• ئابغازىيە ۋە جەنۇبى ئوسېتى - [تاغدىن- باغدىن]

    جەنۇبى ئوسېتى
          جەنۇبى ئوسېتى  كاۋكاز ئىگىزلىكىنىڭ جەنۇبى قىسمىغا جايلاشقان. يەر كۆلۈمى3900كۇۋادىرات كلومېتىر، گروزىيەنىڭ بىر ئاپتۇنۇم ئوبلاستى..جەنۇبى ئوسېتى تاغلىق رايۇن بۇلۇپ.كۆپ قىسىم رايۇنلىرى دېڭىز يۈزىدىن1000مېتىردىن ئىگىز .ئىقتىساتتا يېزا ئىگىلىكى ئاساس قىلىنىدۇ.. مەركىزى تىسخىنۋالى. ئاھالىسى 190مىڭ بۇلۇپ ئوسېتىلىقلار،روسلار ۋە گىروزىنلاردىن تەشكىل تاپقان.
          جەنۇبى ئوسېتىلىقلار 1989-يىلىدىن باشلاپ روسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى شىمالى ئوسېتىيە بىلەن بىرلىشىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن.سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن مۇستەقىللىق دەۋاسى قىلىپ گىروزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىغا بويسۇنمىغان.1990 -يىلى يەرلىك بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا قۇراللىق تۇقۇنۇش يۈز بەرگەن.1992-يىلى1-ئايدا ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش شەكلى بىلەن مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ۋە شىمالى ئوسېتى بىلەن بىرلىشىشنى قارار قىلغان.ئەمما گروزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن جەنۇبى ئوسېتىيەنىڭ ۋەزىيىتى يامانلىشىپ چوڭ كۆلەمدىكى قوراللىق  تۇقۇنۇشقا ئايلانغان.1992-يىلى روسىيە،گىروزىيە بىلەن جەنۇبى ئوسېتى،ۋە شىمالى ئوسېتى تۆت تەرەپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ،ئۇرۇش توختۇتۇپ،تـۆت تەرەپتىن تەشكىللەنگەن تىنچلىق ساقلاش قىسمى تۇرغۇزۇپ تۇقۇنۇشتىن ساقلىنىش كىلىشىمى ھاسىل قىلغان.
         جەنۇبى ئوسېتى بىلەن گىروزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ زىدىيىتى روسىيە بىلەن گىروزىيىنىڭ مۇناسىۋېىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ كەلگەن.ئىكى تەرەپ جەنۇبى  ئوسېتى مەسىلىسىدە  بىرلىككە كېلەمىدى.
         ئون نەچچە يىلدىن بۇيان جەنۇبى ئوسېتىيە ئىزچىل مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ كەلدى.2006-يىلى11-ئايدا جەنۇبى ئوسېتىيە
    ئومۇمى خەلق ئاۋاز غا قۇيدى .مۇتلەق كۆپ قىسىم خەلق مۇستەقىللىقنى قوللىدى.ئەمما خەلقار جەمىيەتنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى.يېقىنىق يىللاردىن بۇيان جەنۇبى ئوسېتى بىلەن گروزىيە مەركىزى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى.


    收藏到:Del.icio.us