• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېشىلمىگەن سىرلار - [تاغدىن- باغدىن]

    رەڭلىك كوزىنىڭ سىرى

    ئۈرۈمچى ئۇلانباي سۇ ئامبىرى ئەتراپىدا بايقالغان بىر قەدىمىي قەبرىدىن ئېگىزلىكى 14.8 سانتىمېتىر، ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 9.5 سانتىمېتىر، تېگىنىڭ دىئامېتىرى 5.5 سانتىمېتىر كېلىدىغان بىر كوزا قېزىۋېلىنغان. ئۇنىڭ سىرتقى قىسمىغا قىزغۇچ رەڭ بېرىلگەن، ئۈستىگە قارامتۇل قىزىل رەڭدە سىزىقلار چۈشۈرۈلگەن. كوزىنىڭ بويۇن قىسمى بىلەن قورساق قىسمىغا ئاستى – ئۈستىگە قارىتىلغان ئىككى قاتار ئۈچ بۇلۇڭلۇق شەكىل، يالغۇز قۇلىقىغا كاتەكچە شەكىلدە سىزىقلار چۈشۈرۈلگەن. بۇكوزا نەپىس ياسالغان بولۇپ، ئىنتايىن گۈزەل ئىپتىدائىي سەنئەت بۇيۇمى ھېسابلىنىدۇ. قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە رايونى ۋە ئۈرۈمچى نەنسەن تېغى ئالغۇي جىلغىسىدىن تېپىلغان قەدىمىي قەبرىلەردىنمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش كوزىلار قېزىۋېلىنغان. بۇ ساپال قاچىلار قايسى مىللەتكە تەۋە؟ بۇلارغا چۈشۈرۈلگەن ئۈچ بۇلۇڭلۇق رەڭلىك شەكىللەر ۋە سىزىقلىق شەكىللەر نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ بۇلار ھازىرغىچە يېشىلمىگەن سىر.

    بالبالنىڭ سىرى

    شىنجاڭنىڭ كەڭ يايلاقلىرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان نۇرغۇن بالبال (تاش ئادەم ھەيكىلى) نى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئارىشاڭ ناھىيىسىنىڭ ئاراچات يايلىقىدا بايقالغان گرانىت تاشتىن ياسالغان پۈتۈن گەۋدىلىك بالبالنىڭ يۈز قىسمى كەڭ ھەم يۇمىلاق، كۆزلىرى ھەم يۈز سۆڭىكى پولتىيىپ چىققان، شاپ بۇرۇتى ئىگىلگەن؛ ئۆرۈمە ياقىلىق چاپان كىيدۈرۈلگەن، كەڭ بەلباغ باغلانغان، قەدەھ تۇتقان ئوڭ قولى كۆكسىگە قويۇلغان، سول قولىدا بېلىگە ئېسىلغان شەمشىرىنى تۇتقان شەكىلدە ياسالغان. قەدىمكى ھەيكەلتىراشلار بالبالنىڭ بېلىگە ئېسىلغان كىچىك خالتا بىلەن بىر كىچىك پىچاقنىمۇ ئويۇپ قويغان. بالبالنىڭ قىياپىتى ناھايىتى سۈرلۈك بولۇپ، يايلاقلاردىكى جەسۇر سەركەردىلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ بالبالنى كىم ياسىغان؟ ئۇ قايسى مىللەت، قايسى قەبىلىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا تەۋە؟ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرى بىردەك ئەمەس، بۇ، ھازىرغىچە يېشىلمەي كەلگەن سىر.

    چۈ بىن تاش ئابىدىسىنىڭ سىرى

    چۈ بىن ئىدىقۇت خان جەمەتى ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭغا نىڭشو سانغۇنى ئەمىلى بېرىلگەن. چۈ بىن تاش ئابىدىسى ئىدىقۇت تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تارىخىي ماتېرىيال. لېكىن ھازىرغىچە يېتىپ كەلگىنى ئۇنىڭ چاپى نۇسخىسى. تاش ئابىدە 1911 – يىلى تۇرپان ئاستانىدىن قېزىۋېلىنغان، كېيىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەپ كېلىنىپ، نىلۇپەر كۆلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سانغۇن مەھكىمىسىگە يۆتكەپ كېلىنگەن ھەم ئابىدە سۇپىسى تىكلەنگەن. ھازىر بۇ ئابىدە زادى قەيەردە؟ بۇمۇ كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاۋاتقان سىر.

    زور قىياتاش سىزمىلىرىنىڭ سىرى

    1987–، 1988– يىللىرى قۇتۇبى ناھىيىسىنىڭ شىمىڭزا كەنتىدىكى تاغدىن زور قىياتاش سىزمىلىرى بايقالدى. بۇ تاغ ئارىسىدىكى تىك قىيا تاشلارغا سىزىلغان زور قىيا تاش سىزمىسىنىڭ كەڭلىكى 14 مېتىر، ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر، كۆلىمى 120 نەچچە كۋادرات مېتىر، يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى ئون مېتىر كېلىدۇ؛ 200 – 300 شەخسنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن قىيا تاش سىزمىسىدا ئەرلەرمۇ، ئاياللارمۇ، ئۆرە تۇرغانلارمۇ، ياتقانلارمۇ، كىيىم كىيگەنلەر، يالىڭاچلارمۇ بار. بۇ قىيا تاش سىزمىلىرى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان كىشىلەر بۇ زور قىيا تاش سىزمىسىنىڭ قايسى قەدىمىي قەۋمگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سىزمىنى بۇنداق ئېگىز قىيا تاشقا قانداق سىزغانلىقىنى بىلەلمەي كەلدى. بۇمۇ ئاپتونوم رايونىمزنىڭ ئىپتىدائىي مەدەنىيەت تەتقىقاتىدىكى يېشىلمەي كېلىۋاتقان سىردۇر.

     مەنبە: « شىنجاڭ گېزىتى»، ‹‹يىپەك يولى›› ژۇرنىلىدىن.

    http://uyghur.xjass.com/uyghur/wenxuesuo/attach/2009-04/30/content_75175.htm:مەنبە

     


    收藏到:Del.icio.us