تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2010-11-01

    بۆرە ئەپسانىسى - [تارىخ ۋە تارىخى شەخسلەر]

    بۆرە ئەپسانىسى
                                 يامادا نوبۇئو (ياپۇنىيە)

              ئىلىلم ساھەسىدە كۆك تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتىنىڭ ئالتاي تېغىغا يېقىن بىر جايدا ئىكەنلىكى قوبۇل قىلىنغان . بۇ ماقالىدە مەن بۇ يەرنى تېخىمۇ كەسكىن بىر رەۋىشتە مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە تىرىشىمەن.نۇرغۇن قەبىلىئە ئەپسانىلىرى بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى "تۈرك "سۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن خەنزۇچە خەتنىڭ "突厥" ئىكەنلىكى ۋە خەنزۇچە مەنبەلەرنىڭ بۇ قەۋمگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار بىلەن تولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .مانا مۇشۇ بايانلارنىڭ ئىككىسى "سۈينامە"(84-جلىد)ۋە "جۇنامە"(50-جىلد)لەرگە جۇغلانغان بولۇپ ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە خاتىرىگە ئېلىنغان(1)"سۈينامە"دە ئىككى مۇھىم بايان بار.ئۇنىڭ بىرى تۆۋەندىكىچە:
    تۈركلەرنىڭ ئەجدادى پىڭلىياڭ (گەنسۇ ئۆلكىسىدە)ياشايدىغان ئاشنا قەبلىسىگە مەنسۈپ ئارىلاشما ياۋايىلار ئىدى. 439-يىلى ۋېي پادىشاھى تەيۋۇدى يات تائىپە –قۇتقۇلار(2)نى يوقاتقاندىن كىيىن ،ئاشنا قەبىلىسى 500 چىدىرلىق ئادەمنى باشلاپ كەتتى. ئۇلار ئۇ يەردە كۆپىيىپ ، تۆمۈر تاۋلاش تەخنىكىسىنى ئىجاد قىلدى. بۇ تاغ خۇددى تۆمۈت قالپاق (ساۋۇت)قا ئوخشىغانلىقى ئۈچۇن ئۇلارنى “تۇجۆ”دەپ ئاتىشاتتى.
    بۇنىڭدىن باشقا ، تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ كاسپىي دېڭىز بويىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىپ مۇنداق دىيىلىدۇ:يامان بىر تەلەيسىزلىك تۈپەيلىدىن قوشنا بىر قەبىلە تۈركلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلايدۇ، دۈشمەن پەقەت بىر ئوغۇل بالىنىلا ھايات قالدۇرۇپ، پۇت-قوللىرىنى كېسىپ تاشلاپ ،سازلىققا تاشلىۋêتىدۇ. بۇ يەرگە بىر چىشى بۆرە كىلىپ بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. بالا چىشى بۆرە ئېلىپ كەلگەن گۆشلەرنى يەپ ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. كىيىن بالا بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ ، بۆرە بوغاز بولىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي ھېلىقى قوشنا دۆلەت بالىنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ، ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ئادەم ئېۋەتىدۇ. لېكىن بۆرە جان-جەھلى بىلەن بالىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان بۆرە كاسپىي دêڭىزىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، قۇچۇنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بىر تاغ ئېتىكىگە كەپتۇ، ھەمدە 200 كۋادرات مېتىردىن ئارتۇق ئوتلىقى بار بىر غار ئىچىگە ئورۇنلىشىپتۇ.بۆرە بۇ غاردا 10 ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىقى بولغان ئاشنا ئۇلارغا باش بولۇپتۇ. ئۇلار ئۆز ئانىسىنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئۆزلىرى تۇرغان يەرنىڭ دەرۋازىسىغا ھەر دائىم بۆرە بېشى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تۇغ تىكىشىدىغان بولۇپتۇ. كىيىنكى مەزگىللەردە ئاشنا ئۆز قەۋمىنى باشلاپ ، غاردىن چىقىپ رورانلارنىڭ قېشىغا كەپتۇ.
