• ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرلەش(4-بۆلۈم) - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

    خاتىرە- 2:شىنجاڭ داشۆ فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن سىدىقنى ئۇچراتقانلىقىم ئۈچۈن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. ئۇنىڭ ياپونىيىدىن قايتىپ كەلگىنىگە تېخى ئەمدىلا بىر نەچچە كۈن بولغانىكەن. دابەن ئېلېكترىك سايمانلىرى داشۆسىنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى ئەھۋاللار تېخى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەن، ھېسسىياتى تېخى تولۇق ئەسلىگە قايتمىغانىكەن. مەن كۆرۈشكىلى بارغاندا، ئۈستەلدە ماتېرىيال يېزىپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇنىڭ ئېگىز بويى، ئاق پىچىم چىرايى، زىيالىي سۈپەت قامىتى ھەر قانداق كىشىنىڭ دىققىتىنى بىردەمدىلا ئۆزىگە تارتىۋالالايدىكەن. ئۇ شىنجاڭغا پۈتۈنلەي يېڭى نەزەر بىلەن قارايدىكەن. ئۇنىڭ مېھمانخانىسىدا چىرايلىق سۆھبەت پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، گويا سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسىنى سۈمۈرگەندەك، ئىچ- باغرىم ئېچىلىپ قالدى.‏‏- ياپونىيىنىڭ دابەن ئېلېكترىك داشۆسىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان چېغىمدا، ياپونلار ھەدېسىلا مەندىن: «ياپونىيىگە كەلگەندىن بۇيان نەزەرىڭىزگە ھەممىدىن بەك سىغمىغان نەرسە نېمە؟ سىزنىڭچە ھەممىدىن بەك ئوسال يەرلىرىمىز نېمە ئىكەن؟ ھەممىدىن بەك قالاق يەرلىرىمىز نېمە ئىكەن؟» دەپ سوراپ تۇردى. ئۇلار كەمچىلىكلىرىنى، يېتىشسىزلىكلىرىنى ئېيتسىڭىز خۇرسەن بولىدىكەن، لېكىن بىزنىڭ جۇڭگودا بولسا، ياخشى دەپ تەرىپلىگەننى ياخشى كۆرۈدىكەنمىز. ئۇيغۇرلار جۇڭگولۇقلارنىڭ بىر قىسمى، بىزمۇ باشقىلارنىڭ ياخشى دەپ ماختىشىنى ياخشى كۆرۈدىكەنمىز. ئۆزىنىڭ يېتىشسىزلىكلىرىنى تونۇمىغاندا ئالغا ئىلگىرىلەش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن، بىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەمچىلىكلىرىمىز نېمە؟ دېگەن سوئال مېڭەمدىن كەتمىدى. مەن ئۆزۈم ياش، ئۆزۈمنى ياپونلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سېلىشتۇرۇپ باقتىم: ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە ياپون ئوقۇغۇچىلار كۇتۇپخانىغا ھەممىدىن كۆپرەك كىرىدىكەن، بىز ئاز كىرىدىكەنمىز؛ دەرسلىكتىن باشقا ماتېرىياللارنى ئوقۇشتا ياپون ئوقۇغۇچىلار كۆپ ئوقۇيدىكەن، بىز ئاز ئوقۇيدىكەنمىز: ياپون ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە 3- 4 تىن بولۇپ قۇرۇق پاراڭ سوقۇدىغانلار ئاز، بىزدە كۆپ ئىكەن؛ ياپون ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە ھەددى- ھېسابسىز كىنو كۆرۈدىغانلار، تانسا ئوينايدىغانلار ئاز ئىكەن، بىزدە كۆپ ئىكەن. مانا بۇ ئەھۋاللار ئىككى خىل پسىخىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈدىكەن. بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئالىي مەكتەپكە كىرىۋالسىلا دىپلوم ئالالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن: دىپلوم ئېلىۋالسىلا، خىزمەتكە تەقسىم قىلىنالماسلىقتىن ئەندىشە قىلمايدىكەن؛ خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، مەلۇم ستاژغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇنۋان ئالالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلمايدىكەن. مانا بۇنداق بىغەملىك، تەبىئىيكى، كىشىنى ھۇرۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ياپون ئوقۇغۇچىلاردا ئۇنداق قورقماسلىق يوق ئىكەن.