بىر ئارزۇيۇم بار - [ماقالە ۋە مۇنازىرە] |
100يىل ئىلگىرى بىر ئۇلۇغ ئامىرىكىلىق،نېگىر قۇللىرىنى ئازات قىلىش خىتاپنامىسىگە ئىمزا قويغان ئىدى.بۈگۈن دەل شۇ كىشىنىڭ ھەيكىلى ئالدىدا يىغىلىپ تۇرۇپتىمىز،ئۇشبۇ خىتاپنامە خۇددى نۇرلۇق چىراقتەك،نۇرغۇنلىغان ھاياتلىق دەپسەندە قىلىنغان نىگىر قۇللار ئۈچۈن ئۈمۈت ئېلىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى خۇددى تاڭ شەپىغىدەك،نىگىرلارنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان زۇلمەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگەن ئىدى.
ئەمما 100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە بىز نىگىرلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشەلمىگەنلىكىدەك رىياللىققا يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمىز!100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە ،ئېرقى كەمسىتىش ۋە ئېرقى ئايرىمىچىلىقنىڭ پېشكەللىكلىىرى ئاستىدا، نېگىرلارلارنىڭ تۇرمۇشى زەئىپلىكتە ئۈتۈۋاتىدۇ.100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نېگىرلارنىڭ تۇرمۇشى مول بايلىق دېڭىزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قاقاس ئارالدا تۇرىۋاتىدۇ.100يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە نىگىرلار ئامىرىكا جەمىيىتىنىڭ بىر بۇرجىگىدە ياشاۋاتىدۇ،ھەمدە ئۆز زىمىندا سەرگەندارلىقنىڭ تەمىنى تېتىۋاتىدۇ.بىزنىڭ بۈگۈن بۇ يەرگە يىغىلىشىمىزمۇ،دەل مۇشۇنداق ھەيران قالارلىق ھالەتنى خەلقى -ئالەمگە ئېچىپ بىرىش ئۈچۈندۇر.
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، بۈگۈن بىز بەرگەن ۋەدىنى ئەمىلىلەشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىز پايتەختىگە يىغىلدۇق.جۇمھۇريىتىمىزنىڭ قۇرغۇچقىلىرى «مۇستەقىللىق خىتاپنامىسى»نىڭ يۈرەكنى تىترىتىدغان ھەر بىر ئىبارىنى يازغىنىدا ،ھەربىر ئامىرىكىلىققا ۋەدە بىرىپ،ھەربىر كىشىگە ھاياتلىق ،ئەركىنلىك ۋە بەختىنى قوغلىشىشنىڭ مۇقەدەس ھوقۇقىنى بېرىمىز دىگەن ئىدى.
رەڭلىك ئېرىقتىكى پۇقرالارغا نىسبەتەن،ئامىرىكا ئۆزنىڭ ۋەدىسىنى ئەمىلىلەشتۈرمىدى.ئامىرىكا بۇ مۇقەددەس مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى،ئنىگىرلارغا بىر پارچە قۇرۇق چەك كىسىپ بەردى خالاس!بۇ چەككە«مەبلىغىمىز يېتىشمەيدۇ»دىگەن تامغىا ئۇرۇلغاندىن كېيىن قولىمىزغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ.ئەمما ھەققانىيەت بانكىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز.بىز بۇ دۆلىتىمىزدىكى غايەت زور پۇرسەتلەر غەزىنىسىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىگىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمىز.شۇڭا بىز بۈگۈن بۇ چەكنى ئەمىلىەشتۈرمەكچى__بۇ چەك بىزنى قىممەتلىك ئەركىنلىك ۋە ھەققانىيەت كاپالىتى بىلەن تەمىىن ئەتكۈسى.
