• «ئىككى ئاساسەن»بىزگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟(2) - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

    «ئىككى ئاساسەن»خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلانغان مەسىلىلەر.
    «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلققە ۋە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇھىم قۇرلۇشلىرىنىڭ بىرى سۈپۈتىدە قاتلاممۇ-قاتلام ،دەرىجىمۇ-دەرىجە مەسئۇلىيەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ،چىڭ تۇتۇلۇپ ياخشى ئىشلەنگەنلىكتىن،نۇرغۇن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ.ئەمما بۇ خىزمەتلەرنى يولغا قۇيۇش جەريانىدا ئۆز بۇرچىغا،خىزمىتىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش،خىزمەتلەردە شەكىلۋازلىق قىلىش ، يالغانچىلىق ۋە ساخىتىپەزلىك قىلىش نەتىجىسىدە ئېرىشكىنىمىزگە ماس ھالدا يوقاتقىنىمىزمۇ ئاز بولمىدى.ھەتتا بەزىلىرىنى مەيلى قانچىلىك مەبلەغ سەرپ قىلايلى،ياكى قانچىلىك زېھنى قۇۋۋىتىمىزنى سەرپ قىلايلى مەڭگۈ قايتۇرىۋالالماسلىقىمىز مۇمكىن.لېكىن  نەتىجىلەر بىزگە  يەنىلا ئۈمۈت بېغىشلىيالايدۇ.
        بىرىنچى،ھەردەرىجىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپنىڭ سىتىراتىگىيىلىك ئورنىغا بولغان تۇنۇشى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ،مائارىپنىڭ ھۆكۈمەت ھەركىتىگە ئايلىنىشىغا دەسلەپكى ئاساس سېلىندى.
       ئىككىنچى،پۈتكۈل جەمىيەتتە مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئىجتىمائى كەيتپىيات يارىتىلدى.
       ئۈچۈنچى،مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ،ئۇقۇتۇش -تەلىم تەربىيە مۇھىتى ئەلا لاشتۇرۇلدى.
       تۆتىنچى،شەھەر ۋە يېزىلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ شارائىتىدىكى پەرق كىچىكلىتىلىپ،مائارىپ بايلىقىدىن ھەممە ئورتاق بەھرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
       بەشىنچى،مەكتەپ باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ،مەكتەپلەرنى قائىدە-تۈزۈم بويىچە ئىلمى باشقۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
            ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نوقتىغا يىغىنچاقلاش مۈمكىن.
        بىرىنچى ،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسپىتى يەنىلا ئاجىز ھالقا بولۇپ، بۇنىڭغا نۇرغۇن يالغانچىلىق ۋە ساقتىلىق ئارلاشتۇرۇلغان ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىش، ساقتا ئۇقۇغۇچىلار تىزىمكى تۇرغۇزۇپش،  يالغان مەكتەپ خاتىرىسى ياساش ھەتتا ئۇقۇغۇچىلارنى ئارىيەتكە ئېلىپ( بۇ ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋال بولمىسىمۇ)  مۇپەتتىشلەرنى ئالداش قاتارلىق خاھىشلار ئومۇمى يۈزلۈك ئەھۋال بوپ قالدى.
       ئىككىنچى،ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇن قۇرلىشى چىڭ تۇتۇلغان ،سەپلەشكە تىگىشلىك نىسپەت بويىچە سەپەلەنگەن بولسىمۇ،ئەمما كەسپلەر تەڭشەلمىگەنلىكتىن،مەكتەپلەردە شىتات كۆپ،دەرس ئۆتىدىغان ئادەم كەم بولۇشتەك ئەھۋاللار ئېغىر بولۇپ ،ئۇقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىەە زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ سالاھىيىتىنى بىكىتىش خىزمىتى ۋاقتىدا ئىشلەنمىگەن ۋە بىر قىسىم نامۇۋاپىق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيىۋالغانلىقتىن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بىجىرىلمەي ،ساقتىلىق قىلىشتەك ناتوغرا قىلمىش بىخ ئۇرۇپ چىقتى.