ئېلاۋە: ھاياتلىق ئىجادچان كۈچكە باي بولىدۇ، لېكىن ھاياتلىق تەبىئىي يوسۇندا راھەت- پاراغەتكە ئامراق بولىدۇ. مانا بۇنداق زىددىيەت ئادەملەرنى تۇرمۇشتا تۈرلۈك تۈسكە كىرگۈزۈپ قويىدۇ: بەزىلەر جەسۇر بولىدۇ، بەزىلەر زەئىپ بولىدۇ؛ بەزىلەر زېرەك، بەزىلەر دۆت بولىدۇ؛ بەزىلەر غالىب، بەزىلەر مەغلۇپ بولىدۇ. بۇلار ھاياتنىڭ ئىككى خىل خۇسۇسىيىتىدە بولغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ نەتىجىسى. پەم- پاراسەتلىك ئادەملەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تولا ئادەملەر ئۆزىنىڭ راھەت- پاراغەت كۆرۈش تەمەسىنى قاندۇرۇشقا تاشقى جەھەتتىن بىرەر ھىمات- يۆلەنچۈك تاپالمىغاندىلا، لېۋىنى چىشلەپ، بېلىنى باغلاپ، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىشقا، پىداكارلىق كۆرسىتىشكە، ئىجاد قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاياتىنى نۇرلاندۇرىدۇ. تاشقى دۇنيادىن راھەت- پاراغەت سۈرگۈدەك بىرەر ئىمكانىيەت تېپىلىپ قالسا، بەزى راھەت كۆرۈش تەمەسىنى ئەجىرسىزلا قاندۇرۇش ئىمكانىيىتى چىقىپ قالسا، ئۇ ھالدا بوشىشىپ، توختاپ قالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھاياتنىڭ زەئىپلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ھاياتنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىش، ئۇنىڭغا يول قويۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بەندىچىلىك قىلىش- بۇ نادانلارنىڭ نادانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى. پەقەت پاراسەتلىك ئادەملەرلا ھاياتنى قامچا بىلەن ھەيدەپ ماڭىدۇ.- روھ شەكىلسىز بولىدۇ، ھەرقانداق ئادەم پاسسىپ روھىي كۈچنىڭ ئىلكىگە چۈشۈپ قالغاندا، ئۆزىنىڭ شۇنداق مەھكۇم ھالىتىنى چۈشىنىپ كېتىشى تەس. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا، بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ بوشاڭلىقىغا، ئويۇن- كۈلكە بىلەن ۋاقتىنى زايە قىلىپ يۈرىدىغانلىقىغا، ئۆزى ناھايىتى زېرەك بولسىمۇ، جاپادىن قاچىدىغانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالاتتى. شۇنداق ئەھۋاللار ئايرىم كىشىلەرنىڭلا ئوقۇشقا تۇتقان پوزىتسىيىسى مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا بىر خىل روھىي ھالەت رول ئويناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولساممۇ، كونكرېت مەزمۇنىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتىم.فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى غاپپار بىزنى چىڭ تۇتاتتى. ئۇ ئېينىشتېيىننىڭ نىسبەت نەزەرىيىسىگە كامىل ئىدى. بەزىمىزنىڭ ئوقۇش نەتىجىمىز ناچار تۇرۇپمۇ تىرىشمايۋاتقانلىقىمىزنى كۆرگىنىدە: «باشقىلار ئېتىبار بېرىدۇ، دەپ قاراپ ئولتۇرامسىلەر؟ كۆزۈڭلار يوقمۇ؟ قولۇڭلار چولاق، قۇلىقىڭلار گاسمۇ؟ سىلەر مېيىپمۇ؟ نېمىشقا جاپاغا چىداپ ئوقۇمايسىلەر؟» دەپ تەنقىد قىلاتتى. بەزى ساۋاقداشلار بۇ تەنقىدنى ئاڭلىغىنىدا، «ئېتىبار بەرمىسە بولامدۇ؟ بىزنى خەنزۇلارغا ئوخشاتسا قانداق بولىدۇ؟ تەڭلەشتۈرۈش مۇنكىن ئەمەس!» دەپ پەرۋا قىلمايتتى. ئويلاپ قارىسام، ئۇلار ئېتىبار بېرىشنى مەنىۋى ھىمات قىلىشىۋالغانىكەن. شۇڭا ئۇلار ئەلا نەتىجە ئېلىش يولىدا جاپاغا چىداپ ئوقۇشنى خالىمايدىكەن. مەنمۇ سىنىپتا: «بۈگۈنكى كۈندە ئېتىبار بېرىش زۆرۈر، لېكىن بىز ئېتىبار بېرىشكە- تەييارغا ئاشىق بولۇۋالساق، ئۆزىمىزنىڭ ئۆسۈشىمىزگە زىيان يېتىدۇ» دەپمۇ باقتىم. بۇ گەپنى ياقتۇرۇدىغانلار تولىمۇ ئاز بولدى. شۇنى بايقاپ قالدىمكى، بىر خىل روھىي ھالەت ۋۇجۇدقا چىقىپ قالسا، شۇنداق روھىي ھالەتنى ۋۇجۇدقا چىقارغان مۇھىت ئۆزگەرتىلمەيدىكەن، ئۇ روھىي ھالەتنى تۈگىتىش ناھايىتى قىيىن. مەنمۇ شۇنداق مۇھىتتا ئۆسكەن. روھىمدا ئۇنىڭ ئىزلىرىنىڭ بار- يوقلۇقىنى ئويلاپ قارىسام، يوق ئەمەس ئىكەن. تەبىئىي قىسمەتتە خەنزۇلارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ باراۋەر بولسا كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا خەنزۇ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش ئوقۇش ئۈچۈن، ھەتتا ئۇلاردىن ئېشىپ چۈشۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن، ئاغزىمدىكى گەپ بىلەنلا توختاپ قالماستىن، ئالاچى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش جاپا چېكىپ ئوقۇيمەن، دەپ نىيەت قىلدىم، كۈنىگە 13 سائەت ئۆگىنىمەن دەپ پىلان تۈزدۈم. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆز تىلىمدا ئوقۇغاچقا خەنزۇچىنى بىلمەيتتىم. ئالىي مەكتەپنىڭ تەييارلىق سىنىپىدا بىر يىل ئوقۇپ، خەنزۇ تىلى گرامماتىكىسىنى ۋە بىر مۇنچە خاس ئاتالغۇنى ئاساسەن ئۆزلەشتۈرۈۋالدىم. كېيىن ئىنگلىز تىلىنىمۇ ئۆگەندىم. 1984- يىلى APT ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، بىر قېتىمدىلا ئۆلچەمگە يەتتىم. شۇنى چۈشەندىمكى، ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىكى يوشۇرۇن كۈچ چەكسىز بولىدىكەن، يوشۇرۇن كۈچنى قانچىكى قازسىڭىز، ئۇ شۇنچە ئۇلغىيىپ تۇرۇدىكەن. بەزى ئادەملەر مۇۋەپپىقىيەت قازىنىدىكەن، غەلىبە قىلىدىكەن. ئۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار شۇ يوشۇرۇن كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە بىلىمگە، قابىلىيەتكە ۋە ئۇتۇققا ئايلاندۇرۇدىكەن. بەزىلەر ئۆمۈر بويى پالاقلاپ- سوكۇلداپ ئۆتىدىكەن، بۇنىڭغا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى زادىلا قازالمىغانلىقى، ئىشقا سالالمىغانلىقى سەۋەبچى بولىدىكەن. جاپا چېكىشنىڭ ئۆزى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قازىدىغان بۇقۇسا ئىكەن. باشقىلار كىنو كۆرگىلى بارسا، مەن بارمىدىم، باشقىلار تانسىغا چۈشسە، مەن چۈشمىدىم، قىزلار تەبەسسۇم قىلسا، مەن مىت قىلمىدىم، لەرزان شامال سوقۇپ تۇرغان ئايدىڭ كېچىلەردىمۇ، قاسقاننىڭ ھورىدەك ئىسسىق تومۇز كېچىلىرىدىمۇ، جۇت بولۇپ شىۋىرغان غۇيۇلداپ تۇرغان زىمىستان كېچىلەردىمۇ شىرەدىن باش كۆتۈرمەي ئوقۇدۇم.