• ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسالاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھىسى پروگراممىسى"غا پىكىر ئېلىش توغرىسىدا

    ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسالاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھىسى پروگراممىسى"غا پىكىر ئېلىش توغرىسىدا

    ئۇقتۇرۇش

    2008-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى باش مىنىستىر ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، "دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسى"نى قاراپ چىقىپ پرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللىدى، تەتقىقات-تۈزۈش خىزمەتلىرى رەسمىي باشلاندى. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ 21-ئەسرگە كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى مائارىپ لايىھە پروگراممىسى بولۇپ، كەلگۈسىدىكى 12 يىللىق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتنىڭ پروگرامما خاراكتېرلىك ۆججىتىدۇر. ئاپتونوم رايونىمىز --- دۆلەت لايىھە تۈزۈش خىزمىتىگە كىرگۈزۈشكە تاللىغان 9 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىرى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتى تۈزۈش خىزمىتىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەردى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى يولداش ۋاڭ لېچۈئەن : "ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇزاق ددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسى"نى تۈزۈش خىزمىتى ئىنتايىن ئېغىر، جاپالىق خىزمەت، بۇنىڭدا رەھبەرلەر باشلامچى بولۇشى، مائارىپ ساھەسىگە پىششىق، ىنجاڭنى ياخشى چۈشىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر خىزمەتنى بىۋاسىتە زىممىسىگە ئېلىشى لازىم. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ تۈردە ئاڭلاش، خەلقتىن ئامال-چارە سوراپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا بولغان چۈشىنىشىنى، قوللىشىنى، قاتنىشىشىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىشىمىز لازىم، دەپ كۆرسەتتى.12-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى "ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسى"نى تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈردى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى تولۇق سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىدىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر ئېلىپ، ئاممىدىن ئەقىل-پاراسەت توپلاپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ پىكىرلىرىنى كەڭ تۈردە ئېلىپ، "ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات لايىھە پروگراممىسى"نى ياخشى تۈزۈپ چىقىش ئۈچۈن، مائارىپ نازارىتى ھازىردىن باشلاپ 3-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر ساھەدىن "ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مائارىپ ئىسلاھات پروگرامما لايىھىسى" تۈزۈش توغرىلىق پىكىر-تەكلىپلەرنى توپلايدۇ. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى نۇقتا قىلىپ ئاكتىپ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى، چارە-تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز: 1.ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىكى مائارىپ جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى ۋە ئۇنىڭدىكى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي تەجرىبىلەر؛ 2.ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپ ىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى؛ 3.ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى يۆنىلىشى ۋە ئىستراتېگىيىلىك نىشانى؛ 4.ساپا مائارىپىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە ئىجرا قىلىش يوللىرى؛ 5.ئەخلاق، ئىدىيىۋى سىياسىي تەربىيە ۋە مائارىپ سىستېمىسىدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى ساقلاشتا ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىدىغان تۈزۈلمە تەتقىقاتى؛ 6.ئىختىساس ئىگىلىرىنى
    يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرس يۈكىنى يەڭگىللىتىش؛ 7.ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشقا دائىر تەدبىر ۋە تۈزۈملەر؛ 8.مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ 9."قوش تىللىق ئوقۇتۇش"نى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتى؛ 10.يەسلى مائارىپىدا "قوش تىللىق ئوقۇتۇش"نى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتى؛ 11.تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا؛ 12.يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى؛ 13.ئالاھىدە مائارىپنىڭ تەرەققىياتى؛ 14.يېزا مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى تەربىيىسى؛ 15.كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى؛ 16.كەسپىي مائارىپ تۈزۈلمىسى ۋە تەربىيىلەش ئەندىزىسى ئىسلاھاتى. 17.ئالىي مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتى؛ 18.ئالىي مائارىپنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ 19.ئاسپىرانتلار مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتى؛ 20.ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقاتى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت؛ 21.ئىمتىھان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى؛ 22.ئىزچىل مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ 23.ئىزچىل مائارىپ تۈزۈمىنىڭ تۈزۈم، سىياسەت كاپالىتى؛ 24. مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ 25.مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ 26.ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى قوللاش؛
    27.مائارىپ تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى؛ 28.مائارىپ باھالاش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى تەتقىقاتى؛ 29.پۇخراۋىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتى؛ 30.مائارىپتا سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىش ۋە سىرت بىلەن بولغان مائارىپ ئالاقىسى تەتقىقاتى؛ 31.ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بولۇپمۇ يېزىلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى؛ 32.ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى؛ 33.مائارىپ مۇپەتتىشلىكى تەتقىقاتى؛ 34.مائارىپ سېلىنمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈلمىسى؛ 35.مائارىپنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى؛ 36.جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ تەرەققىياتى تەتقىقاتى. ھەر ساھە زاتلار ئېلخەت ياكى ئادەتتىكى خەت ئارقىلىق پىكىر تەكلىپلىرىنى ئەۋەتسە بولىدۇ.
    ئالاقىلىشىش تېلېفونى/فاكس: 0991-2865201؛
    ئېلخەت ئادرېسى:fzghc2865201@126.com
    خەت ئەۋەتىش ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى 219-نومۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مائارىپ تەرەققىيات
    باشقارمىسى، پوچتا نومۇرى: 830049.
    لېپاپ ئۈستىگە: "پروگراممىغا پىكىر ئېلىش" دېگەننى ئەسكەرتىڭ، تەپسىلىي ئالاقە ئادرېسىڭىزنى ۋە ئالاقىلىشىش تېلېفون
    نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇڭ.
    ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى
    2009-يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 