    “جۇنامە”دە تۈركلەرنىڭ ۋەتىنىگە ئائىت ئىككى ئەپسانە بار. بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بۆرە ئەپسانىسى بىلەن باشلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئاشنا قەبىلىسىنىڭ رورانلارنىڭ كەينىدىن ئالتاي تېغىغا كەتكەنلىكى يېزىلىدۇ. “جۇنامە”دىكى ئىككىنچى ئەپسانە يوقۇرقىلاردىن پۈتەنلەي پەرىقلىق بولۇپ ، ئۇنىڭدا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ شۇ دۆلىتىدىن كەلگەنلىكى يېزىلىدۇ. تۈركلەرنىڭ ئەسلى يۇرتى ھونلارنىڭ شىمالىدىكى زېمىنلار ئىدى. باشلىقى ئاپام بىرۇك ئىسىملىك بىر كىشى بولۇپ ، ئۇنىڭ 17 قېرىندىشى بار ئىدى . بۇلاردىن بىرىنىڭ ئىسمى ئېركىن نىشىدۇ بولۇپ ، بۆرىدىن تۇغۇلغان ئىدى. ئاپام بىرۇك ۋە ئۇنىڭ قەۋمى تۇغۇلىشىدىنلا پاراسەتسىز بولغاچقا ، دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپتۇ.ئېركىن نىشىدۇنىڭ مىجەز –خاراكتىرى تۇغۇلىشىدىنلا ئۆزگىچە ئىكەن .ھەتتا بوران، يامغۇرنىمۇ چاقىرىپ كىلەلەيدىكەن . ئۇ ئىككى خوتۇن ئاپتۇ. بىرى ياز تەڭرىسىنىڭ ، يەنە قىش تەڭرىسىنىڭ قىزى ئىكەن . ئۇلارنىڭ بىرى ھامىلدار بولۇپ ، تۆت ئوغۇل تۇغۇپتۇ. ئوغۇلارنىڭ بىرى چىرايلىق ئاققۇغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ،بىرى ئاپار دەرياسى بىلەن كەم دەرياسى ئارىلىقىدا دۆلەت قۇرۇپ ، نامىنى قىرغىز دەپ ئاتاپتۇ. يەنە بىرى كۆك يىش تېغىغا(3) ماكانلىشىپتۇ.بۇ تاغنى ماكان قىلغانلار نىشىدۇنىڭ چوڭ ئوغلى تۇغلۇق شات ئىكەن . بۇ تاغدا يەنىلا ئاپام بىرۇكنىڭ قەۋمى ياشايدىكەن . بۇ جايدا يەنە دائىم قىراۋ ئۈششۈكى پەيدا بولۇپ تۈرىدىكەن .چوڭ ئوغۇل ئۇلارغا ئوت كەشىپ قىلىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ قىشتىن ئامان –ئىسەن ئۆتىۋېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىپتۇ.مۇشۇ ئىش سەۋەبىدىن كۆپچىلىك ئۇنى “ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ ، ئۆزلىرىنى تۈرك دەپ ئاتىشىپتۇ. تۇغلۇق ئۆلگەندە ئۇنىڭ 10 خوتۇنىدىن بولغان ئوغۇلالر ئۆزلىرى ئىچىدىن بىرسىنى باشلىق سايلىماقچى بولۇپ ، ھەممىسى بىر تۈپ چوڭ دەرەخنىڭ ئاستىغا يىغىلىپتۇ.ئاندىن ئۇلار:كىمدا-كىم مۇشۇ دەرەخنىڭ بويىنى بويلاپ ئەڭ ئېگىز سەكرىيەلىسە شۇ باش بولسۇن ، دەپ كېلىشىپتۇ. ئاشنانىڭ ئوغلى گەرچە كىچىك بولسىمۇ ، لېكىن ھەممىدىن ئېگىزگە سەكرەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى ئوغۇلالر ئۇنى ئۆزلىرىگە باشلىق قىلىپ سايلاپ ، ئۇنى ئاشەن شات دەپ ئاتىشىپتۇ.
