پەيشەنبە , 4 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

پالەچ كىسەللىكلىرى ۋە پەي تارتىش كىسەللىكلىرىگە داۋا

پالەچ كىسەللىكىنى قوشۇمچە داۋالاش نۇسخىسى
قىزىل مۇچنىڭ ئۇششاق تۈرىدىن 30 گىرام، يەرلىك ئاق موگو (سۈنئى بولسىمۇ بولىدۇ) 50 گىرام، ئاق ھاراقتىن 500 گىرام.
تەييارلىنىشى: مۇچ بىلەن موگونى ھاراققا چىلاپ بىر كىچە- كۈندۈز تۇرغۇزغاندىن كىيىن، بۇ دورىنى، پۇت ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان پالەچلىكتە 9 كۆزدىن باشلاپ پالەچلەنگەن چىپىلىدۇ.
ئىزاھ: بۇ خىل كىسەللىك، پاقالچەكتى يىلىك قاتقانلىق سەۋەبىدىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ، پۇت ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، بۇنى تىبابەتتە: «ئوديان» دىيىلىدۇ.

پالەچنىڭ يەرلىك دورا نۇسخىسى
پالەچ كىسەللىكىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەن يەرلىك دورا نۇسخىسى
قارا پاقلاننى سويۇپ گۆشىنى سۆڭەكلىرى بىلەن قوشۇپ ئەرەق تارتىش قازىنى ئارقىلىق پار سۈيىنى چىقرىلىدۇ. شۇ ئەرەق سۈيىدىن ھەر كۈنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىلىدۇ.

لەقۋا، پالەج
ھەسەل، پىيازنىڭ سۈيى، قىتىق نى بىرلەشتۈرۈپ ئىچسە، سەكتە- مىڭىگە قان چۈشۈشتىن بولغان لەقۋا، پالەج، تىلى تۇتۇلۇپ قىلىشقا داۋا بولىدۇ، ئۈنۈمى تىز بولىدۇ.
پۇت ئىششۇقى، رىۋماتىزىملارغا پايدا قىلىدۇ، پەي تارتىشىپ قىلىش، پەي قىتىۋىلىشنى يۇمشىتىدۇ.
تۆگە يىغى، ئۆردەك يىغى، توخۇ يىغى، باچكۇ يىغى نى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاپتاپتا قويۇپ ئىچىتىپ، ئۈستىگە ئوسما سۈيىنى تۆكۈپ ئارىلاشتۇرۇپ، چاپىدۇ

بويۇن- پەي تارتىشىش
بويۇن- پەي تارتىشىش سەۋەبىدىن بوينى سىڭايان بولۇپ قىلىش كىسەللىكى
خۇسۇسىيىتى: پەينى يۇمشىتش، لىمفا بەز ئىششۇقلىرىنى تارقىتىش، بەز تەركىۋىدىكى ماي ماددىلىرىنى پارچىلاش.
تەركىۋى: ھىپىدە گۈل (شىرىنخۇا) نىڭ سۈيى. شاتۇتنىڭ سۈيى. ئاق ياڭيۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ئەۋەلدە شاتۇتنىڭ سۈيىنى چىرىپ يەرلىك ئورۇن (پەي ، لىمفا بىزى قاتارلىقلار) غا چىپىلىدۇ. شىرىنگۈلنى يۇمشاق سوقۇپ سۈينى ئىلىپ يەرلىك ئورۇنغا چىپىلىدۇ. ئاق ياڭيۇنى نىپىز يالپاقلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈرتۈپ ئۇۋىلاپ بولغاندىن كىيىن تىڭىلىدۇ.
دىققەت! بالىلارنىڭ بويۇن پەي، لىمفا بىزىگە ئىشلەتكەندە گۆرەن تومۇرىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىققەت بىلەن ئىشلىتىش، تار دائىرىدە پەينى بويلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

باشنى سوغۇق ئىلىپ كەتكەنلىكتىن بولغان باش- مىڭە ئاغرىقىغا تۇخۇمنى پوشكال قىلىپ باشنىڭ ئاغرىغان قىسمىغا ئىسسىق ھالدا تىڭىپ، يىرىم سائەت ئەتراپىدا قويۇلسا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top