• ئويلېنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش(1-بۆلۈم) - [ماقالە ۋە مۇنازىرە]

    ئەدەبىي ئاخبارات

    مىڭچېبى
    (موڭغۇل)
    لولۇلۇ
    1- پاكىتلارنىڭ قىستىشى

    جۇڭگو، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز تەبىئىي، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ. مەسىلەن:


    قەدىمكى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار، چوڭ ياۋچىلار، ساكلار، ئېفتالىتلار، چاڭلار، تۈبۈتلەر، تۈركلەر، سىيانپىيلار، قىتانلار، جۇرجانلار، موڭغۇللار ياشىغان. بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى ئۆز دەۋرىدە كارامەت زورىيىپ، قۇدرەت تېپىپ، جاھاننى سورىغان. لېكىن ھازىرقى كۈندە بولسا، بەزىسى كىچىكلەپ، ئاجىزلاپ كەتتى، بەزىسى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار بولسا، تارىختىكى بوران- چاپقۇندا راۋاج تېپىپ، زورىيىپ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مىللىتىگە ئايلاندى، بۇنىڭ سىرى نېمە؟
    بۇرۇنقى قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىلا سوغدى يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خەنزۇ يېزىقى، سۈرىيە يېزىقى، سانسكرىت يېزىقى، پارس يېزىقى، تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا، مانىي دىنىغا، نېستورىيان دىنىغا، مەجۇسى دىنىغا ئائىت دىنىي كىتابلارنى تاش مەتبەئەدە نەشىر قىلالىغان، بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچراپتىكەن. بۇنىڭ سىرى نېمە؟
    بىرەر دەۋرنىڭ مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان كاتتا مەدەنىيەت ئەربابلىرى يوق مىللەتنى ئىنتايىن مەدەنىيەتلىك مىللەت، دەپ ئاتىماق تەس. شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد قەشقەرى دېگەن ئىككى نەپەر كاتتا مەدەنىيەت ئەربابى چىققان، بۇنىڭ سىرى نېمە؟
    ئۇيغۇرلار ئىلگىر- ئاخىر بولۇپ شامان دىنىغا، مانىي دىنىغا، مەجۇسى دىنىغا، بۇددا دىنىغا، ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. دۇنيادا دىن- ئەقىدىنى شۇنداق كۆپ تاللىغان مىللەت تولىمۇ ئاز تېپىلىدۇ. بۇنىڭ سىرى نېمە؟
    ئۇيغۇرلار شىمالىي موڭغۇل قۇملۇقىدا ياشىغان چاغلىرىدا سان جەھەتتىن ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. كېيىن ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچۈپ، تېخىمۇ چېچىلىپ كەتتى. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا تارىمدىكى بىر مۇنچە قەبىلە- ئەللەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى. كېيىنكى ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا خېلى كۆپ خەنزۇنى، موڭغۇلنى، قىتانلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى. شۇنداق زور ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئىقتىدارىدىكى سىر نېمە؟
    ئالتاي تىلى سىستېمىسىدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىختىن قالغان ئېغىز ئەدەبىياتى بار، لېكىن ئۆز ئالدىغا سىستېما ھاسىل قىلالايدىغان نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسى بار مىللەت پەقەت بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى، بۇنىڭدىكى سىر نېمە؟
    ......