مەن شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىغا رەئىس، ئاپتونوم رايۇنلۇق ياشلار بىرلەشمىسىگە رەئىس، ئاپتونوم رايۇنلۇق تۇنجى نۆۋەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىگە رەئىس، مەملىكەتلىك 10- نۆۋەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىگە مۇئاۋىن رەئىس بولغانىدىم، شۇ مەنسەپلەرنىڭ سايىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئېتىبارلارغا ئېرىشىشىم مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇلار تۈۋىسىز دەرەخ، يىلتىزسىز گىياھقا ئوخشايتتى. قىسقا ۋاقىت يېشىل يوپۇرماق چىقىرىپ، چېچەكلەپ- غۇنچىلاپ، كىشىلەرنى زوقلاندۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن تېخىمۇ بەكرەك يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسىنى پەيدا قىلىش، ئۆزۈمدىكى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىشتىن ۋاز كەچتۈرۈشى مۇمكىن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يوپۇرماقلار سارغىيىپ، گۈللەر يىگىلەپ- سولىشىپ، ئەرزىمەس ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشىم مۇمكىن. چەتتىن كەلگەن شان- شەرەپلەرنى ئۆتكۈنچى بۇلۇت، تۈتۈن دەپ قارىدىم. شۇ مەنسەپلەردىن ئۆزۈمگە كەلگەن پايدىسىز ئامىللارغا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بولدۇم. چۈنكى ئىجتىمائىي پائالىيەت كۆپ بولۇپ، تولا ۋاقتىم ئۇ يەر- بۇ يەرگە بېرىپ مەجلىس- يىغىنغا قاتنىشىش بىلەن بەنت بولۇپ كەتسە، ئوقۇشۇم توختاپ قالىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمگە ئۆزۈم غەيرەت بېرىپ، دەم ئېلىش ۋاقتىمنى ۋە ئۇخلاش ۋاقتىمنى قۇربان قىلىدىغان، قانچىلىك ۋاقىت زايە كەتكەن بولسا، شۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ، ئاخىر، ئەلاچى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە يېتىشىۋالدىم. ئالغا ئىنتىلىش پسىخىكىسى كېرەكمۇ ياكى يۆلىنىۋېلىش پسىخىكىسى كېرەكمۇ؟ ئىككى خىل تۇرمۇش پوزىتسىيىسىدىن ئىككى خىل نەتىجە كېلىپ چىقىدىكەن.ياپونىيىگە بارىدىغان چېغىمدا بەزىلەر ماڭا: «مەن جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى» دېگەن سەۋەبنى كۆرسىتىپ، ئېتىبار بەرگۈزۈپ، ئۆزۈڭگە ھەل بېرىپ قايتىپ كەلسەڭ بولمىدىمۇ دېيىشتى، لېكىن ئۇنداق قىلىش سەت ئىش ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ شەنىگىمۇ، جۇڭگونىڭ شەنىگىمۇ داغ چۈشۈرگەنلىك بولاتتى. ياپونىيىگە بارغاندىن كېيىن كۆزۈم تېخىمۇ ئېچىلدى. بۈگۈنكى دۇنيا سۇبيېكتىپچانلىقنى جارى قىلدۇرۇدىغان، ئاكتىپچانلىق بىلەن پىداكارلىق كۆرسەتمىگەندە، ئىجاد قىلمىغاندا، زامانغا يارىشا ئادەم بولغىلى بولمايدىغان دۇنيا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ قالدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپونلاردىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئىسپاتلايمەن، دېگەن ئىككىنچى نىيەتنى باغلىدىم. بۇ نىيەتنى جاپا چېكىپ تىرىشقاندىلا گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا تەييار يول يوق. ياپونىيە ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇش ھاۋاسى بىزنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن، ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بىزگە قارىغاندا تىرىشچان ئىكەن. مەن ئۇلاردىنمۇ كۆپراك تەر تۆكتۈم، ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغان كېچىلىرىم ئۇلارنىڭكىدىن كۆپ بولدى. مىنگۇۋۇ شەھىرى ياپونىيىنىڭ مەشھۇر ساياھەتگاھى ئىكەن، دابەن شەھىرىگىمۇ يېقىن ئىكەن. پۈتۈن ۋاقتىم تەتقىقات بۆلۈمىدە ياكى كۇتۇپخانىدا ئۆتكەچكە، ئۇ يەرگە بىر قېتىممۇ بېرىپ باقمىدىم. ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە ئۇستازلىرىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە سەككىز تەتقىقات تېمىسىنى تاماملىدىم، ياپونچە، ئىنگلىزچە تىلدا 12 پارچە ئىلمىي ماقالە يازدىم. بۇلارنىڭ بەزىسىنى ياپونىيىدىكى ئىلمىي يىغىندا ئوقۇپ بەردىم، بەزىسىنى خەلقئارا ئىلمىي يىغىندا ئوقۇپ بەردىم، ئۈچ پارچىسى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئېلىكترىك كەسپىي ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.ۋۇجۇدۇمدا ناھايىتى زور ئىجادىيەت ئىقتىدارى بارلىقىغا بارغانسېرى بەكرەك ئىشىنىدىغان بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە، ئاۋۋال ئۆزۈمگە ئۆزۈم غەيرەت بېرىپ، ئۆزۈمنى ئىجادىيەت چاقماقلىرىنى چاقنىتىشقا مەجبۇر قىلىدىغان ئىدىيىۋى ئادەت پەيدا بولۇشقا باشلىدى. دابەن داشۆسى ياپونىيە بويىچە بىرىنچى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپ بولۇپ، ئۇلار بىر تېمىنى ئۇزۇندىن بۇيان تەتقىق قىلىپ، بىرەر نەتىجە چىقىرالمىغانىكەن. شۇ تېمىغا مەسئۇل بولغان ئوقۇتقۇچى مېنىڭ ئۇستازىم بىلەن پاراڭلىشىپ، مېنىڭمۇ شۇ تېمىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىمنى، بەلكى بىر ئاز نەتىجە قازانغانلىقىمنى ئاڭلاپ، دەرھال مېنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار مېنىڭ بىر يىل ئىچىدە بىر نەچچە تېمىنى يەشكەنلىكىمنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇشتى، مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ مېنى ئۆزلىرىنىڭ دوكتۇرلۇقتا، ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئاسپرانتلىرىغا بىر قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگۈزدى.ياپونىيىدە ئۇچۇر چاپسان. ئۇلار چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىنمۇ ئۆزلىرىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ تاشقى ئىشلار ۋازارىتى چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى «دۇنيا بىر پۈتۈنلۈككە قاراپ كېتىۋاتقان XXI ئەسىردە سىز نېمە قىلماقچى؟» دېگەن تېمىدا ياپون تىلىدا نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە ئۇيۇشتۇردى. ئۇنىڭغا 72 نەپەر چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى ماقالە ئەۋەتىپ تىزىملاتقانىدى. ئۇلاردىن ئون ئوقۇغۇچى تاللاندى، شۇلارنىڭ بىرى مەن. مۇسابىقە نەتىجىسىدە، جۇڭگولۇق بىر قىز ئوقۇغۇچى ئىككىنچىلىكنى، مەن تۆتىنچىلىكنى ئالدىم. مۇكاپاتنى قولۇمغا ئېلىۋېتىپ، يۈرىكىم ئويناپ كەتتى. بۇ مۇكاپات مېنىڭ چىشىمنى چىشلەپ تىرىشىپ ئالغا ئىنتىلگەنلىكىمنىڭ مۇكاپاتى بولدى، دەپ ئويلىدىم. بۇنىڭدىن شۇنداق چوڭقۇر تەسىراتقا كەلدىمكى، ھەرقانداق ئادەم يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتىنى تاشلىسا، ئاجايىپ مۆجىزە يارىتالايدىكەن. ھازىرقى كۈندە، مىللىتىمىزنى مەدەنىيەت، پەن- تېخنىكا جەھەتتە تېز راۋاجلاندۇرىمىز دېسەك، ئەنە شۇنداق روھىي ھالەتلەرنى تاشلىشىمىز لازىم، ئېتىبار بېرىشكە تەلمۈرسەك، يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتىمىز كۈچىيىپ كېتىدۇ، خالاس.