• مەخپىي خەۋەر: چاۋشيەن ئۇرۇشىنى سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىغانA

    ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەھۋال شۇكى، تا بۈگۈنگە قەدەر بەزىلەر: «چاۋشيەن ئۇرۇشى شىمالىي چاۋشيەن جەنۇبىي چاۋشيەن (كورىيە) نىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە بەرگەن قايتۇرما زەربىسى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، كوممۇنىزم خىرىسقا دۇچ كەلگەچكە، قىيىن ئەھۋالدا قالغان ستالىن جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر ئىتتىپاقدىشىنىڭ تەلىپىگە تازا خالىمىغان ھالدا ماقۇل بولغانلىقىنىڭ نەتىجىسى» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇۋاتىدۇ. بىراق ئىشنىڭ ماھىيىتى ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ھەقىقىي ماھىيەت كىشىلەرنىڭ قارىشىنىڭ دەل ئەكسىچە!

      ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى زادى قەيەردە؟

      1950- يىلىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مەسىلە ئامېرىكا زادى قانداق شارائىتتا دىئان ئېكسون ئېيتقان «ئاجىز ۋەزىيەت» نى قوللىشى، ھەتتا بىۋاسىتە قوللىشى كېرەك؟ دېگەن سوئال ئىدى. بۇ يەردە دېيىشىۋاتقان «ئاجىز» لىق تەيۋەن ياكى جەنۇبىي چاۋشيەندەك مۇداپىئەسى ئىنتايىن ناچار رايونلارنى كۆرسىتەمدۇ؟ ناۋادا بۇ جايلار ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى، دەپ قارالسىچۇ؟ لوندون ۋە باشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئامېرىكا ئۆزىنى تارتىشى مۇمكىن بولغان ئاشۇ «ئاجىز ۋەزىيەت» نىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىغا بەكرەك دىققەت قىلىشقا باشلىدى، شۇڭا غەرب ئەللىرى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا 3- دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇتتۇرۇۋېتىش ياكى ئوبدان تەييارلىق قىلىپ ئىنتايىن ئوسال بىر كىچىك رايوندا بىر مەيدان جەڭ قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى.
      ماك ئارتورنىڭ يىراق شەرق قوماندانلىق شتابى كىشىلەر ئاڭلىغاندەك ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىدى، چۈنكى 8- قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇرۇش مەشىقى شۇنچىلىك ناچار 108 مىڭ ئەسكەرنى توپلىۋالغانىدى، ئۇلار ياپونىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان بولۇپ، ھەر بىر دىۋىزىيىدە 1000 چە قورال كەم ئىدى، بۇ ئەلۋەتتە ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ تەلىپىگە زادىلا توشمايتتى. ئەسكىرىي كۈچى ئېغىر دەىجىدە يېتىشمەيۋاتقان ھاۋا ئارمىيە 5- چوڭ ئەترىتىدە پەقەت 34 مىڭ ئەسكەر بولسىمۇ، ھەتتا ئۇلار ياپونىيىدە مۇداپىئەدە تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جەڭ ئايروپىلانى يوق ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ بۇ ھال ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەخپىي رازۋېدكا قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىدى. شۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ كورىيىدە ئاران 500 ئەسكىرى بار ئىدى، ترومىنېن زۇڭتۇڭنىڭ دىپلوماتىيە مەسلىھەتچىسى خارمان ھەتتا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ «يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتى» گە ئۆكتە قوپقانىدى، بىراق بۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ يادرو قورال ئامبىرىدا 298 ئاتوم بومبىسى بار ئىدى. 

