تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2009-03-07

    داڭلىق ئاسترونوم گالىلېي ئارامىدا ‹‹ياتالمايدىغان›› بولدى - [تارىخ ۋە تارىخى شەخسلەر]

    ئىتالىيىلىك ئاسترونوم گالىلېي ئىنسانىيەتكە يەر شارىنىڭ قۇياشنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئۇ 1642 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەۋلادلارغا مۇنداق ئىككى سىرنى قالدۇرغان: ئەينى يىللاردا بۇ ئۇلۇغ ئاسترونومنىڭ كۆزى ئېغىر زەخمىلەنگەن تۇرۇپ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى قانداق كۆزەتكەن؟ ئەجەبا ئۇنىڭ ئاجىز كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاسترونومىيە ھادىسىلىرىنى كۆزىتىشكە تەسىر يەتكۈزمىگەنمىدۇ؟ ئەنگلىيە ‹‹مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى›› نىڭ 23 – يانۋاردىكى سانىدا مۇنداق دېيىلدى: فلورېنسادىكى تارىخشۇناسلار گالىلېينىڭ جەسىتىدىن DNA ئەۋرىشكىسى ئېلىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەكچى بولۇۋاتىدۇ.

    فلورېنسا ئىلىم – پەن تارىخىي مۇزېيىنىڭ باشلىقى گارورىزى مۇنداق دېدى: ئىتالىيە ھۆكۈمىتىگە گالىلېينىڭ جەسىتىنى كولاپ چىقىش ئىلتىماسى سۇندۇم، ئىرسىيەت ئىلمى نەزەرىيىسى بويىچە گالىلېينىڭ DNA ئەۋرىشكىسىدىن جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ. گالىلېي ئاسترونومىيە ساھەسىدە زور ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن، يېقىن دوستىغا كۆپ قېتىم خەت يېزىپ، كۆزىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە زەخمىلەنگەنلىكىنى، كۆزىتىش خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر يىل بۇرۇن، شاگىرتىنىڭ ياردىمىگە تايانغان، بۇنىڭدىن گالىلېينىڭ ئەما بولۇپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ كۆزى مەلۇم ۋىرۇس بىلەن ياللۇغلانغان. ئۇ قۇياش دېغى، ئايدىكى تاغ ۋە سەككىز چوڭ تۇرغۇن يۇلتۇز ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يۇپىتېرنى كۆزىتىش جەريانىدا كېسەل تېپىۋالغان بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ گالىلېينىڭ شۇ چاغدا ساتۇرىننى ھالقىسىمان ئەمەس بەلكى چوقچىيىپ چىققان ھالەتتە تەسۋىرلىشىنىڭ سەۋەبى.

    كىشىلەر گالىلېينىڭ جەسەت ساندۇقىنى كۆرگەندە، يەنە بىر سوئال پەيدا بولىدۇ. يەنى گالىلېيغا بىر ئايال قوشۇپ دەپنە قىلىنغان، ئۇ زادى كىم؟ گارىروزى مۇنداق دېدى: بۇ ئايال گالىلېينىڭ چوڭ قىزى ۋىرگىنىيە، دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ۋىرگىنىيە 33 يېشىدا موناخ بولغان، لېكىن بۇنىڭغا تېخى پاكىت تېپىلمىغان.

    گارىروزىنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ گالىلېينىڭ جەسىتىنى كولاپ چىقىش ۋە DNA ئەۋرىشكىسىنى ئانالىز قىلىشقا بىر قانچە يۈز مىڭ ياۋرۇ كېتىدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە تەتقىقات مەبلىغىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن، ب د ت 2009 – يىلىنى ئاسترونومىيە يىلى، دەپ ئېلان قىلدى، بۇ يىل

    ﻣﻪﻧﺒﻪ:  http://www.xamal.cn/NEWS/xamal.asp?id=1333


    收藏到:Del.icio.us




1234