       ئۈچۈنچى،مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان بولسىمۇ،ئاشۇ شارائىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نىسپىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ مائارىپ بايلىقنىڭ ئىسراپ بۇلۇش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر.تەنتەربىيە ئۈسكۈنلىرى ،گۈزەل سەنئەت  ۋە مۇزىكا ئۈسكۈنىلىرى تۇلۇق تۇرۇپ مەكتەپلەر يەنىلا سۈكۈت ئىچىدە مۈگدىمەكتە،كۈتۈپخانىدىكى كىتاپلار يېپ-يىڭى  بولۇپ ياخشى ئاسرالدى.مەكتەپنىڭ چىم قىلىنغان مەيدانلىرى ئۇقۇغۇچىلار ئۈچۈن مەنئى قىلىنغان جاي بولۇپ ئۇلارنىڭ ھەركەت بوشلىقى بارغانسىرى تارايماقتا.تەنتەربىيە ئۈسكۈنلىرى يېڭى تۇرىشى،چىملار دەسسەلمسەسلىكى ،ئۇقۇغۇچىلار «يۇۋاش »بولىشى كېرەك .چۈنكى مەكتەپكە ھەر دائىم  مۇپەتتىشلەر  كىلىدۇ.
         تۆتىنچى،دۆلەتنىڭ مائارىپقا ئاجراتقان خىراجىتىنى ئىشىلىتىشتە نازارەت مىخانىزىمى ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ ،ئايرىم كىشىلەرنىڭ خالىغانچە تىلىپ يەيدىغان سويمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. مەكتەپلەردە تەكرار قۇرۇلۇش قىلىش،سۈپەتسىز قۇرۇلۇش قىلىش،ئۆلچەمسىز  ئۈسكۈنىلەرنى سسېتىۋېلىپ شىرىنكانە ئېلىش قاتارلىق چىرىكلىككە ياتىدىغان خاھىشلار باش كۆتۈرۈپ چىقتى.
         بەشىنچى،مەكتەپ باشقۇرۇشتا مەكتەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك يىرىك پىلانى بولمىغاچقا(چۈنكى تۈزۈلگەن پىلانلارنىڭ ھەممىسى يالغان بولغاچقا)  بىر بولسا ھەركىم ئۆز خاھىشى بويىچى ئىش قىلىش ،ياكى يەنە بىر قۇتۇپقا ئۈتۈپ مائارىپ مەمۇرى تارمىقى نىمىنى بۇيرىسا شۇنى قىلىش ،تەكشۈرۈش كەلسە مەكتەپ پۈتۈن سەپ بويىچە قالايمىقان بولۇش،خىزمەت باھالاشتا، تەكشۈرۈشتەئاتالمىش مۇپەتتىشلەر ۋە رەھبەرلەرنىڭ خوشاللىقى ياكى خاپىلىقىنى ئۆلچەم قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللار ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ،مەكتەپلەر بىر كۇنۇپكا بىلەن ھەركەتلىنىدىغان زاۋۇتقا ئايلىنىپ قالدى.
         ئالتىنچى،مىنىڭ قارىشىمچە  ۋىلايەت ناھىيەلەردىكى مائارىپ مۇپەتتىش ئورۇنلىرى   مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپقا دائىر قانۇن سىياسەتلىرىنىڭ قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكشۈرىدىغان،ئەمىلىلىشىگە ھەيدەكچىىلىك قىلىدىغان، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى قانۇنى يول ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ،مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ قانۇن بويىچە  ھەركەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۇرۇن بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما  ئۇلار  «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىدىكى ساقتىلىققا،قانۇنسىز قىلمىشلارغا  يېشىل چىرق يېقىپ بېرىپ ، بىلسىمۇ بىلمەسلىككە سېلىپ دەرىجىمۇ دەرىجە ئالداپ ،مائارىپ خىزمىتىدىكى پۈتكۈل يامانلىقنىڭ مۇھاپىزەت كۈنلىگىگە ئايلىنىپ قالدى.
      يەتتىنچى،«ئىككى ئاساسەن»خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرىنى ئىپادىلەيدىغان جەدىۋەللەر 10نەچچە يىلدىن بۇيان بىرلىككە كەلمىگەشكە ،دەرىجە بويىچە تەكشۈرۈش داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرغاچقا ،نۇرغۇن مالىيە كۈچنىى زىيانغا ئۇچرىتىپلا  قالماستىن ،ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ زىھنىنى خورىتىپ،مەكتەپنىڭ مەركىزى خىزمىتى بولغان ئۇقۇتۇش خىزمتى زور زىيانغا ئۇچىرىدى.

    «ئىككى ئاساسەن»نىڭ «ئەگەشمە كېسەللىكلىرى»
       (داۋامى كېيىنكى ساندا)


    收藏到:Del.icio.us