بىز بۇ مۇقەددەس يەرگە كىلىپ،ئامىرىكىنى تەنقىتلىمەكچى.ھازىر ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددى،ھازىر ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ تېنچلاندۇرۇش ئۇكۇللىرىغا بويسۇنۇشقا رايىمىز يوق.ھازىر دەل دىموكىراتىيە ۋەدىسىنى ئەمىلىلەشتۈرىدىغان پەيت!ھازىر دەل ئېرقى كەمسىتىشنىڭ قاراڭغۇ جىلغىسىدىن مىللى باراۋەرلىكنىڭ نۇرلۇق يولىغا قەدەم قۇيىدىغان پەيت!ھازىر دەل پەرۋەردىگارنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىغا پۇرسەت ئىشىكىنى ئاچىدىغان پەيت!ھازىر دەل دۆلىتىمىزنى ئېرقى تەڭسىزلىكنىڭ قاينىمىدىن ياندۇرۇپ،ئاكا-ئۇكىلار باراۋەرلىكىگە كەلتۈرىدىغان پەيت.
ناۋادا ئامىرىكا ۋاقىتنىڭ تەخىرسىزلىكىگە ۋە نىگىرلارنڭ قارارىغا سەل قارايدىكەن،ئۇنداقتا بۇ ئامىرىكىغا ئەجەللىك زەربە بولۇپ قالىدۇ.ئەركىنلىكنىڭ خۇش ھاۋا كۈنلىرى كەلمەيدىكەن،نىگىرلارنىڭ چېھرى جاھاننى ئالىدۇ.1963-يىلى جەڭنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بەرمەيدۇ،ئەكسىچە باشلىنىشىدۇر.بەزىلەر نىگىرلارنى ئانچە -مۇنچە ئۇچۇغداپ قويسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ،ئويلىشىدۇ.ناۋادا دۆلىتىمىز بۇ ئىشقا پىسەنت قىلمايدىكەن،بۇنداق خىيالچىلار ئۈمۈتسىزلەنمەي تۇرالمايدۇ.نىگىرلار پۇخرالىق ھۇقۇقا ئىرىشەلمەيدىكەن،ئامىرىكىغا تېنچ-ئامانلىق يوق.ھەقىقەتنىڭ نۇرلىرى بىر كۈن يېتىپ كەلمەيدىكەن، قارشىلىق بورانلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ئۇلىنى تەۋرەتمەي قالمايدۇ.
ئەمما ھەققانىيەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تاقىتى تاق بولغان كىشىلەرگە بەزى گەپلەرنى قىلىشىم زۆرۈر.قانۇنى ئورنىمىزغا ئېرىشىش مۇساپىمىزدا خاتا يوللاردىن،خاتا ئىشلاردىن ساقلىنىشىمىز زۆرۈر.ئەركىنلىككە بولغان تەقەززالىقىمىزنى دەپلا،دۈشمەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك شارابى ئىچسەك بولميدۇ.بىزنىڭ كۈرەشلىرىمىز توغرا يولدا قاتتىق ئىنتىزام ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.بىزنىڭ يېڭى مەۋقەدىكى ئۇقۇمىدىكى قارشىلىق ھەركىتىمىز زوراۋانلىق ھەركىتىگە ئايلىنىو كەتسە بولمايدۇ.بىز ئىشلىرىمىزنى روھىيەت بىلەن ماددى دۇنيانى يېڭىدىغان دەرىجىگە كۆتىرىشىمىز كېرەك.
نىگىرلار دۇنياسىدا كۆزگە كۆرىنەرلىك ئىنقىلابى روھ مەۋجۇت،ئەما بۇنىڭلىق بىلەنلا ئاق تەنلىكلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقاتساق بولمايدۇ.چۈنكى بىزنىڭ نۇرغۇن ئاق تەنلىك ئاكا-ئۇكىلىرىمىز شۇنى تۇنۇپ يەتتىكى ،ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.بۈگۈنكى يىغىلىشىمىزغا قاتناشقان ئاق تەنلىكلەر بۇنىڭ پاكىتى.ئۇلارنىڭ ئەركىنلىك بىلەن بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز زىچ باغلىنىشلىق. بىز ئايرىم ھەركەت قىلساق بولمايدۇ.
بىز ھەركەتلەنگەندە چوقۇم ئالدىغا قاراپ مېڭىشىمىز كېرەك،كەينىمىزگە يېنىشقا بولمايدۇ.ھازىر بەزىلەر ئوت يۈرەك ھوقۇقچىلىرىدىن«سىلەر قاچان رازى بولىسىلەر ؟»دەپ سوراۋاتىدۇ.
