چارشەنبە , 3 ئاپرېل 2013
تەلەيلىك يازمىلار

ئانا ‹داستان›

ئانا (داستان)

داستان

ئابدۇلباسىت ئابدۇراھمان

1

ئانا جەنۇبتىكى يىراق يېزىغا

بويۇن قىسىپ بارغاندا خېتىم,
پىشىۋاتقان يوبداننى قويۇپ
ئالغانسە ھە!
توپا چىراي پوچتالىيوندىن.
ئانا,
ھېلىھەم ئىسىمدە،
مېنى يۈدۈپ جىگدىلىكلەردە،
ئوتۇن تېرەتتىڭ.
يۈرەككە ئوخشاش قىزىل چوغ ئىچىدە،
ماڭا كۆمەچ كۆمۈپ بېرەتتىڭ.
قەدىرلىك ئانا،
سېغىنسام سېنى،
خەت يازىمەن يىرتىق قەلبىمگە.
ياشىنىپ قالدىڭ،
ئۆيدە دەم ئالغىن،
كۆپ ئويلىما شائىر ئوغلۇڭنى،
گەرچە شېئىرغا نان كەلمىسىمۇ،
تەقدىرىمگە كۆپ دۇئا قىلغىن.

ئانا،
بىرتىق چاپان, كىرلاش رومىلىڭ،
يېرىق تاپان،قوتۇر قوللىرىڭ.
دېمىدىغۇ ئاغرىق دۇنياغا،
قاپاقتىكى ئاشقان سۇلىرىڭ.
ئاھ! بىچارىمەن،
قىيامەتتەك سەھرادا قالدىڭ.
ئىچىمدە بىر دەردلىك ئاچچىق بار:
تەلمۈرگەندە بىچارە خېتىم،
بىلەلمەيسەن بۇقۇلدىشىنى،
تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىڭگە سۈرتۈپ،
ئەسلىگەنسەن ساددا تارىخنى،
سېيىت نوچىنى،
ھەمدە ئۇنىڭ ھالاكىتىنى،
ئاھ! نادانلىق ئاھ! ساۋاتسىزلىق.
تۈن قوينىغا يېزىقلىق خېتىم.
شۇ تاپتا،
ئوما ئورۇپ چارچاپ كەتكەنسەن،
ئىسسىقتا ھەم چاڭقاپ كەتكەنسەن.
سۇ بېرەتتىم
يېنىڭدا بولسام،
ئوما ئورۇپ بېرەتتىم يەنە،
قەلەم تۇتقان قوللىرىم بىلەن.

ئانا،
توقۇمى ھەم لىڭگىلچىقى بار
ئېشىكىمىز ھازىرمۇ بارمۇ؟
توقۇنىقى، ئاغامچىسى بار
يارىيار ھارۋا ھازىرمۇ بارمۇ؟ّّ!
چا قۇيرۇقلىق ئۇرۇق ئۈكۆزنىڭ-
ئۆلىشىگە سەۋەپچى بولغان
قاراڭغۇ ھەم زەي جۇۋازخانا
ھېلىھەم بارمۇ؟
بۇۋام ئۆلۇپ كېتىش بىلەن تەڭ
توختاپ قالغان غىچىرلىشىمۇ.
ئاھ قەدىرلىك جانىجان ئانا،
ئۇغۇ
مەسچىت ئەمەس،چىركاۋمۇ ئەمەس،
خانقا ئەمەس يا تۈنەك خانا،
ۋە ياكى بىر تەجرىبخانا.
بۇ يۇرتتىغۇ يوق موزېيخانا،
ئۇ پەقەتلا بىر جۇۋازخانا.
قاراڭغۇلۇق بەخشەندە ئاڭا.
ياغ پۇرايدۇ ئەرۋاھلار ئۇندىن،
ئۆمۈچۈكلەر سايلام ئۆتكۈزەر.
ئۇنىڭ كىچىك توڭلۇكچىسىدىن
كۆرىنىدۇ تارىم غۇۋا.
<<ئوھ>> دەۋالغىن بىچارە ئانا،
ھېرىپ كەتتىڭ ئېغىر ئەمگەكتىن.

