• ئويلېنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش(2-بۆلۈم) - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

    2. قېيىداش روھىي ھالېتى :

    پروفېسسور ئالدىمغا قويغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرمۇنچە ئادەم بىلەن پاراڭلاشتىم، بىرمۇنچە ئەھۋال بىلەن تونۇشتۇم. بىرەر خاتا سىياسىي ھەرىكەتنىڭ كىشىلەرنىڭ دىلىنى رەنجىتكەندىن كېيىن قانداق قېيىداش روھىي ھالەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. تارىخىي بىمەنىلىك تولا چاغلاردا باشقا بىر بىمەنىلىكنىڭ جازالىشىغا ئۇچرايدىكەن. بىرىنچى ئاچچىق دەردنى يۇتقان ئادەم ئىككىنچى ئاچچىق دەردنى يۇتۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن. بىرىنچىسىنى نائىلاج مەجبۇرىي يۇتقان بولسا، ئىككىنچىسىنى ئۆز رايى بىلەن يۇتىدىكەن. ئەنە شۇنداق قېيىداش ھېسسىياتىنىڭ يوشۇرۇن ئېقىمى دەسلەپ شۇنداق مەۋج ئۇرۇپ، كۈچلۈك ئۆركەشلەيدىكى، ھەتتا ئىجتىمائىي ئورنى خېلى يۇقىرى، يىراققا كۆزى يېتىدىغان ئادەملەرمۇ، پەم- پاراسىتى ئۆتكۈر، ئېغىر- بېسىق ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا تارتىلماي قالمايدىكەن. ئەنە شۇنداق پەيتتە يۈرەكتىكى دولقۇننىڭ پەس كويغا چۈشۈشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە مەجبۇر بولىدىكەنسىز. ئەگەر كىمكى يەڭلىرىنى شۈمەيلەپ، قوللىرىنى ئوينىتىپ، چوقان كۆتۈرۈپ، دولقۇنغا قارشى ھەرىكەت قىلىدىكەن، كۈتكەن ئارزۇسىنىڭ ئەكسىچە ئاقىۋەتكە قېلىشى تۇرغان گەپ. بۇنىڭ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن ئەقىل سورىسام، ئۇلار بىر بولسا، ئەمەلىي مەسىلىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇراتتى، بىر بولسا، ئالدى- كەينىگە قاراپراق سۆزلەيتتى، ياكى سوغۇق كۈلۈش بىلەنلە تۈگىتەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ تەمكىنلىكى، ئېغىر بېسىقلىقى. چۈنكى دولقۇن كۆتۈرۈلۈۋاتقاندا، ئۇلار گەپ- سۆزدە، ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇشقا مەجبۇر ئىدى. بۇ يەردىكى دەردنى شۇنداق دەردنى تارتمىغان ئادەمنىڭ چۈشىنىشى مۇمكىن ئەمەس. چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بەرگەن زەربىسى ھەر تەرەپلىمە بولغاچقا، ئۇنىڭغا نىسبەتەن يېنىش، قېيداشمۇ كۆپ تەرەپلىمە بولماقتا. پاراڭلاشقان ئادەملەردىن قالدۇرغان خاتىرىلىرىم ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كىتابخانلار ئالدىغا قويۇشۇم مۇمكىن بولمىغاچقا، بۇ يەردە بىرنەچچە پارچىسىنىلا نەقىل كەلتۈرەي.خاتىرە- 1:ئاپتونوم رايۇنلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ئىسلام دىنىي باشقارمىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت تۇرسۇن 30 نەچچە ياشلاردا بار، ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرىدىن ئۇيغۇرلارغا خاس چېچەنلىك چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇ خەنزۇچىنى راۋان سۆزلەيدىكەن. سوئاللىرىمغا قالدۇرماي جاۋاب بېرىپ ئولتۇردى. نازۇك مەسىلىلەردە گەپنى يوپۇتۇپ ئولتۇرمىدى، ياكى مەنسەپدارلارچە پۈچەك گەپلەر بىلەن قۇرۇق ياندۇرىدىغان ئىشنىمۇ قىلمىدى، ناھايىتى سەمىمىي پاراڭلاشتى، پاراڭ ئارىسىدىكى كۆڭۈللۈك كۈلكىلىرى ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ سەمىمىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ تۇردى.-- سوۋېت ئىتتىپاقىدىن، تۈركىيىدىن كەلگەن مۇھاجىرلىرىمىز دائىم: «شىنجاڭدا قانداق بولۇپ دىن ئەۋج ئېلىپ كەتتى؟» دەپ سورايدۇ. بىز ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردۇق، ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنىڭ مەنبەسى بار. 50- يىللاردا توغرا دىنىي سىياسەت يېتەكچىلىكىدە خۇداسىزلىقنى تەشۋىق قىلىش ئەركىنلىكىمۇ، خۇداگۈيلۇقنى تەشۋىق قىلىش ئەركىنلىكىمۇ بار ئىدى. ۋەتەنپەرۋەر دىنىي ئەربابلار ھۆكۈمەتكە ماسلىشىپ، بىرمۇنچە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغان. دىن ئىدېئولوگىيىگە مەنسۇپ، ئۇ ئادەمنىڭ ئىدىيىۋى كۆز قارىشى. ماركس، لېنىن: دىنغا قوپال مەمۇرىي ۋاسىتە بىلەن مۇئامىلە قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ ئاللىقاچان ئېيتقانىدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» دىننى ۋەھشىيلەرچە دەپسەندە قىلدى، نۇرغۇرن مەسچىتنى تاقىۋەتتى، تارتىۋالدى: ئىسلام ئەھلى ئىززەتلەيدىغان موللىلىرىمىز ئېگىز قالپاق كىيگۈزۈپ سازايى قىلىندى؛ ئۇزۇن ساقال، ئۇزۇن چاپان- يەكتەك موللىلىرىمىزنىڭ ئىززەت- ئابرويى ئىدى، بەزى جايلاردا ئۇلارمۇ قايچىلاپ- قىرقىپ تاشلاندى؛ مۇسۇلمانلارنىڭ نەزەرىدە قۇرئان ئاللاتائالانىڭ ۋەھىيى، ئەمرى ئىدى، «ھەدىس» مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەلىمى ئىدى. ئەنە شۇ مۇقەددەس كىتابلار ئەرەبچە بولۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابىغىچە كەم تېپىلاتتى. قولىدا ئەرەبچە قۇرئاندىن بىرەر نۇسخا بار ئادەم ئۇنى گۆھەردەك قەدىرلەپ ساقلايتتى. لېكىن ئىسيانچى باتۇرلار ئوتقا تاشلاپ تۈگەتتى. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ يۈرىكىنى يارا قىلماي قالمىدى.ئېلاۋە: ئادەمنىڭ ھېسسىياتى تاشقىرىدىن كېلىۋاتقان تەسىرگە قارىتا تولىمۇ سەزگۈر بولىدۇ. ئادەم تۈرلۈك- تۈمەن شەيئىنى ئۆزىنىڭ ھېسسىيات ئەگلىكىدىن ئۆتكۈزۈپ، شۇنىڭغا مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرىدۇ- خۇشال بولىدۇ، غەزەپلىنىدۇ، مەيۈسلىنىدۇ، ھۇزۇرلىنىدۇ. ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق ھەر جايدا بار، دېگەن گەپ ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنىڭ ئەكس رولىمۇ بار، دېگەن گەپ. ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى قەدىرلىمىگەن كىشى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى قەدىرلىمىگەن بولىدۇ. ماركس «ئىقتىسادشۇناسلىق- پەلسەپە ئورىگىنالى» ناملىق ئەسىرىدە: «مۇھەببەتنى مۇھەببەت بىلەنلا، ئىشەنچنى ئىشەنچ بىلەنلە ئالماشتۇرۇش مۇمكىن» دەپ يازغانىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئۆز زامانىسىدا شەرققە يۈرۈش قىلىپ، ئىران شاھى دارىئۇس II نى مەغلۇپ قىلغانىدى. ئۇ ئاتلىق لەشكەرلىرىنى باشلاپ، دارىئۇس I نىڭ قەبرىسى يېنىدىن ئۆتكەندە، ئاتتىن چۈشۈپ، قەبرىگە گۈل قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن. بۇ بۇنىڭدىن 2400 يىل ئىلگىرى نۇسرەت تاپقان پادىشاھنىڭ مەرىپەت ۋە پەزىلىتىنىڭ ئىپادىسى، ئۇ ئارستوتېلنىڭ مۇناسىپ شاگىرتى. ۋەھالەنكى «ماركسىزمنىڭ ھامىيسىمىز» دېيىشىۋالغان «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتكەنلىرى بولسا، ئىپتىدائىي ۋەھشىيلىك بولدى. ئۇلار «خەلق»، «ئامما» دېگەن سۆزلەرنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، لېكىن نەزەرىدە ئادەم بولسا كاشكى. ئۇلار ئادەمنى گويا ئۆز قولىدىكى يىپلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان قورچاق دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى جالىغىنىچە ئاياغ- ئاستى قىلدى. بۈگۈن بۇ بىر توپ ئادەمنى قاقشاتقان بولسا، ئەتىسى ئۇ بىر توپ ئادەمنى رەنجىتتى، ئۇلار ئۆز ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆكتەملىك قىلىپ، كىشىلەرنىڭ يۈرىكىگە لەنەت- غەزەپ ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇنداق غەزەپ مۇبادا چەكلىك دائىرىدىن ھالقىپ، ئومۇمىي تۈس ئالىدىغان بولسا، ئەتە- ئۆگۈن ياكى يوشۇرۇن ھالدا، ياكى توغرىدىن- توغرا ۋە ياكى ئەگرى يوللار بىلەن كۆتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى داۋالغۇتىدىغان كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئۇلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈشمىدى.«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» يوقالغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت دىنىي سىياسەت جەھەتتە مالىمانچىلىقلارنى ئوڭشاپ، تاقىلىپ كەتكەن مەسچىتلارنى ئېچىپ بەردى، تارتىۋېلىنغانلىرىنى قايتۇرۇپ بەردى، 1 مىليون 800 مىڭ يۈەن پۇل ئاجرىتىپ، نوقتىلىق مەسچىتلەرنى رېمونت قىلغۇزدى. قۇرئاننى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە، نەشىر قىلدۇرۇپ بەردى. بۇ ئىش پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە يېڭىلىق بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىدا شۇنىڭغا ئوخشاش كىتابلارنى نەشىر قىلىشقا يول قويۇلمىغاچقا، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇغقان يوقلاپ بارسا، ئۇ تەرەپتىكى مۇسۇلمانلار ئۇيغۇرچە قۇرئاننى يۇقىرى باھادا سېتىۋېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرگەن. ئۈرۈمچىدە دىنىي شۆيۈەنمۇ قۇرۇلدى. ھۆكۈمەت ھەر يىلى ھەرەمگە ئادەم ئەۋەتىۋاتىدۇ. بۇ ئىشلار چەت ئەللەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ مەدھىيىلىرىگە ئېرىشمەكتە.زۇلۇم بار يەردە قارشىلىق بولىدۇ. چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنى دىنغا بىر قانچە يىل زۇلۇم سالغانىدى، ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەنلا دىن ھەۋىسى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئىلگىرى مەسچىتكە يولىمايدىغان ئادەملەر ناماز ئوقۇيدىغان بولدى. شەھەرلەردىمۇ، يېزىلاردىمۇ مەسچىتلەر ياسالدى، كېڭەيتىلدى، يېڭىدىن سېلىندى. 1958- يىلى 14 مىڭ مەسچىت بار ئىدى، ھازىر 19 مىڭغا يەتتى. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بۇلتۇر جەنۇبىي شىنجاڭغا ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈپ قارىسا، چەت- پايناپ يېزىلاردىمۇ، كوئېنلۇن تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىدىمۇ، ھەتتا تەكلىماكاننىڭ لېۋىدىمۇ مەسچىت بار ئىكەن. چەت- ياقا يەرلەردە يىراقتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان چىرايلىق بىنالارنىڭ مەسچىت ئىكەنلىكىنى سورىماي تۇرۇپمۇ بىلگىلى بولىدىكەن، توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ناھايىتى پايناپ بىر يېرىدە خەلق يەتتە چاقىرىم يەردىن توشۇپ كېلىپ ئىچىدىكەن، لېكىن ئۇلار پۇل يىغىش قىلىپ، ئۆستەڭ چاپماي، مەسچىت سېلىشىپتۇ. مەسچىت سېلىش ئۈچۈن پۇل كېرەك. بۇ ئەمدىلا باياشاد تۇرمۇشقا ئېرىشىۋاتقان دېھقان، چارۋىچىلارغا يۈك ئەمەسمۇ؟! مەسچىت كۆپەيگەنلىكتىن مەدرىسمۇ كۆپەيمەكتە. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، دېھقانلار بالىلىرىنى ئىلىم- بىلىم ۋە پەن- تېخنىكا ئۆگىنىدىغان ئادەتتىكى مەكتەپلەرگە بەرمەي، مەدرىسلەرگە بېرىدىغان بولۇۋالدى. دىندا ئوقۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق ساندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش زۆرۈر. لېكىن تولىمۇ كۆپ بولۇپ كەتسە، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە نېمە پايدىسى بولار؟ئېلاۋە: بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش، قېيىداش، دېگەن ئەنە شۇ.خاتىرە- 2:ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل- يېزىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلى ئابىت ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا خىيالغا چۆمۈپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن سورىغان سوئاللارمۇ ئۇ يېقىندىن بۇيان كېچە- كۈندۈز ئويلاپ يۈرگەن مەسىلىلەر ئىكەن. ئۇنىڭ قوشۇمىسىدىن قايغۇ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ بوم ئاۋازدا ئاچچىق كۈلكە ئارىلاش گەپ باشلاش بىلەنلا قايناپ قالدى:--چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنى پۈتۈن جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئۆزىنىڭ زەربە نىشانى قىلدى، لېكىن تىل- يېزىق جەھەتتە پەيدا قىلغان بالايىئاپەتلىرىنىڭ دەردىنى بولسا، پەقەت بىر نەچچە مىللەتلا تارتتى.