تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2010-10-14

    كۆلتېكىن مەڭگۇ تېشى(2) - [تارىخ ۋە تارىخى شەخسلەر]

    (20)ئۇ ئەسلىدە بارسبەگ ئىدى . شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭغا خاقان دېگەن نامنى بەردۇقھەمدە مەلىكە سىڭلىسىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلدۇق ؛ ئۆزى خاتالاشتى . خاقانى ئۆلدى . خەلقى دىدەك ۋە قۇلغا ئايلاندى . كوپلىگەن يەر - سۈيى زىمىنسىز قالمىسۇن ئۈچۈن ئازسانلىق قىرغىز خەلقلىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن باردۇق . ئۇرۇش قىلدۇق .
    (21) شۇنداقلا ( دۆلىتىنى ) يەنە ( ئۆزىگە ) بەردۇق .
    شەرقتىن شىنئەنلىڭ تېغىدىن ئېشىپ ، خەلقلەرنى ئولتۇراقلاشتۇردۇق . ئاشۇنداقتەشكىللىدۇق . غەربتىن تا كەنگو- قۇرمانغىچە بېرىپ تۈرك خەلقىنى ئاشۇنداقئولتۇراقلاشتۇردۇق . ئاشۇنداق تەشكىللىدۇق . ئۇ چاغدا قۇللا قۇللۇق ، دىدەكلەر دىدەكلىكبولدى . ئىنىسى ئاكىسىنى تونۇماس ، ئوغلى ئاتىسىنى تونۇماس بولدى . ( دۆلەتنىڭچوڭلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ )
    (22) بىز تىرىشىپ قۇرغان دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈمى ئەنە شۇنداق ئىدى . تۈرك ، ئوغۇزبەگلىرى سىلەر قۇلاق سېلىڭلار ، ئۈستىمىزدىكى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمىسە ، ئاستىمىزدىكىيەر كۆمتۈرۈلۈپ كەتمىسە ، دۆلىتىڭلارنى ۋە قانۇنىي تۈزۈمىڭلارنى كىم بىت - چىتقىلالايدۇ ؟ تۈرك خەلقى سىلەر ( خاتالىغىڭلارغا ) ئۆكۈنۈڭلار !
    (23) سىلەر باشباشتاقلىق قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئۆزەڭلارنى بېقىۋاتقان دانا خاقانىڭلارۋە ئەركىن ، ياخشى دۆلىتىڭلار ئالدىدا جىنايەت ئۆتكۈزدۈڭلار . يامان ئاقىۋەتكەلتۈرۈپ چىقاردىڭلار ( ئۇنداق بولمىسا ) قوراللىقلار قاياقتىن كېلىپ ( سىلەرنى ) ھەيدىۋېتىدۇ ؟ نەيزىلىكلەر قاياقتىن كېلىپ ( سىلەرنى ) سۈرگۈن قىلىۋېتىدۇ ؟ مۇقەددەس ئۆتۈكەن تاشتىكى خەلقلەر ، شەرقتە بارىدىغىنىڭلار
    (24) شەرقكە كەتتىڭلار ، غەربكە بارىدىغىنىڭلار غەربكە كەتتىڭلار . سىلەرنىڭ ئۇجايلاردا بېرىشىڭلارنىڭ پايدىسى مۇنۇلار بولغان بولسا كېرەك . قېنىڭلار سۇدەك ئاقتى . سۆڭىكىڭلار تاغدەك دۈۋىلەندى . ئالىيجاناپ ئوغۇللىرىڭلار قۇل بولدى . پاك قىزلىرىڭلاردىدەكلەرگە ئايلاندى . بىلىمسىز بولغانلىغىڭلاردىن سىلەردە ئادالەت بولمىغانلىقتىن ، تاغام خاقان ئالەمدىن ئۆتتى .