3

ئانا،
تېلىفۇن قىلسام يىراق شەھەردىن،
ئۇلانمايدۇ بىزنىڭ سەھراغا.
ئۇماچ چالغۇچ تۇتقان قولۇڭدا
تىڭشىغۇچنى تۇتالمايسەن،
ئەبجەخ خەتتىن باشقىسى بىكار،
لىپاپىدەك يېپىق سەھراغا.
نۇر دەۋرىدە جانىجان ئانا،
جىنچىراق بار مورا بېشىدا.
يىراق كۆلدىن سەھرا قىزلىرى
شۇ توشۇيدۇ يۈدۈپ قاپاقتا.
ئانا، سەنمۇ ياشلىق چېغىڭنى
ئۆتكۈزەتتىڭ
مۇشۇ سىياقتا.
پۈتكۈل دۇنيا باردۇر قاپاقتا.
ياكى دۇنيا ئاشۇ بىر قاپاق.
پۇراق چاچار بىزنىڭ سېسىق كۆل،
پاقىلارنىڭ كەڭرى دۇنياسى.

*
*
*
*

ياماق بولماس كونا رومىلىڭ،
كالىچىڭدەك يىرتىق قەلبىمگە.
جۇل كۆڭلىكىنىڭ كەبى نامراتلىق
دەرد قوشىدۇ ھەسرەتلىرىمگە.
*
*
*
*

ئانا،
سەن بىلىسەن،
بىزنىڭ سەھراغا
راغرا ناندەك مىسكىن قوياشنىڭ
چېچىلىدۇ سېرىقتال نۇرى،
كىسەلمەندەك دۈمچەك دالىغا.
دالىدىكى ئىشتانسىز بالا،
يۈدۈۋېلىپ يوغان زاغرىنى،
پادا ھەيدەر يىراق جاڭگالغا.
ئاشۇ جاڭگالدا
ئاق جۇۋىلىق خىزىرمۇ بارمىش،
غايىپ بولغان شەھەرمۇ بارمىش،
بەكمۇ يىرتقۇچ ئېيىقمۇ بارمىش،
دۆۋە- دۆۋە قۇملۇقلار ئارا،
بۇرۇنلاردا
بەكمۇ قانلىق جەڭلەر بولغانمىش،
مۇمام شۇنداق
دەپ بەرگەن ماڭا.

4

بەكمۇ ئىچىم ئاغرىيدۇ ساڭا،
كۆزلىرىمدىن يىغا تارايدۇ…

*
*
*

ئىۋرىق بىلەن تاھارەت ئالساڭ،
پاكلىنىدۇ بىزنىڭ قەلبىمىز،
پاكلىنىدۇ پۈتكۈل سەھرا
پاكلىنىدۇ پۈتكۈل يەر شارى،
خۇددى مەككىدەك.
يەتتە قېتىم يۈدۈپ بارارمەن،
سېنى ئاشۇ يىراق مەككىگە،
تارتقان شۇ جاپالىرىڭغا.
مەككە-
دەرەخسىز ماكان،
لەيلەپ يۈرەر نېفىت ئۈستىدە.
بىزنىڭ سەھرا ئوخشىماس ئاڭا،
بەكمۇ ئىللىق بۇ تەكلىماكان.

*
*
*

ئانا،
بىزنىڭ سەھرادا
تىنچ ئوكياندەك يوغان دېڭىز يوق.
نىل دەرياسى كېلەلمەس ئېقىپ.
پەقەت كىچىك بىرلا ئۆستەڭ بار،
مەختۇمسۇلا چېچىنى تارىغان.
جاڭگالمۇ بار بەكمۇ بىپايان،
چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋ ئوۋلايدىغان.
يەتتە باشلىق يالماۋۇزمۇ بار،
مەختۇمسۇلانى بولاپ ئېلىپ قاچقان،
تاپىنىدىن قان شۇرايدىغان.
جاڭگالدىكى قۇمۇشلۇقلاردا
نۇزۇگۇمنىڭ ئاياغ ئىزى بار.

