• بىرجۈپ چوكىدىن شەرقى ئاسىياغا نەزەر - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

    جۇڭگۇنىڭ چوكىسىنىڭ ئۈستى تەرەپ چاسا،ئۇچى تەرەپ يۇمىلاق.بۇخىل شەكىل ئەڭ دەسلەپتە مىڭ سۇلالىسى دەۋىرىدە شەكىللەنگەن.
    ياپۇنيىنىڭ چوكىسى جۇڭگۇنىڭكىگە قارىغاندا قىسقا،ئۇچى ئۇچلۇق بولۇپ بۇنىڭدا بېلىق يىگەندە قىلتىرىقىنى ئايرىشقا ئەپلىك بولىدىكەن.بىراق ياپۇنلار چۇڭقۇر دېڭىزبېلىقىنى كۆپىرەك يەيدۇ. ئىنچىكە قىلتىرىقلىرى كۆپ دەريا بېلىقىدا لاتقا پۇرىقى ۋە پارازىت قۇرۇتلار بولغاچقا ياپۇنلار ئاساسەن يىمەيدۇ.بۇنداق بولغاندا ئەسلىدە دەريا بېلقىقىنى كۆپىرەك يەيدىغان جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئۇچلۇق چوكا ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى جىقىراق بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمىلىيەتتە بولسا ئۇچلۇق چوكىنى ياپۇنلار ئىشلەتكەن. بۇيەردە ھەم نازۇك بىرخىل روھىي ھالەت بارھەم شۇدۆلەت كىشىللىرىنىڭ روھىدىكى ئوخشىماسلىق مەۋجۇت.
    ئۈرىيەلىكلەرنىڭ چوكىسى يەنە باشقىچە- ماتىرىيالىغا داتلاشماس پۇلات ياكى كۆمۈش ئىشلىتىلىدۇ. ئىككى دانە تۈپتۈز ئىنچىكە مىتال تاياقچە،باش -ئاخىر كەڭلىكى بىرخىل.كۈرىيەلىكلەر شورپا ئىچىدۇ،قوشۇق چوكىغا قارىغاندا كۆپىرەك ئىشلىتىلىدۇ.كۈرىيەلىكلەردە قورداق كۆپىرەك ئىتىلىدۇ،قوشۇق بىلەن ئېلىشتۇرغاندىن كىيىن بىۋاستە ئېچىدۇ،چوكىغا قارىغاندا قولايلىق.چوكا پەقەت چىلىغان سەي دىگەندەكلەرنى قىسىشقىلا ئىشلىتىلىدۇ،شۇڭا كۇرىيەدە چوكا قۇشۇقتىن كىيىن تۇرىدۇ.
    ئېيتىشلارغا قارىغاندا كۇرىيىنىڭ مىتال چوكا ئىشلىتىشى ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ئۈزۈلمىگەچ، مىتالدىن ياسالغان چوكا ئوڭايلىقچە سۇنۇپ كەتمىگەنلىكى ئۈچۈنكەن.كۇرىيەنىڭ چوكىسى قاتتىق ھەم تۈز، ئىلاستىكىلىقى ھەم ئۆزگىرىشچانلىقى يوق خۇددى كۇرىيىلىكلەرنىڭ تۈپتۈز بولغان ئىددىيە ھالىتىگە ئوخشاشلا.
    چوكا ياپۇنيەگە يېڭى تارقالغان چاغدا پەقەت ساماۋىي پادىشاھنىڭ ئىشلىتىشىگىلا بولىدىكەن،شىن تەيزىنىڭ ۋاقتىلىرىدا ئەلچى تىيەن سۇلالىسىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى چوكا ئىشلىتىدىكەن دەپ دوكىلات قىلغاچقا چوكا ئاۋال ئىسىلزادىلەر ئارىسىدا مودا بولغان كىيىن ئاۋام پۇقىرالارغىمۇ ئومۇملاشقان. بونىڭدىن نىمىشقا ياپۇنيىلىكلەرنىڭ چوكىغا بىرخىل دىنىي تۈس بەرگەنلىكىنى چۈشۈنىۋېلىش تەس ئەمەس.ياپۇن تىلىدا چوكىنىڭ «كۆۋرۇك»دىگەن مەنىسى باربۇلۇپ،يىمەكلىك بىلەن ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كۆۋرۇكلۈك مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.
    بۇخىل چوكىغابولغان دىنىي ئەقىدىگە ئوخشاش قاراش ياپۇنيەدە چوكىغا ئالاقىدار نۇرغۇن ماقال تەمسىللەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن.مەسىلەن،«چوكابىلەن كالتەكنى ئالغىلى بولمايدۇ» دىگىنى باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى كۆرسەتكەن.«چوكابىلەن ئائىلەباشلىقىنىڭ ئىككىلىسىنىڭ توم بولغىنى ياخشى»دىگىنى ئەربىلەن چوكا ئوخشاشلا مۇستەھكەم بولسۇن دىگەننى ئىپادىلىگەن.