    (25) دەسلەپتە قىرغىز خاقاننى بالبال قىلىپ تىكلىدىم . تۈرك خەلقىنىڭ نام - ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ، ئاتامنى خاقان قىلغان . ئانامنى خانىش قىلغانتەڭرى ( بىزگە ) دۆلەتنى ئانا قىلغان تەڭرى ، تۈرك خەلقىنىڭ نام - ئابرويىنىڭيوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ، مېنى
    (26) خاقان قىلىپ ئولتۇرغۇزدى . مەن روناق تاپقان ... ئۈستىدە ئولتۇرمىدىم . ( بەلقى) يىگىلى ئېشى يوق . كىيگخلى كىيىمى يوق يوقسۇل بىچارە خەلقىنىڭ ئۈستىدەئولتۇردۇم . ئىنىم كول تېكىن بىلەن سۆزلەشتۇق . ئاتام ، تاغام قولغا كەلتۈرگەنخەلقلەرنىڭ نام - ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن
    (27) تۈرك خەلقى ئۈچۈن تۈنى خاتىرجەم ئۇخلىمىدىم . كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرمىدىم . ئىنىم كول تېكىن بىلەن ئىككى شاد بىلەن بىللە ئۆلە - تىرىلىشىمگە قارىماي تىرىشتىم . ئاشۇنداق تىرىشىپ يۈرۈپ بىرلەشكەن خەلقنى ئىناق قىلدىم . مەن خاقانلىققائولتۇرغان ۋاقتىمدا
    (28) ھەر تەرەپكە پېتىراپ كەتكەن خەلقلەر ئۆلە - تىرىلىشىگە قارىماي ، كىيىملىرىنىڭ يالاڭلىقىغا قارىماي قايتىپ كەلدى . خەلقلەرنى بېقىش ئۈچۈن شىمالدائوغۇزلار ، شەرقتە قىشان تانابىلارغا قارشى تۇردۇم . چوڭ قوشۇننى باشلاپ ئون ئىككىقېتم يۈرۈش قىلدىم . جەنۇبتا ئۇرۇشقا قاتناشتىم .
    (29) ئاندىن كېيىن تەڭرىگە رەھمەت . بەختىم بولغانلىقى ئۈچۈن ، تەلىيىمبولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈمگە يۈز تۇتقان خەلقلەرگە جان كىرگۈزدۈم . يالاڭ خەلقلەرنىكىيىملىك قىلدىم ، يوقسۇللارنى بار قىلدىم . ئاز خەلقنى كۆپ قىلدىم . ( ئۇلارنى ) كۈچلۈك دۆلىتى بار ، كۈچلۈك خاقانى بار ( خەلقلەردىن ) ياخشىراق ياشايدىغان قىلدىم . تۆت ئەتراپتىكى
    (30)تۆت ئەتراپتىكى لەرنىڭ ھەممىسىنى بويسۇندۇردۇم . ئۇلارنى ( بىز بىلەن ) دۈشمەنلەشمەيدىغانقىلدىم . ئۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا قارىدى . ماڭا كۈچ بەردى . ئىنىم كول تېكىن قانۇنىتۈزۈمنى ئورنىتىشقا تىرىشىۋېتىپ ئۆزىچىلا قازا تاپتى . ئاتام خاقان دۇنيادىنئۆتكەندە ئىنىم كول تېكىن يەتتە ياشتا ئىدى .
    (31) ئۇ ماھى سەنەمدەك ئانام خانىشنىڭ دۆلىتىدە ئىنىم كول تېكىن بالاغەتكە يەتتى . ئۇ ئون ئالتە ياش ۋاقتىدا تاغام خاقان دۆلەت ۋە قانۇنىي تۈزۈمنى ئەنە شۇنداق قولغاكەلتۈردى . بىز ئالتە جۈپ ساغداققا يۈرۈش قىلدۇق . ( ئۇلارنى ) خانىۋەيران قىلدۇق . تابغاچنىڭ ۋاڭ تۇتۇقى بەش تۈمەن ئەسكەرنى باشلاپ كەلدى . ئۇرۇشتۇق .