*
*
*

ئانا،
غۇربەتچىلىك بۇندا ھۆكۈمىران،
قوناق يېرىپ ياغۇنچىقىڭدا،
كۆك چامغۇرنى قولاقلاپ سېلىپ،
ئېتىپ بىرەتتىڭ ياما ئاش بىزگە.
قۇيۇپ بېرەتتىڭ ئۆپكە ھېسىپمۇ،
يەيتتۇق بىز كېكىرىپ تۇرۇپ،
ھېيىت بولغاندەك خۇشاللىق بىلەن.

5

ئانا،
چەكتىڭ رىيازەت،
بۈبى مەريەمدەك.
بولالمىدى بۇ شائىر ئوغلۇڭ،
ئەيسادەك.
كرېستمۇ يوق قۇملۇقتا،
مەن مىخلانغۇدەك،
كۆپ يىللار مابەينىدە
قىلىپ كەلدىم شائىر تىلاۋەت،
بۇقۇسىنىڭ دوقمال تىغىدەك.
ئەيسا قاچتى سۈزۈك ئاسمانغا،
مەن قاچايمۇ تەكلىماكانغا.
شۇندا يەنە
قوغلاپ بارسا رودىپاي شېئىرلار،
تۇتۇپ قويار مېنى نامراتلىق.
مەن ياتارمەن چاكىلدىتىپ ئاغزىمنى،
يۇنۇسنى يۇتقان يوغان بېلىقتەك.
دەشت چۆلدە سەكراتتا ياتسام،
يۈدۈپ كېلىپ بىر كوزا سۇنى.
تىمتامسەن چاك- چاك ئاغزىمغا،
ئاشۇ پۇچۇق نوگىيىڭ بىلەن.
قان – ياش يىغلايسەن،
ياقاڭنى يىرتىپ،
ئەگەر مەن ئۆلۈپ ئارماندا كەتسەم.
ئېڭكىنىمنى قاتارسەن بەلكىم،
ئۆڭۈپ كەتكەن ئاق رومىلىڭدا.
يۇمدۇرارسەن كۆزۈمنى بەلكىم،
ئاشۇ يىرىك ئىشچان قولۇڭدا.
پەرياد ئوروپ سەنلا يىغلايسەن.
يىغلىمايدۇ بىۋاپا دۇنيا.
ئاران باققان چۈنكى سەن مېنى،
بۇلىماق ئېتىپ تېرىق ئۇنىدا.
ئۆزەڭ يىگەن قورۇپ كىپەكنى،
ماڭا چاي بېرىپ زاغرا نېنىدا.
قالاپ قومۇش، پاخال كېپەكنى.
يىغلىما ئانا،
ھايات مەن تېخى،
ئەيسامۇ ھايات بارمىش ئاسماندا
مەنمۇ ھايات تەكلىماكاندا.

6

ئانا
ئەللەي ناخشاڭدا
تەسۋىرلىنىدۇ.
خارابى يىپەك يولىنىڭ،
مىڭ ئۆينىڭ،
قوچۇنىڭ،
قارا خانىيلارنىڭ،
يىپەك يولى،
بەكمۇ ئۇزۇن يول،
خۇددى بىزنىڭ تارىخىمىزدەك.
جىرىڭلىغان مۇشۇ يولدا،
بۇغرالارنىڭ قوڭغۇراقلىرى.
تارقاتقانتى يىراق – يىراققا،
مەدەنىيەتنىڭ جەۋھەرلىرىنى.
ئەمدىلىكتە،
ئاھ! جېنىم ئانا،
مۇشۇ يولدا ھەيدەپ كېلىسەن،
كالا قېتىلغان يارىيار ھارۋىنى،
كۆك يانتاق بېسىپ.
ئانا،
ئېيتىپ بېرەتتىڭ،
باغدات ھەققىدە،
<مىڭ بىر كېچە > چۆچەكلىرىدىن.
تىڭشار ئىدى گۈدەك شائىرىڭ،
ئاق سۈتۈڭنىڭ لەززىتى كەبى.
باغدات،
چۆچەكتىكى گۈزەل بىر شەھەر.
داۋامى بار غەمكىن چۆچەكنىڭ،
تۈگىتەلمەي كەتكەن شەھرىزاد،
ئەمدىلىكتە،
باغداتتىكى چۆچەكچى موماي،
چۆچەك ئېيتار يېڭىدىن يېڭى،
يېزىپ قويدى بىر نەچچە توپلام.
ئۇرۇش بىلەن پارس قولتۇقى،
قاغجىرايدۇ سۇسىز كەر بالا.
زەر قاقشايدۇ بالىسىز ئانا.
يۈگۈرەيدۇ ئۇياق بۇياققا،
يېتىم قالغان نەچچە مىڭ بالا،
باغداتتىكى كاتتا باشلارنىڭ