    بۇ ئەپسانىنىڭ كۆپ قىسمى ئالدىنقى ئەپسانىلەردىن پەرقلىق بولسىمۇ ،لېكىن بۆرە ئورتاق مەنبەدۇر. بۇ ئەپسانىلەر تۈركلەرنىڭ سىياسىي مەركىزىنى تەشكىل قىلغان ئاشنا ئۇرۇقۇ ئارىسىدا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن . لېكىن يەنە ئاشنا ئۇرىقى بىلەن ئوخشاش ئابرويغا ئىگە ئاشىد ئۇرىقى ئارىسىدا تارقالغان يوقۇرقىلارغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئەپسانىلەر بار. بۇ دۇئەن چېڭشىنىڭ “يۈياڭ خاتىرلىرى”(4)دە بايان قىلىنغان ئەپسانە بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇندا دىيىلگەن:
    تۈركلەرنىڭ ئەجدادى شېمۇشېلى بولۇپ ،ئاشىدلار تۇرىدىغان غارنىڭ غەربىدىكى دېڭىزدا بىر تەڭرى ياشايدىكەن . دېڭىز تەڭرىسىنىڭ بىر قىزى بولۇپ ، ئۇ ھەر كۈنى ئاخشىمى بىر ئاق بۇغىنى شېمۇنى دەڭىزغا باشلاپ كىرىشكە ئەۋەتىدىكەن، تاڭ يورىغاندا شېمۇنى ئۇزۇتۇپ قويۇدىكەن. مۇشۇ تەرىقىدە نەچچە ئون يىل ئۆتكەندىن كىيىن ، شېمۇنىڭ قەبىلىلىرى چوڭ بىر ئوۋغا تەييارلىنىپتۇ. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى شېمۇغا :ئەتە سىز ئوۋ ئوۋلاۋاتقان چاغدا ، ئاتا-بوۋىلىرىڭىز ياشىغان غاردىن بىر ئالتۇن مۈڭگۈزلۈك ئاق بۇغا چىقىدۇ، ناۋادا بۇ بۇغىنى ئاتالىسىڭىز مەن بىلەن داۋاملىق كۆرىشەلەيسىز ، ئاتالمىسىڭىز ئالاقىمىز ئۈزىلىدۇ، دەپتۇ. تاڭ سۈزۈلگەندە ، دەرۋەقە ئالتۇن مۈڭۈزلۈك بىر ئاق بۇغا غاردىن سىرتقا چىقىپتۇ. شېمۇ ئادەملىرىنى بۇغىنى قورشاشقا بۇيرۇپتۇ. ئۈركۈپ كەتكەن بۇغا ئادەملىرىنىڭ ئۈستىدىن سەكرەپ ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇپتۇ، ئۇنىڭ قەچىپ كىتىشىدىن ئەنسىرىگەن ئادەملەر ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەڭەن شېمۇ ئاجى ئىسىملىك بىر قومانداننىڭ كاللىسىنى ئاپتۇ، ھەمدە ئادەملىرىگە قاراپ "بۇغۇنى ئۆلتۈرگەنلىگىڭلار ئۈچۈن ، بۇنىڭدىن كىيىن تەڭرىگە ئاتاپ ئادەم قۇربانلىق قىلىمەن" دەپ قەسەم ئىچىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىش تۈركلەر ئارىسىدا بىر ئەنەنىگە ئايلىنىپتۇ. تۈركلەر ئادەم قۇربانلىق قىلىشتا دائىم ئاجىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەردىن بىر ئادەم تاللايدىغان بوپتۇ.
    شېمۇ ئاجىنى ئۆلتۈرگەندىن كىيىن ، كەچتە دېڭىزغا قايتىپتۇ. دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزى ئۇنىڭغا ئۆز قولۇڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ، ئۇزايىڭدىن قان ھىدى كېلىپ تۇرىدۇ،شۇڭا سەندىن مۇناسىۋېتىمنى ئۈزدۈم،دەپتۇ.