    (32) كول تېكىن بابىر جەڭگە كىردى . تۇتۇقتىن قولىغا قورال ئالغان قېيىنئىنىسىنىئەسىرگە ئېلىپ ئۇنى قوراللىرى بىلەن بىرگە خاقانغا تەقدىم قىلدى . ئۇ قوشۇننى شۇيەردە يوقاتتۇق . ئۇ يىگىرمە بىر ياش ۋاقتىدا بىز چاچا جاڭجۈن بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق . دەسلەپتە ئۇ ( كول تېكىننى ) تادىقتىن چورىنىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . بۇ ئات ئۇ يەردە
    (33) ئۆلدى . ئىككىنچى قېتىم ئىشبارا يامتارنىڭ بوز ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . بۇئات ئۇ يەردە ئۆلدى . ئۈچىنچى قېتىم يەڭسىن سىلىڭ بەكنىڭ ياساندۇقلۇق تورۇق ئىتىنىمېنىپ جەڭگە كىردى ، بۇ ئات ئۇ يەردە ئۆلدى ، ئۇنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىسى پىلاشىغايۈزدىن ئارتۇق ئوق تەگدى ، لېكىن ئۇ يۈز بىر تال ئوقنىمۇ تەككۈزمىدى ....
    (34) تۈرك بەگلىرى ، ئۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر ، بىز بۇقوشۇننى ئۇ يەردە يوقاتتۇق . ئاندىن كېيىن بىر بايىرقۇنىڭ ئۇلۇغ ئىركىنى ( بىزبىلەن ) دۈشمەنلەشتى. ئۇنى چېكىندۈرۈپ تۇرگى - يارغۇن كولىدە ئۇنى خانىۋەيرانقىلدۇق . ئۇلۇغ ئەركىن ئازغىنە ئادىمى بىلەن قېچىپ كەتتى . كول تېكىن يىگىرمەئالتە
    (35)ياش ۋاقتىدا قىرغىزلارغا ئۇرۇش قىلدۇق ، نەيزە بوي قېلىنلىقتىكى قارنى بۆسۈپكوڭمان تېغىدىن ئېشىپ قىرغىزلارنى بېسىۋالدۇق . بىز ئۇلارنىڭ خاقانى بىلەن سۇڭاتېغىدا ئۇرۇش قىلدۇق . كول تېكىن بايىرقۇنىڭ ئاق ئايغىرىنى
    (36) مىنىپ جەڭگە كىردى . بىر ئەرنى ئوق بىلەن ئۆلتۈردى . ئارقا - ئارقىدىن ئىككىئەرگە ( نەيزە) سانچىدى . ئۇ جەڭ قىلىۋاتقاندا بايىرقۇنىڭ ئاق ئايغىرىنىڭ يوتىسىئۈزۈلۈپ كەتتى . بىر قىرغىز خاقاننى ئۆلتۈردۇق . ئۇلارنىڭ ئېلىنى ئالدۇق . شۇ يىلىتۈركەشلەرگە جازا ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن بىز ئالتاي تېغىدىن ئېشىپ
    (37) ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ تۈركەشلەرنى ئۇيقىدا بېسىۋالدۇق . تۈركەش خاقانىقوشۇنى بىلەن پالچۇدىن شىددەت بىلەن كەلدى . ئۇرۇشتۇق . كول تېكىن باشىغۇنىڭ بوزئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . باشىغۇنىڭ بوز ....
    (38) ... ئىككىسىنى ئۆزى ئەسىرگە ئالدى ئاندىن كېيىن يەنە ( دۈشمەن بازىسىغا ) ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ تۈركەش خاقاننىڭ بۇيرۇقىنى ، ئازلارنىڭ تۇتۇقنى ئۆز قولى بىلەنتۇتۇۋالدى . ئۇ يەردە بىز ئۇلارنىڭ خاقانىنى ئۆلتۈردۇق . ئېلىنى ئالدۇق ، ئاددىتۈركەش پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى ( بىزگە ) بويسۇندى . بىز بۇ خەلقنى تاغارغا ( ؟ ) ئورۇنلاشتۇردۇق .
    (39) بىز يەنە سوغدىلارنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن يىنچۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ تار تومۇر ( قاپقىغىچە ) يۈرۈش قىلدۇق . ئاندىن كېيىن ئاددى تۈركەش خەلقى بىزنىڭ دۈشمىنىمىزبولدى . كونگەرمىگە باردۇق . ئۇ چاغدا بىزنىڭ ئاتلىرىمىز ئورۇق ، ئوزۇقى يوق ئىدى . بۇزۇق ئادەملەر .....