چۆچەك بىلەن خۇشى يوق بەلكىم.
قان ياش يىغلاپ چۆچەكچى موماي،
ئىزدەپ يۈرەر ھەسەن- ھۆسەندەك-
غايىپ بولغان باللىرىنى،
چۆچەكتىكى گۈزەل باغداتنى،
ئىس – تۈتەكتە قالغان زېمىندىن،
ئېھ! قايدىسەن ئىنسانپەرۋەرلىك،
بولۇپ كەتتىغۇ دۇنيا بىۋاپا.
باغدات،
بۇرۇخ ئىسى قاپلىغان زېمىن،
سۆزلەپ بەرگىن تىنچلىق ھەققىدە،
قايتالمايسەن ئەمدى چۆچەككە.

*
*
*
ئانا
بەكمۇ چىگىش
بۇ قەلبىم مېنىڭ،
كرىزىستەك ئوتتۇرا شەرقنىڭ،
پەلەستىنلىك بىر بەڭباش يىگىت،
ئانىسىنى يالغۇز قالدۇرۇپ،
ئۇرۇشقا بېرىپ
ئۆلۇپ كېتىپتۇ،
نېمىدىگەن تاش يۈرەك ئۇ هة،
يىغلىغاندۇ غېرىپ ئانىسى،
ئۆلۈپ كەتسە يۇرەك پارىسى.
مىڭلاپ ئانا قان ياش يىغلىشار،
ئۆلۈپ كەتكەن باللىرىغا،
ئۇرۇش دېگەن شۇنداق دەھشەتلىك.

*
*
*

ئانا
ئانا ئۈچۈن ۋەتەن بىر بالا،
بالا ئۈچۈن ۋەتەن بىر ئانا،
شۇڭا دەيمىز تىنچلىق ياخشى.
ھەر كىشىنىڭ ۋەتىنى بولسا،
ئۇنى شۇنداق قۇچاغلاپ سۆيسە،
ئەنە شۇدۇر تىنچلىق دېگەن،
ئەنە شۇدۇر قۇربان بېرىش ھەم،
ئەنە شۇدۇر ۋىجدان دېگەن،
شۇدۇر يەنە ۋەتەن ئوغلانى.
ۋەتەن،
ئانا سېنىڭ ياخشى غەمخانىڭ،
ۋەتەن بىلەن تەندە دەرمانىڭ،
مەن سېنىڭكى ئوماق ۋەتىنىڭ،
مەن ئوخشايمەن
چۆچىكىڭگە ئۇيغۇرنىڭ،
سەن ئىزدەيسەن چۆچەكلىرىڭدىن،
ماڭا ئوخشاش ئوماق ۋەتەننى.
ۋەتەن،
كىرپىكىڭدە تۈنەيدۇ،
قۇش چۇجىسىىدەك.

8

ئانا،
ناماز شامنى ئوقۇپ بولۇپلا،
چىڭ تاقىغىن ئىشىكلىرىڭنى،
يوغان دەم بىلەن.
ھۇشيار بولغىن قوتانلىرىڭغا،
ئېشەك ھارۋا، توقۇملىرىڭغا،
پالتا،كەكە،ئوتۇنلىرىڭغا،
ئۆشكە، ئوغلاق، پاخلانىلىرىڭغا.
بىزنىڭ يۇرتتا يوقتۇر ئوغرىلىق،
بىراق يامان ئاشۇ يوقسۇزلۇق.
ئەگەر بىرەر دېلو يۈز بەرسە،
ساقچى كېلەر بەكمۇ كېچىكىپ.
<توۋا> دەيلى،
ئاھ! يوقسۇزلۇق كۆمەچ نان كەبىي،
يۇرىكىمنى پۇچىلاپ قويدى.
ئاغرىپ قېلىش بەكمۇ خەتەرلىك،
يېقىن جاندا شىپاخانا يوق،
پەقەت بىرلا كونا داخان بار,
دۈس قاچىسى بەكمۇ كۆپ،
داۋالايدۇ دىئاگنوزسىز،
رېتسىپى يوق دورىلار بىلەن.