     مەنبە:شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى

    http://www.xjedu.gov.cn/lbyty/ShowArticle.asp?ArticleID=3679

    关于《自治区中长期教育改革和发展规划纲要》征求意见的公告
     

    2008829,温家宝总理主持召开国家科技教育领导小组第一次会议,审议并原则通过《国家中长期教育改革和发展规划纲要》制定工作方案,正式启动了研究制定工作。这是进入21世纪以来我国第一个教育规划纲要,是指导未来12年教育改革和发展的纲领性文件。我区是国家选定参与编制规划纲要工作的九个省区之一。自治区党委和人民政府高度重视编制工作,中共中央政治局委员、自治区党委书记王乐泉同志指出,《自治区中长期教育改革和发展规划纲要》的制定是一件十分繁重艰巨的工作,既要有领导挂帅,更要有熟悉教育、熟悉新疆的专家直接承担。要广泛听取社会各界的意见和建议,问计于民,求策于民,努力争取社会各界和广大人民群众对教育事业改革与发展的理解、支持和参与,为开创自治区教育事业改革发展的新局面营造良好的社会舆论氛围。

    1226上午,自治区人民政府召开《自治区中长期教育改革和发展规划纲要》编制工作领导小组和工作小组会议,正式启动了自治区中长期教育改革和发展规划纲要的编制工作。按照国家和自治区的要求,为了充分发动社会各界的力量,广纳群言,广集众智,充分听取社会各界意见,编制好《自治区中长期教育改革和发展规划纲要》,教育厅决定,从即日起至3月底,面向社会各界公开征求对编制《自治区中长期教育改革和发展规划纲要》的意见和建议。

    希望社会各界围绕下列问题积极建言献策:1、我区改革开放30年教育的成就和必须长期坚持的基本经验;2、我区教育系统党的建设;3、我区教育改革和发展的指导方针与战略目标;4、素质教育基本目标与实施途径;5、德育、思想政治教育与教育系统反分裂、保稳定长效机制研究;6、人才培养模式改革与减轻中小学生课业负担;7、实施素质教育的政策与制度;8、义务教育的巩固和提高;9、普及“双语”教学研究;10、普及学前“双语”教学研究;11、关于普及高中阶段教育;12、学前教育发展;13、特殊教育发展;14、农村教育发展与农民工子女教育;15、职业教育发展;16、职业教育体制机制与培养模式改革;17、高等教育发展与改革;18、提高高等教育人才培养质量;19、研究生教育的发展与改革; 20、高等学校科学研究与社会服务;21、考试招生制度改革; 22、发展继续教育;23、继续教育的制度政策保障;24、促进教育公平;25、促进教育协调发展; 26、支持少数民族教育事业发展; 27、教育体制改革;28、教育评价、招生考试研究;29、民办教育发展;30、教育对外开放和对外交流研究;31、中小学教师队伍特别是农村中小学教师队伍建设;32、高等学校教师队伍建设;33、教育督导研究;34、教育投入保障机制;35、教育信息化建设;36、加快南疆三地州教育事业发展研究。

    各界人士可通过电子邮件和来函形式提出意见和建议。联系电话/传真:0991-2865201;电子邮件发至fzghc2865201@126.com;来函地址:乌鲁木齐市胜利路219号自治区教育厅发展规划处,邮编:830049,请在信封上注明“纲要征求意见”字样,作者请留详细通信地址及联系电话。

    特此公告。

      新疆维吾尔自治区教育厅

                     二○○九年二月十八日


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • [avatar:30]بولىدۇ.
    • [avatar:30] ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ياخشىمۇ سىز !
      بىلوگىڭىزدىكى ماتىرياللارنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن. ھارمىغايسىز.........
      بىلوگىڭىزنىڭ ئۇسلوبىنى ئىشلەتسەم بۇلارمۇ ؟