مەن سىنى ياخشى كۆرگەچكە

سەھپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر باھا:2

                                                       ئوما پانبېك (ئامرىكا)
   ھەر خىل يوللار بىلەن پەرزەنتلەرنى تەربىيلەش، باللىلىرمىزغا، قېرىنداشلىرمىزغا ئۆزىمىزنىڭ قەلبىنى ئەڭ تەسىرلىك، ئەڭ قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىپادىلەش ئارقىلىق مەخسىدىمىزنى، مىھرىمىزنى ئاشكارلاپ ئۇلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولىشىغا يىتەكچىلىك قىلىش بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش يولىدا ئىزدىنىش بىزنىڭ يۈكسەك ۋەزىپىمىز. شۇ سەۋەپلىك مەن بۇ يازمىنى تور بېتىمىزگە چاپلىدىم. مەخسەت كۆرۈرمەنلەر بىلەن بىرگە تەڭ بەھرىلنىپ، ئەڭ نازۇك ھىسياتىمىزدىن پەرزەنتلەرنى خەۋەردار قىلىشتىن ئىبارەت.
   <> باللىرىمىز بۇ سۆزنى قانچە قىتىملاپ بىزگە تاڭمىغان ؟ ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ سۆزنى ئىشىتكىنىمىزدە ھامان ھاياجىنىمىزنى بىسىپ كەلدۇق ، بالىمىز تىخى كىچىك بولغاچقىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇلارغا نەقەدەر چۇڭقۇر مىھرىمىز بارلىقىنى ئىيتىشنى مۇۋاپىق تاپمىدۇق .كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوغلۇم ئەقلىگە تولۇپ ئاپىسىنىڭ كۆڭلىنى چۈشەنگۈدەك بولغاندا ، ئۇنىڭغا ئىيتىمەن . مەن شۇنداق دەيمەن :
   مەن سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، نەگە بارىدىغانلىقىڭنى ، كىم بىلەن بارىدىغانلىقىڭنى ، قاچان قايتىپ كىلىدىغانلىقىڭنى سورىدىم .
   سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ئۆزۈڭ پۇل تىپىپ ۋىلسىپىت ئال ، دىدىم .گەرچە ئۇنى ئىلىپ بىرىشكە قۇربىمىز يەتسىمۇ .
   سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ھامان سۈكۈت قىلىپ ،ئوننىڭ ئىچىدە بىر دەپ تاللىغان دوستۇڭنىڭ ئەسلىدە ناھايىتى خەتەرلىك ئادەم ئىكەنلىكىنى ئۆزۈڭگە بايقاتقۇزدۇم .
   سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، بىر چىشلەم يەۋالغان شاكلاتنى دۇككان خوجايىنىغا قايتۇرۇپ بەرگۈزدۇم ھەم ئۇنى ئوغۇرلىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلدۇردۇم .
   سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ھوجرىنى تازلاشنى ساڭا بۇيرۇپ ، مۇشۇ ئىشقا ئىككى سائەت ۋاختىڭنى ئالدىم ، گەرچە بۇ مەن ئۈچۈن بەش مىنۇتلۇق ئىش بولسىمۇ .
   سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، كۆزۈمدىكى خاپىلىق ، ئۈمىدسىزلىك نەپرەت ۋە ياش تامچىلىرىنى كۆرسۇن ، دىدىم .

   سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، باشقىلارغا قىلغان ھۆرمەتسىزلىكىڭ ۋە باشقا بولمىغىر ئىشلىرىڭنى ئاقلىشىڭغا يول قويمىدىم .
   سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، << باشقىلارنىڭ ئاپىسى ئۇنداق دەيدىكەن ، مۇنداق ياخشىكەن >> دىگەندەك گەپلىرىڭدىن ئاغرىنمىدىم .
   سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، تەمتىلەپ مىڭىشنى ئۈگەتتىم، يىقىلىشنى، يارلىنىشنى ۋە مەغلۇبىيەتنىڭ تەمىنى تىتىتقۇزدۇم .
  سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ئالتە يىشىڭدىن تارتىپلا ئۆزۈڭ قىلغان ئىشقا ئۆزۈڭ مەسئۇل بولىشىڭ كىرەك ، دىدىم .
  سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، تىزىمدىن چۈشۈرىۋىلىپ قولۇڭنى قويىۋەتتىم … چىر – چىر يىغلاشلىرىڭنى ئاڭلىماسلىققا سالدىم . شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئۆزۈڭ ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ .
  سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، ھازىرقى يۈرۈش – تۇرشۇڭغا يول قويىۋاتىمەن ، گەرچە مىنىڭ كۈتكىنىم بۇ بولمىسىمۇ .
  سىنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرگىنىم ئۈچۈنلا ، شۆھرەت پەرەسلىك قىلىشىڭغا يول قويمىدىم ، بىلىپ تۇرۇپتىمەن بۇنىڭدىن سەن مەندىن خاپا .

 

2011.09.8 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ:

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
* * تورداشلارنىڭ باھاسى * *
2011.10.22
13:18
1-قەۋەت: «yusanjan» مۇنداق دېدى:

:-D man tor beti ngiz ni kor dum yahxi yezip siz rahmat 我看了你的作文 你写的非常的好 我被感动了

2011.12.14
12:17
2-قەۋەت: «ئەسمىنە» مۇنداق دېدى:

بالىلار ئاتا-ئانا قەلبىنى چۈشەنگەن ۋاقىتتا….

* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se