    مەن ئەنە شۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە بىر ئۇيغۇر بۇرادىرىمدىن ئەقىل سورىدىم. ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ پروفېسسورى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا ئەسىردە فارابى ۋەكىللىكىدىكى ئىسلام- ئەرەب مەدەنىيىتىنى پىششىق بىلەتتى، خەنزۇلارنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىغا بەكمۇ قىزىقاتتى، ھازىرقى زامان دۇنياۋى پەلسەپە ئېقىملىرىدىنمۇ كەڭ مەلۇماتلىق ئىدى. ئۇنىڭ ئېستېتىكا، مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە تارىخ قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئەسەرلىرى بار. ئۇ چۈي يۈەننىڭ »توققۇز نەزمە« ناملىق شېئىرلىرىنىمۇ تەرجىمە قىلغان. ئۇ ھەقىقىي بىلىملىك، ئۆتكۈر نەزەرلىك ئالىم، ئۇ ئارىلاشما مەدەنىيەت نەزەرىيىسىنى تەرغىپ قىلغانلىقى، شېئىرلىرىدا دىنغا نىسبەتەن بەزى قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ قويغانلىقى، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئەگىتىپ تەنقىد قىلغانلىقى ئۈچۈن، دائىم يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ، چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ قالىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
    - بۇ سىرلارنى، ھازىرقى زامان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، ئېچىۋېتىش، قوبۇل قىلىش، دەپ يېشىش مۇمكىن. شىنجاڭنىڭ ئۈچ تەرىپى ئېگىز تاغ. ئومۇمەن قارىغاندا، ئۇ تەبىئىي مۇھىتى جەھەتتىن بېكىك ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇنىڭغا تەشەككۇر ئېيتىمىزكى، قەدىمكى زاماندىكى ئاتلىق مىللەتلەر ۋە سودىگەرلەر تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، بىپايان چۆللەرنى كېزىپ، خەلقئارا كارۋان يوللىرىنى ئېچىپ، دۇنيانىڭ شەرقى بىلەن غەربىنى تۇتاشتۇرغان. يۇنان، رۇم مەدەنىيىتى، ئىران- ئەجەم مەدەنىيىتى، ئىسلام- ئەرەب مەدەنىيىتى بۇ يەرگە توپلانغان. مانا مۇشۇنداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەپ- تەرەپكە يول ئاچىدىغان ئېچىۋېتىش روھىغا ۋە ئەتراپلىق قوبۇل قىلىش غەيرىتىگە ئىگە بولۇشى تەبىئىي. تەرەپ- تەرەپكە يول ئاچقاندىلا روناق تاپقىلى، تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. بۇمۇ ھازىرقى كۈندە دۇنياغا پۇر كېتىۋاتقان نەزەرىيىگە، تېرمودىنامىكىنىڭ 2- قانۇنىيىتى بويىچە بارلىققا كەلگەن ئېنتروپىيە نەزەرىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. تاشقى دۇنيادىن داۋاملىق ھالدا قۇۋۋەت- مەدەت ئېلىپ ئۆزىنى تولۇقلاپ تۇرغاندا، يىلتىزسىز گىياھقا ئوخشاش ھالەتكە چۈشۈپ قالمايدۇ. ئەرەبلەرنىڭ بىر ئالىمى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى مۇنداق بىر ئوبرازلىق ئوخشىتىش بىلەن سۈپەتلىگەن: ئۇ گويا تۆت تېمىنىڭ ھەممىسىدىن دېرىزە ئېچىلغان ئۆيگە، گۈللەرنىڭ رەڭ، پۇراق تۈرلىرىنى ئايرىپمۇ تۇرمايلا شىرنە يىغىدىغان ھەسەل ھەرىسىگە ئوخشايدۇ.
    پروفېسسورىمىز مەدەنىي مىراسلارنى تەكىيە قىلىپ ئۇخلايدىغان ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ. مېنىڭ ماختاپ ئېيتقان گەپلىرىم ئۇنى مەمنۇن قىلالمىدى، ئەكسىچە، ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلدى.
    - ئۇيغۇرلارنىڭ ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىڭ، - دېدى ئۇ گەپكە كىرىشىپ، - تارىختىكى ئەڭ پارلاق نەتىجىسى قاراخانىلار سۇلتانلىقىنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن، دېڭىز- ئوكيان قاتنىشى راۋاجلانغانلىقتىن، شىنجاڭنى ئارىلاپ ماڭىدىغان خەلقئارا سودا كارۋان يوللىرى بىكار بولۇپ قالدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار شۇ كونا يىپەك يولىدا جاپاغا چىداپ قاتناپ يۈرۈپ، كەڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. يېقىنقى نەچچە ئون يىل مابەينىدە، ئاۋۋال ئەرەب دۇنياسى تەرەپكە بارىدىغان يوللار بېكىلدى، ئاندىن جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىغا بارىدىغان يوللار بېكىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە بارىدىغان يوللار بېكىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىمۇ مەملىكەت دەرۋازىلىرىنى قۇلۇپلاش سىياسىتى يولغا قويۇلدى. شىنجاڭ بىر- ئىككى يىل ئەمەس، يىگىرمە ئوتتۇز يىل بېكىك ھالەتتە قالدى. قەدىمكى زاماندىكى ئېچىۋېتىش مۇھىتى ئېچىۋېتىش روھىنى يېتىشتۈرگەن بولسا، ھازىرقى بېكىك مۇھىت بېكىك پسىخىكىنى پەيدا قىلىپ قويدى. ئەپسۇسكى، بىز ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى بىرلا سىياسىي نۇقتىدىن كۆزىتىشكە بېرىلىپ كەتتۇق. جەمئىيەت كۆپ تەرەپلىمە، قاتلاممۇ- قاتلام ئىكەن، ئۇنىڭغا بىرلا نۇقتىدىن قارىغاندا، چالا بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر. بىر قانچە نۇقتىدىن - سوتسىئولوگىيە، پىسخولوگىيە، جۇغراپىيە قاتارلىق جەھەتلەردىن قارىلىدىغان بولسا، بىر مۇنچە مەسىلە تېپىش مۇمكىن.
