• قۇمۇل قوشۇنلىرىغا ئائىت بىر پارچەسۇرەت


    ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ "ئويغانغان زېمىن" ناملىق رومانىنى ئوقۇغانلارنىڭ ئېسىدە بۆلىشى مومكىن. ئەينى ۋاقىتتا خوجىنىياز ھاجىلار شىڭ شىسەيگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن گەنسۇدىكى ئاچ قالغان باندىت ماجوڭيىڭنى ياردەمگە چاقىرغان. بىز روماندىكى تەسۋىرلەردىن قۇمۇل قوشۇنلىرىنىڭ بۇ توڭگانلارنى قانداق قارشى ئالغانلىقىنى، كىيىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق ۋاپاسىزلىق قىلغانلىقىنى ئوقۇغان ئىدۇق. شۋېتسىيىلىك داڭلىق ئېكسپېدىتسىيىچى سىۋىن ھىدىن ئەينى ۋاقىتتا ماجۇڭيىڭ بىلەن ئۇچراشقان. ماجۇڭيىڭ ئۇنىڭغا بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىكلەرنى تېپىپ بەرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ "قاچقۇن ماجۇڭيىڭ" دېگەن كىتابىدا بۇ  باندىت ھەققىدىكى نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەرگەن. تۆۋەندىكى بىر  پارچە سۈرەت قۇمۇل قوشۇنلىرىنىڭ ماجۇڭيىڭغا قوشۇلۇش ئۈچۈن ماڭغان ۋاقتىدا تارتىلغان. بۇ سۈرەتنى سىۋىن ھىدىن ئۆزىنىڭ "1927-1935 يىللاردىكى ئاسىيا ئېكسپېدىتسىيە تارىخى" نىڭ 3-تومىغا قىستۇرما قىلىپ بەرگەن. بۇ سۈرەتنى كۆرگەندىن كىيىن بىزئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى تەسۋىرلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق ئەسكە ئالالايمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ بۈگۈنىمىز ئۈچۈن قانچىلىك جاپا-مۇشەقەت تارتقانلىقىنى ئاز تولا بولسىمۇ چۈشىنىپ يېتەلەيمىز.

    مەنبە:ئاققۇش ئۇيغۇر مەدەنىيەت-تارىخ تور بىكىتى


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • [avatar:30]قىممەتلىك رەسىملەر ئىكەن.رەخمەت،ھارمىغايسىز!