• باشقۇرۇلىدىغان بومبا قانداق تۈرگە ئايرىلىدۇ؟ - [تاغدىن- باغدىن]

    ئۇچۇش ئوربېتىسى يېتەكلەش سىستېمىسى ئارقىلىق تىزگىنلىنىدىغان راكېتا ياكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان شەكىللىك قوراللار باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دەپ ئاتىلىدۇ.

    باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۈرگە ئايرىش شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، ئۇرۇشتا ئىشلىتىلىشىگە ئاساسەن ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دەپ ئايرىلىدۇ.ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى 1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، ئاساسلىقى دۈشمەننىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەركىزى، ھەربىي ۋە سانائەت بازىسى، يادرو قورالى ئىسكىلاتى، قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك نىشانلىرىغا زەربە بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى ئادەتتە 1000 كىلومېتىر دائىرىدە بولۇپ، كۆپىنچىسى يېقىن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تەۋە. ئۇ ئاساسلىقى دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىدىكى توپلاشقان قىسىم، تانكا، ئايروپىلان، پاراخوت، رادار، قوماندانلىق پونكىتى، ئايرودروم، پورت، تۆمۈر يول تۈگۈنى ۋە كۆۋرۈك قاتارلىق نىشانلىرىغا زەربە بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

    ئۇچۇش شەكلى بويىچە، ئادەتتە چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دەپ ئايرىلىدۇ. چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ كۆپ قىسىم ئىزى ئۇچۇش ھالىتىدە بولىدىغان، ئېغىرلىقىنى يەل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كۆتۈرۈلۈش كۈچى تىرەپ تۇرىدىغان، موتورىنىڭ ئىتتىرىش كۈچى ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش قارشىلىق كۈچىنى يېڭىپ ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى كۆرسىتىدۇ. زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئەڭ زور پەرقى ئۇچۇش شەكلىدە. زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسقا بۆلەكتىكى ئاتموسفېرا قاتلىمىدا ئېنېرگىيىگە تايىنىپ ئۇچۇش ۋە يېتەكلىنىشتىن سىرت، قالغان ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ ئېغىرلىق كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان ئېللىپس زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدۇ. زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئۇچۇش باسقۇچىدا چوقۇم ئاتموسفېرا قاتلىمىنى تېشىپ ئۆتىدۇ، لېكىن، تەكشى ئۇچۇپ ئىلگىرىلەش باسقۇچىدا بولسا ئاساسلىقى ھاۋاسى شالاڭ يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقى ياكى ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچىدۇ، چۈشۈش باسقۇچىدا يەنە ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئېنېرتسىيىلىك يېتەكلىنىپ نىشانغا زەربە بېرىدۇ. زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسقا مۇساپىلىك (1000 كىلومېتىر ئىچىدە)، ئوتتۇرا مۇساپىلىك (1000 كىلومېتىردىن 4000كىلومېتىرغىچە)، يىراق مۇساپىلىك (4000 كىلومېتىردىن 8000 كىلومېتىرغىچە) ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان (ئېتىش مۇساپىسى ئادەتتە 8000 كىلومېتىردىن 13 مىڭ كىلومېتىرغىچە) باشقۇرۇلىدىغان بومبا، دەپ ئايرىلىدۇ.

    باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش نۇقتىسى بىلەن نىشان ئارىسىدىكى نىسبىتى ئورۇنغا ئاساسەن: يەردىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يەردىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھاۋادىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھاۋادىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، پاراخوتتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، پاراخوتتىن يەرگە قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، پاراخوتتىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، پاراخوتتىن سۇ ئاستى پاراخوتىغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ. زەربە بېرىدىغان نىشان تۈرىگە ئاساسەن ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى (ئايروپىلانغا زەربە بېرىدۇ)، باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا زەربە بېرىدۇ، ئاساسلىقى زەمبىرەك ئوقىسىمان ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا)، تانكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، رادىئاتسىيىگە قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا (رادارغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا) قاتارلىقلارغا ئايرىلىدۇ.

    تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تۈرگە ئايرىشتىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش بولماقتا. مەسىلەن، يوشۇرۇنۇش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە قوللىنىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار كۆرۈنمەس باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ئۆلچەملىك كۆرۈنمەس باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يېرىم كۆرۈنمەس باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىقلارغا ئايرىلىشى مۇمكىن

    ﻣﻪﻧﺒﻪ:  http://www.xamal.cn/NEWS/xamal.asp?id=1403


    收藏到:Del.icio.us