوكلىئوزىل تۈردىكى ماددا بولۇپ، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار تىنىدە CGMP ، ئىككىنچى RNA سىگىنال توشۇغۇچى بار بولۇپ، ھۆجەيرىلەرنىڭ بۆلۈنۈش ۋە پارچىلىنىش، مۇرفۇگىنىز، گىلكوگىن ۋە ياغلارنىڭ پارچىلىنىشى، سىترۇئىد ھاسىل قىلىش ۋە فىرمىنىتلارنىڭ ئاكتىپلىشىشى قاتارلىق كۆپ خىل فىزۇلۇگىيلىك بىئو خىمىيىلىك جەريانلار تەڭشەشكە قاتنىشىدۇ ھەمدە گىن كۆچۈرۈش ۋە تەرجىمە قىلىش رولىنى ئويناپ، ئاقسىللارنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. CAMPمو 2- RNA سىگىنال توشۇغۇچىلىق رولىغا ئىگە بولۇپ، CGMP غا ئوخشاش جانلىقلارنىڭ تىنىدە كەڭ كۆلەملىك تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. كىلىنكىلىق داۋالاش ئىسپاتلىدىكى ئۇلار يۇقىرى قان بىسىمى ، دىئابىت، راك، يۈرەك مەنبەلىك شۇك قاتارلىق كسىەللەرنى داۋالاشتا بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئىگە.
چىلان تەركىۋىدە سىتولىنىك كىسلاتا، ئولىئانۇلىك كىسلاتا، دولانە، كاتىفۇلامىن، ياغ كىسلاتاسى قاتارلىق ئورگانىك كىسلاتالار بار. چىلان تەركىۋىدىكى نىكىر كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ھەر قانداق مىۋىنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ، نىكىر كىسلاتاسى ئادەم بەدىندىكى قىلدام تۇمۇرلارنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مالىك كىسلاتاسى ( ئالما كىسلاتاسى )، تارتارىك كىسلاتاسى قاتارلىقلارمۇ بار. بۇلاردىن سىرىت چىلان تەركىۋىدە يەنە سىتۇستىرۇل، ستگىماسىترۇل ھەمدە دەۋرقاي، كوئۇمارىن تۈردىكى جانلىقلار كاتىخىن، تاننىن، نىترات قاتارلىقلار بار.
چىلاننىڭ دورىلىق قىممىتى
چىلاننىڭ دورىلىق قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. 3- ئەسىردىلا دۆلىتىمىزنىڭ «داڭلىق تىببى رىسالىسى » دە چىلاننىڭ دورىلىق قىممىتىگە ئائىت تۆۋەندىكى خاتىرىلەر بار. چىلان قۇۋۋەت تولۇقلاش ، روھنى ئۇرغۇتۇش، زىركىشىنى ( خاپىلىقنى ) تۈگىتىپ، يۈرەك ئىغىشىنى داۋالاش رولىغا ئىگە ھەم ئىسسىقنى چىقىرىپ تاشلايدۇ.مىلادىيەنىڭ 7-ئەسىرىدە «رى خۇازى دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا،چىلان،“يۈرەك ۋە ئۆپكىگە مەنپەت قىلىپ،يۆتەلنى توختىتىدۇ،بەش ئورگانىزىمنى قۈۋۈتلەپ،ھارغىنلىق ۋە زەئىپلىكنى ياخشىلايدۇ“ دەپ يېزىلغان.مىڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن لى شىجېننىڭ«دورا ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى»دا خاتىرلىنىشچە؛“سوقا چىلاننىڭ تەمى تاتلىق،زەھەرسىز بولۇپ،ئاساسلىقى:كۆڭۈل ئاينىش(يۈرەك بىئاراملىقى)نى ياخشىلايدۇ، تىنىچلاندۇردۇ، تالنى قەۋەتلەپ، ئاشقازاننى ياخشىلايدۇ، توسالغۇلارنى ئىچىپ، قان تومۇرنى راۋانلاشتۇرۇدۇ، نەپەسلىنىشنى ياخشىلاپ، كەم خىلىتنى تەڭشەيدۇ ، ئۇزاق مۇددەت ئىستىمال قىلسا ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. «جوڭگو دورىگەرلىك قامۇسى»دا خاتىرلىنىشىچە:سوقا چىلاننىڭ تەبىئىتى ۋە دورىلىق رولى مۇنداق : تەملىك، تەبىيتى ئىسسىق بولۇپ تال ۋە ئاشقازانغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. رولى ۋە ئاساسلىق داۋالايدىغان كىسەللىكلەر: ماغدۇر تولۇقلاش، قان تولۇقلاپ نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاساسلىقى تال ئاجىزلىق، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىنىش، قەۋزىيەت ۋە ئاياللار كىسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. 1997- يىلى جىياڭسۇ ئۆلىكىلىك تىببى ئىنىستىتۇتى تۈزگەن «جوڭگۇچە دورىلار چوڭ لوغىتى» دە يېزلىشچە؛سوقا چىلان تەملىك،تەبىئىتى ئىسسىق بولۇپ تال ۋە ئاشقازانغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. رولى: تال ۋە ئاشقازاننى ياخشىلاپ، نەپەسنى راۋانلاشتۇرۇپ، زەھەر قايتۇرۇدۇ. ئاشقازان ئاجىزلىقىنى داۋالاپ ئىشتاھانى ئاچىدۇ، تال ئاجىزلىق،تەرىتى سۈيىلىپ كىتىش، قان ئاجىزلىق، خلىت كەملىك ، يىڭ بىلەن ۋىينىڭ ماسلاشماسلىقى، يۈرەك سىلىش، چۈچۈش، پەرىشانلىق، ئاياللار كىسەللىكى قاتارلىقلارغا مەنپەت قىلىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش مىقتارى: ئىچىش، 15-20 گىرامنى قاينىتپ ئىزىپ كومىلاچ ياساپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. ھازىرقى زامان جوڭگۇ تىبابەتچىلىكىنىڭ قارىشىچە : سوقا چىلان تەملىك، تەبئىتىى ئىسسىق بولۇپ، ماغدۇر تولۇقلاش، قان تولۇقلاپ نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇش، خىلىت پەيدا قىلىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق روللارغا ئىگە. تال ئاشقازان ئاجىزلىقى، ئىشتاھاسىزلىق، چوڭ تەرىتى سۈيۈلۈش، ماغدۇرسىزلىق، قان يىتىشمەسلىك، خىلىتلارنىڭ بۇزۇلىشى، يۈرەك سىلىش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كىسەللەرگە مەنپەت قىلىدۇ.
يۇقۇردا ئىيتىلغىنىدەك: چىلان دورا ۋە ئىستىمالنىڭ مەنبەسى بولۇپ، قاندىكى خولۇستىرىننى تۆۋەنلىتىپ، جىگەرنى قۇۋەتلەپ، قان تومۇر قىتىشىشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، بەدەننىڭ ئىمۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قىرىشنى كىچىكتۈرۈپ، راكنىڭ ئالدىنى ئىلىپ ۋە تىزگىنلەپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھارغىنلىقىنى يوقۇتۇشتەك ئالايدىلىككە ئىگە.

2011.09.8 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

CommentLuv badge
كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se