چارشەنبە , 3 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئانا ، بولدىلا سېنىلا يازاي

 

  

ئانا بولدىلا سىنىلا يازاي، مەن كۈيلىگەن يارلار، ماڭا چىن ئەقىدە بەردىم دەپ خۇشھاللىقىمغا ھەمشىرىك بولغان يارلار مەن يالغۇزلۇققا مەھكۈم بولۇپ قالغاندا مىنى ئىزدەپمۇ قويۇشمىدى. سەنچۇ ئانا، ياراتقۇچى مىنى ئۆز ئىرادىسى بىلەن ئاپىرىدە قىلغان ئەشۇ كۈندىن تارتىپ سەن ماڭا يولداش، سەن ماڭا مۇڭداش بولۇپ كەلدىڭ ! ئەمما مەن بىلىمەن ، مۇشۇ ۋاقىتقا كەلگىچە ساڭا ئاتاپ بىرەر قەسىدە يىزىپ باقماپتىمەن. سىنىڭدەك بىر دۇنيانىڭ قەھرىمانىنى ، يەر شارىنىڭ ئانىسىنى يازماي كىمنى يازغۇلۇق؟! سۆيگەن يارىدىن ئايرىلىپ ھەسرەت تۇمانلىرىدا قالغان ئەشۇ كىشىلەرنى ئۇچراتقىنىمدا بولار ئۆز قەدىردان كىشىسىنى ئۇنتۇپ قالغاچقا ياراتقۇچى ئۇلارنى جۇدالىق ئازابى بىلەن سىناۋاتامدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن ، ئانا!
مەيلى مەن سەرگەردان بولاي، مەيلى مەن پادىشاھ بولاي ، سەن يارالمىشتىن تارتىپ ئۆز بالىلىرىڭنى چەكسىز سۆيگۈ بىلەن باغاشلاپ كىلىۋاتىسەن. دۇنيا ئەر دەپ يىغلىسا مەيلى ئانا، مەن سىنى دەپ يىغلايمەن. باشقىلار يار دەپ يىغلىسا مەيلى مەن سىنى دەپ يىغلايمەن…
   چۇنكى ئانىنى قۇتقۇزماي تۇرۇپ ، دۇنيانى قانداقمۇ قۇتقازغىلى بولسۇن؟ خەلق ئەڭ ئېغىر كۈنلەرگە قالغاندىمۇ سەن چىقىپ قىز-ئوغوللىرىڭغا مەدەت تىلەيسەن،مەن بىلىمەن ئانا ، ئوقۇپ شۇنى چۇشەندىمىكى پىداكار ئانىلىرى بار مىللەت مەڭگۈ مەڭگۈ مۇنقەرز بولۇپ قالمايدۇ. بىراق سەن ئۆز مۇھەببىتىڭنى چەكسىز بىغىشلايسەن، ھىچكىمدىن ھىچنىمە تەلەپ قىلمايسەن . شۇڭا ساڭا ئاتاپ ھىچكىم شېئىر يازمىسىمۇ، سىنى ھىچكىم مەدھىيلىمىسىمۇ سەن مۇھاببىتىڭنى شەرتسىز بىغىشلايسەن. چۈنكى مۇھەببەت ئەزەلدىن ھىچنىمە تەلەپ قىلمايدۇ….
   ئانا، بولدى سىنىلا يازاي، ھاياتلىقتا ياراتقۇچىدىن قالسىلا مەدھىيىگە ئەڭ لايىق ئىنسان پەقەتلا سەن، پەقەتلا سەن……..

 

مەنبە: نۇرلۇق تور خاتىرىسىدىن

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top