چېكىدىن ئاشقان سولچى ستالىنمۇ ئۆزىنىڭ تىلشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلىرىدە، تىل- يېزىقنىڭ سىنىپىيلىكى يوق، دېگەنىدى. ئېلىمىزدىكى چېكىدىن ئاشقان سولچىل لۇشيەن تىل- يېزىقنى زورمۇزور سىياسەت بىلەن بىرلەشتۈرۈۋالدى. 50- يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئېغىش تەشەببۇس قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىغا رۇس تىلىدىن بىر مۇنچە ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەن ئاتالغۇلىرى قوبۇل قىلىنغانىدى. شۇ ئاتالغۇلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى بىر خىل ئىلگىرىلەش دېيىشكە تېگىشلىك. سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئىلگىرى ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللانغان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر يېزىقلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، سلاۋيان يېزىقىنى قوللاندى. شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر، قازاق، تاتار، قىرغىز، ئۆزبېك زىيالىيلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سوۋېت قازاقىستانىنىڭ، قىرغىزىستاننىڭ، ئۆزبېكىستاننىڭ كىتاب، گېزىت- ژۇرناللىرىنى ئوقۇيالايتتى. سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدا تەرجىمە خىزمىتىمۇ ياخشى ئىشلەنگەنىدى. ئۇلارنىڭ كىتاب، گېزىت- ژۇرناللىرىنىڭ ياردىمى بىلەن دۇنيادىن خەۋەردار بولغىلى بولاتتى. 50- يىللاردا شىنجاڭدىكى بىر نەچچە ئاز سانلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇچۇرلىرى ئانچە بېكىك ئەمەس ئىدى.جۇڭگو- سوۋېت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقى تىل- يېزىققىمۇ تەسىر قىلدى. ئىلگىرى رۇس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئورنىنى خەنزۇ تىلى ئالدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر خىل چېكىنىش. تىل- يېزىقنىڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن نېمە ئالاقىسى بولسۇن؟! خەنزۇ تىلىدىكى «پەلسەپە»، «تەشكىلات»، «ئىقتىساد»، «كادىر» دېگەن سۆزلەر ياپون تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان، ئۇلارمۇ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش تۈپەيلىدىن شۇ سۆزلەرنى ئۆزگەرتكىنى يوق. شۇ چاغلاردا بۇ بىر مۇنچە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چېكىدىن ئاشقان سولچىل سىياسىي ھاۋا بېسىمىدا ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى.ئېلاۋە: خەنزۇلارنىڭ يېزىقى تاشپاقا قېپى، ئۇستىخان يېزىقى، قوڭغۇراق- ئىسرىقدان يېزىقى، چوڭ يۆگىمەچ خەت، كىچىك يۆگىمەچ خەت دېگەندەك يېزىق نۇسخىلىرىدىن ھازىرقى قېلىپلىق يېزىق نۇسخىسىغا ئۆزگەرگىچە شەكىل جەھەتتىن نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن يەنىلا يەككە بوغۇملۇق شەكىللىك يېزىق ھالىتىنى ئۆزگەرتكىنى يوق. ھالبۇكى ئۇيغۇرلار دەسلەپتە رۇنىك ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى تۈركىي يېزىقنى ئىشلەتكەن، كېيىن سوغدى يېزىقى ئاساسىدا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىجاد قىلغان، ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللانغان. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر ئاقسۆڭەكلىرى پارسچىنىمۇ قوللانغان، ئۇيغۇر خاقانلىرىدىن بولغان توققۇز ئوغۇز (توققۇز ئۇيغۇر) خاقانىنىڭ موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن تېپىلغان قەبرە تېشىغا ئۇيغۇر يېزىقى، سوغدى يېزىقى ۋە خەنزۇ يېزىقى چېكىلگەن. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان قەدىمكى زامان ئابىدىلىرىدە - قەبرە تاشلىرىدا خەنزۇ يېزىقىدىن باشقا يېزىق يوق. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى خەنزۇلارنىڭكىدىن كۈچلۈك، تۇرپاندىن تېپىلغان مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە خەنزۇ ئالىملىرى ئوقۇيالمىغان بىر خىل خەنزۇچە يېزىق چىققان، تەكشۈرۈپ دەلىللەش نەتىجىسىدە ئۇنىڭ قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى قوبۇل قىلىپ قوللانغان تۆت چاسا خەت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان. بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.--ھەقىقەتەن چەكتىن يېرىم قەدەم ئېشىپ كەتسىلا بىمەنىلىك بولۇپ قالىدۇ. «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ياۋا ئاتلاردەك پېتىراقلىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل- يېزىقىغا مۇئامىلە قىلىشتا چەكتىن يېرىم قەدەم ئەمەس، ئون- يىگىرمە قەدەملەپ چەتنەپ قاڭقىپ كەتتى، رۇس تىلىدىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىلا ئەمەس، بىر نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى قوبۇل قىلىنغان پارسچە سۆزلەرنىمۇ قالدۇرماي چىقىرىپ تاشلاشقا ئۇرۇندى.ئېلاۋە: ئۇيغۇر تىلىدا چەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەر كۆپ، ئۇنىڭدا پارسچە، خەنزۇچە، موڭغۇلچە، ئەرەبچە، رۇسچە سۆزلەر بار. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا ئېچىۋېتىش روھىغا باي ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.-- «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تىل مەسىلىسىدە چوڭ خەنزۇچىلىق قىلدى، ئىلگىرى چەتتىن قوبۇل قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ئورنىغا خەنزۇچە سۆزلەرنى زورمۇزور دەسسىتىشكە ئۇرۇندى. مەسىلەن: «ھېساب»، «تىل- ئەدەبىيات» دېگەن سۆزلەرنى خەنزۇچىغا ئۆزگەرتىشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟! گېزىتتە تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئېلان قىلىش يولى بىلەن خەنزۇچىغا ئۆزگەرتىلگەن سۆزلەر بىر نەچچە مىڭغا يېتىدۇ. بۇ ئاز گەپ ئەمەس! كېيىن بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقتى. «ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش»، «غەيرەت بىلەن كۈچىنىپ ئىشلەش» دېگەندەك ئىبارىلەرنىمۇ «زىلىگىڭشىڭ»، «فافېنتۇچياڭ» دەپ ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇندى. بۇنداق ئەھۋالنىڭ كىشىنى گۇمانغا، قايغۇغا قالدۇرۇشى تەبىئىي. ئامما بۇلارنى قوبۇل قىلالمىغاچقا، گېزىتتىكى تىل بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى تىل ئوخشىمايدىغان بولدى. