• دۇنيادىكى ئۈچ مىللەتنىڭ ئالاھىدىلىكى - [تاغدىن- باغدىن]

    ئەل ئارىسىدا ئەرەبلەرنىڭ تىلى ،جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قولى،يەھۇدىلارنىڭ مېڭىسى،روسلارنىڭ جاسارىتىگە قىل سىغمايدۇ دەيدىغان گەپ بار. 1.ئەرپلەر ھەقىقەتەن سۆزمەن،مەيلى ئەمەلدار ياكى پۇقرا بولسۇن دۇنيادىكى زور ېەقەلەر ھەققىدە سۆز ئاچسىڭىز سۆز ئاچسىڭىز ئۇلار ئۇلارنىڭ ئاغزى ئېچىلغان ھامان سۆز دۇردانىلىرى تىزىلىشقا باشلايدۇ.سودا ياكى ئىجتىمائى ئالاقىدا بولسۇن،ناتىقلىقى ،قىزغىنلىقى بىلەن ھەرقانداق كىشىنى جەلپ قىللالايدۇ.ئۇلار<<مىڭ بىر كېچە>>ھېكايىلىرىنى ئېيتىشقا ئۇستا.ھېكايە ئېيتىشنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات مىراس قالدۇرىدۇ.ئۇلار يەنە ساياسەتكە ۋە تەۋەككۇلچىلىككە ھېرىسمەن. 2.روسلار ھەقىقەتەن قەيسەر،ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ قەھرىتان سوغۇق مۇھىتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن.ئىگىز،سوغۇق رايۇنلاردا ياشاپ كەلگەن روسلار خۇددى يىرتقۇچ ھايۋانلاردەك قورقۇمسىز خارەكتىرنى يېتىلدۈرگەن.بىناكارلىقتىمۇ ئۇلار ئالاھىدە خاسلىقنى يېتىلدۈرگەن.موسكىۋا،سانپېتىربوروگ قاتارلىق چوڭ شەھەردىكى زامانىۋى بىنالارنى ئۇلار يۈرەكلىك ھالدا لاھىيىلىگەن بولۇپ،روسلارنىڭ خاسلىقنى بەلگۈلىگەن.ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزاققا سوزۇلغان قەھرىتان سوغۇق پېسلىدە سۇغا چۈمۈلۈش،قار-مۇزدا چېلىشىش ئادەتلىرى روسلارنى ئىرادىسىنى تاۋلىغان. 3.يەھۇىلار،ئۈچ يەھۇدى بىر بولسا،بىر دۇنيانى ھاسىل قىلالايدۇ دىگەن گەو بار،ئۇلار بىەلن ئالاقەلەشكەندىلا ئۇلارنىڭ ئىچ مىجەزلىكىنى بىلىسىز.بۇنداق چاغدا زېركىش ھېس قىلىسىزدە،يەھۇدىلارنىڭ ئېقىل -پاراسىتىدىن گۇمانلىنىسىز.بىراق يەھۇدىلار راستلا پاراسەتلىك .ئۇلار <<يەھۇدىلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى>>دىگەن كىتاپلارنى ياقتۇرىدۇ.ئۇلار ئائىلە تەربىيىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ،<<يەھۇدى قامۇسى>>ھەرقانداق ئائىلىدە ساقلىنىدۇ.ئۇلار ئاشۇ دەستۇر ئارقىلىق،بالىلىرىنى يېتىلدۈرىدۇ.<<يەھۇدى قامۇسى>>نى كىچىك بالىلىرىغىچە يادلىتىدۇ.قەدىمقى مىسىرلىقلار ئېھرام قۇرىۋاتقاندا، يەھۇدىلارنىڭ كىتاپ ئوقۇۋاتقانلىقنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • men besi qawandazlar blogi dep yezip qoysingiz.