تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2011-06-12

    ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنىڭ ئۇدا بەش قېتىم ئۆستۈرۈلگەنلىكىگە قانداق قارايمىز

    جۇڭگو خەلق بانكىسى 18-مايدىن باشلاپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى %0.5 ئۆستۈردى، بۇ جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 5-قېتىم ئۆستۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.

    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، شۇ كۈنى جۇڭگو خەلق بانكىسى ۋاقتىنچە توختاتقىنىغا بەش ئايدىن ئاشقان ئۈچ يىللىق قەرەللىك مەركىزىي بانكا ۋېكسېلىنى تارقىتىشنى يولغا قويدى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ سەپلىمە رولغا ئىگە ئىككى چوڭ پۇل سىياسىتى قورالىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئىشقا سېلىشى بازارنى تاسادىپىيلىق ھېس قىلدۇردى.

    ئىككى چوڭ پۇل سىياسىتى قورالىنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشلىتىش نۆۋەتتىكى پۇل ئوبوروتىنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىش بېسىمىنىڭ بىر قەدەر چوڭ بولۇش ئەمەلىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاپرېلدا تاشقى پېرېۋوتنىڭ خەلق پۇلىنى ئىگىلەش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلايدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپرېلدا ئېلىمىزنىڭ سودىدىكى ئوڭ پەرق بازارنىڭ مۆلچەرىدىن ئېشىپ، 11 مىليارد 430 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. سودىدىكى ئوڭ پەرقنىڭ ئېشىشى تاشقى پېرېۋوتنىڭ خەلق پۇلىنى ئىگىلەش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ بىلەن مەركىزىي بانكىنىڭ ئاساسىي پۇلنى بازارغا سېلىش مىقدارى كۆپەيگەن

    ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى بەش قېتىم ئۆستۈرۈشى ۋە ئاشكارا بازار مەشغۇلاتى قورالىنى كەينى - كەينىدىن ئىشلىتىشى بازاردا ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنى مۇۋاپىق تەڭشەش ۋە مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولغان پۇل ئامىلىنى تەدرىجىي تۈگىتىش مەقسەت قىلىنغان.

    زىيادە كۆپ مەبلەغنىڭ بازاردا ئوبوروت قىلىنىشى تاۋار بازىرى مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كاپىتال بازىرى ۋە ئۆي-زېمىن بازىرىدا كۆپۈك باھانى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، ئېلىمىز ئاھالىلەر ئىستېمال بۇيۇملىرى باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى رېكورت ياراتتى، ھازىر ئۇدا ئىككى ئاي %5 تىن ئاشتى.

    ھازىر ئېلىمىزدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى %21 ﻛﻪ، ئوتتۇرا-كىچىك بانكىلارنىڭ %17.5 كە يەتتى، كەلگۈسىدە پۇلنى قىسىش سىياسىتىنىڭ داۋاملىق چىڭىتىلىش-چىڭىتىلماسلىقى ھەققىدە بازاردا ئوخشىمىغان قاراشلار بولدى: بىر خىل قاراشتىكىلەر پۇل تەمىنلەش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا، سانائەت قوشۇلما قىممىتى ۋە ئىمپورت ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىشىشىگە ئەگىشىپ، كارخانىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلار دۇچ كېلىدىغان تىجارەت تەسلىشىش تەدرىجىي روشەنلىشىدۇ، شۇ ۋەجىدىن پۇل سىياسىتى قورالىنى ئىشلىتىش قېتىم سانى ئازلىتىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى؛ يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۇدا ئۆستۈرۈش بازاردا زىيادە ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنى يىغىۋېلىش مەقسەت قىلىنغان بولۇپ، پۇلنى ئىقتىسادىي سىستېمىدىن سىرتقا چىقىرىش ئەمەس، ھازىر ئوبوروت قىلىنىۋاتقان پۇلنىڭ يېتەرلىك بولۇش ئەندىزىسىدە تېخى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمىدى، دەپ قارىدى.

    ھازىر پۇل سىياسىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئاساسىي مۇقامى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، سىياسەت قورالىنى كونكرېت ئىشلىتىش رىتىمى ۋە ئۇسۇلى بىر سەزگۈر دەۋرگە ۋە كۆزىتىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، تەڭشەپ تىزگىنلەش رىتىمى ۋە سالمىقىنى قانداق ئىگىلەش، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى قانداق ساقلاش، شۇنىڭدەك قاراتمىلىق، جانلىقلىق، ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇش تەدبىر بەلگىلىگۈچى تارماقلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى سىنىماقتا

    http://www.uycnr.com/cj/cjgc/201105/t20110523_115077_1.html


    收藏到:Del.icio.us




1234