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تىلنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ ۋۇجۇدقا كەلگەن. تىل قالايمىقانلاشسا، ئادەملەرنىڭ ئۆزئارا ئالاقىسىگە كاشىلا قىلىدۇ.«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» ئاغدۇرۇلۇش بىلەنلا غىر قىلىپ تۆۋەنگە سىيرىلدۇق.ئۆتمۈشتە خەنزۇچىغا ئۆزگەرتىلگەن سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتا ئۆزگەرتتۇق، يەنە كېلىپ ئاشۇرۇۋەتتۇق. خەلق ئاممىسى بۇنىڭدىن بىر نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىلا قوبۇل قىلىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن خەنزۇچە سۆزلەرنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتتۇق. مەسىلەن: «كۈەيزى» نى «چوكا» غا، «بەندىڭ» نى «ئورۇندۇق» قا ئۆزگەرتىۋالدۇق. بۇلار ئەكسىچە، ئېغىزغا راۋان چۈشمەيدۇ.ئېلاۋە: بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش، قېيداش دېگەن ئەنە شۇ.خاتىرە- 3:شىنجاڭ مېدىتسىنا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇقادىر راخمان بالنىتسىدا ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپ ئەمدىلا قايتىپ چىققان. كېسەلدىن تېخى سەللىمازا ساقىيىپ كەتمىگەن، بىرئاز ياداڭغۇ، ئولتۇرۇپ- قوپۇشىمۇ تەسرەك ئىكەن، بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا ئۇ ئالىملىق خىسلىتىنى ئايان قىلدى، بەزى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى بىلەن دەلىللەپ، خۇش پېئىللىق بىلەن سۆزلەپ بەردى:-- 50- يىللاردا خەنزۇچە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ ناھايىتى ئۈستۈن ئىدى. مەن لەنجۇ ئۈنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغاندا، خەنزۇلار بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇدۇم، خەنزۇچىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن، كۆز ئالدىمدا بىپايان بىلىم دېڭىزى پەيدا بولدى.ئېلاۋە: مۇھەممەت پەيغەمبەر «ھەدىس» تە: «ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئېلىڭلار» دېگەنىكەن، ئەرەبلەردە: «ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ دۈۋەت- سىياھىنى شېھىتلارنىڭ قېنىدەك قەدىرلەش كېرەك» دېگەن ئىبرەتلىك سۆز بار ئىكەن. IX ئەسىردە ئەرەب خەلىپىسى مەئمۇن باغداتتا تەرجىمە ئىدارىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئەقىل سارايى» قۇرۇپ، تەرجىمانلىقنى كاتتا ئىنئاملار بىلەن تەقدىرلىگەن، چەت ئەللەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەڭ قوبۇل قىلغانىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەل قىندى، ئەل رازى، فارابى قاتارلىق كاتتا مەدەنىيەت ئەربابلىرى ئوتتۇرىغا چىققان، شانلىق ئىسلام- ئەرەب مەدەنىيىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن. دېمەك، ئېچىۋېتىش، قوبۇل قىلىشمۇ ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسى، پېشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىچىدە خەنزۇچىنى بىلمەيدىغانلىرى ئاز، مۇكەممەل بىلىدىغانلىرىمۇ كۆپ، بۇرھان شەھىدى خەنزۇچە قەدىمكى ئۇسلۇبتا شېئىر يازالايدۇ. «4- ماي» نىڭ تەسىرىنى ھەممىدىن ئاۋۋال قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرچە شېئىرنى جانلىق تىلدا يېزىشنى تەرغىپ قىلغان. تۇرپانلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ خەنزۇچىنى ئوبدان بىلىدىكەن. ئاپتونوم رايۇننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى مەرھۇم ئەسئەت ئىسھاقۇپ، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى نۇسرەت شەھىدى ۋە شىنجاڭ داشۆسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئەنۋەرخان بابالار ئازادلىقتىن بۇرۇن ئۆز پۇلى بىلەن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، خەنزۇچىنى ئۆگەنگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئابدۇكېرىم ئابباسوپ شىنجاڭ دارىلفۇنۇنىدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا خەنزۇچىنى ئەستايىدىل ئۆگەنگەن. خەنزۇچىنى ئۆگىنىش ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى.- كېيىن مەن بېيجىڭ مېدىتسىنا شۆيۈەنىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلدىم. يېتەكچى ئوقۇتقۇچىم جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلىم سېكىسىيىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى، تۆت خىل تىل بىلەتتى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، بىلىمى چوڭقۇر، مەملىكەت بويىچە چەت ئەللەردىمۇ داڭقى بار ئىدى. ئۇ مەندىن: «نەچچە خىل چەت ئەل تىلى بىلىسىز؟» دەپ سورىغاندا، چۆچۈپ كېتىپ: «خەنزۇ تىلىنى بىلىمەن» دېدىم. ئۇ كۈلۈپ كېتىپ: «بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، چەت ئەل تىللىرىدىنچۇ؟» دەپ سورىدى. «ئۈزراق رۇسچە بىلىمەن» دېدىم، ئۇ: «قانچىكى كۆپ تىل بىلگەن كىشى شۇنچە كەڭ نەزەرلىك بولىدۇ» دېدى. بېيجىڭ مېدىتسىنا شۆيۈەنىدە تۆت خىل چەت ئەل تىلى كۇرسى بار ئىكەن. ئۇستازىم مېنى كۇرسقا قاتنىشىشقا دەۋەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنگلىز تىلىنى تاللىۋالدىم. تىل- يېزىق ئۆگەنگەننىڭ پايدىسىنى كۆردۈم. ھازىر ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، رۇسچە، ئىنگلىزچە كەسپىي كىتابلارنى ئوقۇيالايمەن، مېدىتسىناغا دائىر مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولالايمەن. ئالدىمدا كەڭ دۇنيا تۇرۇپتۇ.

