• «ئىككى ئاساسەن»بىزگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟(3) - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

    «ئىككى ئاساسەن»ئېلىپ كەلگەن ئەگەشمە كېسەللىكلەر
     «ئىككى ئاساسەن »خىزمىتىنىڭ يولغا قۇيۇلىشى مەكتەپلەردىكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارئىتى ياخشىلىنىپ ئۇقۇتۇش- تەلىم تەربىيە خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ ،بىرقىسىم ئەمىلى مەسىلىلەر ھەل قىلىندى.ئەمما ئوقۇتۇش سۈپۈتى تۆۋەن بۇلۇش،ئوقۇتۇش خىزمىتىنى باھالاش قىيىن بولۇش، يۇقىرى تۆۋەن چىرىكلىشىش،كوللىكتىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ...قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەر مەيدانغا كەلدى.
      بىرىنچى،«قانۇنغا تاينىپ ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش»شۇئارى ئاستىدىكى قانۇنسىزلىق.دۆلىتىمىز ئاساسى قانۇنى،مائارىپ قانۇنى،ئوقۇتقۇچىلار قانۇنى،مەجبۇرى مائارىپ قانۇنى ۋە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپقا دائىر سىياسەتلىرىدە ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۇقراسى بۇلۇش سۈپۈتى بىلەن بەھرىمەن بولۇشقا ۋە ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرى ئېنىق بەلگۈلەنگەن.ئەمما بىرقىسىم مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر ئۆزلىرىنى قانۇن ئۈستۈگە قۇيۇپ(«ئىككى ئاساسەن» ئۇلارنى جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ ھوقۇقدارلارغا ئايلاندۇرغان)كولىكتىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى پەيدا قىلدى.كونكىرت ئىپدىسى تۆۋەندىكىچە:
      (1)مەكتەپلەر خالىغان ۋاقىتتا ئۇقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن قۇيىۋېتىش ياكى سىنىپقا سولاپ قۇيۇپ جەدۋەل ئىشلەشكە تەشكىللەش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ  ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى.
      (2)ئوقۇتقۇچىلارنى  دەم ئېلىش ۋە بايرام كۈنلىرى مەكتەپكە يىغىۋېلىپ(ئۇلار خىزمەت ۋاقتىدا خىزمىتىنى قىلىپ بولالمىغانمىش)ئاساسى قانۇن ۋە ئەمگەك قانۇنلىرىدا بەلگۈلەنگەن ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلدى.
      (3)دەم ئېلىش ۋە بايرام ھارپا كۈنلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى كوللىكتىپ ھالدا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى قانۇنسىز ئاقتۇرۇشقا مەجبۇرلاپ مىڭ بىر تەسلىكتە ياخشىلانغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ جەمىيەتتىكى ئوبرازى خۇنۇكلەششتۇرۇلدى.
      (4)مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرىنىڭ بىلىپ تۇرۇپ يولغا قۇيۇشى نەتىجسىدە،مەكتەپلەر ئۇقۇتۇش خىزمىتىنى نورمال ئېلىپ بارماي نەتىجە تۆۋەن بولسا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالدى.
       يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ئاتالمىش مۇپەتتىشلەر بىلمەمدىغاندۇ؟ئۇلارنىڭ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ۋە ھېيت بايرام كۈنلىرى خىزمەت تەكشۈرۈشىنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك؟ئېنىقىكى ئۇلار ھەسسىلەپ ئىش ھەققى ئالماقچى.
      ئىككىنچى،يالغانچىلىق مەكتەپ تەلىم تەربىيە جەريانىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدى.«نىمە قىلساڭ ئامال قىل»بۇ يالغانچىلىققا بېرىلگەن ئاتاكىغا ئۈتۈش سىگنالى بولۇپ مەكتەپ خاتىرىلىرى ئىككى خىل ياسىلىدۇ،سىنىپلاردا ناتۇنۇش ئوقۇغۇچىلار پەيدا بولىدۇ،مەكتەپلەر ئار ئۆتنە -يېرىملار باشلىنىدۇ،ئۆيلەردىكى تاختا- نۇغۇچ،كەتمەن-گۈرجەكلەر  ئەمگەك ئەسلىھەلىرى ئۆيلىرىدىن ئۇرۇن ئالىدۇ،ئەزەلدىن بولمىغان دوختۇر -سېستىرالار پەيدا بولىدۇ،تاپشۇرۇقلار يۇقىرى ئۆلچەمدە تەكشۈرۈلۈپ،نۇمۇرلار قاتۇرىلىدۇ.بوغالتېرلارنىڭ ھېساۋىدا پۇل ئاۋۇيدۇ.
       ئۈچۈنچى،«ئىككى ئاساسەن »خىزمىتى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن سىنىپتىا قالدۇرۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇقۇغۇچىلار لاياقەتلىك بولسۇن بولمىسۇن قاراقۇيۇق سىنىپ كۆچۈرۈلگەنلىكتىن،ئوقۇغۇقچىلاردىكى ئەسلىدىمۇ ئاجىز بولغان رىقابەت ئېڭى بىردىنلا يوقاپ،ئۇلار شان-شەرەپ ئار- نۇمۇس تۇيغۇسىدىن مەھرۇم بولدى.
       تۆتىنچى،ئوقۇقتقۇچىلارنىڭ يۈكى ،خىزمەت سىجىللىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ، قىلىش زۈرۈر بولغان ئىشلار تاشلىنىپ قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش مەجبۇرلانغانلىقتىن ئۇلاردا پىسىخىك تەڭپۇڭسىزلىق پەيدا بولدى.ئۇلاردا مەكتەپ مىنىڭ مەكتىپىم دەيدىغان روھ سۇسلىشىپ مەكتەپ مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ مەكتىۋىگە ئايلىنىپ قالغانلىقتىن،تەلىم تەربىيە خىزمىتى زور زىيانغا ئۇچرىدى.
       بەشىنچى،مەكتەپلەرگە بېرىلىدىغان خراجەت ۋاقتىدا بېرىلمىگەنلىكتىن،نىسىگە قۇرۇلۇش قىلىش،نېسىگە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش  ھادىسىلىرى پەيدا بولۇپ بۇ مەكتەپلەردىكى چىرىكلىكنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى بولۇپ قالدى.
      يۇقىرىقى ئەھۋاللار گەرچە ھەممە جايدا ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت بولمىسىمۇ،ئەممە بۇ مەسىلىلەر مەن ياشاۋاتقان مۇشۇ زىمىندا مەۋجۇت.
     «ئىككى ئاساسەن»خىزمىتى جەريانىدا يۇقارقىدەك مەسىلىلەر ساقلانغان بولسىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىلىرى يەنىلا بىزدە ئىشەنچ ۋە ئۈمۈت پەيدا قىلىدۇ.ئىشىنىمەنكى پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز بۇخىل ئەھۋاللارنى تۈگۈتۈشكە تامامەن قادىر.«ئىككى ئاساسەن»چۇقۇم ئۆزىنىڭ پارلاق نەتىجىسى بىلەن بىزگە قاراپ كۈلۈپ باقىدۇ،ھەمدە مائارىپىمىزدا يېڭى بىر ساھىپا ئاچىدۇ
            تۈگىدى


    收藏到:Del.icio.us