پەيشەنبە , 4 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئۈچىنچى خىل ئەدەبىيات

       ئومۇملاشتۇرۇپراق ئېيتقاندا، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىنى ئەدەبىيات كۆزقارىشىدىكى پەرق جەھەتتىن ئۈچ مەزگىلگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ھەر بىر مەزگىلدىكى ئەدەبىيات كۆزقارىشى ئەدەبىيات تۈزۈمىگە، ئەدەبىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە، ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا، جۈملىدىن ئاساسىي تېما، ژانىر، سىيۇژىت، ئۇسلۇب ۋە ئىجادىيەت ۋاسىتىسىگە مۇھىم تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلدى. بىرىنچى مەزگىلنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن باشلاپ ھېسابلىساق، بۇ مەزگىلدە ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە تەكىتلىنىپ، ئەدەبىيات ھەمىشە سىياسىي نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىندى، بۇنداق قاراش تاكى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىدىيەنى ئازاد قىلىشنىڭ ھارپىسىغىچە داۋاملاشتى. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن، ئەدەبىيات ئىدىيەمىز سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇزاق مەزگىل ئۇچرىدى، ئىككىنچىدىن، ئۇ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىدىيەسىنىڭ داۋاملىشىشىدىن بولدى. 1949-يىلىدىن ئىلگىرى، بىز ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈردۇق. بۇ مەزگىلدە ھەممە ئۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مەركىزىي ۋەزىپىگە بويسۇندى، ئىدېئولوگىيە ساھەسىمۇ بۇ مەركىزىي ۋەزىپە بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىياتنى ئىنچىكە كۆزەتسەك، نۇرغۇن پەرقلەرنى بايقايمىز. مەسىلەن، ئازادلىقتىن 1966-يىلىغىچە بولغان 17 يىللىق ئەدەبىيات بىلەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى ئەدبىياتنى سېلىشتۇرساق، ئۇلار نۇرغۇن جەھەتلەردە بىر-بىرىگە قارمۇ قارشى. لېكىن، ئۇلار ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاش. مانا مۇشۇنداق ئەدەبىيات كۆزقارىشىنىڭ تەسىرىدە ئەدەبىياتنىڭ رولى مۇبالىغىلەشتۈرۈۋېتىلدى. ئەدەبىياتقا ھەممە جەھەتتىن سىياسىي نۇقتىدىن ھۆكۈم قىلىندى. ھەتتا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە مەلۇم ئۇسلۇب بەلگىلەپ بېرىش (ئىنقىلابىي رېئالىزم بىلەن ئىنقىلابىي رومانتىزمنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش) تەشەببۇس قىلىندى. بىر قىسىم ئەسەرلەردە ئىجابىي-سەلبىيلىك سۇژىت تەرىپىدىن باشلىنىشىدىلا بېكىتىلىپ، پېرسوناژلارنى يارىتىشمۇ سىياسىي نۇقتىدىن مۇھاكىمە قىلىنىپ، ئەسەردە ئوخشاشمىغان پېرسوناژلارنى يارىتىش تەنقىدكە ئۇچرىدى.

      ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، يېڭىچە ئەدەبىيات قاراشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن، ئەدەبىياتنى ئۆزىگە قايتۇرۇش، ئەدەبىيات ئۆزىگە يۈزلىنىش قاتارلىقلار. بولۇپمۇ غەرب ئەدەبىيات نەزەرىيەلىرىنىڭ كۆپلەپ سىڭىپ كىرىشى ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات كۆزقارىشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. ئەدەبىيات بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتى قايتىدىن چۈشەندۈرۈلدى. ئەدەبىياتنىڭ سۇژىتى، باش تېمىسى، ئۇسلۇبى، ئىجادىيەت ئۇسۇلى يېڭىلاندى. ئەدەبىياتنىڭ ئالاھىدىلىكى، نىسپىي مۇستەقىللىقى تەكىتلەندى. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاۋانگارتلار ئەدەبىياتى بارلىققا كېلىپ، ئەدەبىيات كۆزقارىشىنىڭ يېڭىلىنىشىنى تېزلەتتى. ئەدەبىياتتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل تاشقى دۇنيا بولماستىن، بەلكى ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىدىكى «ئەدەبىيلىكى»دە بولىدىغان بولدى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات شەخسىلەر ئەدەبىياتى بولدى. كىتابخانلار بىلەن يازغۇچىلار باراۋەر ئورۇنغا ئىگە بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئەدىب بارلىق نىيەت مەقسىتىنى ئىجادىيەتتە ئۇسلۇپ يارىتىشقا قاراتتى. بۇ ئىككىنچى خىل ئەدەبىيات بولدى.