    يوقۇرقى تۆت مەنبە ئەپسانە بولسىمۇ ، لېكىن كىيىنكى ئۈچىدە ئورتاقلىق بار. ئىككىنچى ۋە تۆتىنچى ئەپسانىدە تۈركلەرنىڭ پەيدا بولغان يېرى بىر غارغا مەركەزلەشكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەپسانىلەردە غەربىي دېڭىز دىگەن بىر ئورتاق مەنبە بار. ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى خىل ئەپسانىدا دېڭىز تەڭرىسىنىڭ قىزىغا مۇناسىۋەتلىك ئورتاقلىق بار .ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەتقىقى قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ ئەپسانىلەردىكى ئورتاقلىقلار مۇنداق:
    1. قەبىلىلەر بۆرە نەسلىدىن تۆرىلىدۇ.
    2. ئەسلىدىكى قەبىلە يوقۇتۇلۇپ، ساق قالغانلارنىڭ ئىچىدىن ئاشنا باشچىلىقىدىكى 10 ئۇرۇق شەكىللىنىدۇ.
    3. ئاشنا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى بولىدۇ.باشقا جەھەتتە بۇ ئىككى ئەپسانە ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرىقلەرمۇ بار.
    تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ۋەتىنى ئىككىنچى ئەپسانىدە غەرىپتە، ئۈچىنچى ئەپسانىدە شىمالدا (ياكى شەرقتە) دەپ كۆرسىتىلدۇ.
    ئىككىنچى ئەپسانىدە ، تۈركلەرنىڭ ئىتتىپاقى قۇرۇلغاندا ، بۇ ئىتتىپاقتىكى قەبىلىلەرنىڭ ئورنى كۆرسىتىلىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىدە بۇ كۆرسىتىلمەيدۇ. ئىككىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى ئاددى ھەم ئوچۇق ، لېكىن ئۈچىنچى ئەپسانىنىڭ مەزمۇنى تۇتۇق ۋە مۇرەككەپ .كىيىنكى ئۈچ ئەپسانە ئالتاي سêلىشتۇرما ئەپسانىشۇناسلىقى ئۈچۇن باھاسىز ماتىرىيال بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ھەقتىكى ئانالىز تەتقىقاتىنىڭ سىرتىدا تۇرماقتا. بۇ ئەپسانىلەردىكى مۇھىم نۇقتىلار تۈركلارنىڭ مەنبەسىنىڭ قۇچۇنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي تەڭرىتاغلىرىدا بولىشىدۇر. بۇ ئەپسانىلەر ئىچىدە “سۈينامە”دە خاتىرلەڭەن بىرىنچى مەنبەلا رېئال تارىختىن دالالەت بېرىدۇ.