    (40) بىزگە ھۇجۇم قىلغانلار باتۇر ئەرلەر ئىدى . ئۇ چاغدا بىز كول تېكىنگە ئازئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ چىقارغانلىقىمىزدىن ئۆكۈندۇق . ئۇ ، چوڭ ( بىر ) ئۇرۇشقىپتىمىش ، ئۇ قەھرىمان شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىرىپتىمىش . ئاددىيتۈركەش پۇقرالىرىنى ئۇ يەردە ئۆلتۈرۈپتىمىش ۋە ئەل قىپتىمىش . يەنە يۈرۈش قىلىپ ....
    شىمال تەرەپ ( ب )
    (1) ... بىلەن ( ھەمدە ) قوشۇن تۇتۇق بىلەنئۇرۇش قىپتىمىش ، باتۇرلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپتىمىش . ئۆيى ۋە مال - مۈلكىپۈتۈنلەي كەلتۈرۈلدى . كول تېكىن يىگىرمە يەتتە يېشىدا ، قارلۇقلار ئۆزىگە ئۆزىخوجا بولدى ۋە ( بىز بىلەن ) دۈشمەنلەشتى . بىز ئۇلار بىلەن تاماغ دېگەن مۇقەددەسبۇلاق بېشىدا ئۇرۇشتۇق .
    (2) كول تېكىن بۇ قېتىمقى ئۇرۇشلاردا ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى . ئۇ قەھرىمان شالچىلارنىڭئېتىنى مېنىپ جەڭگە كىردى . ئارقا - ئارقىدىن ئىككى ئادەمگە نەيزە سانجىدى . قارلۇقلارنى ئۆلتۈردۇق . ئۇلارنى قولغا چۈشۈردۇق . ئاز خەلقى دۈشمىنىمىز بولدى ، ( ئۇلار بىلەن ) قارا كۆلدە ئۇرۇش قىلدۇق . ئۇ چاغدا كول تېكىن ئوتتۇز بىر ياشتا ئىدى . ئۇ قەھرىمان شالچىنىڭ ئاق ئېتىنى مېنىپ
    (3) جەڭگە كىردى . ئەلتەبەرنى ئەسىرگە ئالدى . ئاز خەلقى ئاشۇنداق قىلىپ يوقىتىلدى . تاغام خاقاننىڭ دۆلىتى قالايمىقانلاشقان ، خەلقى ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار ئىككىگەبۆلۈنۈپ كەتكەندە بىز ئىزگىللار بىلەن ئۇرۇشتۇق . كول تېكىن قەھرىمان شالچىنىڭ ئاقئېتىنى مىنىپ
    (4) جەڭگە كىردى .ئۇ ئات جەڭدە ئۆلدى . تىزگىنلار يوقىتىلدى . توققۇز ئوغۇزلارئەسلىدە ئۆز ئادىمىمىز ئىدى . جاھان قالايمىقانلاشقانلىقى ئۈچۈن ( بىز بىلەن ) دۈشمەنلەشتى . بىر يىلدا بەش قېتىم ئۇرۇشتۇق . دەسلەپتە بىر توغىر شەھىرىدەئۇرۇشتۇق .
    (5) كول تېكىن ئازمان ئاق (ئاتنى) مىنىپ جەڭگە كىردى . ئالتە ئادەمگە (نەيزە) سانجىدى . ئىككى قوشۇن ئۇرۇش قىلىۋاتقاندا يەنە يەتتە ئادەمنى قىلىچلىدى . ئىككىنچى قېتىم قوشلاغاقتا ئەدىزلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدۇق . كول تېكىن ئازلارنىڭ قوڭۇرئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . بىر ئادەمگە نەيزە سانجىدى .