ئەگەر نىگىرلار ساقچچىلارنىڭ ياۋۇزلارچە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن ،بىز ھەرگىز رازى بولالمايمىز!
ئەگەر بىزنىڭ مېھنەتكەش گەۋدىمىز يول بويىدىكى ۋە شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلارغا سىغمايدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىز رازى بولالمايمىز!
ئەگەر نىگىرلارنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش دائىرىسى ئازسانلىق مىللەتلەر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ كىچىك نامراتلار رايۇنىدىن چوڭ نامراتلار رايۇىغا يۆتكىلىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىز رازى بولالماينىز.
ئەگەر مىسسىپى شىتاتىدا بىر نىگىر سايلامغا قاتنىشالمايدىكەن ،نىيو يوركتا يەنە بىر نىگىرنىڭ سايلام بېلىتى ئەتكەس قىلىنىدىكەن،ئۇنداقتا بىز ھەرگىز رازى بولالمايمىز!
ياق!بىز ھەرگىز رازى بولالمايمىز!كەلگۈسىدە ھەققانىيەتنىڭ دۇلقۇنلىرى مەۋج ئۇرۇپ دولقۇنلىمىغىچە بىز ھەرگىزمۇ رازى بوللايمىز!
مەن دىققەت قىلدىم، بۈگۈن يىغىلىشقا قاتناشقان كىشىلەر زۇلۇمنى يەتكۈچە تارتقان،ئەمدىلا تار قاماقخانىلاردىن چىققان،ئەركىنىلىلنى قوغلاشقانلىقى ئۈچۈن،ئۆز زىمىنلىرىدا ئۆلگىدەك تاياق يىگەن،ساقچىلارنىڭ بورانلىرىدا يۇرت ماكانىدىن ئايرىلغان كىشىلەر باركەن.سىلەر ئىنسانلار ئۆزى پەيدا قىلغان ئازاپنىڭ دەردىنى تارتقان.تىرىشڭلار !شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى،سىلەرگە تەئەللۇق بولمىغان ئازاپنى تارتىش بىرخىل گۇناھنى يەڭگىللىتىش يولىدۇر.
بىز مىسسسىپىغا قايتايلى،ئلاباماغا قايايلى،جەنۇبى كارولىناغا قايتايلى،جورجىيىگە قايتايلى،لۇيىزاناغا قايتايلى،شىمالدىك ىشەھەرلىرىمىزدىكى نامراتلار -ئازسانلىق مىللەتلەر رايۇنىغا قايتايلى،كۆڭلىمىزدە سان بولسۇنكى ،بۇخىل ئەھۋال ھامىنى بىركۈنى ئۆزگىرىدۇ.بىز ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ.
دوسلار،بۇگەن مەن شۇنداق ئېيتالايمانكى،مۇشۇ دەقىقىدە بىز ھەرخىل ئازاپ -ئۇقۇبەتكە ئۇچرىساقمۇ،بىز غايىلىكمىز.بىزنىڭ غايىمىز ئامىرىكىنىڭ غايىسى ئىچىدە يىلتىز تارتقان غاىدۇر.
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،بۇ دۆلەت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ،«بۇ ھەقىقەتكە قىل سىغمايدۇ،ھەممە كىشى باراۋەردۇر»دىگەن سۆزلەرنىڭ ھىقىقى مەنىسىگە يەتسە!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى،جورجىيىنىڭ قىزىل تېغىدا،قۇللارنىڭ باللىرى بىلەن قۇلدارلارنڭ بالىلىرى بىللە ئولتۇرۇپ،ئاكا-ئۇكا بولۇشسا!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، مىسسىسىپى شىتاتىمۇ ھەققانىيەت بايرىقىنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ،زۇلمەت دۇنياسىنىڭ زۇلمەت قۇملۇقلىرى ھەققانىيەت دۇنياسىنىڭ بوستانلىقلىرىغا ئايلانسا!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، مىنىڭ تۆت بالام كىشىلەرگە تېرىسىنىڭ رەڭگىگە قاراپ ئەمەس،بەلكى ئەخلاقىنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ باھا بېرىدىغان دۆلەتتە ياشىسا !