     ھازىرقى ئەدەبىيات ئۈچىنچى مەزگىلدىكى ئەدەبىياتقا تەۋە. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، ئىدىيەنى ئازاد قىلىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشكە ئەگىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشنى ئاساس قىلىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مۇشۇ مەزگىلدە مۇھەببەتكە ۋە جانبازلىققا دائىر رومانلار شياڭگاڭ ۋە تەيۋەندىن ئىچكىرىدىكى جايلارغا كىرىپ، جىن يوڭ، گۇ لوڭ، لياڭ يۈشېڭ، چيوڭ ياڭ، يى شۇ قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە كىتابخانلار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، مۇشۇ ژانىردىكى ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئىقتىساد بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇ تاۋارغا ئايلاندى، ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن نىسپىي ھالدا ئىشلەپچىقىرىشقا ئايلىنىپ، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشمۇ ئىستېمالغا ئايلاندى. ئەسلىدىكى ئەدەبىياتنىڭ نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىرى ئىقتىسادىي ئىلىم نۇقتىسىدىن يېڭىباشتىن رەتلەندى ۋە ئىزاھلاندى. بۇ مەزگىلدىكى ئەدەبىيات يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى خىل ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇ ئىقتىساد ئەدەبىياتى، بازار ئەدەبىياتى ۋە ئىستېمال ئەدەبىياتى دېيىلدى.

    بازار ئەدەبىياتى پىلانلىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت بولۇپ، ئۇنىڭدا بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش تەكىتلىنىدۇ، ئىستېمال ئىمكانىيىتى مۆلچەرلىنىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىجاد قىلىنىپلا قالماي، يەنە ياساپ چىقىلىدۇ. ئىجاد قىلىش ۋە ياسىلىش ماھىيەت ۋە شەكىل جەھەتتىن ئاسمان – زېمىن پەرق قىلىدۇ. بىرىنچىسىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمىغان بىلەن، ئىككىنچىسىنى ئىسخېما بويىچە ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ؛ بىرىنچىسى شەخسنىڭ ھەرىكىتى بولسا، ئىككىنچىسىدە لايىھەلەش ۋە ياساش ئايرىۋېتىلىدۇ، ھەتتا كۆپ ئادەم بىرلىشىپ زاكاز قوبۇل قىلىپ ئىشلەپچىقارسا بولىدۇ.

    بازار ئەدەبىياتى بىر خىل پۇرسەت ئەدەبىياتى. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەممە ئادەمگە پۇرسەت بار، مائارىپ سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر ئادەمدە يېزىقچىلىق ئىقتىدارى نىسپىي يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بازار ئەدەبىياتى − بىر خىل تارقاتقۇلار(ئاخبارات ۋاسىتىلىرى) ئەدەبىياتى. ئىلگىرىكى ھېچقانداق بىر دەۋردە ئۇچۇر ۋە تارقىتىشقا بۈگۈنكىدەك ئەھمىيەت بېرىلگەن ئەمەس. ئىلگىرى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تارقىلىشى نىسپىي بىر خىل بولغان بولسا، بۈگۈنگە كەلگەندە، گېزىت-ژۇرنال، تور، تېلېۋىزور، رادىيو، يان تېلېفون… تارقىتىشتىكى غايەت زور بوشلۇققا ئايلاندى، ئەدەبىيات بىلەن بازار جىپسىلاشقاندىن كېيىن، تارقىتىش ۋاسىتىسىنى تاللاش ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۈچلۈك رىقابەت پەيدا قىلدى، رىقابەتلىشىش پىرىنسىپى مەنپەئەت ۋە مىقداردىن ئىبارەت ئىككىلا تەرەپتە ئىپادىلەندى. تارقاتقۇلار ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇت بولۇش بوشلۇقىنى ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، يەنە ئەدەبىيات كۆزقارىشى، مەزمۇنى ۋە شەكلىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، بىر قىسىم يېڭى ئەدەبىيات ژانىرلىرى، مەسىلەن، تور ئەدەبىياتى، يان تېلېفون ھېكايىلىرى قاتارلىقلارمۇ ھەرخىل تارقاتقۇلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ۋۇجۇدقا كەلدى.

    مانا بۇ ئۈچىنچى خىل ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇ تېخى ھازىرغا قەدەر مۇكەممەللىشىپ بولالمىغان ئەدەبىياتتۇر. 

مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

 

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top