• «ئىككى ئاساسەن» بىزگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟(1) - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

         ئالدىنىقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ناھىيە يېزا دەرىجىلىك ئىككى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلىشىنى تەكشۈرۈشتىن باشلىنىپ،9يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش،ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى ئاساسى جەھەتتىن تۈگىتىش ئاساسى مەزمۇن قىلغان «ئىككى ئاساسەن»خىزمىتى باشلاندى.بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش،خەلقنىڭ پەن مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى سىتىراتىگىيىلىك تەدبىرى بولۇپ،ئۇ بىر خىل ئەل رايى قۇرلىشى ئىدى.«ئىككى ئاساسەن»خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت، ھەر  دەرىجىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە كۆڭۈل بۆلىشى،كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى،ئىلىم سۈيەر خەلقنىڭ يار يۆلەك بولىشى نەتىجسىدە10نەچچە يىللىق جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ بەلگۈلۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ئىلىم -پەننىڭ سېخى نۇرلىرى كىىشلەر قەلبىنى يۇرۇتۇپ ئۈمۈت پەيدا بولغان ئىدى.ئەپسۇس!مائارىپنىڭ رىياسەتچىلىك سەھنىسىدە ئولتۇرىۋالغان ئىنايىن ئاز ساندىكى شۆھرەتپەرەس،ئاچ كۆز،يۇقىرىغا يامىشىپ ئۆزىنى كۆرسۈتۈشكە ھېرىسمەن «سىياسى لۈكچەك»لەر؛مەكتەپلەردىكى ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇقۇتقۇچىلىق ئەسلىنى ئۇنۇتقان ،قارا يۈز،شەخسىيەتچى ۋە دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوينىشىدىغان «سىياسى پاھىشە»لەر ئۆزىنىڭ رەزىل نىيىتى ئۈچۈن «ئىككى ئاساسەن»دىن ئىبارەت بۇ ئەل رايى قۇرلىشىنى كىشىلەر يىرگىنىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.
    مەن 10نەچچە يىللىق مەكتەپ باشقۇرۇش،«ئىككى ئاساسەن»خىزمىتىنى ئەمىلىلەشۈرۈشكە بىۋاستە قاتنىشىش،ۋە بىرقىسىم مەسىلىلەرگە ئىشتىراك قىلىش جەريانىدا ئويلىغان ۋە ھېس قىلغانلىرىمنى يېزىپ چىقتىم .يېزىش ئىقتىدارىمنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن  پىكىرلىرىم چېچىلاڭغۇ بولىشى مۇمكىن،تورداشلار  ۋەئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈزۈتۈپ ئوقۇشىنى ھەمدە ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. .
       «ئىككى ئاساسەن» ھەققىدە ئاساسى چۈشەچە.
       «ئىككى ئاساسەن»ھەققىدە گەپ بولغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن،(ئايرىم ساندىكى مائارىپچىلارمۇ بۇنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنمەسلىكى مۈمكىن).«ئىككى ئاساسەن»_9يىللىق مەجبۇرى مائارىپنى ئاساسى جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇش،ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى ئاساسى جەھەتتىن تۈگىتىش بولۇپ قىسقارتىلىپ«ئىككى ئاساسەن» دىيىلىدۇ.ئۇAدەرىجىلىك 6كۆرسەتكۈچ،Bدەرىجىلىك 29كۆرسەتكۈچ،Cدەرىجىلىك 60كۆرسەتكۈچتىن تەركىپ تاپقان.بىز بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشۈنىش ئۈچۈن Aدەرىجىلىك كۆرسەتكۈچ بويىچە ئۇنى چۈشۈنۈپ ئۆتەيلى.
       A1ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسى بولۇپ، بۇ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىىش نىسپىتى،مەكەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن قېلىش نىسىپىتى،مەجبۇرى مائارىپنى تاماملاش نىسپىتى،15ياشلىقلار ئىچىدىكى ساۋاتسىزلار نىسپىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ھەربىر ىگە كونكىرىت سانلىق مىقتار ئۆلچىمى بىكىتىلگەن.بۇ بىر تۈرلۈك قاتتىق كۆرسەتكۈچ.
       A2ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنىڭ سەۋىيىسى(قوشۇن قۇرلىشى)مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە يېتىش نىسپىتى،ئۇقۇش تارىخىدا لاياقەتلىك بولۇش نىسپىتى،يېڭى سەپلەنگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇقۇش تارىخىدا لاياقەتلىك بولۇش نىسپىتى،مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىش ئورنى بوىچە تەربىيىلىنىش نىسپىتى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ بۇنىڭغا كونكىرىت سانلىق مىقتار ئۆلچىمى بىكىتىلگەن بولۇپ ،بۇمۇ بىر تۈرلۈك قاتتىق كۆرسەتكۈچ.
