تىمىلارنى كۆرگەندە ئىنكاس يېزىشنى ئۇنۇتماڭ ئىنكاس يېزىش رامكىسى ئېچىلمىسا F5 نى بېسىڭ

  • 2011-06-06

    ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇشنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟

    غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقىدىكى بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىگە دېگۈدەك تەسىر كۆرسەتكەن بۇ سىياسىي داۋالغۇشقا قارىتا، ھەر قايسى ساھەلەر بۇنىڭ مەنبەسى زادى نېمە دېگەن چوڭقۇر ئويلىنىشقا غەرق بولدى. قىزىقارلىقى شۇكى، ھازىرغىچە، ئوخشىمىغان ئالىملارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىدى. شۇڭا بۇ داۋالغۇشنىڭ مەنبەسىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.

    1-بۇ داۋالغۇش پۈتۈنلەي سىياسىي تۈزۈلمە تېرىغان پالاكەت ئەمەس. ئوتتۇرا شەرقتىكى داۋالغۇشنى يەكۈنلىگەن نۇرغۇن ماقالىلاردىكى ئەڭ ئومۇملاشقان بىر خىل قاراش-سىياسىي تۈزۈلمە ھەققىدىكى قاراشتۇر، يەنى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى قالاق بولۇپ، مۇستەبىت ھاكىممۇتلەقلىق-ھازىرقى ھاكىمىيەت كىرىزىسىنى پەيدا قىلغان مۇھىم ھالقا، بۇ دۆلەتلەر پەقەت دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى يولغا قويغاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ دەپ قارالدى.

    سىرتىدىن قارىغاندا، بۇ خىل قاراش نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ساقلانغان ئۆمۈرۋايەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، مۇستەبىت پادىشاھلىق، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قېلىش قاتارلىقلار بىلەن ماس كېلىدۇ، ئەمما تۆۋەندىكى پاكىتلارنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ: بىرىنچىدىن، مىسىر، سۈرىيە، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر قۇرۇلغاندىن كېيىن ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈپ ھۆكۈمرانلىق قىلىش يولغا قويۇلغان، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ناسىر دەۋرىدە، نۇرغۇن ھاكىمىيەتلەر ئاممىنىڭ چوڭقۇر ھىمايىسىگە سازاۋەر بولىدۇ؟ رەھبەرلەر دۆلەت ئىچى، سىرتىدا زور ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟ ئەمدىلىكتە بولسا ھاكىمىيەت ئۇلى تەۋرەيدۇ، ھەتتا رەھبەرلەر تەختتىن قوغلىنىدۇ؟

    ئىككىنچىدىن، بۇ قېتىم سىياسىي جەھەتتە نىسبەتەن ئېچىۋېتىلگەن تۇنىس بىلەن جۇمھۇرىيەت ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان مىسىردا ئالدى بىلەن ھاكىمىيەت ئالماشتى، نېمە ئۈچۈن ھاكىممۇتلىق پادىشاھلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان سەئۇدى ئەرەبىستانى، خەلىپە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى يەنىلا ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ بولىدۇ؟

    ئۈچىنچىدىن، ئەگەر دېموكراتىيەلەشتۈرۈش سىياسىي مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي تەرەققىيات تارىخىنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى كۈچ ۋە ھوقۇق تۈزۈلمىسى ئاستىدا بىر سەكرەپلا ئامېرىكا بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرالايدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، ھالبۇكى گورباچىۋ تەختكە چىققاندىن كېيىن دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنى تەرغىب قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى دۆلەت پارچىلىنىش بىلەن تۈگەللەندى. ئىراق سادام دەۋرىدە ئۇزۇن مۇددەت كۈچ ۋە ھوقۇق ھۆكۈمرانلىقىنى يولغا قويغان، سىياسىي مۇقىملىقنى ساقلاشتا چاتاق يوق ئىدى، لېكىن ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىن دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈلمىگە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، لېكىن بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچارلىشىپ، سىياسىي ئىختىلاپ كۈچىيىپ كەتتى.

    2-ئىقتىسادنىڭ قالاقلىقىنى تۇتۇۋېلىپلا نۆۋەتتىكى سىياسىي قىيىنچىلىقنى قارىقويۇق چۈشەندۈرۈشكە بولمايدۇ. ئىقتىسادنى ياخشى تۇتماسلىق ياكى ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشتا كەينىدە قېلىش قارىشى-نۇرغۇن چۈشەندۈرۈشلەر ئارىسىدا ئەڭ كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىقتىسادنى باش چۆكۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا، سىياسىي مۇقىملىقتىن تەبىئىي ھالدا چاتاق چىقمايدۇ ياكى يەر شارىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى قاتناشقاندىلا، ئاندىن دۆلەتنىڭ ئىقتىساد رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

    ئەمما تەپسىلىي قاراپ باقساق، بۇ قاراشلار بىلەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ: 1-ئىقتىساد كۆرسەتكۈچىدىن قارىغاندا، غۇلاپ چۈشكەن تۇنىس بىلەن مىسىرنىڭ ئىقتىساد نەتىجىلىرىنى ئەرەب ئەللىرى ئارىسىدا ناچار دېگىلى بولمايدۇ، تۇنىسنىڭ ئىقتىساد رىقابەت كۈچى ئافرىقىدا 1-ئورۇندا، بەخت كۆرسەتكۈچى دۇنيادا 29-ئورۇندا تۇراتتى، مىسىر 2008-يىلى «يەر شارىدىكى ئەڭ ياخشى ئىسلاھاتچى دۆلەتلەر»نىڭ بىرى بولۇپ باھالىنىپ، 178 دۆلەت ئىچىدە 26-ئورۇندا تۇرغان. ئىقتىساد مۇشۇنداق سەۋىيەگە يەتكەندە نېمە ئۈچۈن سىياسىي كىرىزىس پەيدا بولىدۇ؟

    2-ئەگەر ئىقتىسادنىڭ قالاقلىقى سىياسىي داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىساق، ئۇنداقتا لىۋىيە بىلەن بەھرەيىننىڭ كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئون مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىنىڭ پاراۋانلىق سەۋىيەسىمۇ ياخشى، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن مالىمانچىلىق يۈز بېرىدۇ.

    3-نۆۋەتتە ئەرەب دۇنياسى ئىقتىسادىنىڭ سىرتقا بېقىندىلىق دەرىجىسى %82 كە يېتىدۇ، بۇ دۇنيادىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. ئەگەر ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇشقا قاتنىشىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن ھازىرقى مەسىلە كېلىپ چىقتى دەپ قارىساق، يۇقىرىقى ئىشنى يەنە قانداق چۈشەندۈرىمىز؟

    ئاخىرىدا، داۋالغۇشنىڭ سەۋەبىنى ئاددىيلا ھالدا «ۋىكى ئىنقىلابى»، «تور ئىنقىلابى»غا يىغىنچاقلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ قېتىمقى ئوتتۇرا شەرق داۋالغۇشىدا، تور ھەقىقەتەن ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىش رولىنى ئوينىدى، ئەمما تور پەقەت بىر خىل ۋاسىتە ۋە ئۇچۇر تارقىتىش قۇرالى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا شەرققىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقالغان. ئوتتۇرا شەرقتىكى كەسكىن ئۆزگىرىشنى تېخنىكىلىق ئامىلغىلا يىغىنچاقلاشقا ھەم تورغىلا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ.

    http://www.uycnr.com/lw/201106/t20110606_118506_1.html


    收藏到:Del.icio.us




1234