       ستالىننىڭ جىددىي پىلانى

       1950- يىلىنىڭ دەسلىپىدە سېئۇل جىددىيلىشىپ قالدى، چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەربىيىلىگەن («ئۇلۇغ داھىي» (كىم ئېرسىن) شىمالىي چاۋشيەننى كونترول قىلىپ، «34-T» بەلگىلىك تانكىدىن 258 نى 178 جەڭ ئايروپىلانى بىلەن 1600 زەمبىرەكنى توپلىغانىدى، ئۇنىڭ يەنە قىزىل ئارمىيىدىكى ياش ئوفىتسېرلار يېتەكلىگەن جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك، مەشىقلىنىش ساپاسى يۈكسەك سەككىز دىۋىزىيىسى بار ئىدى، يەنە جۇڭگو غەلىبىگە ئېرىشكەن ئازادلىق ئارمىيىدىكى تولۇق قوراللانغان 70 مىڭ چاۋشيەن مىللىتى جەڭچىسى يۆتكىلىپ چىققانىدى. بۇ چاغدا جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ ئۇرۇشقا يارايدىغان سەككىز دىۋىزىيىسى بولسىمۇ، لېكىن قورال - ياراغلىرى ناچار، ھەربىي تەمىناتى يېتەرسىز ئىدى، ھەتتا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى ئۇلارنى قىسىم دەپ قارىمايتتى، دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ھەقىقىي ئىسىمى ساقچى ئىدى. ئۇلاردا تانكا تۇرماق، تانكىغا قارشى قورال - ياراغلارمۇ يوق ئىدى.
      1950- يىلى باھار ئىككى پارتىيە ئورتاق تونۇشى ئاساسىدا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىگە كىرگەن جونسون فورست دورس جەنۇبىي چاۋشيەننىڭ پارلامېنتىدا خۇسۇسىي نامىدا پەيدا بولۇپ، يەنە بىر قېتىم خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش ۋەدىسى بەردى. بۇ قېتىمقى زىيارەت تاۋجاۋۇزچىلىق يۈز بېرىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن بولغانىدى، دورس سېئولدىكىلەرگە چۈشەنچە بېرىپ: ئامېرىكىنىڭ يادرولۇق مەيدانى ئىنتايىن مۇستەھكەم، ئۇ بولسىمۇ ۋاقىت جەھەتتە ئۇتۇپ گۈللەنگەن، تىنچ جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى قوللاۋاتقان شىمالىي چاۋشيەننى بەربات قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، دېدى. ئەمما ستالىننىڭ تېخىمۇ جىددىي بىر تۇتاش پىلانى بار ئىدى، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەي 25- ئىيۇن سەھەر سائەت 00:4 تە تەخمىنەن 150 تانكا بىلەن 90 مىڭ ئەسكەر جەنۇبىي چاۋشيەنگە يۈرۈش قىلدى، ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى شەخسەن ئۆزى تۈزگەنىدى.
       سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ شۇجىسى خېرىشېۋ ئەينى چاغدا مولۇتوۋغا: «--- قوزغىغان ئۇرۇش بولدى!» دېگەنىدى. بۇ يەردە ئېنىقلىۋېلىشىغا تېگىشلىك ئامىل كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ مۇھىم؟ دېگەن بولۇشى كېرەك، ئەلۋەتتە. ۋاشىنگتوننىڭ ئۇرۇشنىڭ مەنبەسى ھەققىدىكى ھۆكۈمى نېمىلا دېگەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ تىنچ مەزگىلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ كاتالىزاتورى، شۇنداقلا ياۋروپا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئارىلىشىش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسى، جۇڭگو بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تىل بىرىكتۈرگەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىش ئاساسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەڭ ئاخىرىدا مەغلۇپ قىلىش تىرىشچانلىقىنىڭ تۈرتكىسى بولالايتتى.
    (داۋامى كېيىنكى ساندا)
    مەنبە:باغداش مۇنازىرىسى