    شىنجاڭدا بېكىك مۇھىتتا تۇرۇپ قالغانلىقىم سەۋەبى بىلەن قىسىلىپ قالمايمەن.ئېلاۋە: چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا ئاممىنىڭ قوبۇل قىلىش دەرىجىسىگە پەرۋا قىلماي، خەنزۇچە ئۆگىنىشنى تولىمۇ نامۇۋاپىق دەرىجىدە تەكىتلىدى، ئىشچى قوبۇل قىلىشتا، كادىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە خەنزۇچە بىلىشنى شەرت قىلىپ قويدى. مىللىي رەھبىرىي كادىرلارمۇ يىغىندا خەنزۇچە سۆزلەشكە مەجبۇر قىلىندى. ھەتتا بىر مىللىي رەھبەر ئاۋۋال خەنزۇچە سۆزلەيدىغان، ئاندىن كېيىن يەنە بىر مىللىي رەھبەر تەرجىمە قىلىدىغان ئىشلارمۇ بولدى. 1971- يىلى ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندا، ئۆز ۋاقتىدىكى شىنجاڭ ئىنقىلابىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇڭ شۆجىن «كۇئېنلۇن» مېھمانخانىسىدا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەكىللىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقانىدى، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋەكىللىرى ئۆز تىلىدا سۆزلىسە، ئۇ چۈشىنەلمەي: «كالدىرلىشىپ بىر نېمىلەرنى دېيىشىدىكەنسىلەر، بىرىنىمۇ چۈشەنمىدىم، خەنزۇچە سۆزلىسەڭلار بولمامدۇ؟» دەپ چىچىلغان. ئىلگىرى بەزى خەنزۇچە مەكتەپلەردە مىللىي سىنىپ بار ئىدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا بەزى مىللىي سىنىپلارغا خەنزۇ تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان بولدى. ئۈرۈمچىدە بار- يوقى بىرلا قازاق ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە بىرلا موڭغۇل سىفەن مەكتىپى بار ئىدى، ئۇلارمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. تەبىئىيكى، بۇ جەھەتتىمۇ ئاممىنىڭ يۈرىكى داغلاندى.- «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» يوقالغاندىن كېيىن، ئاممىنىڭ قورساق كۆپۈكى تۈگىمىگەن بولغاچقا، جەمئىيەتتە بىردىنلا خەنزۇچە ئوقۇماسلىق بورىنى چىقتى. بەزىلەر: «نەچچە ئون يىل بولدى، ئالىي مەكتەپلەردە يەنە نېمىشقا خەنزۇ تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىكەن؟» دېيىشتى، شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر: ئالىي مەكتەپلەردىكى تەييارلىق سىنىپلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز تىلىمىزدا دەرس ئۆتەيلى، دېگەن تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى. بەزىلەر، خەنزۇچىنى ئۆگەنمىسەك، ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش قىيىن بولىدۇ، دەپ ئويلاپ، باشقىچە قاراشنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىكنىڭ قورساق كۆپۈكى بولغاچقا، مەسىلە ئۈستىدە ئويلانغاندا، ھېسسىيات ئامىلى ئۈستۈن ئورۇندا تۇردى. شۇڭا: «تەرجىمان ئېلىپ بارمامدۇق!» دېگەنلەرمۇ بولدى، مەن ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۆز مىللىتىمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىشىم لازىم. ئۇيغۇرچە تىببىي كىتاب ناھايىتى ئاز، خەنزۇچىنى ئۆگەنسەك، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىدىغىنى دەرسلىكلەردىكى ئازغىنە بىلىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا، كامالىتىگە يەتكەن مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرگىلى بولامدۇ؟ شۆيۈەنىمىزدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندا، خەنزۇ يولداشلار بىر نەرسە دېيىشكە ئوڭايسىزلاندى. مەن: ھەممە ئىشتا مىللىتىمىزنىڭ پەن، مەدەنىيەت، تېخنىكا جەھەتتىكى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇشىمىز لازىم، خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنىڭ لاياقەتلىك تىببىي خادىم يېتىشتۈرۈشكە پايدىسى بار، دېدىم. مەكتىپىمىز خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ شۈجىسى جانابىل بىزنى تەقدىرلىدى. ئاپتونوم رايۇنلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بادەي تەييارلىق سىنىپلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، ئوقۇتۇش- ئوقۇش سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىدىغانلىقنى بايقاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومغا دوكلات يازغانىكەن، بەزى ئالىي مەكتەپلەردىكى تەييارلىق سىنىپلىرى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپتۇ، مۇشۇنداق قىلىش زۆرۈر.ئېلاۋە: بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش، قېيىداش دېگەن ئەنە شۇ.خاتىرە- 4:شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىبراھىم مۇتتى مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئالىم، كۆپ يىللىق تۈرمە ھاياتى ئۇنىڭ ھاياتقا بولغان ئۈمىدۋار پوزىتسىيىسىنى سۇندۇرالمىغان، 70 كە يېقىنلاپ قالغان بولسىمۇ چىرايى پارقىراپ تۇرىدۇ، قەدەملىرىمۇ مەزمۇت. ئۇنىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭ بېكىك گەۋدە ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ نەزەرىنى ھەر تەرەپلىمە ئالاقىلەر بىلەن توغرىلاپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سۆھبەتلىرىنى ئاڭلىسىڭىز كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن كىشىنىڭ ئەزايىنى تىكەنلەشتۈرىدىغان ھېسسىيات چىقمايدۇ. ئېگىز- پەس يوللاردا كۆپ جاپا چەككەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەلىمغا خاس پاك قەلبىنى دۇنيانىڭ مەينەتلىرى بۇلغىيالمىغان. ئۇ ھەرقانداق سورۇندا ئىچ- قارنىنى ئاشكارا تۆكىدۇ.