    (6) ( قوغلاپ زەربە بەرگەن ؟ ) ( ئەگىلىپ يۈرۈش قىل ) غاندا توققۇز ئادەمنى چېپىپتاشلىدى . ئەدىزلەر ئاشۇ يەردە يوقىتىلدى . ئۈچىنچى قېتىم بىز بولچېدا ئوغۇزلاربىلەن ئۇرۇش قىلدۇق . كول تېكىن ئازمان دېگەن ئاق ئاتنى مىنىپ جەڭگە كىردى . نەيزىلەشتى . قوشۇنى بىلەن نەيزىلەشتۇق . ئېلىنى ئالدۇق . تۆتىنچى قېتىم بىز چۇسدېگەن بۇلاقتا ئۇرۇش قىلدۇق . تۈرك
    (7) خەلقى تەۋرىنىپ قالدى ( ؟ ) ( ئەينەن تەرجىمىسى پۇتى قالايمىقانلاشتى ) ئەھۋاليامانلاشتى . كول تېكىن ئۇزاپ چىققان ( دۈشمەن ) قوشۇنىنى تارقىتىپ توڭرا تېكىنبازىرىدا توڭرا ئۇرۇغىنىڭ ئالباغۇنى ۋە ئون ئادەمنى قورشال ئۆلتۈردى . بەشىنچىقېتىم بىز ئەزگەنتى قادازدا ئوغۇزلار بىلەن ئۇرۇشتۇق . كول تېكىن
    (8) ئازلارنىڭ قوڭۇر ئېتىنى مىنىپ جەڭگە كىردى . ئىككى ئادەمگە ( نەيزە) سانچىدى . ھەمدە ئۇلارنى پاتقاققا پاتۇردى . ئۇ قوشۇن ئاشۇ يەردە يوقىتىلدى . بىز ئامغىقورغانىدا قىشلاپ يازدا ئوغۇزلارغا ئەسكەر چىقاردۇق .كول تېكىننى ئۆيگە قاراشقاقالدۇردۇق ( ؟ ) دۈشمىنىمىز ئوغۇزلار ئوردىغا ھۇجۇم قىلدى . كول تېكىن
    (9) ئۇگىسىز دېگەن ئاق ( ئاتنى ) مىنىپ توققۇز ئادەمگە (نەيزە) سانچىدى . ئوردىنىقوغداپ قالدى . ( شۇنداق قىلمىغان بولسا ) ئانام خانىش ۋە ئۆگەي ئانىلىرىم ، ئاچىلىرىم ، كېلىنلىرىم ، مەلىكىلىرىمنىڭ تىرىكلىرى دىدەك بولاتتى . ئۆلگەنلىرىنىڭجەسىدى بولسا خارابىلىقتا ، يولدا قالغان بولاتتى !
    (10) كول تېكىن بولمىغان بولسا ھەممىڭلار ئۆلگەن بولاتتىڭلار . ئىنىم كول تېكىن قازاتاپتى . ئۆزەم ھەسرەت چەكتىم . كۆرەر كۆزۈم كۆرمەستەك بولدى . ئەقىل - ھۇشۇمدىنئاداشقاندەك بولدۇم . ئۆزۈم ھەسرەت چەكتىم . ئادەمنىڭ ئۆمرىنى تەڭرى بەلگىلەيدۇ ، ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن .
    (11) مەن ئىنتايىن ھەسرەت چەكتىم . كۆزۈمگە ياش كەلسە ئۆزەمنى تۇتۇۋالدىم . كۆڭلۈمبۇزۇلسا ئۆزۈمنى باستىم . مەن چەكسىز ھەسرەتلەندىم . مەن شۇنداق ئويلىدىم . ئىككىشاد ۋە ئىنىلىرىم ، بالىلىرىم ، بەگلىرىم ، خەلقىم يىغلاپ كۆزى ( ئەينەن تەرجمىسىكوز ۋە يېشى ) نى زەخمىلەندۈرۈپ قويىدۇ . تەزىيە بىلدۈرۈش ، قايغۇسىنى ئىپادىلەشيۈزىسىدىن
    (12) قىشان ، تاتابى خەلقلىرىگە ۋاكالىتەن ئودار ، جيا دېچۈن كەلدى .تابغاچخاقانىدىن ئىسى نوشاڭ كەلدى . (ئۇ) نۇرغۇن گۆھەر ، ئالتۇن ، كۈمۈشلەرنى ئېلىپكەلدى . توبۇت خاقاندىن بولۇن كەلدى . غەربتىن ، كۈن پېتىش تەرەپتىكى سوغدى ، بەرچەكەر ، بۇ قاراق ئەللىرىدىكى خەلقلەردىن نوڭجياڭجۈن ۋە ئوغۇل تارقام كەلدى .