*
*
*

ئانا،
تەكلىماكان-
بەكمۇ يىراق ئىگىز بىنادىن،
بەكمۇ يىراق شەھەرلىكلەردىن.
ئەگىپ يۈرەر قاتمال نامراتلىق،
شادلىقى يوق توپىلىق بازاردىن.
تېلېۋىزوردىن كۆرۈنمەس ئەسلا،
لەڭپۇڭچنىڭ ئەبجەق ھارۋىسى،
توقسەن ياشلىق دوڭغاق مۇماينىڭ،
جىگدە شېخىدا ئەتكەن ھاسىسى.
يۈزلىرىگە ئىس ئورناپ كەتكەن
كاۋابچىنىڭ چار قىراشلىرى،
غىرىبانە پۇلسىز بازاردا،
دۆۋىلىنىپ سېتىلار ئادەم،
خۇپىيانە سېتىلار ئىمان.
خېرىدارسىز ساۋاتسىز باققال
باج ھەققىگە پۇل تاپالمىسا،
قىلىنىدۇ مېلى مۇسادىر.
خىلۋەتتىكى ياماقچى بوۋاي،
چەم سالىدۇ كونا ئۆتۈككە،
يارىمايدۇ فۇتۇ سۈرەتكە.
بۇياقلارغا كەلمەيدۇ ھېچبىر،
پوپكىسىدا راست – يالغىنى بار،
بەك سىپايە ئىشقىۋاز مۇخبىر.

*
*
*

ئانا،
بىزنىڭ يۇرتتا-تەكلىماكاندا،
ھالسىرايدۇ قوشتىكى كالا،
قىرقىرايدۇ بۆشۈكتە بالا.
پېتىرىشىدۇ تەرەپ – تەرەپكە،
غالجىر ئىتتىن ھۆركىگەن پادا.
قورۇنىدۇ شۇنچە ئۇياتچان
قىز بالىدەك يۈرەكسىز دالا.
بۇ دالىدا ئادەم بەك تولا.
غىچىرلايدۇ توپىلىق يولدا،
مايسىرىغان ياغاچ ھارىۋا.
ئىشتان بېغى ساڭگىلاپ قالغان
تىزى يىرتىق يېلىڭ ئاياغ بالا
يۈدىۋېلىپ كونا پوخچىنى،
ئۇقۇماقتا مۇشۇ سەھرادا،
مومىسىنىڭ چۆچەكلىرىنى
ئۇ تىڭشايدۇ كولۇپ ئالدىدا.
تىڭشاپ- تىڭشاپ ئۇخلاپ قالغاندا،
كۆرەر تېخى شىرىن چۈشلەرنى.
چىقىۋېلىپ ئۇچار گىلەمگە،
كۆرۈپ كېلەر گۈزەل شەھەرنى،
تېپىۋالار گاھىدا تېخى،
خاسىيەتلىك <ئور توقماق>نىمۇ،
ئۇچراپ قېلىپ چىن تۆمۈر باتۇر،
بېرەر ئاڭا <مىسران قىلىچ>نى

