• 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئارمىيىسى نىمە ئۈچۈن ئاپتۇمات بىلەن قوراللاندۇرۇلمىغان؟ - [تاغدىن- باغدىن]

    2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇرۇشىۋاتقان ھەرقايسى تەرەپ ئارمىيىلىرى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئاپتوماتلار بىلەن قورالللانغان ھەمدە ئۇرۇشتا پىيادە قىسىملارنىڭ ئاساسلىق قورالى بولغان.ئەمما ياپونىيە ئۇرۇش باشلىنىپ تاكى ئاخىرلاشقانغا قەدەر ئاپتۇمات ئىشلەتمىگەن .ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيىنىڭ ئەھۋالى ئاپتومات ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئارمىيىسىنى قوراللاندۇرۇش تامامەن مۈمكىن ئىدى.بۇ نىمە ئۈچۈن؟
    بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەپىرى تۆۋەندىكىچى:
        1.كونا تاكتىكا ئىدىيىسىنىڭ تەسىرى.
       19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئېلىپ بېرىلغان روسىيە- ياپونىيە ئۇرۇشىدا ،روسىيە ئارمىيىسىنىڭ پىيادە قىسىملىرى ئىشلەتكەن مىلتىق قالاق ۋە كونا بولغاچقا نىشانغا تىگىش ئارلىقى ئاران 300مېتىر ئىدى،ھالبۇكى ياپونىيە ئارمىيىسى ئىشلەتكەن مىلتىق ئىلغار ھەم ئېتىش ئارلىقى 800مېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ ياپون ئارمىيىسى روسىيە ئارمىيىسىنى زور تالاپەتكە ئۇچراتقان.شۇندىن باشلاپ مىلتىق ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغان.
        ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن،ياپوىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدىكىلەر قىسىملارنى ئاپتۇمات بىلەن قوراللانتۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن،ئەممە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر سىناق قىلىش ۋە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق «ئوقى زايا كاتمايدىغان مەرگەنلەر ئۈچۈن مىلتىق ئاپتۇماتتىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى تۇرىدۇ »دەپ قارىغان.ئۇلا شۇنى ئويلىمىغانكى قۇشۇندا قانچىلىك مەرگەن بولىدۇ،جىددى جەڭ مەزگىلىدە قۇشۇندا شۇنچە كۆپ مەرگەنلەرنى نەدىن تېپىش كېرەك.
         2.نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقىدىن بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرگەن.
    2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىينىڭ ئاساسلىق رەقىبى جوڭگۇ .ئەمما جۇڭگۇ قىسىملىرى بىلەن ياپوىنىيە قىسىملىرىنىڭ ھەربى قورال ياراق جەھەتتە پەرق ئىنتايىن چوڭ بۇلۇپ،جۇڭگۇ قۇشۇنلىرىنىڭ تانكىسىمۇ يوى،ئايروپىلان زەمبىرەكلىرىمۇ ئىنتايىم ئاز ئىدى جاڭجېشىنىڭ قۇشۇنى جەمەت قۇشۇنى شەكلىدىكى ئەبجەش قۇشۇن ئىدى.ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى نەچچە ئون قېتىملىق جەڭدە دۆلەت ئارمىيىسى ئەسكىرى كۈچ جەھەتتە ئۈستۈنلۈك ئۇرۇندا تۇرۇپ .قەھرىمانلىق كۆرسەتسىمۇ، ھاۋادىن قوغداش ۋە توپ زەمبىرىكنىڭ يېتەرلىك ھىمايىسى بولمىغاچقا زور بەدەل تۆلەپ ياپونىيەنىڭ ھۇجۇمىنى توسىيالمىدى.شۇڭا ياپونىيە ھەربى تەرەپ«ياپونىيە قۇشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىق ناھايىتى يۇقىرى،قوراللىرى سەرخىل ››دەپ قارىدى .ئەمىلىيەت شۇنداقمۇ؟
    تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىدا ياپونىيە جوڭگۇدىكى ئۇيۇنىنى قايتا ئوينىماقچى بولدى.ئەمما ئەينى چاغدا ئەڭ ئىلغار قورال بىلەن قوراللانغان ئامىرىكا ئارمىيسى ياپونىيە قۇشۇنلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەردى.ئاپتومات بىلەن قوراللانغان ئامىرىكا ئارمىيىسىنىڭ يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلىرى ئىچىدە نەچچە يۈز مىڭلىغان ياپونىيە ئارمىيىسى ئەرۋاھقا ئايلاندى.ياپونىيە ھەربى تەرەپ ئاپتۇماتنىڭ مۇھىملىقىنى بىلگەن چاغدا ئالىبۇرۇن كىچىككەن ئىدى.
      3.ياپونىيىنىڭ دۆلەت كۈچىنىڭ تەسىرى
    ياپونىيە تەبىئى بايلىق كەمچىل دۆلەت.ئۇرۇش لاۋازمەتكىلىرىنى سىرتتىن  جۇغلاشقا توغرا كىلىدۇ. جوڭگۇنىڭ يېرىمىنى ئىگىلىۋالغان،تېنچ ئوكيان ئۇرۇشى پارتىلىغاندىن كېيىن تەبىئى بايلىق مول ئاراللارنى ئىگىلىۋالغان  بولسىمۇ بۇ رايۇنلارنىڭ سانائەت تەرەققىياتى ئارقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى تۇشۇپ كېلىپ ئۆز دۆلىتىدە پىششىقلاپ ئىشلەشكە توغرا كىلىدۇ.بۇنداق بولغاندا تەننەرقى ئېشىپ كىتىدۇ.شۇڭا ياپونىيە ئاپتۇماتنىڭ ياساش تەننەرقىنىڭ يۇقىرلىقى،ياشاش سەنئىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى،ئوقنىڭ ئىسراپ بۇلىشنىڭ كۆپىكىنى نەزەردە تۇتۇپ،گەرچە ئاپتۇماتنىڭ ئىقتىدارى يۇقىرى ،ئىلغار بولسىمۇ ئاپتۇمات ئىشلەشتىن ۋاز كەچكەن.

    مەنبە:تېشۇې مۇنبىرىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • [avatar:30]نىمىشقا كۆسەي مىلتىقنى كۆتىرىپلا يۈرىدىغاندۇ، گېرمانىيە ئارمىيىسىدەك ئاپتۇمات ئىشلەتمەي بۇ يەر پاپىلىرى دىگەن ئوي ئۇزۇندىن بېرى كاللامدا ئەگىپلا يۈرەتتى. ئەسلى سەۋەبى مۇنداقكەن-دە.