- 50- يىللاردا بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلەيتتىم، نەشرىياتنىڭ باشلىقى ساكوڭلياۋ ئىدى. شۇ چاغلاردا ھۆكۈمەت مىللەتلەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىغا ئاجايىپ ئەھمىيەت بېرەتتى. بىر كۈنى خان سارىيىغا سەيلى قىلىپ بېرىپ، خەنزۇ، مانجۇ، موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت تىللىرىدا رەتلەنگەن «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نى كۆرۈپ قالدىم، ئۇنى چيەنلۇڭ خان رەتلىگەنىكەن. چيەنلۇڭ كاتتا زىيالىي، قەلەمگىمۇ، ئەلەمگىمۇ كامىل، موي قەلەمدە ماھىرلىق بىلەن يازالايدىكەن، 14 مىڭدىن ئارتۇق شېئىر يازغانىكەن. قانداق، كارامەتمىكەن؟! ئۇ، بېيجىڭدىكى خان سارىيىدا تۇرۇپمۇ موڭغۇل، تىبەت، ئۇيغۇر تىللىرىنى ئۆگىنىۋالغانىكەن (ئېلاۋە: ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا ئىشلەۋاتقان رەھبىرىي كادىرلىرىمىز ئىچىدە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئىگىلىگەنلەردىن قانچىسى بار؟!) ئۇنىڭ بىلىدىغىنى بىر نەچچە ئېغىز گەپ، بىر نەچچە يۈز جۈملە ئەمەس، بەلكى ھەم سۆزلىيەلەيدىكەن، ھەم ئوقۇيالايدىكەن، ھەم يازالايدىكەن. ئۇ «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نى كۆزدىن كەچۈرگىنىدە بەزى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلارنىڭ توغرا قوللىنىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز قولى بىلەن تۈزەتكەن، يېڭىسار ناھىيىسى چىيەنلۇڭ خاننىڭ ھۇزۇرىدا بېكىتىلگەنىكەن.ئېلاۋە: ھەر مىللەت راۋاج تاپقان ۋاقتىدا ھامان كەڭ يول ئېچىشتا ۋە قوبۇل قىلىشتا باتۇر بولىدۇ. چيەنلۇڭ شۇنداق، كاڭشىمۇ شۇنداق، ئۇ لاتىنچىنى بىلىدىكەن، ھەر كۈنى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ ئالگېبرا مەشق قىلىدىكەن. ئۇنىڭ ياۋروپانىڭ ماي بوياق رەسىملىرىنى باھالاش ئىقتىدارىمۇ ناھايىتى ئۈستۈن ئىكەن. ئۇزۇن سەپەرلەرنى بېسىپ جۇڭگوغا كەلگەن ئىتالىيىلىك رەسسام لاڭشىنىن (بۇ خەنزۇچە ئىسمى) غا ئوردىدا رەسىم سىزدۇرغان. جۇڭگو- ياۋروپاچە رەسىم سىزىش ئۇسۇللىرىنىڭ ئارتۇقلۇق ياكى كەمچىلىكلىرى ئۈستىدە بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىكەن. ئۇلار فېئودال پادىشاھ بولۇش بىلەنلا قالماستىن، مانجۇ مىللىتىنىڭ روناق تاپقان دەۋرىدىكى مەدەنىيەت ۋەكىللىرىدۇر.- «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» ناھايىتى قىممەتلىك كىتاب ئىكەن. مەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنى قايتا نەشىر قىلىش توغرىسىدا ساكۇڭلياۋغا تەكلىپ بەردىم. ئۇ كىتاب تولىمۇ چوڭ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە، فوتو باسمىدا چىقىرىشقا توغرا كەلگەچكە، نۇرغۇن سەرمايە كېتەتتى، نەشرىياتنىڭ پۇلى بولمىغاچقا، ساكۇڭلياۋ جۇزۇڭلىغا دوكلات يېزىپتۇ. جۇزۇڭلى ناھايىتى يۇقىرى مەلۇماتلىق بولغاچقا، ئۇ كونا كىتابنىڭ قەدرىگە يېتىپ، بېسىپ چىقىرىڭلار، قانچىلىك چىقىم بولسا، شۇنچىلىك پۇل بېرىلىدۇ، دەپ تەستىق ساپتۇ. مەن خىزمەتكە ئاكتىپ قاتناشتىم. «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» ئاخىر نەشىردىن چىقتى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا، سىياسەت سولغا بۇرۇلۇپ كەتتى، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نى نەشىر قىلىشنىڭ ئۆزى مېنىڭ جىنايىتىم بولۇپ قالدى. فېئودال ئەخلەتلەرنى قوغدىغان دەپ، مېنى سولدىن سوراققا تارتتى، ھەتتا مېنى ساكۇڭلياۋمۇ قوغداپ قالالمىدى. مەن شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىكى يولداشلاردىن مىننەتدارمەن، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» قايتا نەشىر قىلىنغاندىن كېىين، كۈتۈلمىگەن ھالەتتە چەت ئەللەردە ياخشى تەسىرات پەيدا قىپتۇ. مەركىزىي شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ تەسىراتلارنى توپلاپ، قىزىل سەرلەۋھىلىك پايدىلىنىش خەۋەرلىرىدە ئېلان قىپتۇ. بۇنى جۇزۇڭلى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بۇلۇپ، تەستىق سېلىپ ساكۇڭلياۋغا ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. نەشرىياتىمىزنىڭ بۇ باشلىقىمۇ قىزىق ئادەم، مېنى ئوتتەك ئۆرتەيدىغان تەنقىد ئاستىغا ئېلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇ كۆرەش مەيدانىغا كىرىپ كېلىپ، پەشتاق ئالدىدا توختاپ: «يولداشلار، <بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت> نى نەشىر قىلغانلىقىمىز توغرىسىدا زۇڭلى يازغان يوليورۇقنى ئوقۇپ بېرەي. زۇڭلى: <بۇ خىزمەتكە قاتناشقان يولداشلار، سىلەرگە تەشەككۈر، سىلەر ناھايىتى ياخشى ئىش قىلدىڭلار>دەپتۇ. يولداشلار، ئويلاپ كۆرۈڭلار، بۇ تەنقىد مەجلىسىنى ئېچىۋېرەمدۇق ياكى توختىتىپ قويامدۇق؟» دېتى. مېنى تەنقىد قىلىۋاتقان كىشىلەر بىر- بىرىگە قارىشىپ تۇرۇپلا قالدى. ئەلۋەتتە، چېكىدىن ئاشقان سولچىللىق لۇشيەنىنىڭ ھەيۋىسى بوشاش بۇياقتا تۇرسۇن، كۈچەيمەكتە ئىدى. مېنىڭدە كوكۇلا بولغاچقا، بۈگۈن قۇتۇلۇپ قالسام، ئەتىسى تۇتۇلۇپ تۇردۇم، كېيىن تۈرمىگە تاشلاندىم، شۇ تاشلانغىنىمچە 20 يىل ياتتىم...ئېلاۋە: ھازىر بەزى سورۇنلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىي مىراسلىرىدىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» تىلغا ئېلىنماقتا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھەم مىللەتلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمائىل ئەمەت تۈركىيىگە زىيارەتكە بارغىنىدا، ئۆتكۈرە مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇنلار رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى ئالغاچ بارغان. تۈركىيىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئۇ كىتابنى بېشىغا ئېلىپ، خۇرسانلىك بىلەن: «بۇ بىز تۈركلەرنىڭ شانلىق مىراسلىرىمىز» دېگەن. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئۆتكۈرنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» نى دەپ تارتقان دەرد- ئەلەملىرىنى كىم بىلىدۇ؟ ئازادلىقتىن ئىلگىرى تۈركىيىلىك بىر زىيالىي ئۈرۈمچىگە كەلگىنىدە، «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىن بىر نۇسخىنى ئۆتكۈرگە ھەدىيە قىلغان، ئۆتكۈر شۇ كىتابىنى قەدىرلەپ ساقلاپ كەلگەن. ئازادلىقتىن كېيىن، يۇرتى كۇچادىكى خوتۇنىغا تاپىلاپ، يەرگە كۆمدۈرۈۋەتكەن. بۇنى پەقەت بىرلا ئادەمگە تىنىپ قويغانىكەن، قايسىبىر نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا چەت ئەللىك ئالىملاردىن بىرى شۇ ئىككى كىتابنىڭ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى زاماندىكى مۇھىم مەدەنىي مىراسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، دىڭ لىچۈن بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزىگە خەۋەر قىلغان. سەيپىدىن ئەزىزى تەرەپ- تەرەپلەپ سۈرۈشتۈرۈپ، بۇ كىتابنىڭ ئۆتكۈرنىڭ قولىدا بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۆتكۈرنى تاپقان. ئۆتكۈر ئۇ كىتابنى تەقدىم قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ زور قىممىتىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئاپتونوم رايوندىن ئادەم تەشكىللەپ، رەتلەشنى، نەشىر قىلىشنى تەكلىپ قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئوڭچىلارغا قارشى كۈرەش باشلانغاندا، قەدىمكى كىتابلارنى كۆمۈپ ساقلاشنىڭ ئۆزى ئالەمنى ئۆزگەرتىش پىلانىنى يوشۇرۇن ساقلىغانلىق بولۇپ قالغان. ھېلىقى تۈركىيىلىك توغرىسىدىكى گەپلەر قوشۇلۇپ، چۈشەندۈرۈپ كەتكىلى بولمايدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈر تۈرمىگە تاشلانغان. بۇنداق دىشۋارچىلىققا ئۇچرىغان ئادەملەر يالغۇز بىرلا ئەمەس، شىنجاڭدا مەلىكەت بويىچە ئومۇملاشقان «قالپاق» لاردىن باشقا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بېشىغا يەنە «چەت ئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر»، «يەرلىك مىللەتچى ئۇنسۇر» دېگەن قالپاقلارمۇ كىيدۈرۈلدى. خېلى كۆپ پېشقەدەم ئالىملار، مۇتەخەسسىسلەرگە ياكى ئۇنداق، ياكى مۇنداق قالپاق كىيدۈرۈلدى. ئۇلار چەككەن رىيازەتلەر ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىمۇ چەككەن رىيازەتتۇر. بۇ ئەھۋال زىيالىيلارنىڭ يۈرىكىنى داغلىماي قويمىدى، سولچىل ئەپەندىلەر لەززەتلىك ئاشلىقنى ھاراق تىرىپىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. ھاراقنىڭ تىرىپىدىن لەززەتلىك نەرسە ئەمەس، ئاچچىق نەرسە چىقىدۇ، خالاس!-- مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى جەريانىدا تۈرمىدە يېتىپ ئاڭلىسام، ساكۇڭلياۋنى كۈرەشكە تارتقاندا، «بەش تىللىق مانجۇچە لۇغەت» نى ئۇنىڭ يۈزىگە ئېتىشىپتۇ! «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» جۇڭگونىڭ كونا مەدەنىيىتىنى «فېئودالىزم، كاپىتالىزم، شيۇجېڭجۇيى» دېگەن كالتەكلەر بىلەن دۇمبالىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنىمۇ بوش قويمىدى. كىمكى ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى تەرىپلىسە، شۇنىڭغا چوڭ قالپاقلارنى كىيگۈزۈشتى، مىللىي مەدەنىيەتنى دەپ پەشۋا يېگەن، تەنقىد ئاستىغا ئېلىنغان، كۈرەشكە تارتىلغان ئادەم ئاز ئەمەس.ئېلاۋە: ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىگە فېئودالىزمنىڭ شامىسى دېگەن ئوت تامغا بېسىلدى- يۇ، «24 تارىخ» قا سىڭىپ كەتكەن تارىخىي ئىدېئالىزمنىڭ لاتقىلىرى بولسا، يەنە لۆمۈلدەپ يامرىدى. بەزىلەر زورمۇزور توقۇپ، تارىخنى ئۆز مەيلىچە بۇرمىلاپ، خەنزۇلارنىڭ رولىنى خالىغىنىچە مۇبالىغە قىلدى. بەزىلەرنىڭ شەرھلىشىچە، «疆» دېگەن ھەرپ شىنجاڭنىڭ سىمۋولىمىش، يۇقىرىدىكى سىزىق ئالتاي تېغى، ئوتتۇرىدىكى سىزىق تەڭرى تېغى، ئاستىدىكى سىزىق كۇئېنلون تېغىمىش، يۇقىرىدىكى «田» ھەرپى جۇڭغارىيە، ئاستىدىكى «田» ھەرپى تارىممىش. ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن: «شىنجاڭنىڭ بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدىلا جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئەنە شۇ «疆» ھەرىپىدىنلا بىلگىلى بولىدۇ»دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقان. شۇ مەمەدەن ئالىم ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى جۇ سۇلالىسى دەۋرىدە كۆك ئارت (پامىر) ئۇيغۇرلىرىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان! يەنە بەزىلەر: «تۇرپاندىكى كارىزنى لىن زېشۈي كەشىپ قىلغان» دېيىشتى. ئۇلار شۇنداق كېلىشتۈرۈپ ھېكايە توقۇغانكى، ھەتتا: «لىن زېشۈي تۇرپاندا تۈنەپ قاپتۇ، كېچىدە يەر ئاستىدا سۇ شاقىراپ ئاققان ئاۋازنى ئاڭلاپتۇ. ئەتىسى يەرلىك ئادەملەرنى يىغىپ قۇدۇق كولاتقۇزۇپتۇ، كارىز ئەنە شۇنداق پەيدا بوپتۇ» دېيىشتى. تارىخىي كىتابلارغا قارىغاندا، مىلادىدىن 48 يىل ئىلگىرىلا تۇرپاندا قوش (ئىدىقۇت) دۆلىتى ھۆكۈم سۈرگەنىكەن. مۇبادا كارىز بولمىغان بولسا، ئوتتەك ماكان قوچۇدا ئادەملەر نېمە يېگەن، نېمە ئىچكەن بولاتتى؟! تاڭ پادىشاھلىقنىڭ راھىبى بۇددا نوملىرىنى ئېلىپ كېلىش سەپىرىدە قوچۇ خانلىقى تەۋەسىدىن ئۆتكەندە نەدىكى سۇنى ئىچكەندۇ؟ تەبىئىيكى، بۇلار كونا تارىخىي قاراشنىڭ ئاشكارىلىنىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا ئازار قىلىدىغان بۇنداق قاراشلار. ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلاردا كەيپىيات قوزغايدۇ. ئاممىنىڭ كەيپىياتلىرى قوشۇلۇپ توپلانغاندا، ئەقىلنىڭ كونتروللۇقغا بويسۇنۇپ، مۇۋاپىق چەكتە توختاپ قالمايدۇ، چېكىدىن ئېشىپ، بەزى بىمەنە ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. داشۆنىڭ بىر ئۇيغۇر پروفېسسورى «تاڭ دەۋرىدىكى شىنجاڭ ناخشا ئۇسسۇلى» ناملىق بىر ئەسەرنى تەييارلاپ، نەشرىياتقا يوللىغانىكەن، نەشرىياتنىڭ بىر تەھرىرى: «كىتابىڭىزنىڭ ئىسمى ياخشى ئەمەسكەن، ئۆزگەرتىپ بەرسىڭىز قانداق؟» دەپ تېلىفۇن بېرىپتۇ. پروفېسسور: «نېمىشقا؟» دەپ سوراپتىكەن، تەھرىر «نېمىشقا تاڭ تەۋرىدىكى دەيسىز؟ ئۇيغۇرلارنىڭ دېسىڭىز بولمامدىكەن؟» دەپتۇ. شۇ پروفېسسور بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا: ‏«مەدەنىيەت ئەزەلدىن ئۆزئارا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان» دەپ سۆزلىگەنىكەن، يىغىندىن كېيىن بىراۋ ئۇنىڭغا شېئىر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى «ئۆز مىللىتىنى قوغدىمايدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككى مىللەتنىڭ تارىختىكى ئۆزئارا تەسىرىي مەسىلىسى سەزگۈر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا تىلغا ئېلىنمايدىغان بولۇپ قالغان. بۇنداق پىسخىكا تەرەققىي قىلىۋېرىپ، تەرىپلەيدىغان گەپلەرلا سۆزلىنىپ، كەمچىلىك، ئەيىبلەر تىلغا ئېلىنمايدىغان ھالەت كېلىپ چىققان. يەنە بىر يىغىندا، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» نىڭ كىتابلارنى كۆيدۈرگەنلىكى ئۈستىدە گەپ بولغاندا، بىر ئۇيغۇر ئالىم: «<كىتابلارنى تۆت كىشىلىك گۇرۇھ> لا كۆيدۈرگەن ئەمەس، ئەرەب تارىخىدىمۇ كىتاب كۆيدۈرگەن ئەخمىقانىلىقلار بولغان، ئەرەب قوشۇنلىرىنىڭ باش قۇماندانى ئەمىر قۇتەيبە ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ سەمەرقەندكە بېسىپ كىرگەندە، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. ئۇنىڭ شتاب باشلىقى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى كىتابلارنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ھېلىقى باش قۇماندان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان» دېگەن، بۇلار تارىخىي پاكىت، لېكىن بۇ گەپلەر بەزىلەرنىڭ قۇلىقىغا ياقمىغان، گويا ئۆزلىرىنىڭ يۈزلىرىگە قارا سۈرتۈرلگەندەك ھەدەپ كۈچەپ رەددىيە بېرىپ كېتىشكەن. ئەمەلىيەتتە، كىتاب كۆيدۈرگەنلەر يالغۇز ئەمىر قۇتتەيبىلا ئەمەس، ئۆز ۋاقتىدا ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى بولغان ئاپئاق خوجا دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇتراتقاندا، نۇرغۇن كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ، نۇرغۇن ئادەمنى ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىياغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان.ئېلاۋە: بىر قۇتۇپتىن يەنە بىر قۇتۇپقا ئۆتۈپ كېتىش، قېيداش دېگەن ئەنە شۇ.خاتىرە- 5 ... قېيىداش.خاتىرە- 6 ... قېيىداش.مەن يەنە ھېلىقى ئۇيغۇر بۇرادىرىمنى ئىزدەپ باردىم. ئۇ چەت ئەلدىكى ئىلمىي لېكسىيىسىنى تۈگىتىپ ئەمدىلا قايتىپ كەلگەنىكەن، روھى ئۈستۈن، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرۇپتۇ. چەت ئەل ساياھىتى مۇناسىۋىتى بىلەن نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپتۇ، قاراشلىرىنىڭ دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپتۇ.- قېيىداش پىسخىكىسىنىڭ ئىپادىلىرىنى كۆرۈپسىز،- دېدى ئۇ، - ئەمەلىيەتتە، چېكىدىن ئاشقان سولچىل لۇشيەندىن قېيىدايدىغان پىسخىكا خەنزۇلاردىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولغان. بىراق خەنزۇلار قېيىداشلىقتا دىققىتىنى بېكىكلىكتىن ئېچىۋېتىش تەرىپىگە يۆتكەپ، چەت ئەللەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئىمكان قەدەر ئۆزىگە قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. بىز ئاز سانلىق مىللەتلەر بولساق، قېيىداشلىقتا دىققەت- نەزەرىمىزنى ئۆز چەمبىرىمىز ئىچىگىلە يىغىپ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي بىر نېمىلىرىمىزنىلا ئىمكان قەدەر قوغداش بىلەن بولۇپ قالدۇق. خەنزۇلار بىرنەچچە يىلدىن بۇيان پىرقىرىغۇچ شەكلىدە پىرقىراپ ماڭغان بولسىمۇ، يۆنىلىشى يۇقىرى ئۆرلەش بولماقتا، لېكىن بىز بولساق، چەمبەردىكى بىر ئىزدىلا چۆچىلەۋاتىمىز، چەمبەرنىڭ يېرىم دىئامېتىرى تېخى شۇ پېتى تۇرۇۋاتىدۇ، چەمبەر بارغانسېرى تارىيىپ بارماقتا. قېيىداش روھىي ھالىتى بىلەن ئۆزىنى كىچىككىنە بىر چەمبەر ئىچىگە بېكىتىپ قويغاندا، باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ تەس. بىرنەچچە يىلدىن بۇيان بىزدە ئىلگىرىلەش بولدى، لېكىن باشقا مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، قەدىمىمىز ئاستا.- بىرى پىقىرىغۇچسىمان، بىرى چەمبەرسىمان، بۇ ناھايىتى ئوبرازلىق ئوخشىتىش ئىكەن.- قېيداش پىسخىكىسى مىللىتىمىزنى زىيانغا ئۇچراتماقتا، بېكىنمىچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى ئېچىۋېتىش روھىمىزنى پەسەيتىپ قويماقتا. ئەگەر ھوشىمىزنى تاپماي، شۇنداق روھىي ھالەتنىڭ ئەۋج ئېلىشىغا يول قويىدىغان بولساق، ئۇ چاغدا باشقا مىللەتلەردىن كۆپ ئاقىدا قالىمىز.- بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى مۇلاھىزىڭىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، پىشقان خۇلاسە ئىكەن. ئوقۇغۇچىڭىزغا خەت يازسىڭىز بولىدىكەن.- ئاللىقاچان يازدىم.

    مەنبە:ئەلتۈرك بلوگى


    收藏到:Del.icio.us