9

ئانا,
سېيت نوچى ھەققىدە ،
بەكمۇ تولا سۆزلەپ بېرىسەن،
ئەپسۇس, بىلمەيسەن,

سىپارتاك ھەققىدە.
سپارتاك،
گېلادىياتور،
ئاجايىپ شەخس.
قوللۇق كىشەنلىرىنى -
چېقىپ تاشلىغان.
ئېزىلگەنلەرنى
ھۆرلۈككە باشلىغان.
قۇلدارلارنىڭ قانلىق قامچىسى،
قۇللارنىڭ قىزىل قانلىرى،
ئەڭ ۋەھشىي گېلادىياتورلار سەھنىسى،
سپارتاكنى تاۋلىغان،
قان، قامچا،ياش، ھۆرلۈك ناخشىسى،
ئازاب، ئۆلۈم ياندىشىپ كېلەر،
ئەرك ئۈچۈن بەدەلدۇر شۇلار.
ئاھ! جېنىم ئانا،
بويۇن قىسىپ قۇللۇق بىلدۈرسە،
ئۆتمۈشتە كىممۇ ئەزمىگەن دەيسە.
روھىي قوللۇق ئەڭ بىچارىلىق،
نادانلىقتۇر ئۇنىڭ زەنجىرى،
سپارتاك -
ئاجايىپ شەخس،
ئوخشىمايدۇ
سېيت نوچىغا.
*
*
*
ئانا،
تەكلىماكان-
جاينامىزىڭدەك ئۇلۇغ بىر زېمىن.
سۈكۈناتتا دۇرۇت ئوقۇيدۇ،
ئۇنىڭدىكى بارچە مەخلۇقات.
قۇم باغرىدا سېنىڭ بىر كەپەڭ،
كەپەڭدە بار قازان- قۇمۇچۇڭ،
ساپال قاچاڭ، ياغاچ قوشۇقۇڭ،
ئىسلىق مورا، قىيسىق ئوچۇقۇڭ،
مورا بېشىدا ساپال چىرىغىڭ،
ساڭا ھەمرا بىر ياغۇنچىقىڭ،
سۇپۇراڭدا تاختا- نوغۇچنىڭ،
سۆيۈملۈكىڭ يۇۋاش مۈشۈكىڭ،
بىزنى باققان كونا بۆشۈكىڭ،
ئۆڭۈپ كەتكەن يوغان ئۆتۈكىڭ،
قوزۇقتىكى كۆرپە تۇمىقىڭ،
ئوچاقتىكى قارا چۆگۈنىڭ.
تەكچەڭدىكى بىرلا چەينىكىڭ،
ئاھ!
غېرىپ ئانا-
شۇدۇر سېنىڭ تۇرمۇش بۇيۇمىڭ.
دوك بولۇپ كەتكەن ئۇزۇن ئۆمرۈڭدە
شۇدۇر سېنىڭ تاپقان – تەرگىنىڭ.
ئويقىدىكى كىرورەن خانىش
كۆرگەنمىدۇ سېنى چۇشىدە.

*
*
*

ئانا،
توكيو بەكمۇ يىراقتا تەكلىماكاندىن.
ئۇ- يالاڭباش شەھەر،
ئوخشىمايدۇ چىمەن دوپپىدەك
ساددا قەشقەرگە.
تۆت مىڭ يىللىق كىرورەن خانىش
توكيودىكى ئېسىل مۇزېىيىدا
تونۇشۇپ قاپتۇ ياپۇنلار بىلەن.
نىيەدىكى خارابە شەھەر-
قۇم ئاستىدا قاپتىكەن ئەجەپ!
تارىخ،
شۇنداق رەھىمسىز.
ئۇنىڭ يوغان،كالامپاي چاقى،
يانچىۋەتتى يىپەك يولىنى،
بوستانلىقنى، گۈزەل شەھەرنى،
تىنچ چۆلنى – تەكلىماكانى.

10

ئانا،
ئانىلار ئۇلۇغ بۈۋى مەريەمدەك،
ئانىلار بار ساچىر خانىمدەك،
ئۇلۇغ ئۈلگە كيورى خانىم،
ئانىسى بار نىيوتوننىڭمۇ،
ھەممە ئىنسان بالىدۇر بالا،
بالىسىدۇر ھاۋا ئانىنىڭ.
ھاۋا ئانا ئەمگەك قوينىدا
تۇغۇپ قويدى ھەممە ئىنساننى،
<مانا مەن> دەپ جاپا- مۇشەققەت،
تاشلىنىدۇ ئانا ئالدىغا.
ئانا،
ساچىر خانىمنىڭ -
بەكمۇ ئېسىل داچىسى بارمىش،
سېنىڭمۇ بار داچىدەك كەپەڭ.
بارمىش يەنە شاھزادە ئوغلى،
سېنىڭمۇ بار بىر شائىر ئوغلۇڭ،
ساچىر خانىممۇ ئۆزىگە خانىش،
سەن خانىشى تەكلىماكاننىڭ ،
سېنىڭ ئاناڭ كىرورەن خانىش.
چۈنكى سەن-
گۈللەندۈردۈڭ مۈشۈ دىيارنى،
تىرىشىتىڭ – تىرماشتىڭ بىر ئۆمۈر،
قاغجىراپ كەتكەن مۇشۇ زېمىندا.
يالىڭاياغ قىزىق قوملاردا،
چېپىپ يۈرۈپ يانتاقلىقلاردا.
سىنىڭ تەرىڭدە-
سۇ ئىچكەن زېمىن.
مەن-
سېنىڭ ئەركە، ئوماق شاھزادەڭ.
ئانا،
چۈشكۈنلۈكتە ناخشا توۋلۇدۇم،
جەنۇبتىكى كونا رەستىدە.
بولماس ئىكەن روھ ئويغانمىسا،
بارغۇ تېخى دوقمال بوقۇسا.
تەرەققىيات-
ئويغىنىش-
چېقىپ تاشلار
ئاخر نادانلىق زەنجىرىنى.
سىلكىنگەندە مۇقەددەس زېمىن،
تەبىر بېرەر نامراتلار
كەتكىنىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ.
ئانا شۇندا مېنى ئىزدەيسەن،
پېشانەمگە سۆيۈپ قويۇشقا
مەن كېلىمەن ئالدىڭغا،
يېپىنچاقلاپ شېئىرلىرىمىنى،
سەن كۆرىسەن ھەسرەتلىرىمنى،
قۇچىقىڭدا يىغلاپ كېتىمەن،
مەن ئاڭلايمەن،
يۈرىكىڭنىڭ بوقۇلدىشىنى,
يۈرىكىڭ
ھۆتمە تۆشۈك-
جۇل بولۈپ كەتكەن تارىخ بېتىدەك.
ئەللەي ناخشاڭ-
سېھىرلىك بىر كۈي،
قاپلاپ كەتكەن تەكلىماكاننى.
تولا تىڭشاپ ئاشۇ ناخشىنى،
بۇۋاق بولۈپ كەتتۇق ھەممىمىز.
قەدىرلىك ئانا،
مەن سېنىڭكى ئوماق بوۋىقىنىڭ.

*
*
*

ئانا،
چەكسىز بۇ ئالەم،
گۈزەل كېلەچەك،
ئارمانلىرىم كۆپ،
يەتسەم دەيدىغان،
بار ھەم مەندە شۇنداق جاسارەت.
ئافرىقىدا نېگىر ئانىمۇ،
سۆيۈنىدۇ قابىل بالىدىن.
بەكمۇ قەيسەر يەھۇدىي ئانا،
بىلم بېرەر ئوغلانلىرىغا.
ئەدەپلىكىتۇر ئەرەب ئانىلار،
ئەخلاق بېرەر باللىرىغا.
بەك مېھرىبان ياپون ئانىلار.
ۋەتەنپەرۋەر دېمەك بالىلار.
ئانا مەنمۇ تىلەيمەن سەندىن،
باتۇرلۇقنى، جەنگىۋارلىقنى،
دۇئا قىلغىن بەكمۇ كۆپ ماڭا،
ماڭا بەرگىن ئۈمىدۋارلىقنى،
ئىمانىمنى – روھىمنى پاكلاپ
جاكا قىلاي ئادەملىكىمنى.
ئاھ! جېنىم ئانا
ئامان بول ئانا
مەن سېنىڭ ئۈمىدۋار ئوغلۇڭ.

 

About رازىيە

رازىيە دىسە قۇرغۇچىنىڭ ئىسمى ئوخشايدۇ دەپ قالماڭلا ھە.... بۇ ئىسىمنىڭ چوڭقۇر مەناسى بار... تاماكا چەككۈچە ئاستىدىكى ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ.

Leave a Reply

Your email address will not be published. Required fields are marked *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز:

Scroll To Top