تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2011-05-18

    پۇلىڭىزنى خەجلەشكە ئۈندەيدىغان «توزاق»لار

    كۈندىلىك تۇرمۇشتا كىشىلەر تۈزۈك بىر نەرسە سېتىۋالماي تۇرۇپلا، مائاش كارتىسىدىكى پۇلى تېزلا تۈگەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ «سودا ژۇرنىلى» كىشىلەر بىلىپ-بىلمەي پۇل خەجلىۋېتىدىغان ئەھۋاللارنى يەكۈنلىىدى.

    1.تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى: 21-ئەسىردىكى تېز رىتىملىق تۇرمۇش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىسىدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا خەجلىنىدىغان پۇلنىڭمۇ ناھايىتى كۆپ بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى. شۇڭا پۇل تېجەشتىكى ئەڭ ياخشى ئامال ـــ نېمىنىڭ «تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى» ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتۇر.

    2.تۇيدۇرماي ئۆرلىتىۋېلىنغان باھا: ھازىر نۇرغۇن ئېلانلاردا مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى ناھايىتى ئەرزاندەك بىلىنسىمۇ، لېكىن سىز بۇ مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغىنىڭىزدا ئەمەلىيەتتىكى باھاسىنىڭ ئېلاندىكىدىن قىممەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، شۇنداقتىمۇ مەھسۇلاتنى كۆرۈپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچەلمەيسىز. شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يەمچۈكنى يېيىشكە بولىدۇ، لېكىن قارماققا ئىلىنپ قېلىشقا بولمايدۇ

    3.مۇشتەرى بولۇش: بەزىدە سىز توردىكى ھەرخىل قىزىقتۇرۇش، قايمۇقتۇرۇشلار تۈپەيلى ئېھتىياجىڭىز يوق ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇپ قالىسىز. ئەمەلىيەتتە ھېسابلاپ كۆرسىڭىز بۇمۇ بىر خىل سىزنى پۇل خەجلەشكە دەۋەت قىلىدىغان توزاق ھېسابلىنىدۇ.

    .چېنىقىش مەركىزىگە ئەزا بولۇش: خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېقىندىكى تەكشۈرىشىدىن ئېنىقلىنىشىچە، چېنىقىش مەركىزىگە ئەزا بولۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چېنىقماسلىقىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىكەن. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر چېنىقىش مەركىزىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىم چىقسا چېنىقىش ئورنىغا بېرىپ چېنىقىمەن، دەپ ئويلاپ، باشقا يەرلەردىكى چېنىقىشنىمۇ، چېنىقىش ئورنىدىكى چېنىقىشنىمۇ تاشلاپ قويىدىكەن. ھېسابلاپ كۆرسىڭىز بۇمۇ پۇلنى ئورۇنسىز خەجلىگەنلىك.

    5.ئاي بويىچە ھەق ئېلىش تۈزۈمى: بىر قىسىم ئاي بويىچە ھەق ئالىدىغان يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك پۇل تېجەشكە پايدىلىق ئەمەس. شۇڭا مۇشۇنداق يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن چوقۇم تەپسىلاتىنى چۈشىنىپ، ھېسابلاپ كۆرۈپ ئاندىن قارار چىقىرىڭ.

    6.مال سېتىۋېلىشتىكى خاتا تۇيغۇ: بەزى كىشىلەر باھادا ئېتىبار قىلىنغان كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرگىنىدە ئەرزان ھېس قىلىپ، دەرھاللا سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ. لېكىن شۇ كىيىمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ھەقىقەتەن كىيەلەمدۇ-يوق بۇنى ئويلاشمايدۇ؟ شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا ئىستېمالدىن بۇرۇن، شۇ نەرسىگە ئېھتىياجىڭىز بارمۇ-يوق سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ كۆرگىنىڭىز ئەۋزەل.

    7.كۆپلەپ مال سېتىۋېلىشنىڭ ئاقىۋىتى: تاللا بازىرىغا بېرىپ كۆپلەپ مال سېتىۋېلىش ئەيىبكە بۇيرۇغىدەك ئىش ئەمەس. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا خېلى كۆپ پۇلنى ئىقتىساد قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن ئازغىنە پۇلنى تېجەيمەن دەپ ھېچقانداق ئېھتىياجىڭىز يوق ئەھۋالدىمۇ تاللا بازىرىغا بېرىپ مال سېتىۋالماڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا مال سېتىۋېلىشىڭىز كېرەك.

    8.توردا مال سېتىۋېلىش: توردا مال سېتىۋالغاندا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك، ناۋادا سېتىۋالغان مېلىڭىز سىزگە ماس كەلمىسە، بۇ مالنى پوچتىخانىغا ئاپىرىپ مالنى قايتۇرۇشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. بۇمۇ بىر ئوشۇقچە چىقىم.


    收藏到:Del.icio.us




1234