    ياپۇنيە مىڭجى يىلىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈشتىن جاۋخېنىڭ يىگىرمىنجى يىلىغىچە چوكىنى ئىزچىل ھالدا بالىلارغا ئەدەپ-قائىدە ئۈگۈتۈشنىڭ ۋاستىسى قىلغان.ئۈچ ياشتىن ئونبەش ياشقىچە بىرسىمۇ چالاقالمىغان.بۇبىردۆلەت كىشىللىرىنىڭ ساپا مائارىپى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغان.بۈگۈنكى كۈندا ياپۇنيىدە يەنىلا چوكا ئىلمىي جەمئىيىتى باربۇلۇپ، مەخسۇس چوكىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە چوكا ئىشلىتىشنى كېڭەيتىدۇ.
    توكيودىكى «ئۈچ بۈركۈت نۇرئەسۋاپلىرى شىركىتى» نازۇك نۇرئەسۋاپلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆرەت تارتىش ئەسۋاپلىرى ئامىرىكىنىڭ ئالەم ئايرۇپىلانىغا سەپلىنىدۇ. مىڭە تاشقى كېسەللىكلىرى ئوپىراتسىيىسىدىكى چوڭايتقۇچى ئەينەك ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى تۈرلىرى.بۇشىركەتنىڭ يېڭى خادىم قوبۇل قىلىشى ناھايتى قىزىقارلىق- ئاۋال ئۆز رەسىمىنى سىزدۇرۇش ۋە ئايرۇپىلان مودىلى ياساش ، بۇئىككى ئۆتكەلدىن ئۆتىشى كېرەك. ئاخىرىدا بېلىق ئاشپۇزۇلىغا بېرىپ ئۇنىڭ چوكىنى قانداق ئىشلىتىپ بېلىق يەيدىغانلىقىنى كۆرۈش. ئالدىنقى ئىككى ئۆتكەلدىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ بېلىقنى چوكابىلەن ئەپلەپ قىسىپ يىيەلمىسە يەنىلا قۇبۇل قىلىنمايدۇ.چۈنكى چوكىنىڭ ئىشلىتىلىنشى بىرئادەمنىڭ قولى ۋە مىڭىسىنىڭ پائالىيەتچانلىق دەرىجىسىنى ئەكىش ئەتتۈرىدۇ.
    يۇقىرقى ئىشلاردىن جۇڭگۇ بىلەن ياپۇنيە ئىككى دۆلەت كىشىللىرىنىڭ روھىي ھالىتىدىكى پەرىقنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.يەنى ياپۇنيەلىكلىەر جۇڭگۇلۇقلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىنچىكە ياساشقا ماھىر كىلىدۇ.جۇڭگۇلۇقلار ئەمەلىي ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىدۇ،تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەتقىق قىلمايدۇ.بۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تۇرمۇشىتا بىرخىل ساددا ، نىشانغا ئاساسەن يەتسەملا بولدى دەيدىغان، نازۇك ھالقىلار بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.ئەمما ياپۇنلار بولسا بۇخىل گۇڭگا ھالەتكە قانائەت قىلمايدۇ، ئۇلارچوقۇم چوكىنىڭ .ئۇچىنى ئىنچىكە قىلىدۇ .بۇنداق بولغاندا بىرتال گۈرۈچنىمۇ قىسقىلى بولىدۇ، لىكىن جۇڭگۇلۇقلارنىڭ چوكىسىدا بۇنداق قىلىش تەسىرك.
    چوكا ياپۇنيە ياساش سانائىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى،ھەم ياپۇنيەدەك ئالقانچىلىك دۆلەتنىڭ ئامىرىكا بىلەن ئىقتىسادتا بەسلىشەلىشىنىڭ تۈگۈنى.ياپۇنيەنىڭمەھسۇلاتلىرى كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان ، ھەيران قالارلىق ھالدا ئادەمگە ئوڭايلىق يارىتىپ بىرىدىغان ئارتۇقچىلىققا ئىگە.بۇنىڭ ھەممىسى جۇڭگۇدىن تارقالغان ئۇچى يۇمىلاق چوكىنى ئۇچلۇق قىلىپ ئۆزگەرتكەندىن باشلاپ ، مۇشۇنداق كىچىككىنە پەرىق ئارقىلىق خۇددى«قىلدىن قىيىق كەتسە، مىڭ يىل كەينىدە قاپتۇ »دىگەندەك ھالەتنى
    كەلتۈرۈپ چىقارغان

    مەنبە:تەرجىمە سىتۇدىيىسى.


    收藏到:Del.icio.us