• «چىڭ ھۆكۈمتى»دىيىش توغرىمۇ؟ - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

     كىشىلەر «مانجۇ چىڭ ھۆكۈمىتى»دىگەن سۆز بىلەن چىڭ خانىدانلىقىنى ئىپادىلەشتى.بىرقىسىم دەرسلىكلەردىمۇ چىڭ ھۆكۈمىتى چىڭ خانىدانلىقى دىگەن سۆز ئارلاشتۇرۇپ ئىشىلىتىلدى.ئەمىلىيەتتە« چىڭ ھۆكۈمىتى »بولغان ئەمەس.1636-يلى شۇنجى خان دۆلەت نامىنى «بۈيۇك چىڭ»غا ئۆزگەرتكەمدىن تارتىپ،1911-يىلى پادىشا شۇەنتوڭ تەختتىن چۈشكەنگە قەدەر ،پادىشالىق ۋارىسلىق تۈزۈمى بويىچە داۋاملاشقان.ھېچقانداق ھۆكۈمەت قۇرۇلمىغان،شۇەنتوڭنىڭ تەختتىن چۈشۈشى ھۆكۈمەت ھۇقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولماستىن،پادىشاھلىق ھاكىمىيەت سۈپىتىدە خەلق تەرىپىدىن  ئاغدۇرۇلغانلىقىدۇر.پادىشاھلىق پەرمانلىرى ھېچقاچان ھۆكۈمەت ھۆجىجىتى سۈپۈتىدە ئېلان قىلىنمايتى،پادىشا قاشتېشى مۆھۈرىنى باسسىلا كۈچكە ئىگە بولاتتى.
         ھۆكۈمەت بىلەن پادىشاھلىق ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلىندۇ.ئىككىسى ئوخشاش بولمىغان سىياسى تۈزۈلمە ۋە ھاكىمىيەت شەكلى بولۇپ،تەڭ ئۇرۇنغا قۇيۇشقا بولمايدۇ.پادىشاھلىق ئوتتۇرا ئەسىر  ئۇششاق دىھقانچىلىق جەمىيىتى سىياسەت ۋە ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى بولۇپ ،ئۇ ھۆكۈمەت شەكلىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ،ۋاقتى ئۆتكەن سىياسى يۈزۈلمە.
       ھۆكۈمەت يېقىنقى زامان تاۋار ئىگىلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ،ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان بارلىق ئورگانلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ كۆرسۈتىدۇ.ئۇنىڭدا پارلامىنت،سىاسى پارتىيە،پۇقرالار ئۆز -ئارا باغلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.ئۇ ماھىيەت جەھەتتىن بىرخىل دىمۇكىراتىك تۈزۈلمە بولۇپ،پادىشاھلىق بىلەن قارمۇ-قارشى يول تۇتىدۇ.شۇڭا پادىشاھلىق دەۋرى تەسۋىرلەنگەن كىنو فىلىملەردىكى«»نى«ھۆكۈمەت ئىشى»دەپ تەرجىمە قىلىش توغرا ئەمەس.ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئادەت بويىچە خانلىق خىزمىتى،پادىشالىق .ئىشى ،دەپ تەرجىمە قىلىش مۇۋاپىق.

     مەنبە:نۇرباغ تەرمىلىرى


    收藏到:Del.icio.us