ئېلاۋە: ئۇ تۈرلۈك ھادىسىلەرگە سىنچىلاپ قاراپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنى يۆلىنىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بايقىغان.مەن پروفېسسور بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈملىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تۇرمۇش ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتتىم. مەن پاراڭلاشقان كىشىلەرنىڭ قېيىداش پسىخىكىسى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى ئاسان قوبۇل قىلغانلىقىنى، يۆلىنىۋېلىش روھىي ھالىتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىزنى تىلغا ئالغاندا، چىرايلىرىنىڭ ئۆڭگەنىلىكىنىمۇ سۆزلەپ بەردىم.‏‏- تاپقان تىپىك ماتېرىياللىرىڭىزنى، ‏- دېدى ئۇ ماڭا،‏- ماڭا سۆزلەپ بېرىڭا.ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز، قانداقلا بولمىسۇن، ئىككى مىللەت. ئۇنىڭ رايىنى ياندۇرماسلىقىم لازىم. شۇڭا:‏- مىسال كېراك بولسا، قايسى مىللەتتىن بولسۇن مىسال تېپىلىدىكەن. خەنزۇلاردىنمۇ تېپىلىدۇ، بىز موڭغۇللاردىن تېخىمۇ كۆپ تېپىلىدۇ،‏- دېدىم.‏- قېنى، سۆزلەڭا، مېنىڭ ئۆزۈمدە مىللىي كەمچىلىكلەرگە توغرا قارىيالايدىغان غەيرەت بار- يوقلۇقىنى سىناپ كۆرەي. سۆزلەۋېرىڭ، ھېچ گەپ يوق.مەن تاپقان شۇنداق ماتېرىياللار ئاز ئەمەس ئىدى. شۇلاردىن پەقەت بىرىنىلا سۆزلەپ بەردىم:‏- ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا كادىرلىرى ئىدارىسى بۇ يىل بىرقانچە ئادەمنى تۆۋەنگە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرەەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەنىكەن. ئۇلار X X جايغا بارغاندا، شۇ يەردىكى دوختۇرخانىنىڭ بىر مىللىي رەھبىرى مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرىپتۇ: مېدىتسىنا شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى چېغىدىلا ئوقۇشتا بىپەرۋا ئىكەن، تەييارلىق سىنىپىدا بىر يىل ئوقۇپ، سىنىپ ئاشالماپتۇ، جەمئىي يەتتە يىل ئوقۇپتۇ. دوختۇرخانىغا دوختۇر قىلىپ تەقسىم قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، ئۆز كەسپىگە ئەستايىدىل كىرىشمەپتۇ. شۇڭا دوختۇرخانا ئۇنى ئوكۇل سېلىش خىزمىتىگە قويۇپتۇ. ئوكۇل سېلىشقىمۇ بىلىم كېرەك. بىراق ئۇ ئۆگەنمەيدىكەن. چىندامىتسىن ئوكۇلى بىلەن پېنتسىللىن ئوكۇلىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئۇرۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئوكۇل ئۇرغىلى كىرگەندە، كېسەللەر قېچىپ كېتىدىغان بوپتۇ. بۇ ناھايىتى ئايرىم بىر مىسال، ئومۇمىي ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئەلۋەتتە.‏- شۇنچە كۆپ تەكەللۇپنىڭ نېمە كېرىكى بار؟ بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئوقۇپ كامالەتكە يەتكەن، مۇنەۋۋەر ئادەملەر چىقمىغان دېمىدىڭىزغۇ. شۇنداق يۈرەككە تېگىدىغان مىساللار بىز ئۈچۈن پايدىلىق-تە!


    收藏到:Del.icio.us