    收藏到:Del.icio.us




    • 评论

    • [avatar:30]ikbal2326776

      0
      باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى : 本帖被 koltekin 执行取消置顶操作(2009-03-30)1-ئەي پەرزەنتىم،ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ياراتقۇچىنى تونۇغىن .
      2-بىرىگە نەسىھەت قىلساڭ،ئۇنىڭغا ئاۋال ئۆزەڭ ئەمەل قىل.
      3-سۆزنى ئۆز ئەھۋالىڭغا بېقىپ قىل.
      4-ئادەملەرنىڭ قەدرىنى بىل.
      5-ھەممىنىڭ ھەققى-ھوقوقىنى چۈشەن.
      6-سىرىڭنى مەخپى تۇت.
      7-دوستنى قىيىن كۈندە سىنا.
      8-دوستنى پايدا ۋە زىيان ئالدىدا سىنا.
      9-رەزىل ۋە نادان ئادەملەردىن يىراق بول.
      10-دانا ۋە زېرەك ئادەمنى دوست قىلىپ تاللا.
      11-ياخشى ئىشقا قاتتىق بېرىل.
      12-ئايالغا قاتتىق ئىشىنىپ كەتمە.
      13-ساپ دىل ۋە دانا كىشىلەر بىلەن مەسلەھەت قىل.
      14-سۆزنى دەلىل-ئىسپات بىلەن سۆزلە.
      15-ياشلىقىڭنى غەنىمەت بىل.
      16- ياشلىقىڭدا ئىككىلا دۇنيانىڭ ئىشىنى قىل.
      17-دوست-بۇرادەرلىرىڭنى ئەزىزلە.
      18-دوست ۋە دۈشمىنىڭگە يۈزۈڭنى ئوچۇق تۇت.
      19-ئاتا-ئانىنى غەنىمەت بىل.
      20-ئۇستازنى ئاتاڭدىن ئەزىز بىل.
      21-خىراجەتنى كىرىمگە قاراپ قىل.
      22-ھەرقانداق ئىشتا خالىس يول تۇت.
      23-ئالىجانابلىقنى ئۆزەڭگە شۇئار قىل.
      24-مېھماننىڭ خىزمىتىنى قائىدە بويىچە قىل.
      25-بىرىنىڭ ئۆيىگە كىرگەندە،كۆز ۋە تىلىڭغا ئېھتىيات قىل.
      26-كىيىمىڭنى ۋە بەدىنىڭنى پاكىز تۇت.
      27-جامائەت بىلەن ھەمدەرد بول.
      28-پەرزەنتىڭگە ئىلىم -ئەدەپ ئۈگەت .
      29-ئىلاج بولسا،پەرزەنتىڭگە چەۋەندازلىق ۋە مەرگەنلىكنى ئۈگەت.
      30-ئاياق كىيىمنى ئوڭ پۇتتىن باشلاپ كىي،يېشىشنى سول پۇتتىن باشلا.
      31-بىرى بىلەن ئىش قىلساڭ ،شۇ ئادەمگە لايىق قىل.
      32-كېچىسى گەپ قىلساڭ ئاستا ۋە مۇلايىم سۆزلە،كۈندۈزى گەپ قىلساڭ ،ئەتراپىڭغا بېقىپ سجزلە.
      33-ئاز يىيىش ۋە ئاز سۆزلەشنى ئادەت قىل.
      34-ئۆزەڭگە ياقمىغان نەرسىنى ،ئۆزگىگىمۇ راۋا كۆرمە.
      35-ئاۋال ئويلاپ ،چارە-تەدبىر تېپىپ ئىش قىل.
      36-ئوقۇماي ئۇستازلىق قىلما.
      37-خوتۇن ۋە بالىغا سىر ئېيتما.
      38-باشقىلاردىن ياخشىلىقنى تەما قىلما.
      39-پەسكەش ئادەمدىن ۋاپا كۈتمە.
      40-ھەرقانداق ئىشتا بىپەرۋا بولما.
      41-قىلىنمىغان ئىشنى قىلىنغان ھېساپلىما.
      42-بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قالدۇرما.
      43-ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىگە چاخچاق قىلما.
      44-ئۆزەڭدىن چوڭ كىكشىگە دەيدىغان سۆزۈڭنە سوزما.
      45-ئاممىغا <بولۇپمۇ ئاددى ككىشىلەرگە>يامان كۆرۈنمەسلىككە تىرىش.
      46-ھەجەتمەن كىشىلەرنى نا ئۈمۈد قالدۇرما.
      47-ئۆتكەن جىدەلنى ئەسلىمە.
      48-باشقىلارنىڭ ياخشىلىغىنى ئۆز ياخشىلىغىڭ بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالما.
      49-قانچىلىك بايلىقىڭ بارلىقىنى دوست-دۈشمۈنۈۇڭگە بىلدۇرمە.
      50-قېرىنداشنى قېرىنداشتىن ئايرىما.
      51-ياخشى ئادەمنى غەيۋەت بىلەن يادلىما.
      52-پەقەت ئۆزۈڭنىلا ئويلىما.
      53-كۆپچىلىك ماڭغان بولسا ،سەنمۇ ئۇلارغا ئەگەش.
      54-بارماقلىرىڭنى ئېغىز ۋە بۇرنۇڭغا تەككۈزمە.