    (13) ئون ئوق ئوغلۇم تۈركەش خاقانىدىن ماقراچ تومىغىچى ۋە ئوغۇز بىلگە تامغىچىكەلدى . قىرغىز ئېلىدىن تاردۇش ئىنانچۇچۇر كەلدى . تاۋاپخانا ياسايدىغان ئۇستىلار ، نەقىش ئويىدىغان ئۇستىلار ، تاش مۇنارە ياسايدىغان ئۇستىلار كەلدى . تابغاچ خاقاننىڭتارىخچىسى ( ؟ ) جياڭ جاڭچۇن كېلىپ تاۋاپخانا ياساش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلدى .
    شەرقى شىمال تەرەپ ( ش . د )
    كول تېكىن قوي يىلىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىئالەمدىن ئۆتتى . توققۇزىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى ئۆلۈم رەسمىيىتىنىئۆتىدۇق . تاۋاپخانا ، نەققاش ، مۇنارە مايمۇن يىلى يەتتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە كۈنىپۈتۈنلەي ياسىلىپ بولدى . كول تېكىن قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى . ئۇ .ئۇستىلارنىتۇيغۇن ئەلتەبەر كەلتۈردى .
    شەرقى جەنۇب تەرەپ (ق . د )
    بۇ خەتلەرنى كول تېكىننىڭ جيەن ئوغلى ، مەنكىيوللۇق تېكىن يازدىم . مەنكى يوللۇق تېكىن يىگىرمە كۈن ئولتۇرۇپ بۇ ئابىدىنى ۋەتىلدىكى ( خەتلەرنىڭ ) ھەممىسىنى يېزىپ چىقتىم . سىز ( خەلقىڭىزنى ) ئۆزبالىلىرىڭىز ۋە ئەۋلادلىرىڭىزدىن ئارتۇق كۆرەتتىڭىز . سىز قازا تاپتىڭىز . سىزئاسماندا ... تىرىك ۋاقتىڭىزدىكىگە ئوخشاش ...
    غەربى جەنۇب ( ن . ش )
    . كول تېكىننىڭ ئالتۇن ، كۈمۈش ، گۆھەر مال - مۈلكى( ۋە) تۆت مىڭ يىلقىسىغا قارىغۇچى ( ؟ ) ... بېگىم تېكىن ئاسمانغا ( چىقىدۇ ) ... ئابىدىگە يوللۇق تېكىن .
    غەرب تەرەپ ( ش )
    غەربتىكى سوغدىلار ئاسىيلىق قىلدى . ئىنىم كولتېكىن .... ئۈچۈن ( ئۇلار تىرىلىشكە قارىماي ؟ ) كۈچىنى بەرگەنلىكى ئۈچۈن مەنكىتۈرك بىلگە خاقان ئۆزەمنىڭ نوۋكىنتى ( ؟ ) كول تېكىننىڭ ( مازىرىغا ) قاراتتۇردۇم . مەن ئۇنىڭغا ئىسەنچو ئايايارغان تارقان دېگەن ئۇۋاننى بەردىم . كىشىلەرنىئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلغۇزدۇم .
    تۈگىدى
    مەنبە : « ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىدىن ئوچېرىكلار » ناملىق
    ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىدىن تەرجىمە قىلىندى

    مەنبە:http://hi.baidu.com/ghalipelqut/blog/category/Tarx


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • شەخىس مەخسۇس بىلوگ ئۇلىنىش بىلوگى زىيارەت قىلشىڭىزنى قارشى ئالىدۇ!!!
    bilix回复شەخىس说:
    ئۇلىنىش قوشقىلى بولمايدىكەنغۇ.
    2010-10-17 19:03:30
1234