رادىل ئابلانىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

سەھپە: ئەدەبىي ئەسەرلەر باھا:0

رادىل ئابلانىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2010-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى

    ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازلار، ساۋاقداشلار !
    ھەممىڭلارنىڭ چۈشتىن كېيىنلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! بۈگۈن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن . ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. مەن شىنجاڭ ئارمان كەسپي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى رادىل ئابلا بولىمەن .
   مەن 1990-ﻳﯩﻠﻰ 7 ئايدا ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىيولوگىيە كەسپىدە ئوقۇپ، ﺑﺎﻛﻼۋېرلىق ئۇنۋانى ئالغان. 1998 – يىلى 9-ئايدىن باشلاپ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ئۇﻧﯟﺍﻧﻰ ئاﻟﻐﺎﻥ. 2004-ﻳﯩﻠﻰ ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ئۇنىۋﯦﺮستىتى(ئەنتەي ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىنىستىتوتى)دا ﺧﻪلقئارالىق ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ئوقۇپ، ئالىي باشقۇرغۇچى سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇشدا ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ئۇﻧﯟﺍﻧﻰ ئاﻟﻐﺎﻥ. شۇنداق بولغاچقا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىمۇ مېنىڭ ئانا مەكتىپىم ھېسابلىنىدۇ ، مەن ئانا مەكتىپىمدە كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەنلىكمدىن ناھايىتى شەرەپ ھىس قىلىمەن .
          ئالدى بىلەن كۆپچىلككە ئارمان كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي .
          ئارمان شىركىتى ناھايىتى ياخشى بولغان تەرەققيات ھالىتىدە كىتىۋاتقان ، ئومۇمى مۆلۈكچىلىك شەكلىدە بولمىغان ئىقتىسادى گەۋدە . ھازىر ئارمان شىركىتى دۆلەتلىك يۇقىرى دەىجىلىك يىزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا نوقتىلىق باشلامچى كارخانا بولدى .
ئارمان شىركىتىنىڭ بۈگۈنكىدەك تەرەققي قىلالىشىدىكى سەۋەب ، نۇرغۇنلىغان ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىپىمىزگە قېتىلغانلىقى ، ئىچكىرى ، شىنجاڭنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىشى ۋە تەرەققي قىلدۇرغانلىقىدا ئۇلارنىڭ ياردىمىدە ئارمان شىركىتى ئۈزلۈكسىز ساغلام ئۆسۈپ يىتىلمەكتە ، تەرەققي قىلىپ زورايماقتا .
ئارمان كەسپىي باش شىركىتىنىڭ 9 تارماق شىركىتى بار بولۇپ ، ئۇلار ئالتاي ، كۈنەس ، بۆرچىن ، ئۈرۈمچى ۋە شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان ، ھەمدە شاڭخەي ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسىدا ئارمان مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى بار . ئۇلارغا شاڭخەي چىمپىيۇنلار باغچىسى ، خەلىققە قولايلىق يىمەكلىك شىركىتى ، شاڭخەي قاتناش ئونۋېرسىتېتى ، شاڭخەي خۇۋادوڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىقلارنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر پرۇففېسورلىرى توپلاشقان .
          شىركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق قىلىدىغىنى شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەنبەلىرىنى ئېچىش ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ئەسلى ماتىريالنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئەسلىدىكى ماتىريالنى پىششىقلاپ ئىشلەپ مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغاندىن كىىيىن بازارغا سىلىش ، پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش ، چەت ئەللىكلەرنىڭ قولىدىكى پۇللارنى شىنجاڭغا ئەكىلىش ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد بازىرىنى يۈكسەلدۈرۈش . يەرلىك دىھقان ، چارۋۇچىلارنى ماس قەدەمدە ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈش .
          شىركىتىمىز تۆۋەندىكىدەك ئۈچ بۆلەكتىن تۈزىلىدۇ .
          بىرنجىسى : ئىشلەپچىقىرش.
          ئىشلەپچىقرىش يەنە ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ : تەتقىق قىلىش ، ئۆستۈرۈش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش . نۆۋەتتە بىزنىڭ تۆت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىمىز بار ، ئۇلار شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىغا پىششقلاپ ئىشلەش ئىلپ بارىدۇ . پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدۇ .
          ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە مىللىي يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنى قېزىپ چىقىپ . ياڭاق مىغىزى ، بادام مىغىزى ، ئۈرۈك مىغىزى ۋە نوقۇت قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تاللاپ ، كىشىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئوزۇقلۇق تەلەپلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بويىچە ئوخشاش بولمىغان ياشلىقلارغا ماس كىلىدىغان 160 خىلدىن ئارتۇق «ئارمان» مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقاردى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئوزۇقلۇق ساقلىقنى ساقلاش يېمەكلىكدىن 28 خىلى بار بولۇپ ، بۇلارنىڭ 12 خىلى «جوڭگۇنىڭ يىشىل يىمەكلىكى» دىگەن نامغا ئىرىشتى . تۈرلۈك قەنت – گېزەك مەھسۇلاتلىرى 17 تۈرلۈك ، مېۋە مۇراببا مەھسۇلاتلىرى 8 تۈرلۈك ، ساقلىقنى ساقلاش ھەسىلى تۈرىدىكىلەر 3 تۈرلۈك ، ئاقماي مەھسۇلاتلىرى 3 تۈرلۈك ، تورت – پىچىنە ۋە غەرىپچە پىرەنىڭ تۈرلىرى يۈز خىلغا يىقىن ، تەييار چۆپ ، توڭلىتىلغان يىمەكلىك ، تۇزلانغان يىمەكلىك ، سوغۇق سەي تۈرلىرى 50 خىلدىن ئارتۇق بولۇپ . جوڭخۇا مىللەتلىرى تىببى جەميىئىتى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان مەھسۇلات بولدى .
          بىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىمىز تۈر ، سورىت ، سۈپەت ۋە باھا قاتارلىق جەھەتلەردىن ئارماننىڭ ئەۋزەللىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ . بىزنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر ، جوڭگۇ ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتىتى بىلەن مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرش ئۆلچىمىگە يەتكەن ،ھەمدە دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتىتى ۋە دۆلەتلىك خەلىق ئىشلىرى كومىتىتى مۇسۇلمانچە ئىشلەپچىقىرىش ئىسپاتىنى ، ئۆلچەملەشتۈرۈش كومىتىتى ئارمان شىركىتىدە تەسىس قىلدى . بۇ جوڭگۇ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقرىش سۈپەت ئۆلچىمىنى ئارمان شىركىتى ئارقىلىق بىكىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . بىز باشلامچى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن ، جوڭگۇ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ساھەسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ جوڭگۇنىڭ مۇسۇلمانچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىنى بىكىتىپ چىقىمىز .
          ئىككىنجى : ئارماننىڭ زەنجىرسىمانلىقى .
         ھازىرغا قەدەر ئارماننىڭ 1100 زەنجىرسىمان تاللا بازىرى بار ، بىزنىڭ پىلانىمىز يىل ئاخىرىغىچە زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىنىڭ سانىنى 1500 گە يەتكۈزۈش . دۆلەتلىك سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ «يىزا – بازار ، قىشلاقلاردا قولايلىق ماگىزىن ، ئىشەنچىلىك ماگىزىن قۇرۇش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ ، بۇ تۈردە مەيلى شىنجاڭنىڭ چوڭ – كىچىك شەھەرلىرى ياكى يىزا – قىشلاقلىرىدا بولسۇن ئارمان تاللا بازارلىرىنى بەرپا قىلىشتا ئۈزلۈكسىز قۇرۇىمىز ، تەرتىپكە سالىمىز ۋە يۈكسەلدۈرىمىز . زەنجىرسىمان ئىگىلىكتە كىڭىيىشتە بىز دۆلەتلىك دائىمي ئىشلار ھەيئەت ئەزالىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئىرىشتۇق . شىنجاڭ زەنجىرسىمان ئىگىلىك ساھەسىدە ئارمان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ .
          ئۈچىنجىسى : ئەشيا ئوبرۇت قىلىش
ئارمان مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسسى جايلىرىغا يەتكۈزۈلگەندىن سىرىت ، يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە جۇجىياڭ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ . بىز ئىزچىل جېجىياڭ يىۋۇ ئۇششاق تاۋارلار بازىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى بازار كارخانىلىرى بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىشىپ كىلىۋاتىمىز .
          ئارماننىڭ ئەشيا ئوبرۇتى ساھەسىنىڭ ئۈچ چوڭ پايدىسى بار .
         1. شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەنبە ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئايلىنىشىنى ھەل قىلىش .
          2. ئىشلەپچىقىرش ئارقلىق ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرۇش .
        3.ئۈنۈملۈك يوللار ۋە تىرمىنال بىلەن مەھسۇلاتلىرىمىزنى يىزا- بازار ، قىشلاقلاردا سېتىش .
         ئارمان شىركىتىنى تېخىمۇ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ئارمان شىركىتى مەخسۇس تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىڭ !
بىكىتىمىزنىڭ ئادىرىسى :www.arman.com.cn ، بۇ تور بېكىتىمىزدە تور ئارقىلىق سودا پائالىيىتى ئىلىپ بارغىلىمۇ بولىدۇ .
يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئارماننىڭ تىجارەت شەكلى .
        ھازىرغا قەدەر ئارمان مېنىڭ ئەڭ چوڭ غەلبەم ، ھەم مېنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولۇمدا مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە مەھسۇلات يارىتالىغانلىقىم . سىلەر ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئىگىلىك تىكلەشكە يۈزلىنىش بولسا كىشىنى ئەيمىندۈرىدىغان ، تەشۋىشكە سالىدىغان مەسېلە ، شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىككە ئۆزەمنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولۇمدىكى نەتېجە ۋە تەسىراتلىرىمنى سۆزلەپ بىرەي .
1990- يىلى 7 – ئايدا مەن شاڭخەي خۇۋادوڭ پىداگوگىكا ئۇنۈېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كىين ، شۇ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومىتىىتىغا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىقا تەقسىم قىلىندىم . تەنھەركەت بىئوخېمىيىسىنى تەتقىق قىلدىم ، ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ ئالتۇن مىدال ئالغان تەنھەركەتچىلىرىنى قوغداش خىزمىتىگە قارىتىلغان ، تەتقىق قىلغان ئاساسلىق ئوبىكتىپ : دورىلار ، ئۇيغاتقۇچى دورىلار ، ھەمدە چارچاشنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر . ئۇ چاغدا، 90 _ يىللاردا مۇئاش يۇقىرى ئەمەس 150 يۈەن ئەتىراپىدا ، ئەينى ۋاقىتتا توي قىلىپ بولغان مەن ، تۇرمۇشقا يۈزلىنىشىم كىرەك ئىدى ، ئۆيۈم ، ئايالىم ۋە باللىرىم ، ئۆينىڭ ئايلىق ئىجارىسى قاتارلىقلار ، ئىقتىسادى جەھەتتە مىنى غايەت زور جاپا مۇشەققەتلەرگە قويدى . ھەر ئايلىق مۇئاشتىن بىر تىيىنمۇ ئاشمايتتى ، ھەتتا ئاي ئاخىرىغا بارغاندا ئوزۇق تۈلۈكمۇ ئۈزۈلۈپ قالاتتى ، مەنمۇ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۈچىكىنى ئۇبدان تېتىغان ، ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ئىزدەش ئىدى . ئەمما ئىچكىرىدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئارقا – ئارقىدىن دېڭىزغا سەكرەپ ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىنىڭ بىر كەسىپلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈپ ، مېنىڭمۇ كۆڭلۈم تەۋرەشكە باشلىدى ، مەنمۇ شۇلاردەك ئۆزەمنىڭ كەسىپىمنى ئىزدىشىم كىرەكمۇ ؟ ئۆزەمنىڭ بىر كەسىي ھاياتىمنى باشلىشىم كىرەكمۇ ؟شۇنىڭ بىلەن 1995 – يىلى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ ئارمان شىركىتىنى قۇرۇشنى قارار قىلدىم . مەن بۇ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا كەسىپ تاللاشتا يۈرەكلىك بولۇشنىڭ كىرەكلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم . دەرۋەقە ئۆزەم ئىگىلىك تىكلەشنى قەتئىي قارار قىلغانكەنمەن ، چوقۇم يۈرەكلىك بىلەن بىرىپ سىناپ بىقىشىم كىرەك ، كەسىپ تاللاشتا ئەڭ مۈشكۈلى بىرنجى قەدەم . ئارمان كەسپىي چەكلىك شىركەت بولغانغا قەدەر ، ئويلاپمۇ باقمىغان ئوڭىشسىزلىقلارغا ئۇچىرىدۇق ،  بۇ ئوڭۇشسىزلىقلار ئىچىدىن مەن بىر قائىدىنى يەكۈنلەپ چىقتىم ، مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتا ئۈچ نوقتىنى چۈشىنىش كىرەك :
          1. بىلىم ئۆزى بايلىق . بىزنىڭ خىيالىمىز ، بىزنىڭ دۇنيا قارىشىمىز ، بىزنىڭ ئادەم بولۇشتىكى پىكىر خىيالىمىز ئىنتايىن موھىم . ئەگەر دۇنيا قارىشى توغرا بولسا ئۇنداقتا ئوي – پىكىرى توغرا بولىدۇ . ئوي پىكىرى توغرا بولسا قايسى خىزمەتنى قىلماڭ ، سىز توغرا قىلالايسىز . ئەگەردە دۇنيا قاراش ، ئىدىيە ، ئادەم بولۇشتىكى ئوي – پىكىر توغرا بولمىسا قىززىقىشىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ توغرا قىلالمايسىز . تەتىجىدە قىلغىنىڭىز قانچە ياخشى بولغانسىرى دۆلەتكە سالغان بۇزغۇنچىلىقىڭىز شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ . شۇڭلاشقا مەن شۇنداق قارايمەن ، مەيلى كەسىپ تاللاشتا بولسۇن ياكى ئىگىلىك تىكلەشتە بولسۇن ئەڭ ئاۋال ياخشى بولغان ئىدىيە ، ئەخلاق – پەزىلەت بولىشى كىرەك .
          2. ئۆزىدە قىززىقش يىتىشتۈرۈش . سىز ئۆزىڭىز ئوقۇغان كەسپىڭىزگە قىززىقامسىز ؟ ھازىر قىلىۋاتقان كەسىپىڭىزگە قىززىقامسىز ؟ قىززىقىش كىشىنىڭ ئىچكى ئىقتىدارىنى قېزىپ چىقالايدۇ . كىشىنىڭ قايناق ھىسىياتىنى ئۇرغۇتىدۇ . ھەربىرىمىزنىڭ روھى قۇۋۋىتىمىز ، ئىقتىدارىمىزنى ئۆزىمىز قىززىققان كەسىپىمىز بىلەن شۇغۇللانغان چىغىمىزدا ئەڭ ياخشى جارى قىدۇرالايمىز . ئۆزىمىزنىڭ رايى يىنىپ كەتكەن ئىشتا بولسا ، ھەر مىنۇت – ھەر سىكونتتىنمۇ يىرىم خۇشاللىق تاپالمايمىز ، ئىشنى ياخشى قىلىش قىلالماسلىقىمىزدىن سۆز ئىچىپمۇ بولالمايمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىمىز ياخشى كۆردىغان خىزمەتنى تاللاش ئەڭ موھىم ھالقا . ئۆزەڭلار تاللاپ ئۈگەنگەن كەسىپلەرگە ئوخشاش ، بەزىلىرى ئۆزەڭلار ياقتۇرۇپ تاللىغان كەسىپلەر ، بەزىلىرى نۇمۇر يىتىشمەي قالغانلىقتىن تەڭشىلىپ توغرا كىلىپ قالغان باشقا بىر كەسىپلەر . بەلكىم تازا ياقتۇرۇپ كەتمەسلىكڭلار مۆمكىن ، ئەمما بۇ موھىم ئەمەس موھىمى ، ئۆز قىززىقىشىنى نۆلدىن باشلاپ يىتىلدۈرۈشتە . ئۆزى قىززىققان خىزمەتنى قىلىغاندا ئۆزىنىڭ ئىچكى ئىتىدارىنى ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە پەيدا قىلغىلى بولىدۇ . ئەگەر سىز مەمورى خىزمەت قىلىمەن دىسىڭىز ، مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىغا قاتناشسىڭىز بولىدۇ . ئەگەردە سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئۆزىڭىزنى سىناپ بىقىش ئويىڭىز بولسا ئۇنىمۇ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ . قەلىبتىكى كۈچ چەكسىز بولىدۇ ، ھىچكىم ئۇنى توسۇپ قالالمايدۇ . ياخشى كۆرگەن كەسىپىنى 24 سائەت قىلسىمۇ قىلغۇسى كىلىدۇ ، ياخشى كۆرمەيدىغان كەسىپنى بىرمىنۇت قىلىشمۇ ناھايىتى تەس . مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ .
          پەقەت 1995_ يىلىغا بارغاندىلا مەن ئاندىن ئۆزەمنىڭ سودا ساھەسىدىكى تەبىئىي تالانتىمنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدىم ، دەرۋەقە ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇنقى خىزمىتىمدىمۇ ياخشى نەتېجىلەرنى ياراتقان ئىدىم .« ئوتتۇرا ۋە ئۇزاققا يۈگىرەش تەنھەركەتچىلىرىنىڭ ھەرىكەت تېزلىكى ، قان ، سۈت كىسلاتاسى ، كاردىئوتاخومېىتىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەتقېقاتى » ماۋۇزۇلۇق ماقالەم لوندۇن دۆلەتلىك بىئو – خېمىيە تەتقىقات جەمىيىئىتىنىڭ تاللىشىغا ، 1994 – يىلى ئىككىنجى نۆۋەتلىك بىيجىڭ خەلىقئارالىق بىئوخېمىيە تەتقىقات يىغىنىنىڭ تاللشىغا ، ھەمدە شىنجاڭ ياش ئالىملار نەتېجىسى 2 _ دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ، ئەمما «يەككە ئىگىلىك تىكلەش» غايەم مىنى قەتئىي ئىستىپا بىرىشكە مەجبۇر قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرى يەنئەن يولىدا 3000 يۋەنگە بىر كىچىكرەك ئۈن – سىن مەركىزى ئاچتىم ، بۇ پەقەت ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىنى قامداش ، قەدىرئەھۋال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىدى . كىيىنچە كۆپ يىللىق تەتقىقاتىمنى بۇنداقلا توختۇتۇپ قويسام بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . كىنيىن ئۆزەمنىڭ مۇشۇ ساھەدىكى ئارتۇقچىلىقىمدىن پايدىلىنىپ ئۆزەمنىڭ ئىگىلىكىمنى بەرپا قىلدىم . شۇنىڭ بىلەن شاڭخەيدىكى بىر قىسىم پرۇففىسسورلارنى تەشكىللەپ بىرلىكتە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۈگۈنكى ئارمان ئوقەتچىلىكى شەكىللەندى . چۈنكى مەن ئۆزەمنىڭ قىززىقىشىنى ياخشى تەتقىق قىلغاچقا %200 لىك زىھىن كۈچ بىلەن سودا قىلدىم . شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى تاللاش كىرەك .
          3.ئۆزىنىڭ قابىلىيەت ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كىرەك . بەزى كىشىلەر ئىقتىدارلىق قابىلىيەتلىك ، بىراق ئىدىيىسى ياخشى ئەمەس ، بۇزغۇنچىلىق كۈچى يۇقىرى . بەزى كىشىلەرنىڭ ئىقتىدار ، قابىلىيەتلىكمۇ ئەمەس، ئەمما ئىدىيىسى ياخشى ، كۆپ يىل خىزمەتتە تاۋلانغان . ھامان بىر كۈنى خىزمەتتە ئۆزنى نۇرلاندۇرىدۇ . سىلەر ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئوخشاش ، ئەگەر ئىقتىدارىڭلار بولسا ئىدىيىنى تۇزەتسىلا ، ئۆزى تاللىغان شىركەتنىڭ تۈرىگە قىززىقسىاڭلارلا ، مانا ھەرقانداق شىركەت مۇشۇنداق خىزمەتچىنى ياقتۇرىدۇ . بۇنداق ئىقتىدارلىق كشىلەرگە ياخشى بولغان تەرەققىيات سەھنىسى ھازىرلاپ بىرىشنى خالايدۇ . بۇنداق ئىقتىساس ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈش كەلگۈسىدىكى شىركەت رەھبەرلىرى ۋە غوللىق كىشىلىرىنى يىتىشتۈرگەنلىك .