    “سۈينامە” 629-ۋە 636-يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان. تۈركلەر ئۇزاقتىن بەرى خەنزۇلار بىلەن مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەچكە ، بۇ خاتىرىلەرنى يازغان تارىخچىنىڭ تۈركلەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرى كۆپ ئىدى. 542-يىلدىن ئىلگىرى تۈركلەر جۇڭگو مەنبەلىرىدە شىمالدىن كەلگەن بىر تاجاۋۇزچى دەپ قارىلاتتى.(5)بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئايرىم قەبىلىلەر يەرلىك ئولتۇراق خەلق بىلەن سودا قىلىشنىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. 545-يىلى غەربىي ۋېي سۇلالىسى تۈركلەرگە تۇنجى قېتىم ئەلچى ئەۋەتتى. تۈركلەر ئىككىنچى يىلى بۇنىڭغا جاۋابەن ئەلچى ئەۋەتتى. بۇ بېرىش –كېلىشلەر ئاساسەن سودا - سېتىقنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان ئىدى. “سۈينامە”دە بايان قىلىنغانلار تۈركلەرنىڭ رورانلارنىڭ ھوكۈمرانلىقى ئاستىدا كۈچىيىۋاتقانلىقىغا بېرىلگەن بىشارەت ئىدى. بۇ تەرەققىيات تەيۋۇدى قۇتقۇ قەبىلىسى نى بوي سۇندۇرۇپ ، شىمالدىكى سۇلالىلارگە خاتىمە بېرىشتىن 100 يىل كېيىن بارلىققا كەلگەن ئىدى.يوقۇرقى ئەپسانىلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشلار تۈركلەرنىڭ يازما خاتىرلەردە تىلغا ئېلىنىشتىن بۇرۇنقى مۇۋاپىقىيەتلارگە ئالاقىدار بولسا كېرەك. مانا مۇشۇلاردىن تۈركلەرنىڭ 5-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئاشنا ئۇرۇقى تەرىپىدىن بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ ئۇيۇشقانلىقىنى كۆرەلەيمىز .ئەمدىكى مەسىلە ، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ نەق ئورنى مەسىلىسى . “سۈينامە” دە تۈركلەرنىڭ ئەلمىساقتىن بېرى ئالتاي تاغلىرىدا ياشىغانلىقى تىلغا ئېلىنىدۇ.
    پەقەت “شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى”نىڭ 99-جىلدىدىدا تۈرك ئەجدادلىرىنىڭ ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر رايوندا ياشىغانلىقى ئالغا سۈرۈلمەكتە. بۇ مەلۇمات باشقا خاتىرىلەر تەرىپىدىنمۇ توغرا توغرا تېپىلماقتا. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ، تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ياكى غەربىي جەنۇبىدىكى بىر جاي ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.
    بۇ جاينىڭ كونكرېرت ئورنىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن داڭلىق ئالىم پروفەسسور ماتسۇدا خىسائو بولۇپ ، ئۇ تۈركلەرنىڭ ئانا يۇرتى ئالتاي ئېتىغىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئۇچىدا، يەنى قارا ئېرتىش بىلەن ئۇرۇنغۇ دەرياسى ئارىلىقىدىكى ھاۋزىدا دەپ مۇقىملاشتۇرغان ھەمدە ئۇلار شىمالىي جۇڭغارىيەدىن شەرققە ۋە غەربكە قاراپ يېيىلغان دەپ كۆرسەتكەنىدى.(6). بىراق مەن 5-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىغا قەدەر بۇ رايۇندا يۈز بەرگەن زور سىياسىي توقۇنۇشلار تۈپەيلىدىن ، بۇ زېمىننىڭ ئۇنچىۋالا يىراقتا (شىمالدا) بولۇشىنى قوبۇل قىلالمايمەن.
    ئاشنا قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان رورانلار جەنۇبىي موڭغۇلىيىدىن كەلگەن . تەخمىنەن 450يىلدىن 500-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا رورانلار غەرىبكە سۈرۈ”لۇپ ، شەرقىي تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئىشغال قىلغان. بۇ چاغدا قاڭقىل قەبىلىلىرى بولسا غەربىي جەنۇبىي ئالتاي تاغلىرىدىن تەڭرىتاغقا تۇتاشقان مەزكۇر رايون ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتاتتى . لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى.540-يىلى رورانلار قاڭقىللارنى باستۇردى . نەتىجىدە ئاشنا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى تۈمەن روران قاغانى بىلەن بىرلىشىپ جەڭدە زور غەلبىگە ئېرىشتى. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا ، ئاشنا قەبىلىسىگە مەنسۈپ تۈركلەر شىمالىي جۇڭغارىيەدە ئەمەس ، بەلكى جۇڭغارىيەنىڭ جەنۇبىدا ياشايتتى.
    بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ قايىل قىلارلىق كۆز قاراش س.گ. كلياشتورنىي غا تەئەللۇقتۇر. ئۇ جىنشەندىكى بىر قىسىم تۈركىي قەبىلىلەر ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا قەدەر يېيىلغان(7)، دەپ ئىزاھلايدۇ. بۇ رورانلار بىلەن قاڭقىللار ئۇرۇشقان ئەسلى جەڭگاھنىڭ قۇمۇلنىڭ شىمالىدىكى باركۆل ئەتراپى بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئەسكە سالىدۇ.شۇنداق بولغاندا ، رورانلار بىلەن ئۇلارغا تەۋە قەبىلىلەرنىڭ يۇرتلىرى بۇ جەڭگاھنىڭ شەرقىدە بولغان بولىدۇ. ئەگەر جىنشەن ئالتاي تېغىنى كۆرسەتسە ، ئۇ ھالدا تۈركلەرنىڭ يۇرتى گوبى ئالتاي بىلەن موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى گاشۇن نورنىڭ شىمالىدىكى بايان خوڭور ساھەلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان “ئالتاي تېغى” ئالتاي تاغ تىزمىسىنىڭ شەرقىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ پەرەز قىلساق ، ئۇ ھالدا بۇ ، ئىككىنچى تۈرك ئەپسانىسىنىڭ مەزمونىغا ناھايىتى ماس كىلىدۇ.
    مۇنداق چۈشەندۈرۈش تۈركلەرنىڭ شىمالىي ۋېي خانلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ يورۇتۇپ بېرىدۇ. پەقەت مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىك بولغاندىلا تۈركلەر بىلەن رورانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتىن سۆز ئاچقىلى بولىدۇ.
    551-يىلى 6-ئايدا تۈركلەرنىڭ قاغانى تۈمەن غەربىي ۋېي پادىشاھىنىڭ مەلىكىسى چاڭ لې بىلەن توي قىلدى. 552-يىلى يانۋاردا ئەسكەرلىرىنى توپلاپ روران قاغانىغا ھۇجۇم قىلدى. بىر ئاي ئىچىدە تۈمەننىڭ غالىپ ئارمىيىسى دۈشمەننى موڭغۇلىيىنىڭ جەنۇبى ۋە سەددىچىنغا يېقىن جايلاردا تارمار قىلدى. 555-يىلى مۇقان قاغان رورانلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقۇتۇش ئىشىنى غەلبىلىك تاماملىدى. خەنزۇچە مەنبەلەر تۈركلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن قىلغان ھەربىي يۈرۈشلىرىنىڭ لىنىيەلىرىنى ئېنىقلاپ بەرمەكتە ۋە ئۇلارنىڭ كۆچمە قارارگاھلىرىنىڭ يەنىلا ئەسلى يۇرتلىرىدا ئىكەنلىكى ئەسلەتمەكتە. يەنە مۇشۇ مەنبەلەرگە قارىغاندا ، تۈركلەرنىڭ بىر قىسمى قاڭقىللارغا تەۋە ھەر قايسى قەبىلىلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە كەتكەن.