    بۇرادىرىم ئۈستىلىدىن بىر پارچە سالام خەتنى ئېلىپ، ماڭا تەرجىمە قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىدىكى ئالىي مەكتەپتە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئوقۇغۇچىسى ئۆز خېتىدە مۇنداق يازغان:
    ھۆرمەتلىك ئۇستازىم، سالام!
    بېيجىڭغا كەلگىنىمگە يېرىم يىل بولاي دەپ قالدى. بۇ يەردە تەرەپ- تەرەپتىن كېلىۋاتقان خەۋەرلەر ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلغانلىقتىن، كۆزۈم ئېچىلىشقا، نەزەر دائىرەم كېڭىيىشكە باشلاۋاتىدۇ. سېلىشتۇرغاندا پەرقلىگىلى بولىدۇ. بۇ ئادەتتىكى بىر ھەقىقەت. تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە سېلىشتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدىغان نەرسىلەر كۆز ئالدىمدا تۇرغاچقا، ئىلگىرى شىنجاڭدا تېگىگە يېتەلمىگەن بىر مۇنچە ئىشلار چۈشىنىشلىك بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. مەن ئۆز مىللىتىمنى قەدىرلەيمەن، بىزنىڭ مىللىتىمىز ئوتتۇرا ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە ناھايىتى يۇقىرى مەدەنىيەتكە ئىگە بولغانىكەن.
    ئېلاۋە: ئىرانلىق يازغۇچى جۇۋەينى 13- ئەسىردە پۈتتۈرگەن »جاھانگوشاي« )»دۇنيا ئىستېلاچىسى«( دېگەن ئەسىرىنىڭ كىرىش سۆزىدە: »ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ھۈججەتلىرىنى، بىلىملىرىنى مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەپ قارىغانىدى.« دەپ يازغان. مەرىپەت بىلەن مەدەنىيەت تۈركىي تىلدا ئوخشاش بولغاچقا، بەزىلەر مەدەنىيەت بىلەن مەرىپەتنى ئايرىش يۈزىسىدىن، مەرىپەتنىڭ ئورنىغا ئىنگلىزچە civiligtion دېگەن سۆزنى قوللانغان. كېيىن civiligtion دېگەن سۆزنىڭ ئورنىنى »ئۇيغۇرلار« دېگەن سۆز ئېلىپ، ئۇيغۇر دېگەن سۆز تۈركىي تىلدا مەرىپەتنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت- مەرىپەت جەھەتتە ئوتتۇرا ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە قانداق چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغانلىقىنى ئەنە شۇنىڭدىنمۇ بىلگىلى بولىدۇ.
    يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مىللىتىمىزنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى تېز بولۇۋاتامدۇ ياكى ئاستىمۇ؟ بىزنىڭ خەنزۇ خەلقى بىلەن بولغان ئەمەلىي پەرقىمىز ئازىيىۋاتامدۇ ياكى كۆپىيىۋاتامدۇ؟ بۇ مەسىلىلەر يېقىندىن بۇيان مېڭەمگە كىرىۋالدى. بۇ مەسىلىلەردە بىر خۇلاسىگە كېلىشكە جۈرئەت قىلالمىدىم، لېكىن تۆۋەندىكى ئەمەلىيەتلەر ھەقىقەتەن كىشىنى قايغۇرتىدۇ:
    1. 50- يىللاردا بىزدىن تېيېپجان، زۇنۇن قادىر، ئابدۇكېرىم خوجا چىققانىدى، كېيىنكى چاغلاردا بولسا بىزدە تىبەتلىك زاشىداۋاغا، قازاق ئەكبەرگە ئوخشاش پۈتۈن مەملىكەتكە مەشھۇر شائىر، يازغۇچى چىققىنى يوق.
    2. بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ »ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى« دەيدىغان داڭقى بار ئىدى. 50- يىللاردا بىزنىڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىمىز ھەقىقەتەن پۈتۈن مەملىكەتكە پۇر كەتكەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر ئىزىدا توختاپ قالدۇق. مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە ئاران بىر قېتىم 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇق.