          ئەمىلىيەتتە جەمىئىيەتتە داۋاملىق ۋايساپلا يۈرىيدىغان كىشىلەر «ياخشى شىركەتنى تاپماق تەس . ماشىنا ھەيدىيەلەيدىغان ، مۇئاش تەمىناتى يۇقىرى ، ئۆي تەقسىم قىلىپ بىرىدىغان ئورۇن ياخشى ئورۇن »دەيدۇ ، مانا بۇنداق قاراش خاتا قاراش . ئۆز قىززىقىشى بويىچە ئاددى بىر كارخانىنى تىپىپ ، ئۈزلۈكسىز ئۈگىنىپ ، يىڭىلىق يارىتىپ ، ئادەتتىكى كارخانىنى ئىنتايىن ياخشى تەرەققىيات يۆنلىنىشىگە ئىلىپ بارالىسا ، مانا بۈ ھەقىقي ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىش . ئەمما بۇ خىل قىممەت يۇشۇرۇن بولىدۇ . شۇڭلاشقا بىزنىڭ ئالى مەتەپتە ئۈگەنگەن نۇرغۇن بىلىمىلىرىمىزنىڭ خىزمەتكە چىققان چىغىمىزدا پايدىسى بولىدۇ .
          خىزمەت سىزگە نىسبەتەن ناھايىتى يات ، لىكىن بۇنىڭدىن سىز قورقۇپ كەتمەڭ ! دادىللقى بىلەن بىرىپ سىناپ بىقىڭ . ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ زور ئىقتىدارىڭىزنى نامايەن قىلىڭ . مەسىلەن : خەلىقئاراغا تونۇشلۇق بولغان ماركا ADIDASنىڭ كارخانا ئېلان سۆزى «impossible nothing، مۆمكىن بولمايدىغان ئىش يوق» كارخانىغا يۈزلەنگەن ياكى قىيىنچىلىققا يۈزلەنگەن چاغدا بىزمۇ شۇنداق بولىشىمىز كىرەك ، بىزنىڭ نەزىرىمىزدە قىيىنچىلىق دىگەن بايلىق . ئۆز تەقدىرىنى باشقىلاردىن كۆرۈشكە بولمايدۇ . ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن ئاغرىنىش ، ئۆز ئۆزىدىن ئالداش . ھەممە نەتېجىلەر ئۆزمىزنىڭ قوش قولىمىز بىلەن بەرپا قىلالايمىز . يەنە بىر ADIDASبىلەن تەڭ رىقابەتلىشىدىغان NIKE شىركىتىنىڭ ئېلان شۇئارى بولسا ، «just do it، ھازىردىن باشلاپ ھەرىكەتكە كىلىش » سىرىتنىڭ كۈچىگە تايانماسلىق . ئۆزى تەرەققىيات يولىنى تىپىپ مىڭىش ، ئۆز نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىپ تېخىمۇ كۆپ يوللارنى تاللاش ، بۇلار ھەردائىم بىزنى ئەسكەرتىپ تۇرغاندىلا ، بىز ياخشى بولغان پىسخىك تەييارلىقىنى ساقلاپ قالالايمىز ، دائىملا ئاتا – ئانىمىزغا ، ساۋاقداشلىرىمىزغا ، ئوقۇتقۇچىلارغا ، ئۆيدىكىلەرگە تايانمايمىز . دەرۋەقە مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاتلاپ چىقساقلا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ . ھەر بىر قىيىنچىلىقنى يىڭىش كىرەك . نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار توپلىنىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە مۇشۇنچىلىك قىينچىلىقلارنى يەڭگەندىن كىيىن ، ئۆز قەدىر قىممىتىڭىز ئۆزىڭىز بىلمىگەن ئاساستا ئۈزلىكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ . ئىقتىدارىڭىزمۇ ئۈزلىكسىز ئۆسۈپ بارىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنچىلىق بايلىق دەيمىز . شۇنىڭ ئۈچۈن نەدە قىيىنچىلىق بولسا شۇ يەرگە بىرىش ، قىيىنچىلىقنى بايلىق دەپ بىلىش كىرەك . ئۆزى ياخشى كۆرگەن كەسىپنى قىلغاندا ، پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سالغاندا ئۇنداقتا غەلبە يىراقتا ئەمەس . ئاددىنى، ئاددى ئەمەس قىلالىغان ئادەمنى ئاددى ئادەم ئەمەس دەيمىز . ئادەتتىكى ئىشنى قالتىس قىلغان ئادەمنى قالتىس ئادەم دەيمىز . ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە خەلىقئارالىق مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ، باشقۇرۇش سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈش ، ئىقتىدارىمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ، مەن يەنە ئالي مەكتەپكە كىرىپ ئۈزلىكسىز ئۈگەندىم . EMBAئۈگەندىم . چۈنكى بىلىم ۋە ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەن ئەينى چاغدا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئۇنى يەڭگەندىن كىىيىن شىركەت بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . كارخاناممۇ ئۈزلىكسىز كىڭەيدى . مەن ئارماننىڭ خەلىقئارالىق بازىرىنى ئىچىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ساۋاقداشلار كىلەچەكتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ، ئەگەر ساۋاقداشلارمۇ ئارمانغا ئوخشاش كارخانا قۇرماقچى بولسا مۇشۇنداق قىيىنچىلىق ، مۈشكۈللەرنى يىڭىشى كىرەك .
          يىقىندا ئايالىم دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى ، ئەمما مەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سودا سانائەت بىرلەشمىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇنۈېرسىتېتىدا مۇشۇ نوتۇقنى سۆزلەشنى ئورۇنلاشتۇرۇغانلىق ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ، ھىچنىمىنى ئويلاشماي ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم ، چۈنكى مەن مۇشۇ ئىگىلىك تىكلەش سەرگۈزەشتىلىرىم .شۇنداقلا ، ئىگىلىك تىكلەش يولۇمنى كۆپچىلىككە يەكۈنلەپ بىرىشنى ئويلىدىم . كۆپچىلىكنىڭ كىينكى ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردىمى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى سىلەرمۇ كەلگۈسىدە ئىگىلىك تىكلەپ ياخشى بىر كارخانىچى بولىسىلەر ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىغا گۈللىنىش ، جەمئىيەتكە مۇقۇملۇق ، مىللەتلەرگە ئىتتىپاقلىق ئىلىپ كىلىسىلەر ، شۇڭلاشقا سىلەر مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىنمۇ موھىم ، ئۆزەمنى نوتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا ئەڭ مۇناسىپ دەپ ھىساپلىدىم .
21-ئەسىردىكى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزدە يىڭىلىق يارىتىش روھى ، تىرىشىپ ئۈگىنىش ، يۈرەكلىك جان تىكىپ ئىلىشىش ، قەدىمىمىمىزنى تىزلىتىپ ، پەن تېخنىكىدا قاناتلىنىپ ، پەن تېخنىكىنىڭ باھارىدا قانات قېقىشىمىز ، جوڭخۋا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى ، دۆلىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ، ھەمدە خەلىقنىڭ بەختى ، ئامانلىقى ئۈچۈن ، بىز يۈرەكلىك ھالدا پۇختىلىق بىلەن يىڭىلىق يارىتايلى ،
كۆپچىلىككە رەھمەت !

 

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

2011.12.19 ئاپتور: باشقۇرغۇچى
خەتكۈچ: ،

يازمىنى ئورتاقلىشىش

RSS Digg Twitter StumbleUpon Delicious Technorati
يازمىغا ھازىرچە باھا يېزىلمىدى!
* * باھا يوللاش * *

تور بېكەت

:wink: :-| :-x :twisted: :) 8-O :( :roll: :-P :oops: :-o :mrgreen: :lol: :idea: :-D :evil: :cry: 8) :arrow: :-? :?: :!:

كېينكى يازما »
« ئالدىنقى يازما
Hex Wind designed by smslåntopplista.se