    خەنزۇ تارۇخچىلىرى تۈركلەرنىڭ مۇقان قاغاننىڭ باشچىلىقىدا كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىشىدىن ئەندىشە قىلغانىدى . بۇ كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا مۇقان قاغان بىۋاستە ئارىلاشمىغانىدى. مەسىلەن غەرىپتىكى ئېفتالىتلارغا قىلىنغان يۈرۈشكە مۇقاننىڭ تاغىسى ئىستەمىي قوماندانلىق قىلغانىدى . شەرقىي موڭغۇلىيىدىكى ك”چلەرنى بوي سۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا مۇقان قاغاننىڭ ئىنىسى قوماندانلىق قىلغانىدى. بۇ ۋاقىتتا مۇقان قاغان خېشى كارىدورىدىكى تۇيغۇنلارنى بوي سۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا ئىدى.( 557-يىلى شىمالىي جۇ خانلىقى غەربىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ ئورنىنى ئالغاندا ، تۈركلەر شىمالىي جۇ خانلىقى بىلەن شەرقتىكى شىمالىي چى خانلىقى ئارىسىدىكى رىقابەتكە ئارىلاشتى. قىسقىسى ، تۈركلەر ۋاقتنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلار بىلەن بولغان ھەربىي ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتنى تىزگىنلەش بىلەن ئۆتكۈزدى.شۇڭا ئۇلارنىڭ ئەسلى قەبىلە بازىسى يەنىلا ئىلگىركى يۇرتلىرىدا قالدى. مۇقان قاغان 572-يىلى ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئوردىسى موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىدىكى ئۆتۈكەڭە كۆچۈردى. تۈركلەرنىڭ تۇنجى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئالتاي تەغىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدا بارلىققا كەلدى. بۇ يەر ئۇلارنىڭ ئانا يۇرتى ئىدى. كۆك تۈرك خانلىقى قۇرۇلۇپ زېمىنى كېڭەيگەندىن كېيىنمۇ ، نۇرغۇن تۈركلەر يەنىلا ئالتاي تېغىنىڭ غەرنىي جەنۇبىي بىلەن تەڭتىتاغنىڭ شىمالىدىكى يۇرتلىرىدا قالدى. كېيىنكى مەزگىللەردە بۇلار غەربىي تۈرك خانلىقىغا تەۋە بولدى. يوقىرىدا توختالغان ئىككىنچى ئەپسانە ۋە ئۈچىنچى ئەپسانىدىكى مۈجىمەللىكلەرنىڭ بەلكىم ئۆزىگە چۇشلۇق تارىخى باردۇر. تۈركلەر بىلەن غەربىي تۈركلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى كەلگۈسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە باغلىقتۇر.
    ئاھلار:
    (1) “شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى”دىكى تۈركلەرگە دائىر مەلۇماتلار “سۈينامە”بىلەن “جۇنامە”دىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ ، بەزى خەتلەرلا پەرقلىنىدۇ. ليۇ ماۋسەي: “ شەرقىي تۈرك تارىخىغا دائىر خەنزۇچە مەلۇماتلار”،1958-يىلى ۋېسابادىن نېمىسچە نەشرى.
    (2) قۇتقۇلار 6-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى شىمالىي لياڭ دۆلىتىنى قۇرغان ھونلارنىڭ بىر تارمىقى.
    (3) بۇ جاينىڭ ئېنىق ئورنىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرقانچە تىرىشقان بىلەنمۇ ئەنىق بىر نەتىجىگە ئېرىشىش تەس.
    (4) دۇئەن چېڭشى: “يۈياڭ خاتىرلىرى” 4-جىلد.
    (5) سېن جۇڭميەن : “تۈرك تارىخىغا دائىر ماتېرياللار توپلىمى”
    (6) ماتسۇدا خىسائو (ياپۇنىيە): “ قەدىمقى تەڭرىتاغنىڭ تارىخ-جۇغراپىيىسى ھەققىدە تەتقىقات”،1970-يىلى توكيو 2-قەتىملىق بېسىلىشى، ياپۇنچە250-بەت.
    (7) S.g.klyashtorniy : “ قەدىمكى تۈرك- رۇنىك يېزىقىدىكى ئابىدىلەر”،1964-يىلى موسكۋا رۇسچە نەشرى ، 110-،111-بەتلەر.
    ( “جۇنامە”28-جىلد “شى نىڭنىڭ تەرجىمىھالى”.
    “تۈركىي خەلقلەر تەتقىقاتى”(تۈركچە)نىڭ 1996-يىل 105-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
    شىنجاڭ تەزكىرچىلىكى 2001-يىللىق 4-سانىدىن.
    تەرجىمە قىلغۇچى : ئابدۇرېشىت جەلىل
    غالىپ ئەلقۇت  لاتىن يېزىقى تور خاتىرىسىدىن ئالماشتۇرۇلدى
    مەنبە:http://hi.baidu.com/ghalipelqut/blog/category/Tar

     


     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • مەزكۇر ماقالىنى ئىزلەۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان،ئەمما تاپالماي يۈرگەنتىم،سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم.
1234