        A3مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى،بۇنىڭدا مەكتەپنىڭ جايلىشىشى مۇۋاپىق،باشقۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇش،مەكتەپ ئوي-ئمارەتلىرى ئلچەمگە يەتكەن بولۇش،مەكتەپلەردە خەتەرلىك ئۆي بولماسلىق،ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ تەجىربە سايمان-ئېلىكتىرلەشكەن ئۇقۇتۇش ۋە ھازىرقى زامان ئۇچۇر تېخنىكا ئۈسكۈنلىرى ئۆلچەملىك سەپلەنگەن بولۇش،كىتاپ ،گېزىت ژورنال ،تەنتەربىيە -گۈزەل -سەنئەت مۇزىكا ساقلىقنى ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە ئەمگەك تەربىيىسى بازىسى ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇنىڭغا كونكىرىت سانلىق مىقتار ئۆلچىمى بىكىتىلگەن.
       A4خىراجەت بۇنىڭدا مالىيىدىن ئاجراتقان خىراجەت يىلمۇ-يىل ئېشىپ بارغان بولۇش،ھەربىر ئۇقۇغۇچىغا ئوتتۇرىچە توغرا كەلگەن كەسپى خىراجەت،ئومۇمى ئىشلار خىراجىتى،ناھىيە ۋە يېزا زاپاس مالىيىسىدىن ئاجرىتىلغان خىراجەت،قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇپ بۇنىڭغىمۇ كونكىرىت سانلىق مىقتار ئۆلچىمى بىكتىلگەن.
       A5باشقۇرۇش ۋە سۈپەت،ھەردەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلىشى،مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈم بويىچە باشقۇرىلىشى،ئۇقۇتقۇچىلاردا توغرامائارىپ قارىشى تىكلەش،كەسپى ئەخلاق قۇرلىشى ۋە ئىدىيىۋى قۇرلىشىنى كۈچەيتىش،ئەخلاق تەربىيىسى ۋە دەرسخانا ئوقۇتىشىنى ئەلالاشتۇرۇش.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپىق تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىش قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇپ بۇنىڭغىمۇ كونكىررت تەلەپلەر قۇيىۇلغان. بۇ كۆرسەتكۈچ گەرچە قاتتىق كۆرسەتكۈچ بولمسىمۇ ئەمما ئەڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ ھېاپلىنىدۇ.مۇشۇ كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق شۇ مەكتەپ، شۇ رايۇن، شۇ جايدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپقا دائىر قانۇن، سىياسەت ۋە فاڭجىنلىرىىڭ قانداق ئەمىلىلىشىۋاتقانلىقنى  كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.ھەم شۇنداقلا «ئىككى ئاساسەن»نىڭ ئاخىرقى مەخسىتى ھېساپلىنىدۇ.
        A6بۇ ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار ئارىسىدا ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش بولۇپ بۇ «ئىككى ئاساسى»دىكى يەنە بىر ئاساسەندۇر .ئۇ بىر مۇستەقىل كۆسەتكۈچ.بۇ كۆرسەتكۈچتە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلار ئارىسىدىكى ساۋاتلىقلارنىسپىتى،يېزا كەنتلەردىكى دىھقان چارۋىچىلارنىڭ ئەمىلى قوللىنىلىدىغان تېخنىكا بىلەن تەربىيىلىنىش نىسپىتى خىراجەت ئاجرىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭغىمۇ،كونكىرىت سانلىق مىقتار ئۆلچىمى بىكىتىلگەن. بۇمۇ قاتتىق كۆرسەتكۈچنىڭ بىرىسى.
       «ئىككى ئاساسەن»خىزمىتى يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بويىچە  ئاپتۇنۇم رايۇن ئاندىن دۆلەت تەرىپىدىن  ئۆمەك تەشكىللەپ ئۆتكۈزىۋېلىنىدۇ.ھەر ئىككى يىلدا بىرقېتىم قايتا تەكشۈرۈپ مۇستەھكەملەش ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەمدە يىلمۇ يىل نىسبەت بويىچە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
         تۆۋەندىكى 5خىل ئەھۋالدا بىر بېلەت بىلەن ئىنكار قىلىش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلۇپ ئۆتكۈزىۋېلىنمايدۇ.كۆرسەتكۈچلەر دىكى تەلەپلەر (قاتتىق كۆرسەتكۈچلەر)ئۆلچەمگە يەتمىسە،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىش-ھەققى نىسى قىلىنسا،مەكتەپلەردەDدەرىجىلىك خەتەرلىك ئۆيلەر بولسا،ئېغىر بىخەتەرلىك ھادىسىلىرى كىلىپ چىقسا،يالغانچىلىق ۋە ساختىپەزلىك قىلىنسا.
     
    (داۋامى كېيىنكى ساندا)

     


    收藏到:Del.icio.us