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، ئالىباما شىتاتى ئۆزگىرىپ،بىر كۈنلەردە شۇ يەردىكى نىگىرلار ئاق تەنلىكلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ،بىللە ئىلگىرلىسە!
شۇنداق بىر ئارزۇيۇم باركى، جىلغىلار ئۆرلەپ ،تاغلار پەسىيىپ،مۇشەققەت يوللار تۈزلەنسە،قۇياش نۇرى جاھاننى قاپلىسا!
مانا بۇ بىزنىڭ ئارزۇيىمىز!بىز مۇشۇ ئارزۇ بىلەن جەنۇپقا قايتتۇق.مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا ،ئۇمۇتسىزلىك قىيالىرىنى ئارزۇلارغا تودۇرالايمىز!مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا،بۇ دۆلەتتىكى يېقىمسىز ئۇرۇش-سۇقۇش ئاۋازلىرىنى يېقىملىق سىمفونىيىگە ئايلاندۇرالايمىز!
مۇشۇ ئارزۇيىمىز بولسىلا بىز بىللە ئىشلىيەلەيمىز،بىللە دۇئا قىلالايمىز،بىللە كۈرەش قىلالايمىز،بىللە تۇرمىلەرگە قامىلالايمىز،ئەركىنلىكنى بىللە ھىمايە قىلالايمىز،شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى ،ھامىنى بىركۈنى ئەركىنلىككە ئېرىشەلەيمىز!
ئەركىنلىك يېتىپ كەلگەن كۈنى ،تەڭرىنىڭ ئوغۇل- قىزلىرى باشقىچە زوق بىلەن،«مىنىڭ ۋەتنىم،گۈزەل ماكانىم مەن سېنى كۈيلەيمەن،سەن ئەجداتلار قان تۆككەن زىمىن،سەن بىزنىڭ پەخرىىز،ئەركىنلىك ئاۋازى ھەممە جايدا ياڭرىسۇن»دەپ ناخشا ئېيتىشىدۇ.
ئەگەر ئامىرىكا ئۇلۇغ دۆلەت بولىمىز دەيدىكەن،بۇ ئارزۇ چوقۇم ئەمەلگە ئېشىشى كېرەك!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى زىمىننى تىترىتىشى كېرەك!نىيو يوركنىڭ تاغ -دەريالىرى تىترىشى كېرەك!
ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازلىرى كولورىدا شىتاتىنىڭ مۇزلۇقلىرىدا ياڭرىسۇن!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازى كالىفورنىيىنىڭ تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!بۇنىڭلىق بىلەنلا ئەمەس،يەنە جورجىيە زىمنىنىمۇ تەۋرەتسۇن!تېننىسې تاغلىرىدا ياڭرىسۇن!ئەركىنلىكنىڭ ئاۋازلىرى مىسسىسىپى شىتاتىدا ياڭرىسۇن!پۈتكۈل ئامىرىكا زىمىنىدا ياڭرىسۇن!
ئەركىنلىك سادالىرىمىزنى ياڭرىتايلى!ھەربىر شەھەر ۋە شىتاتلاردا ياڭرىتايلى!بىز شۇ كۈننىڭ كىلىشىنى تېزلىتەلەيمىز!شۇ چاغدا تەڭرىنىڭ بەندىلىرى نىگىرلار،ئاق تەنلىكەر،يەھۇدىلار ۋە ئەمەسلەر،خىرىستىيانلار،كاتولىكلار قول تۇتۇشۇپ،بىر قەدىمى نىگىر ناخشىسىنى ئېيتىشىدۇ:«چىقتۇك ھۆرلۈككە،ياشايمىز ئەركىن!تەڭرىم ھەشقاللا!بۇ بىز كۈتكەن كۈن!»
(ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىن ئالماشتۇرۇلدى)
مەنبە:يۇلتۇزلار يۇرتى مۇنبىرى)
ئېنگىلىزچىنى ۋە خەنزۇچىنى بۇيەردىن كۈرۈڭ:http://hi.baidu.com/aptap/blog/item/81b59e43331c111173f05d1e.html
随机文章:
收藏到:Del.icio.us