    3. ئىچكى موڭغۇل، تىبەت ۋە نىڭشيا رايونلىرىنىڭ چوڭ- چوڭ تىياتىرلىرى بېيجىڭغا ئاپىرىپ ئوينالدى، شىنجاڭنىڭ يوق.
    4. شىنجاڭ داشۆنىڭ قۇرۇلغىنىغا يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت بولدى. لېكىن »ئۇلۇغ بېرىتانىيە ئىپىسكلوفىدىيىسى« گە ئىچكى موڭغۇل داشۆسى بىلەن يۈننەن داشۆسى كىرەلىگەنۇ، شىنجاڭ داشۆسى كىرەلمىگەن.
    5. بىز يىپەك يولى ئۈستىدە ياشاپ كېلىۋاتىمىز، لېكىن تاكى ھازىرغىچە بىزدىن يىپەك يولىغا دائىر چوڭراق ئەسەر چىققىنى يوق.
    ......
    يەنە بىر مۇنچە مىسال كەلتۈرۈشۈم مۇمكىن، مۇشۇنداق ھادىسىلەر ئىچىمىزنى ئۆرتىمەمدۇ؟
    ئۇستازىم، بۇ ھادىسىلەر ئۈستىدە سىزمۇ باش قاتۇرۇپ باققانسىز.
    ئېھتىمال، ئاللىقاچان جاۋاب تاپتىڭىز، ئەقىل كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    پروفېسسور بۇرادىرىم بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن سۆزلىدى:
    ‏‏-‏- بۇ ياش ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ يۈرگىنىمگە بىر قانچە يىل بولۇپ قالدى. مىللىتىمىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خەتتە يېزىلغان ھادىسىلەرنى ئېتىراپ قىلىش تولىمۇ ئازابلىق ئىش، لېكىن ئۇلار پاكىت، پاكىتنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ. بۇ پاكىتلار نۇرغۇن ئادەمنىڭ يۈرىكىگە تەگمەكتە، تەسىر قىلماقتا، ئۇلارنى ئويلاپ كۆرۈشكە مەجبۇر قىلماقتا. ئىلىم پوزىتسىيىدە راستچىل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ تارىخىي ئەنئەنىلىرى كېيىنكى چاغلاردا راست گەپنى قىلغاندا، ئوبدان جارى بولالمىدى. ئېچىۋېتىش روھىمىز ناچار بولدى، كەڭ جەلپ قىلىش روھىمىز ئاجىز بولدى. سىز ئاخبارات جادىمى، بۇ جەھەتلەردە سىزدە مەلۇمات بولۇشى چوقۇم. لېكىن ئۇ مەسئۇلىيەت بىزدە ئەمەس، ئۇنى چېكىدىن ئاشقان «سول» چىللىق لۇشيەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
    -- چېكىدىن ئاشقان «سول» چىللىق لۇشيەنى تۈزىتىلدىمۇ؟
    -- شۇنداق، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت 3- ئومۇمىي يىغىنى تۈزەتتى. شۇنى نەزەردە تۇتۇمىزكى، چېكىدىن ئاشقان «سول» چىللىق لۇشيەنى ماكان جەھەتتىن پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان. زامان جەھەتتىن بولسا، 1957- يىلدىكى كۈرەشتىن -- يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەشتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، 20 يىل داۋام قىلدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا بولسا، «سول» چىللىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. شۇ خاتا سىياسىي ھەرىكەتلەر ئەمەلىي تۇرمۇشتا تۈزىتىلدى، لېكىن ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە يىللاپ- يىللاپ قالدۇرغان تەسىرىنى بىر- ئىككى كۈندە تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ تەسىراتلار ۋاقتى- مەزگىلى پىشىپ يەتكەندا ئېچىپ، يېڭى سۈپەتتە باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، باشقا بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر خەلقىدە كېيىنكى يىللاردا پەيدا بولغان قېيىداش روھىي ھالىتىنى ئەنە شۇ چېكىدىن ئاشقان «سول» چىللىق لۇشيەنىنىڭ مىللىتىمىزدە قالدۇرغان ئىللەتلىرى دېمەي مۇمكىن ئەمەس. بۇ جەھەتتە ئەمەلىي تۇرمۇشتىن كۆزىتىپ كۆرسىڭىز ئىكەن،
    مەنبە:ئەلتۈرك بلوگى


    收藏到:Del.icio.us