      55-ئادەملەرنىڭ ئالدىدا چىشىڭنى كوچىلىما.
      56-ئاغزىڭ ۋە بۇرنۇڭنىڭ سۈيىنى قاتتىق ئاۋاز بىلەن تاشلىما.
      57-ئەسنىسەڭ قولۇڭ بىلەن ئاغزىڭنى ياپ.
      58-ئادەملەرگە قاراپ كېرىلمە.
      59-بارمىقىڭنى بۇرنۇڭغا تىقما.
      60-جىددى سۆزنى چاخچاققا ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلىمە.
      61-بىرىنى بىرىنىڭ ئادىدا خىجىل قىلما.
      62-قاش،كۆزۈڭ بىلەن چېقىمچىلىق قىلما.
      63-ئېيتقان سۆزۈڭنى تەكرارلىما.
      64-باشقىلارنى بىمەنە كۈلدۇرۇشتىن ساقلان.
      65-ئۆزۈڭنى ۋە يېقىن دوستلۇرۇڭنى ئادەملەر ئالدىدا ماختىما.
      66-ئۆزۈڭنى ئاياللارغا ئوخشاش ياسىما.
      67-بالىلىرىڭ نىمە دىسە شۇنى قىلىۋەرمە.
      68-تىلىڭنى ئايا.
      69-سۆزلەۋېتىپ قولۇڭنى شىلتىما .
      70-ھەممە ئادەمنى ھۆرمەتلەشنى ئۇنتىما.
      71-ئىغۋاگەر ئادەم بىلەن سۆھبەتداش بولما.
      72-ئۆلگەن ئادەمنى يامانلاش بىلەن يادلىما،ئۇنىڭ پايدىسى يوق.
      73-ئىلاج بار ، بىرى بىلەن ئۇرۇشما ۋە ئاداۋەت ساخلىما.
      74-باشقىلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى سىنىغۇچى بولما.
      75-ئۇلۇغلارنىڭ سىنىشىنى ياخشىلىق بىلەن يادىڭدا تۇت ۋە گۇمان قىلغۇچى بولما.
      76-ئۆز نېنىڭنى باشقىلارنىڭ داستىخىنىدا يىمە.
      77-ئىشتا ئالدىراخسانلىققا يول قويما.
      78-مال-دۇنيا تاپىمەندەپ ئۆزەڭنى قىيناپ يۈرمە.
      79-كىمكى ئۆزىنى تونۇمىسا ،سەن ئۇنى تونۇ.
      80-ئاچچىغىڭ كەلگەندە سۆزنى تاللاپ قىل.
      81-ئېتىكىڭ بىلەن بۇرنۇڭنى ئېيتما.
      82-كۈن چىققۇچە ئۇخلىما.
      83-ئادەملەر ئالدىدا يالغۇز بىر نەرسە يىمە.
      84-چوڭلارنىڭ ئادىغا ئۆتۈۋېلىپ ماڭما.
      85-باشقىلار سۆزلىشىۋاتقاندا ،ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئارلىشىۋالما.
      86-بېشىڭنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرما.
      87-كوچىدا ئوڭ-سولۇڭغا ئەلەڭلەپ قاراۋەرمە، ئۇدۇل مېڭىپ،يەرگە قاراپ يۈر.
      88-ئىلاج بار ياۋداق قۇلاققا مىنمە.
      89-مېھمان ئالدىدا باشقا بىرىگە غەزەپلىنىپ زەھىرىڭنى چاچما.
      90-مېھماننى ئىشقا بۇيرىما.
      91-دىۋانە ۋە مەست ئادەم بىلەن سۆزلەشمە.
      92-مەھەللىدىكى بىكارچى ۋە بەڭۋاشلار بىلەن ئولتۇرما.
      93-پايدا -زىيان قوغلۇشۇپ ،ئابرويۇڭنى تۆكمە.
      94-مەنمەنچى ۋە تەكەببۇر بولما.
      95-ئادەملەرنىڭ ساڭا خوشامەت قىلىشىدىن قاچ.
      96-جىدەل ۋە پىتنىدىن يىراق تۇر.
      97-پىچاقسىز ،ئۈزۈكسىز ۋە پۇلسىز يۈرمە.
      98-ئۆزۈڭنى بەكمۇ خار قىلماسلىققا تىرىش.
      99-ئۆزەڭنى كەمتەر ۋە تۆۋەن تۇت.
      100-گۇنادىن قورقۇش،خەلققە ئىنساپ قىلىش،ئۇلۇغلارغا خىزمەت،ككىچىكلەرگە شەپقەت،دەرۋىشلەرگە ساخاۋەت،دوست ۋە ياشلارغا نەسىھەت قىلىش،
      دۈشمەنلەرگە تاقابىل تۇرۇش،جاھىللارنى جىملىق بىلەن يۇمشۇتۇش،ئالىملارغا ھۆرمەت قىلىش بىلەن ياشا،بىرەرىنىڭ مال-دۇنياسىغا تەمەگەرلىك بىلەن كۆز تىكمە.
    • [avatar:30]مۇشۇ سىتالىننىڭ سىياسىي سۈيقەستلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن باشقا نۇرغۇن مىللەت ۋە دۆلەتلەر شاھمات تاختىسىدىكى پىشكا بولۇپ قالدى دېسە. خالىغان ۋاقتىدا شاھنى قوغداش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىۋېرىدۇ.